مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5104 
  •    ئىنكاس 
       64 

رۇستەم ۋە سوھراب(شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

ئەفراسىياب سوھرابقا ئەۋەتكەن سوۋغات  بۇيۇملار ئىچىدە،كۈمۈش ئىگەرلىك ئو ئىككى ئەرەپ ئېتى بىلەن ئون ئىككى قېچىر.ئىسىل گۆھەر تاشلار بىلەن بىزەلگەن تاج،پىرۇزە بىلەن پىل چىشىدا زىننەتلەنگەن شاھانە تەخت قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى.ئەفراسىياپنىڭ نامىسىدە مۇنداق سەپسەتىلەر پۈتۈلگەن:‹‹ئەگەر ئىران تەختىنى قولغا كەلتۈرەلىسەڭ جاھان تىنچىپ ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى تاپقان بولىدۇ.ئىران بىلەن تۇران ۋە سەمەنگانلارنىڭ ئارىلىقى بىر بىرىگە يېقىن.ئۇلار ئەزەلدىن بىر زىمىن ئىدى. سەن ئىران تەختىنى قولغا كەلتۈرەلىسەڭ مەن ساڭا تۇران زىمىنىنىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەپ ئەمرىڭنى قوبۇل قىلىمەن. بۇ ئۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل ئۇرۇش ،ھەمكارلىق بولمىسا نۇسرەت قازانغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئەگەر ساڭا بۇ ئۇرۇش  جەريانىدا ياردەم كېرەك بولسا مەن ساڭا يېتەرلىك لەشكەر چىقىرىپ بېرىمەن.ئالدى بىلەن ئىشلىرىڭغا يار يۆلەك بولۇشى ئۈچۈن تۇراندىكى باتۇرلانىڭ باتۇرى  ھېساپلىنىدىغان شىر ئەزىمەتلىرىمدىن ھۇممان بىلەن بەرماننى ساڭا ئەۋەتتىم.ئۇلار سەن بىلەن  مىھمان تەرىقىسىدە بىرگە تۇرۇپ ھەرقانداق تاپشۇرۇقۇڭ بولسا جان دىل بىلەن ئورۇندايدۇ. =Hg!@5]H  
ھۇممانلار سەمەنگانغا يېتىپ كەلدى. سوھراب ئۇلارنىڭ  كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بوۋىسى ۋە باشقا يېقىن كىشىلىرى بىلەن  ئالدىغا چىقىپ  كۆرۈشۈپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۇممان كۆردىكى سوھراب ھەقىقەتەن قىرانلاردەك ئىگىز بويلۇق،پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كۈچ قۇدرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ياش نەۋقىران ئىدى.سوھراب كەلگەنلەرنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ زىياپەت بېرىپ ھاردۇق سورىدى.ئەڭ ئېزىز مىھمانلار قاتارىدا كۈتتى.  ھۇممان بىلەن بەرمانمۇ سوھرابقا ئەفراسىيابنىڭ مەكتۇبىنى ۋە سوغا سالاملىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى. "`>6M&`U  
سوھراب ئەفراسىياپنىڭ خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن  ئۇنىڭ مەدىتىدىن خۇشال بولدى. باشقا تەييارلىقلىرى پۈتۈپ بولغاچقا جاھانغا سىغمىغۇدەك بىساناق كۆرۈنىدىغان  لەشكەرلىرىنى باشلاپ ،ناغرا دۇمباقلىرىنى چالدۇرۇپ ،جىن شەيتان، دىۋە پەرىلەرنىمۇ ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ زور داغدۇغا بىلەن ئىرانغا يۈرۈش قىلدى. k+J%o%* <  
ئۇلار ئىران زىمىنىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋات زىمىنلارنى خاراپ قىلىپ پۇخرالارنىڭ مال مۈلكىنى بۇلاپ تالاپ،ئۆي ماكانلارغا ئوت قويۇپ ئاپەت ياغدۇرۇپ ماڭدى. 5W&L6.J}+  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

سوھرابنىڭ ئاق قەلئەگە يىتىپ كەلگەنلىكى F@ 
سوھراب قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىراندىكى ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىغان ‹‹ئاق ››دىگەن سۈپەت نامى بىلەن ئاتىلىدىغان قەلئەگە يېتىپ كەلدى.بۇ قەلئەنىڭ بېگى ھەجىر دىگەن كىشى بولۇپ- باتۇر،مەرگەن ۋە ئاقىل بەگلەردىن ئىدى.بۇ قەلئەدە يەنە گەجدەھەم ئىسىملىك يەنە بىر باتۇرمۇ بار بولۇپ ئادالەتنى ياقلايدىغان،زۇلۇمدىن قورىقمايدىغان،قىلىچ شەمشەر ئوينۇتۇشتا مەن مەن دىگەن باتۇرلارنى بېسىپ چۈشىدىغان پالۋانلاردىن ئىدى.ئۇنىڭ تولىمۇ گۈزەل لىكىن كۆندۈرۈلمىگەن ئاساۋ تايلاردەك باتۇر بىر قىزى بولۇپ ئىسمى گۇرداپەرىد ئىدى. bc(MN8b]j  
سوھراب قوشۇنلىرى بىلەن ئاق قەلئە يېنىغا كەلگەن ھامان ھەجىر ئاتقا بوراندەك تېز مىنىپ،قەلئەدىن   قوشۇن باشلاپ چىقىپ  سوھرابنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توستى.سوھرابلار يولسىزلىق بىلەن قوشۇن باشلاپ بېسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن غەزىپى قايناپ تاشقان ھەجىر بىرىنىچى بولۇپ سوھرابقا قارشى ئات سېلىپ چىقىپ تىل سالدى: Tb] 7# v  
  -ئەي ئۆلۈم ئىزدەپ ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرىشكە پېتىنغۇچى،كىمسەن؟ سېنى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟ نەسەبىڭ نىمە؟ بۈەۈن قولۇمدا ئۆلۈپ كېتىپ قالساڭ تۇققانلىرىڭنىمە دەپ يىغلايدۇ؟سېنىڭ نىمەڭگە نىمە يەتمەي نىزا ئىزدەپ زىمىنىمىزغا بېسىپ كىرىپ ناھەق قان تۆكىسەن؟ -53c0g@X  
ھەجىر تىل سالغىنىچە ئات ئوينىتىپ كېلىپ سوھرابنىڭ بوغۇزىغا قارىتىپ نەيزە ئۇردى.سوھراب چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇ نەيزىنى ئۆتكۈزىۋەتتى.ئارقىدىنلا نەيزىگە كۈچىگەن پېتىچە سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىگە  يېقىن كېلىپ قالغان ھەجىرگە قول ئۇزۇتۇپ  ئۇنىڭ كەمىرىدىن تۇتۇپلا ئىگەردىن يۇلۇۋالدى.ئاندىن كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك  بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ   يەرگە ئۇردى.يەرگە قاتتىق چۈشكەن ھەجىر  ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىش ئورنىغا نەپەسمۇ راسلىيالماي قالدى.سوھراب ئۇنىڭ بېشىنى كەسمەك بولۇپ سەكرەپ ئېتىدىن چۈشتى. ھەجىرنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. بۇ ھالدا باتۇرنىڭ قىلىچ چېپىشقا قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىسۇن؟ ep8UWxB5  
ھەجىرنىڭ ئۇستىخانلىرى سۇنغان ئىدى.شۇڭا، زار قاخشاپ تولغىنىپ ئاران دىگەندە بېشىنى كۆتۈرۈپ سوھرابتىن ئۆتۈندى: ,1I-%6L  
   -ئەي پالۋان،بۇ قەدەر باتۇرلۇقۇڭنى بىلمەپتىمەن. مېنى ئۆلتۈرمەي ئامان قوي! `+Nv =vk  
سوھراب ئۇنى ئۆلتورۈشتىن قولىنى تارتىپ ئەسىر ئالدى.ئاندىن قول ئاستىدىكىلەرگە باغلاتقۇزۇپ يىراقتىكى ھۇمماننىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ بەردى. 2*sTU  
ھۇمماننىڭ قوشۇنىدىكىلەر داۋاملىق ئۇرۇشۇشتىن يالتىيىپ دەرھال چېكىنىپ قەلئە ئىچىگە كىرىۋالدى.سوھرابمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىمىدى. _n:RA)4*  
Wrp~OF0k  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

سوھراپنىڭ گۇرداپەرىد بىلەن ئېلىشقانلىقى Jqzw94  
بۇ ئۇرۇشتا تۇرانلىقلار سېپىدىكى ياش باتۇرنىڭ ئۈستۈن كېلىپ بىر زەربىدىلا ھەجىرنى يېڭىپ ئەسىر ئالغانلىقى ،ئۇنىڭ مىسلىسىز كۈچلۈك، توسقۇنسىز باتۇر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان  گەجدەھەم قىزى گۇرداپەرىد ھەجىرنىڭ قىسمىتىدىن بەك قايغۇردى.ئۇ باشتا تەرىپلىگىنىمىزدەك باتۇر چەۋەنداز قىز ئىدى.پۈتۈن قەلئەدىكىلەر ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا قول قويۇپ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىشەتتى. گۇرداپەرىد ھەجىرنىڭ قىساسىنى ئېلقىش ئۈچۈن ئەتىسى تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ ئەر چەۋەندازلاردەك ياسىنىپ سوھراب بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن   قەلئە سىرتىغا لەشكەر باشلاپ چىقتى.سوھرابمۇ  يىراق كەتمەي لەشكەرلىرى بىلەن قەلئەنى قورشاپ تۇرغان ئىدى. $S' TW3  
گۇرداپەرىد  باتۇرلاردەك نەرە تارتقىنىچە ئات سېلىپ چىقىپ سوھرابنى جەڭگە چاقىردى: /&\ V6=jA1  
  -ئەي تۇران لەشكەرلىرى قېنى سىلەر؟ سەردارىڭلار قېنى؟ مەن بىلەن ئېلىشالايدىغان،بىرگە بىر زەربە قايتۇرالايدىغان رەقىبىم قېنى؟!سىلەر بىز ئىرانلىقلارنى بوش چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟سىلەر ئادەم بولماي شىر چايان،ياكى لەھەڭ بولغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن بۇ مەيداندا ئۆلۈمىدىن قۇتۇلالمايدۇ. قېنى نوچىسى بولسا چىقىپ ئالدىمدا ھۈنىرىنى كۆرسەتسۇن! ;07$G+['  
بۇ پوپۇزا گەپلەر ئالدىدا سوھرابنىڭ كۈلكىسى قىستاپ لىۋىنى چىشلىدى ۋە  دىدى: pq]z%\$u  
-ياخشى قۇلاندىن يەنە بىرى قىلىچ دامىغا چۈشكىلى ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىمىزغا كەپتۇ.ئۇنىمۇ ياىشى كۈتىۋالايلى! _"x%s  
سوھراب ساۋۇت دوبۇلغىلىرىنى كىيىپ ،ئېتىنى مىنىپ تېزلىكتە گۇرداپەرىدنىڭ ئالدىغا ئات چاپتۇرۇپ كەلدى. سوھراب كامانىنى  قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوق سالدى.گۇرداپەرىد بۇنداق چوڭ كاماننى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھەيران قالدى.بۇ شۇنداق كامان ئىدىكى ئوقى ئېتىلىدىغان بولسا ھەرقانداق چەبدەس قۇشمۇ ئۇنىڭدىن ئامان قالالمايتتى.گۇرداپەرىد خۇددى‹‹  قانداق ئاتساڭمۇ ماڭا ئوق تەككۈزەلمەيسەن!›› دىگەندەك  قىلىپ سوھرابنىڭ ئالدىدىا ئات ئويۇنى كۆرسۈتۈپ چەۋەندازلىق قىلدى.سوھرابنىڭ تېخىمۇ چىشى قېرىشتى.ئۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ قالقان تۇتقىنىچە بۇ ئاتىكاچا رەقىبىگە قارشى ئات سېلىپ كەلدى.گۇرداپەرىد: 4 
- ئەي مەرىد،نەيزەمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. جېنىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈز!   -دىگىنىچە شىددەت بىلەن نەيزە ئۇردى.سوھراب شۇئان قالقان تۇتتى.‹‹جاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قالقاندىن كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچرىدى.سوھرابنىڭ قالقىنى مەزمۇت پولات قالقان بلغاچقا نەيزە ئۇنىڭدىن تىشىپ ئۆتەلمەي بىسى قايرىلىپ كەتتى.ئەگەر بۇ قالقاننى سوھرابتىن باشقا بىرى تۇتقىنىدا نەيزە قالقاننى تىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ نەيزىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇش زەربىسىدىن  قول بېغىشى سۇنغان بولار ئىدى.سوھرابنىڭ قولى ھىچنىمە بولمىدى.سوھراب ئارقىدىنلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ  چاقماقتەك شىددەت بىلەن گۇرداپەرىدنىڭ كەمەربەندىگە نەيزە ئۇردى.  بۇ زەربىدىن گۇرداپەرىدنىڭ ساۋۇتى سۆكۈلۈپ چاك چىكىدىن ئاجراپ كەتتى.سوھراب ئۇنى نەيزىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىلىۋىلىپ حۇددى چەۋگەن توپنى ئاتقاندەك پىرقىرىتىپ يىراققا ئاتتى.بۇ ھالنى كۆرگەنلەر ئۇنى‹‹ چەۋگەن توپقا ئۇستا يىگىتكەن›› دەپ ئويلاپ قىلىشاتتى.گۇرداپەرىد چاقماق تىزلىكىدە ئورنىدىن تۇرۇپ يۇگۇرەپ كىلىپ ئاتىقا مىنىۋالدى. Ge({sy>X  
     uO]|YF  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-04

سوھراب قايتا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ گۇرداپەرىدكە قىلىچ ئۇردى.گۇرداپەرىد قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي نەيزە دەستىسى بىلەن تورىۋىدى نەيزە سۇنۇپ ئىككى بۆلەك بولۇپ كەتتى. بۇ قاتتىق زەربىنىڭ قاڭقىتىشى بىلەن گۇرداپەرىد يەنە كېسەكتەك ئاتتىن ئۇچۇپ كەتتى.ئۇ ھەقىقەتەن چاققان چەۋەنداز ئىدى.يىقىلغان يېرىدىن بىر موللاق بىلەنلا سەكرەپ تۇرۇپ ئاڭغىچە يېنىغا كېلىپ بولغان ئېتىغا يەنە مىنىۋالدى.سوھراب يېقىنلىشىپ كېلىۋىدى يەنە نەيزە ئۇردى.سوھراب يەنە قالقان بىلەن توسۇۋالدى... >`&2]Wc)  
ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن ئېلىشتى. سوھراب تەڭداشسىز باتۇر بولغاچقا گۇرداپەرىدنىڭ نەيزە تۇتقان قوللىرى تېلىپ سىرقىراپ ئاغرىپ  بولالماي قالدى.ئۇ داۋاملىق ئېلىشىۋەرسە سوھرابنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ  سوھرابنى ھىلە  بىلەن قايمۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپلا غەزەپ بىلەن  بىلەن قامچا ئۇرۇپ قەلئەتەرەپكە قاچتى. ئات تۇياقلىرىدىن چاڭ توزان كۆتۈرۈلدى. سوھراب شۇنداق قاتتىق غەزەپلەندىكى رەڭگى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ كەتتى.ئۇمۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى بۇراپ تاپ باستۇرۇپلا  گۇرداپەرىدنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى.سوھراب ئۇنىڭغا يىتىشىپ كىلىپ قول ئۇزۇتۇپلا دوبۇلغۇسىنى يۇلۇۋالدى.دوبۇلغا ئېلىنغان ھامان دوبۇلغا ئىچىگە يوشۇرۇنغان سۇمبۇلدەك قاپقار گۈزەل چاچلار چۇۋۇلۇپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈن يورۇپ قۇيش چىققاندەك   قىزنىڭ ئاپتاپتەك روشەن گۈزەل جامالى  سوھرابنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ  ئۇنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى. [ *It' J^  
بۇ تەئەججۈپلۈك ھال سوھرابنى پىكىر قىلىشقا مەجبۇر قىلدى:‹‹ بۇ قەلئەنىڭ قىزلىرى شۇنچە باتۇر تۇرسا ،يىگىتلىرى قانچىلىك باتۇردۇ؟! ئەەەر ئەر چەۋەندازلىرى بىلەن قەڭ قىلىشىپ قالسام بۇلۇتتىن تارتىپ تا كۈنگە قەدەر چاڭ چىقىرىۋەتكەيمۇ؟!›› سوھراب خىيال سۈرۈپ تۇرىۋەرسە جانان قېچىپ قولدىن چىقىپ كېتەتتى.ئۇ دەرھال قولىغا ئارغامچا ئېلىپ  قىزنىڭ بوينىغا كەمەنىد  تاشلاپ ئۇنى ئاتتىن موللاق ئاتقۇزۇپ  بەنىد قىلىۋالدى. گۇرداپەرىد ئوۋچى قولىغا چۈشكەن كىيىكتەك تىپىرلاپلا قالدى. ,6MJW#~]  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-05

سوھراب گۇرداپەرىدنى بەنىد قىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دىدى: "]p&7  
   -ئەي مەھلىقا ،سەن بىر قىز بالا تۇرۇپ نىمە دەپ جەڭگە كىردىڭ؟ مىنىڭ كەمەندىم دائىم كىيك قۇلانلارنى بەنىد قىلىپ تۇرسىمۇ تا ھازىرغىچە سېنىڭدەك كىيىكنى بەنىد قىلىپ باقمىغان ئىدى.ئوۋچى قولىغا چۈشكەن كىيىكنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى سەن ياخشى بىلىسەن.سېنى ئەمدى مەندىن ھىچكىم قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ.ئەمدى قانچە تىپىرلىساڭمۇ مىنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. /@ g 8MUq7  
گۇرداپەرىد كەمەندىن قۇتۇلۇشقا قانچە ئۇرۇنسىمۇ پايدىسى بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوھرابقا يۈزلىنىپ ئېغىز ئاچتى: u=s,bt,"5  
  -ئەي مەردانە شىر،مەردانىلار ئارىسىدىكى شىر ئالقانلىق ئەر،ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى سەپراس بولۇپ ،تۇغ ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ ئىككىمىزنىڭ جېڭىنى تاماششا قىلىۋاتىدۇ.مانا شۇنداق جەڭ سورۇنىدا يۈزۈمنىڭ ئېچىلىپ كېتىشى،ۋە مىنىڭ قىز ئىكەنلىكىم ئاشكارە بولۇپ قېلىشى، قوشۇن ئىچىدە پىتنە- ئىغۋا ۋە باشقا تۈرلۈك مىش-مىش گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. سەنمۇ ھەقىچان بۇ تەرەپلەرگە ئاياللار بىلەنلا جەڭ قىلىش ئۈچۈنلا  كەلمىگەن بولغىيدىڭ؟ شۇنى بىلەمسەنكىن،ئاياللار بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى يەڭگەن ئەر شەرەپكە ئېرىشىشئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى ئۈستىگە ئۇياتلىق يۈكىنى ئارتىۋالىدۇ.شۇڭا بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسىنى يوشۇرغىنىڭ،مېنى ئەسىر ئالماي قويۇۋەتكىنىڭ خوپ بولۇرمىكىن.قورغان مەسىلىسگە كەلسەك ،قورغاندىكىلەر سەن بىلەن جەڭ قىلىشنى ئەمەس تىنىچ ئەل بولۇشنى خالايدۇ.شۇڭا سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭ بىلەن يارىشىشىقا قايىل كەلتۈرگىن . NWiDNK[VE}  
گۇرداپەرىدنىڭ گۈزەل ھۆسنى جامالىدىن ۋە قىلغان ئۆتكۈر سۆزلىرىدىن لال بولۇپ كەسكىن قول سېلىشقا پېتىنالمىغان سوھراب ئاخىرى ئۇنى قويۇۋەتتى.گۇرداپەرىد قايتىش ئۈچۈن  قورغانغا قاراپ ماڭغاندا سوھراب ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دىدى: 8r[TM  
  -ئەي دىلرابا،مىنى ئالدايمەن دىمە، ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. تېزراق ئەل بولۇشنىڭ يولىنى تۇت.سەن جەڭ قىلىش  جەريانىدا مېنى سىناپ كۆردۈڭ.قەلئەيىڭدە ماڭا تەڭ كىلەلىگۈدەك،مەن بىلەن روبىرو ئېلىشالىغۇدەك باتۇر قالمىدى.قەلئەيىڭنىڭ پۇختىلىقىغا ئىشىنىپ مېنى ساختىلايمەن دەپ ئاۋارە بولما،قەلئەيىڭلار ئاسمان پەلەك ئىگىز بولغان تەقدىردىمۇ مىنىڭ گۈرزەم ئۇنى چوقۇم  بويسۇندۇرالايدۇ. ZBY}Mz$  
گۇرداپەرىد ئېتىنىڭ تىزگىنىنى بۇراپ قەلئە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.سوھرابمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.سوھراب دەرۋازىغا يېقىن كەلگەندە گەقدەھەم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.گۇرداپەرىد دەرۋازىنىڭ ئېچىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قورغان ئىچىگە ئامان –ئېسەن كىرىۋالدى.ئاتا –بالا دەرۋازىدىن  كىرىپ بولغاندىن كېيىن دەرۋازىنى چىڭ يېپىۋېلىشتى. c 8  
سوھرابنىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقى،ھەجىرنىڭمۇ،گۇرداپەرىدنىڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەنلىكى قورغاندىكىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. قورغاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى  دەرد- ئەلەمدە ھەسرەت يۇتۇشتى.قورغاننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەشتى. y_W?7  S  
گەجدەھەم قىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا دىدىكى: WwnBe"7M  
   -ئەي پاك كۆڭۈل،باتۇر قىزىم،سېنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىڭنى كۆرۈپ دىلىم غەمگە تولدى.سەن قاتتىق ئېلىشىۋاتقان چېغىڭدا ساڭا زەخمەت يىتىپ قېلىشتىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسەن؟! ئەگەر ساڭا جەڭ مەيدانىدا بىر ئىش بولۇپ قالغان بولسا  ئكزۈڭنىلا ئەمەس قەلئەيىمىزنىمۇ نومۇسقا قويغان بولار ئىدىڭ، قانداق سىھىر ئىشلەتتىڭكىن خۇدا ساقلاپ ئامان ئېسەن قالدىڭ. N#-. [9!  
گۇرداپەرىد بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ قوشۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەتتى. قوشۇنلارنى ككزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،قەلئە تېمىغا چىقىپ سىرتنى كۈزەتتى.سوھراب ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ گۇرداپەرىدنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتاتتى.گۇرداپەرىد ئۇنىڭغا قاراپ دىدى: BH^*K/ ^  
   -ئەي تۇرانلىق پالۋان،سۆزۈمگە قۇلاق سال! سەن قەلئەيىمىزنى ئىشغال قىلىمەن دەپ  بىزگە چىڭ يېپىشىۋالماي بۇ يەردىىن چاپسانراق  كەت.ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنۇت.بۇ قەلئەنى ئىشغال قىلىمەن دىگەنلىك ساراڭنىڭ خىيالىنى قىلغانلىق بولىدۇ.ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلمىغىن. u:(=gj,~x  
سوھراب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ جاۋابەن شۇنداق دىدى: a(O@E%|u  
  -ئەي مەھلىقا، تولا ئويۇن ئوينىماي ۋەدەڭدە تۇرۇپ چاپسانراق چىقىپ ئەل بول، چىرايلىقچە ئەل بولساڭ بۇرۇنقىدەكلا ئىززەت ئابرۇيۇڭ،مەرتىۋەڭ بولىدۇ.ئەگەر ھىيلە ئىشلىتىمەن دىسەڭ ، مەن سېنى تونۇغان بىلەن گۈرزەم ئادەم تونۇمايدۇ.بۇدا قولۇمغا چۈشۈپ قالساڭ ،قىزلىقىڭغا باقماي يەر بىلەن تەڭ قىلىۋېتىمەن. ئۈستىڭگە گۈرزە تەككەن مەھەلدە پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئازاپلىق تولغۇنۇپ ھۇشۇڭدىن كېتىسەن. 6?US<<MQ  
    -ئەي تۇرانلىق باتۇر،   -دىدى گۇرداپەرىد كۈلۈپ    -سەن بىز ئىرانلىقلارنى شۇنچە ئىرادىسىز،ۋىجدانسىز كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ بىز ئىران قىزلىرى قانداقمۇ ئۆز دۈشمىنىمىزگە كۆڭۈل بېرىپ ئۇنىڭغا مەھبۇب بولغايمىز؟سەن مېنى تولا ئارزۇ قىلماي،ئۈمىدىڭنى ئۈز،يولۇڭغا ماڭ،مەن سەندەك ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ تايىنى يوق تاجاۋۇزچىلارغا ئەمەس، بەلكى داڭلىق ئىران باتۇرىغا لايىق.سەن گەرچە ھازىر ھەممىدىن بۈيۈك، ھەممىدىن باتۇر بولساڭمۇ،قەلئەيىمىزدىن ساڭا تەڭ كىلەلىگۈدەك بىرەرسى چىقمىسىمۇ لىكىن بۇ ئىش ئۇزاققىچە شۇنداق تۇرۇۋەرمەيدۇ. شاھىنشاھىمىز كەيكاۋۇس  سېنىڭ قوشۇن باشلاپ كىلىپ ئېلىمىز زىمىنىنى تالان تاراج قىلىۋاتقىنىڭنى،بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرىۋاتقىنىڭنى ئاڭلاپ قالسا جەزمەن  ياردەمگە زور قوشۇن ئەۋەتىدۇ.ئىراننىڭ ئەڭ زور باتۇرى ۋە ئىپتىخارى رۇستەم ئۆزى قوشۇن باشلاپ كىلىپ بىزنى بەنىدتتىن ئازاد قىلىدۇ.سەندەك ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئەقىلسىزنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچىلەپ ئىران تەرەپكە قارىيالمايدىغان،ئىران خىيالىنىمۇ قىلالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ.ئەگەر سەندە ئەقىل بولسا ھازىرلا لەشكەرلىرىڭگە بۇيرۇق بېرىپ تۇرانغا قايتىپ كەت.جېنىڭ ئامان قالسۇن.بىھۇدە قانلار تۆكۈلمىسۇن. &u[F)|  
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سوھرابنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلدىكى ئەلەمدىن بوغۇلۇپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كەتتى.‹‹ھەي ئىسىت   - دەيتتى ئۇ ئەلەم يۇتۇپ تۇرۇپ،   -مەن نىمە دىگەن ئەخمەق،باتۇر ئايجامال قىزمۇ،بۇ گۈزەل ئاۋات قەلئەمۇ قولۇمغا چۈشۈپ بولغاندا ،قىزنىڭ ھىلە ئىشلىتىپ قىلغان تەنىلىرىگە ۋە يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ ھەر ئىككىلىسىنى قولدىن چىقىرىپ قويدۇم.ئەمدى كۆرسۇن ،ھەر ئىككىلىسىنى يەنە قانداق قولغا كىرگۈزىمەنكىن؟!››  سوھراب شۇلارنى ئويلاپ غەزەپ كۈچىدە  قوشۇنلىرىغا بۇيرۇق بەردى: e'G3\h}#  
   -ھەممەيلەن قورغانغا قاتتىق تىگىش قىلىڭلار، قورغاننى ئىشغال قىلىپ كىرىپ قورغاندىكى چوڭ كىچىك ھەممىنى تاراق قىلىڭلار! W2$rC5|  
قوشۇنلار قۇرال ياراقلىرىنى تەقلەپ،ئاتلىرىغا مىنىپ ئەمدىلا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىش ئالدىدا سوھراب بۇيرۇقىنى يەنە ئۆزگەرتتى. hB\BFVUSn/  
-    توختاڭلار! بۈگۈن ھەممىمىز بىر كۈن جەڭ قىلىپ ھاردۇق-چارچىدۇق.شۇڭا ھازىر  ھەممەيلەن بارگاھقا قايتىپ ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭلار.ئوبدان ئوزۇقلىنىپ كۈچ ماغدۇر يىغىۋېلىڭلار.ئەتە قورغانغا تىگىش قىلىپ شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلايلىكى گۈرزە قىلىچلىرىمىز ھەيۋىتىدىن ئاق قەلئەنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتسۇن! B$JPE7h@[P  
شۇ سۆز بىلەن قوشۇن كەينىگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا چۈشتى. q2*)e/}H  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-05

گەجدەھەمنىڭ كاۋۇسقا مەكتۇپ يازغانلىقى ;uZq_^?:9&  
سوھراب بارگاھىغا قايتقاندىن كېيىن گەجدەھەم ئىران شاھى كاۋۇسقا قارىتىپ- ‹‹لەشكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىش›› توغرىسىدا جىددى نامە يېزىپ- چاققان،پەملىك ،باتۇر بىر چاپاردىن ئەۋەتتى.مەكتۇپتا: تۇراندىن 14ياشلار چامىسىدىكى كاتتا بىر سىپاھنىڭ كەلگەنللىكىنى،ئۇنىڭ قامىتى سەرۋىدىن ئىگىز،يۈزلىرى قۇياشتىن يورۇقراق،ئالقىنى تاغنى تالقان قىلغۇدەك شىر ئالقان،خىسلەتلىك بىر پالۋان ئىكەنلىكى؛ئۇنىڭ ھەر كۈنى بىر ھىندى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ جەڭگە كېلىدىغانلىقىى؛باتۇرلۇقتا تاغۇ-دېڭىزلارنى بېسىپ چۈشكىدەك بۇ نەۋقىران يىگىتكە ھىچقانداق ئىران باتۇرىنىڭ بەھس كىلەلمىگەنلىكىى؛تا ھازىرغىچە ھىچكىم ئۇنىڭ قەڭدە نەرە تارتقان چېغىدىكىدەك گۇلدۇر چاقماق دەھشەتلىك ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىى،ئۇ جەڭ مەيدانىدا قولىدىن ھىچبىر ئىنسان بالىسىنى تىرىك چىقارمايدىغان ھايات ئەزرائىل ئىكەنلىكىى؛مەيلى ئىران،مەيلى تۇراندا بولسۇن، ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلىگۈدەك ھىچبىر پالۋاننىڭ تېپىلمايدىغانلىقى؛ئۇنىڭ نامىنىڭ سوھراب بولۇپ ،ئۇرۇشتا نە شىر ،نە دىۋىىن يانمايدىغان باتۇر قاپ يۈرەك ئىكەنلىكى؛باتۇرلۇق –قەھرىمانلىقى،بوي بەستى،چىرايى قاتارلىق جەھەتلەردە نەيرەم،سام،رۇستەملەردىن پەرىقسىزلىكى... قاتارلىق تەرىپلەرنى يېزىپ كىلىپ ،ئالدىنقى كۈنى ھەجىر بىلەن جەڭ قىلىپ  ئۇنى ئەسىر ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىنكى جەڭلەردە ھىچكىم ئۇنىڭغا  تەڭ تۇرالمىغانلىقى، ھازىر قەلئەدىكىلەر چېكىنمىسە ئەتە ئۇنىڭ زور قوشۇن بىلەن توپان بالاسىدەك باستۇرۇپ كىرىپ ھەممىنى قىرىپ تاشلايدىغانلىقىى،شۇڭا باشقا  ھىچ ئىلاج  قىلالمىغاچقا قەلئەنى تاشلاپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى،كۈچلۈك سەردار ۋە خىل قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنى توسىمىغاندا ئىران بېشىدا ئوت كۆيۈپ پۈتۈن زىمىن تۇرانغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغىچە بولغان پىكىر قاراشلىرىنى يېزىپ ياردەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. gK *=T  
چاپارمەن بوراندەك ئۇچقۇر جۈپ ئاتقا دەملەشتۇرۇپ مىنىپ، بىكەت راباتلاردىمۇ توختىماي،توسقۇنغا ئۇچرىماي ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەپ كاۋۇسنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتى. nM8'="$  
ئەمدى ئاق قەلئەدىكىلەرگە كەلسەك چاپارنى يولغا سېلىپ بولۇپلا گەجدەھەم ‹‹پۈتۈن قوشۇن مەخپى يوللار بىلەن قەلئەدىن چېكىنىپ چىقسۇن!›› دەپ بۇيرۇق بېرىپ،بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا سېپىل ئاستىدىكى پىنھان يەر ئاستى يولى بىلەن بارلىق لەشكەرلىرىنىۋە پۇقرالارنى ئېلىپ قەلئەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتى.قەلئەدە بىرمۇ ئادىمىزات قالمىدى. YO@~y *,  
[ بۇ يازما Qabiljan تەرپىدىن 2011-08-05 10:06 PM دە ]

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

سوھرابنىڭ ئاق قەلئەنى ئالغانلىقى wFL7JwK:G  
ئەتىگەندە قۇياش قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئۇپۇق ھوجرىسىدىن ئويغۇنۇپ شەپەق پەردىسىنى قايرىغاندا سوھراب لەشكەر باشلاپ كىلىپ قەلئەنى ھەر تەرەپتىن قورشىدى.سوھراب خىيالىدا قەلئە باتۇرلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ ئېلىشىپ، ئۆزىگە قارشى چىقىشقا پېتىنغانلارنىڭ بەرىنى ئەسىر ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۈچ ۋە ھەيۋىسىنى يەنە بىر كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ئات ئوينىتىپ كېلىپ يۇقۇرى ئاۋازدا  قەلئەدىكىلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىردى.ئەپسۇسكى قەلئەدىن قىلچە سادا بولمىدى.قەلئە دەرۋازىسى ئىتىك بولۇپ سېپىل كۈنگۈرىلىرىدە بىرمۇ لەشكەر كۆرۈنمەيتتى.ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ بىر تىپىۋىدى .دەرۋازا بۇ تىپىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.سوھراب غەزەپلىك نەرە تارتقىنىچە بىرىنچى بولۇپ قەلئەگە ئاتلىق گۈرزە ئوينۇتۇپ  باستۇرۇپ كىردى. AD'c#CT  
ئەجدىھا كەبى ھەيۋە بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن سوھراب قەلئە ئىچىدە بىرمۇ لەشكەر  يوقلۇقىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. قەلئەدىكىلەرنىڭ شۇنچە قاتمۇ قات قورشاۋ ئىچىدىن قۇش بولۇپ ئۇچقاندەك ،ياكى سۇ بولۇپ سىڭگەندەكلا غايىپ بولۇپ كېتىشى ھەرقانداق كىشىنى تەئەججۈپكە سالاتتى. سوھراب تەرەپ تەرەپلەرگە چارلامچى ئەۋەتىپ قېچىپ كېتىشكە ئۈلگىرەلمەي قېلىپ  قالغان قېرى ،ئاجىز ،مېيىپ پۇقرالاردىن 30-40نى تاپتۇرۇپ كەلدى.ئۇلار  نىمە يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىنى بىلەلمەي لاغىلدىشىپ تىترىشىپ  تۇرۇشاتتى.سوھرابقا ھەممىدىن بەك ئەلەم قىلغىنى لەشكەرلەرنىڭ يوقالغىنى ئەمەس بەلكى گۇرداپەرىدنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنى ئىدى.بۇ گۈزەل مەھلىقا ئۆزى يوقالغىنى بىلەن  ئىشقى بىلەن سوھرابنىڭ  يۈرىكىنى ئەسىر قىلىپ،ئەقىل ھۇشىنى بىرگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. 17ynFHMd,  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 19- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

سوھراب ھەدەپ گۇرداپەرىدنى ئىزدەيتتى.ئۇنىڭ ئىشقىدىن جېنى قىينىلىپ ھىچبىر ئارام تاپالماس ئىدى.كۆڭلىدە يۈزمىڭلاپ دەرد ھەسرىتى قوزغۇلۇپ جېنىغا ئىكەك بولاتتى:‹‹ئۇئاي يۈلۈك نەگە كەتكەندۇ؟! بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغاندىمۇ؟! ئىشىق سەھراسىدا ئوۋ ئىزدەپ يۈرگىنىمدە ئاران قولغا چۈشۈرگەن ئىپار كىيىكىمنى رەھىمسىز پەلەك مىنىڭدىن تارتىۋالدى.كەمەندىمگە ئۆزى كىلىپ چۈشكەن ئاھۇ كىيىكىم  مىنى ئىشقى كەمەندىگە بەند قىلىپ قويۇپ  ئۆزى قېچىپ كەتتى.ھازىر ئوۋچى مەن بولماي ئۇ بولۇپ قالدى. ئۇ پەرىنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا كۆزۈم چۈشكەن شۇ مىنۇتتىن بېرى غەم ئۆيىنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ قالدىم .ئۇ دىلرابا مىنىڭ ئۈستۈمگە غەم تاغلىرىنى يۈكلەپ قويۇپ  ئۆزى نەگىمۇ كەتكەندۇ؟! ئۇنىڭ كىرپىكلىرى كىرپىك ئەمەس ئۆتكۈر تىغ ئىكەن. بۇ تىغلار قىنىدىن چىقمايمۇ قان تۆكەلەيدىكەن.بۇ تىغلار دەستىدىن قەلبىم شورلۇق،تىنىمدە ئىشىق چاڭقاقلىقىدىن مادار يوق.ئۇز ئاق ئەتىرگۈلۈم مىنى ئۆزۈمگىمۇ تۇيدۇرماي ئىشقى جېڭىدە ئەسىر قىلىۋاپتۇ.ئۇنىڭ ئىشقى ئىشىق ئەمەس سېھرى تىلسىم ئوخشايدۇ.ئۇنى كۆرگىنىمدىن بۇيان ھالىم خاراپ،يۈرۈكۈم پىژ-پىژ كاۋاپ،ھالىمنى ئېيتار ئىدىم،بولسا قولۇمدا راۋاپ.مانا تىلىمغا نىمە بولغان؟! تىلىم سۆزگە كەلمەيدۇ.ئۇنىڭدەك چېھىرنى،ئۇنىڭدەك شېرىن سۇخەننى ئىنسان بالىسى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ.ئىسىمدە، ھەممىسى ئىسىمدە ،ئۇنىڭ  ماڭا قىيا باققاندىكى نۇرلۇق جامالى،دوبۇلغىنى تارتىپ ئالغان چاغدىكى چاچلىرىنىڭ دولقۇنلىنىپ ھەربىر تېلى بىر كەمەند بولۇپ ئەقلىمنى بەنىد قىلىشى،قىلغان ھەر بىر ئېغىز قاننى ئېلىپ ياندا قويىدىغان ئېزىقتۇرغۇچى سۆزلىرى ھەممىسى ئېسىمدە ! ئۇنداقنى يەنە تاپالارمەنمىكىن؟! شۇنداق پەرى پەيكەرنى،تەييار قولۇمغا چۈشكەن دىل ئارامىمنى ئەقىلسىزلىك قىلىپ قولدىن چىقىرىپ قويغىنىم ئۈچۈن بۈگۈن مەن قانلىق ياش تۆكۈپ زار-زار يىغلىساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.›› مانا بۇلار ئۇنىڭ قەلىب سۆزلىرى ئىدى.لىكىن كۆڭلىدىكى بۇقەلىب يارىلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.قانچە يوشۇرىمەن دىسىمۇ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار قەلىب سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئۇرىناتتى. BHIC6i%  
زېرەك ھۇممان بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى. ئۇ ئەپلىك بىر پۇرسەت تېپىپ سۆز باشلاپ دىلىدىكى ئويلىغانلىرىنى تۆكۈۋەتتى: I !g+K  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 20- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

-ئەي پالۋىنىم،بوۋىلىرىمىز ئادەتتە يىراق يات كىشىلەردىن قېرىنداش تۇققانلانى ئەۋزەل كۆرۈپ كەلگەن. مىنىڭچە بولغاندا ئۇچرىغانلا كىشىگە كۆڭۈل بەرمەكلىك ، پۈتۈن مىھىر-مۇھاببىتىنى بېغىشلاپ ئۇنىڭ ئىشقىدىن مەست بولۇپ جېنىنى ئازاپتا قويماقلىق خاتا.كىمىكى  ھەر ئىشتا دادىل ۋە پالۋان بولالىسا پەرىلەرنىڭ ئالدامچىلىقى زىيان سالالماس.يۈرەكلەرنى بەند قىلىپ ئۆزىگە ئەسىر قىلالماس. )+ 12r6W  
ئەگەر كىمىكى سەۋرىلىك ۋە تاش يۈرەك بولالىسا پەلەكمۇ زۇلۇم سالالماس،ئىشقى مۇھەببەتمۇ ئىلكىگە ئالاماس. ئەزەلدىن جاھاننى ئىلكىگە ئېلىشتەك جاھانگىرلىك ئۇلۇغ مەقسىدىنى دىلىغا پۈككەن ئالەمگىر باتۇرلار پەرى يۈزلۈكلەرگە بېرىلگەن ۋە ئىشىق يولىنى تاللىغان ئەمەس.ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىز ئەفراسىياپ سېنى ‹‹چىن پەرزەندىم›› دەپ تونۇيدۇ.بۈگۈن ئۇنىڭ ھىممەت كۆرسىتىشى بىلەن پۈتۈن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا سېنىڭ ھۆكمىڭگە ئۆتتى.بىز ئىران ۋە تۇراننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇلۇغ ئىمپىرىيە قۇرۇشتەك بۈيۈك مەقسەدنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ ،نۇرغۇن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ بۇ يەرگە كەلدۇق.بىزنىڭ ھازىرغىچىلىك قىلغان ئۇرۇشلىرىمىز نەتىجىلىك ۋە توسقۇنسىز بولدى.بىز ئىراننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرىمىز،يەر زىمىنىنى قوشۇۋالىمىز،دەيدىكەنمىز- باتۇرلۇق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرلىشىمىز كېرەككى، ھەرگىز بىر ئىزىمىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك.بىزنىڭ ئۇچرايدىغان  جاپايىمىز،تارتىدىغان ئازاپلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا.بىز تېخى ئىراننىڭ تۈمەنمىڭ كىشىلىك قوشۇنلىرى بىلەن ،رۇستەم،گۇدەرىز،گېۋ، فەرامۇرزۇ،بەھرام،روھھام،گۇرگىن،پەرھاد،قاتارلىق ئاتاقلىق پالۋانلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ رەسمى قاتتىق  جەڭلەرنى قىلىپ باقمىدۇق.ئۇلارنىڭ نامى ئۇلۇغ بولۇپلا قالماي گۈرزىلىرى پىلدىن ئېغىر.جاسارىتى قۇياشتىن ئۈستۈن.ئۇلار بۇ كەمگە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ بىز بىلەن ھايات ماماتلىق جەڭلەرنى قىلغىلى،ھالىمىزنى يەر قىلغىلى توپلۇشۇپ كېلىشىدۇ. Lsz)\yIPj  
مۇنداق دىگىنىم باشقىلارنى كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنى چۆكۈرگىنىم ئەمەس.سەنمۇ باتۇرلۇق ۋە جاسارەتتە بارلىق ئىران پالۋانلىرىنى بېسىپ چۈشەلەيسەن.مۇشۇنداق ئۇلۇغ دۈشمەنگە دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە پەرىلەرنىڭ غېمىنى قىلىپ يىغلاپ يۈرسەڭ چوڭ ئەيىپ بولىدۇ.ئەگەر ئەتىكى جەڭدە شەرمەندە بولماي،باتۇلۇقۇمنى نامايەن قىلىپ دۈشمەننىڭ يۈركىنى مۇجۇي دېسەڭ.دىلىڭدىكى ئىشقى ئاتەشنى ئۆچەر!بەردەم بول!سەن بۇ خەتەرلىك لىكىن ئۇلۇغ ئىشقا نىيەت قىلىپ چىققىنىڭدا بۇ ئىشنى تولىمۇ ئاسان دەپ ئويلىغان.بىلىپ قويغىنكى بۇ ئاسان ئىش ئەمەس،بۇ ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.سەن سەۋرىلىك،ئەقىل پاراسەتلىك،ھەر جەڭدە قەھىرلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ ھەر بىر قەدىمىڭنى ئوڭۇشلۇق باسالىساڭ.دۇچ كەلگەن ھەر بىر رەقىبىڭنى رەھىمسىزلىك بىلەن بويسۇندۇرالىساڭ ئاقىۋەتتە پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ تىللاردا داستان،باتۇرلار ئارىسىدا شاھى سۇلتان  بولىسەن.نامىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارايدۇ.شاھىنشاھلىق تەختى ساڭا ھالال بولۇپ بارچە خالايىق سېنىڭ نامىڭنى ئاتاپ خۇتبە ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ.مانا شۇ چاغدا كۆڭلۇڭ كىمنى خالىسا شۇنى،ھەتتا مىڭلاپ گۈزەل نازىنىنلارنى خىزمىتىڭگە سېلىپ تارتقان رەنىجلىرىڭ،قىلغان قانلىق ئۇرۇشلىرىڭنىڭ شىرىن مېۋىسىنى تېتىيسەن.شۇنى بىلىپ قويغىنكى كىمىكى ئەل غېمىنى ئېتىبارغا ئالسا بەخت ئىقبال شۇنىڭغا يار بولىدۇ. ? EXYLG  
ھومماننىڭ بۇ سۆزلىرى سوھرابنى چوڭقۇر ئويلارغا سالدى.ئۆزىنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىش ئالدىدا كىچىك ئىشلارغا بېرىلىپ چوڭ ئىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشقا تاس قالغانلىقىنى چۈشەندى.ۋە قىلغان ئىشلىرىدىن ھارسىندى.شۇڭا ھۇممانغا جاۋابەن مۇنداق دىدى: w]Z:Y`  
   -ئەي باتۇرلارنىڭ پىرى سەرۋەرى، ساڭا ئاپىرىن! قىلغان سۆزلىرىڭنىڭ بارى چىن راستتۇر.سېنىڭ ئەقىل بىلەن قىلغان سۆزلىرىڭ قەلبىمدىكى ۋاقىتسىز قوزغالغان كېسەلگە شىپالىق دورا بولدى.بۈگۈن بۇ سۆزلىرىڭدىن نىشاندىن ئازغان يولۇچى قايتىدىن يولىنى تېپىۋالغاندەك بولدۇم .ئەمدى مىنىڭ ئەھدۇ پەيمانىم قايتىدىن يېڭىلاندى.جاھاندا قانچىلىك يەر -زىمىن بولسا ھەممىسىنى ئىشغال قىلىپ ئەفراسىياپنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش يولىدا بۇ جېنىم پىدا بولسۇن! ($*R>*6<x  
شۇندىن كېيىن سوھراب ئىشىق سەۋداسىنى قەلىب قەسرىدىن قوغلاپ چىقاردى.ئاق قەلئەنىڭ تەختىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ مىرزىلارغا بۈگۈنكى جەڭ  ئەھۋالىدىن مەكتۇپ پۈتكۈزۈپ زەپەر خەۋىرىنى ئەفراسىياپقا ئەۋەتتى. eU m,=s  
ئەفراسىياپ خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سوھرابقا مىڭلاپ ئاپىرىنلار ئوقۇدى. دەل شۇ چاغدا كاۋۇسقىمۇ گەجدەھەم ئەۋەتكەن خەت كىلىپ تەگدى.ئۇ خەتنى ئوقۇپ قاتتىق ئەلەم ھەسرەتكە دۇچار بولدى. G}p* oz~  
ئۇ ھايالشىمايلا بارلىق ئىران باتۇرلىرىنى ۋە لەشكەرلىرىنى جىددى يىغىلىش ئۈچۈن  چاقىرتقۇزدى. b;Uqyc  
بارلىق ئىران سىپاھدارلىرى يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەن مەكتۇپنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇتتى. كاۋۇس ئەھۋالدىن ھەممىنى خەۋەردار قىلىپ بولغاندىن كېيىن باتۇرلاغا قاراپ شۇنداق دىدى: Y SD|#0  
-    ئەگەر گەجدەھەمنىڭ سۆزى چىن بولسا ،بۈگۈن مەن تۇرانلىقلار بىلەن سوقۇشۇشقا  يېڭى بىر پالۋان ئەۋەتىمەن.بۇ ئۇرۇشنى قانداق قىلىش ۋە كىمنى ئەۋەتىش كېرەك.پايدىلىق مەسلىھەتلىرىڭلار بولسا بەرسەڭلار! سوھرابقا قارشى كىمنى ئەۋەتسەك ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالار؟! \XT~5N6  
-    ئەي شاھىم كەلگەن مەكتۇپتىن قارىغاندا بۇ سوھراب دىگەن بىزنىڭ تەڭدىشىمىز ئەمەسكەن.ئۆزىمىزنى چاغلىماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بېرىپ ،ئۇنىڭدىن يېڭىلىپ ،ئىراننىڭ يۈزىنى ۋە قوشۇنىمىزنىڭ جاسارىتىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلساق قەتئى بولمايدۇ.بىزنىڭچە شىرنىڭ تەڭدىشى شىر بولغىنى ياخشى. ئەڭ ياخشىسى پەھلىۋان گېۋنى ئەلچى قىلىپ زابۇلىستانغا ئەۋەتەيلى.ئۇ بېرىپ تەھەمتەن رۇستەمنى چاقىرىپ كەلسۇن.ئۇ ئىران بېشىغا ئاپەت يۈزلەنگەنلىكىنى ئاڭلىسا جەزمەن ھەرقانداق  زۆرۈر ئىشىنى قويۇپ بىزنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. #a=~a=c(^  
-    بۇ مەسلىھەت ھەممىگە ماقۇل كەلدى.كاۋۇس شۇئان كاتىپىنى چاقىرتىپ يانمۇ يان ئولتۇرۇپ جىددى مەكتۇپنى يازدۇرۇشقا كىرىشتى. sj\kp ni  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 21- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

كاۋۇسنىڭ رۇستەمگە مەكتۇپ يوللىغانلىقى ۋە ئۇنى زابۇلىستاندىن چاقىرغانلىقى ^~Dmb2h  
مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلمىساقمۇ  ئاساسى مەقسەد ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇق. شۇڭا،  ئارتۇقچە بايانلارنى يېزىپ يۈرۈشنى  مۇۋاپىق كۆرمىدىم. v;m}<3@'  
كاۋۇس نامىنى گېۋگە تۇتقۇزۇپ شۇنداق تاپىلىدى: Y4.t:Uzr  
  -سەن ئاپىرىدىغان بۇخەت ئىنتايىن مۇھىم.شۇنداقلا بۇ خەت قانچە تېز تەگسە شۇنچە ياخشى.ئېتىڭنىڭ تۇيىقى ئۇپراپ كەتسىمۇ مەيلىكى يولدا ئارام ئالىدىغان،ئۆزۈڭنى ۋە ئېتىڭنى ئايايدىغان ئىشنى قىلماي تەھەمتەننىڭ يېنىغا قۇشتەك ئۇچۇپ تېز بارغىن.بارغان يېرىڭدىمۇ ئولتۇرما ،ئەڭ تېز بېرىپ ئەڭ تېز يېنىپ كىلىش ئۈچۈن ئاىشىمى تاڭغا يېقىن بېرىپ قالساڭمۇ ئەتىگىنى يەنە كۈن بىلەن تەڭ يېنىپ كىلىشنى ئىستە.بىزنى چوڭ خەتەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقنى ،بىر تىنىق  ۋاقىتنىڭمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەرقاچان ئېسىڭدىن چىقارما.رۇستەمەە ئەھۋالنىڭ جىددى ۋە ىەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىمۇ ناھايىتى تېز ئېلىپ كەل... !?u{2 D  
گېۋ تاپىلاشلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن تۇلپارىنى تېز چاپتۇرۇپ زابۇلىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.پەرمانغا بىنائەن سەپەر ئازاپلىرىغا چىداپ ئېتىغا ھاردۇق بېرىش ۋە سۇ ئوزۇق بېرىشتىن بشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئارام ئالماي سەپەرنى تېز تاماملاشقا تىرىشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇيقۇ ۋە ئارامنى ئۇنتۇپ ، نە سۇ ئىزدىمەي، نە نان –يىمىش يىمەي بوراندەك تېز يۈردى. E=9xiS  
گېۋ زابۇلىستانغا يىتىپ كەلگەندە نەق سەھەر ۋاقتى ئىدى.قاراۋۇللار رۇستەمگە گېۋنىڭ جىددى مەلۇمات بىلەن كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى. رۇستەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق كاتتىلار قوزغۇلۇپ گېۋنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى كۈتىۋالدى.گېۋ ئۇلارنى كۆرۈپ  ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.قارشى ئېلىشقا چىققانلارمۇ ئۇنىڭغا سالام بېرىشتى.رۇستەممۇ تۇلپارىدىن سەكرەپ چۈشۈپ گېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ  ئىراننىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. eub2[,  
كېيىن ئۇلار رۇستەمنىڭ ئايۋىنىغا كېلىشتى .خىزمەتچىلەر گېۋنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ سىڭىشلىك غىزا ۋە ئۇسسۇلۇق شەربەتلەرنى بېرىپ ھاردۇق سوراشتى.گېۋ غىزالىنىپ  نەپەس رۇسلاپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇسنىڭ خېتىنى بەردى .رۇستەم خەتنى ئوقۇدى.چۈشەنمىگەن تەرەپلەرنى گېۋدىن سورىدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ : ]gHi5]\NC  
  -كاۋۇس خېتىدە: ‹‹بۇ سوھراب دىگەن ياش باتۇر سامغا ئوخشايدۇ.جاھاندا بۇنداق تەڭسىز باتۇر ۋە ئالى نەسەپلىك كىشى كەم تېپىلىدۇ.ئۇنىڭ تۇران يېرىگە نەدىن كېلىپ قالغانلىقى ۋە كىمنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس›› دەپتۇ.مىنىڭ سەمەنگان شاھى تەھمىنەدىن بولغان بىر ئوغلۇم بار.ئۇ تېخى ئاغزىدىن سۈت چىشلىرى چۈشمىگەن گۆدەك،ئۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان  ياش غۇنان.ئۇ تېخى نە ئۇرۇش قىلىشنى،نە قوشۇن توپلاپ دۈشمەننى قوغلاپ- سۈرۈشنى بىلمەيدۇ. مەن تېخى بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئەسكەرنى سەمەنگانغا ئەۋەتىپ،ئەھۋالىنى سورىغاچ ،ئوغلۇمغا ئۇ ئارقىلىق ئالتۇن ۋە گۆھەر سوۋغا قىلدىم.ئەسكەر قايتاشىدا ئانىسىنىڭ سالامىنى ۋە ئوغلۇمنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغاچ كەپتۇ.ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئوغلۇم ناھايىتى تېز ئۆسۈۋاتقانمىش.قەددى قامىتى قىران ئەرلەردەك يوغان ئىمىش.سۈت ئېمىۋاتقان تۇرۇپ شاراپنىڭ غەلۋىسىنى قىلارمىش.چېلىشىپ قالسا دوستلىرى ئۇنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەسمىش.ئوۋغا چىقىپ قالسىمۇ  شىردەك باتۇلۇق كۆرسىتىپ پالۋانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلارمىش. سۆزۈڭدىن قارىغاندا بەزىلەر ئۇنى‹‹ سامنىڭ ئەۋلادى ›› دەپ گۇمان قىلىدىكەن.مېنىڭ ئوغلۇم تېخى ئەمدىلا 13-14ياشلارغا كىرگەن گۆدەك ئۆسمۈر تۇرسا، قانچىلىك تېز ئۆسسىمۇ قىران پالۋانلىق ماقامىغا يېتەرمۇ؟ بۇ ياشتىكى بالا قانداقمۇ قوشۇن باشلاپ ئىرانغا بېسىپ كېلىشى،داڭلىق ئىران باتۇرى ھەجەرنى پىسەنت ئەتمەي بىر زەربە بىلەنلا ئەسىر ئېلىشى مۈمكىن؟ قېنى يۈر ،بىز ساراينىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ پەدەرىم زال زەر بىلەن كۆرۈشەيلى.ئۇنىڭغا بولۇنغان ئەھۋاللارنى مەلۇملاپ ئاقىل مەسلىھىتىنى ئالايلى.شۇندىلا بۇ تۇرانلىق باتۇرنىڭ كىملىكى مەلۇم بولغۇسى. !QTfQ69Y0  
ئۇلار قاتارلىشىپ مېڭىپ  زالنىڭ كەڭرى، ھەشەمەتلىك سارىيىغا كىرىپ كېلىشتى .بۇ ساراي بەكمۇ ياسىداق ۋە كۆركەم بولۇپ كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىپ ئۆتۈلگەن غەم –غۇسسىلارنى ئۇنتۇلدۇراتتى.بىر كەمدە گېۋنىڭ ئىسىگە كاۋۇسنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرى كېلىپ رۇستەمنى ئالدىراتقىلى ySEhi_)9^  
تۇردى: @ppT;9 
tDk!]  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 22- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

  -ئەي جاھان پالۋانى،ئەي زەبەردەست شىر.مەن بىلىمەن ،ئاستانەڭدە نۇرغۇن ئىسىل جايلار بار.تاجۇ تەختلىرىڭ ئېرىشكەن جىمىكى  بەختىڭنى مۇنەۋەر قىلىپ تۇرۇپتۇ.شۇ تاپتا ئېسىمگە كاۋۇسنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرى چۈشۈپ قالدى.ئۇ ماڭا:‹‹ زابۇلىستاندا ئۇخلىما،ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋېتىپ كېيىن ئەپسۇس يىمە.ئەگەر تاڭدا بارساڭ كەچتە،كەچتە بارساڭ تاڭدا قايت.بىر دەقىقىمۇ ئارتۇق تۇرما،ۋەتەن زىمىنى ھازىر چوڭ خەۋىپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭدىن چىقارما ›› دىگەن ئىدى.شۇڭا دەيمەن  ئەي غۇرۇرلۇق باتۇرىمىز،تېزراق بىر قارارغا كېلىپ مەن بىلەن بىرگە بارغان،ھېلىقى خەۋىپلىك ياۋغا تېزراق روبىرو بولغان بولساڭ ياخشى بولاتتى. lzE{e6  
  -بىكاردىن قايغۇرۇپ كەتمە.ھېلىقى باتۇرۇڭ بىر جەڭ بىلەنلا يەرگە كىرىپ كەتسە ھەممە ئىش ئوڭشۇلىدۇ.سەن يىراقتىن سەپەر ئازابى تارتىپ كەلدىڭ.سېنىڭ مىنىڭ يېرىمگە مىھمان بولۇپ كەلمىكىڭ ئاسان ئەمەس.بۇنداق پۇرسەت يەنە كېلەمدۇ -كەلمەمدۇ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.شۇڭا بۈگۈن شەرىپىڭگە زىياپەت قىلاي.ئۇنىڭغا داخىل بولغىن. شاد ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچايلى.بۈگۈن بىز نە كاۋۇسنى،نە ئىبلىسنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ بىر كۈن ئويۇن تاماششا قىلىپ ئارام ئالايلى.چاڭقىغان ئېغىزلارنى شەربەت بىلەن تولدۇرۇپ ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرايلى.ئەتىلىككە ئاتلارنى تېز چاپتۇرۇپ شاھنىڭ يېنىغا بارساقمۇ كېچىكىپ قالمايمىز.قورىقما،ھىچنىمىدىن ئەنسىرىمە،بىزنىڭ بەختىمىز تېخى غەپلەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق.بۇنچىلىك ئۇرۇشلار مىنى تېخى ئاۋارە قىلالمايدۇ.ئەگەر دەريا قۇتراپ ئەتراپنى دولقۇن ئۇرسا،ياكى ئورمانغا ئوت كېتىپ ھەممە يەرنى يانغىن قاپلىسا بۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق.ئەگەر ئادىمىزاتتىن بىرەرسى ئۇرۇش قوزغاپ كەلگۈدەك بولسا قىلچە قورقۇنچۇم يوق.ھەرقانداق كۈچلۈك دۈشمەنمۇ جەڭ كۈنلىرى يىراقتىن تۇغۇمنى كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا بەدەر قېچىپ تويلىرىمۇ ھازا ماتەمگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ھېلىقى ياش پالۋان جەڭدە رۇستەم سۈپەت ياكى نەيرەم سۈپەت بولسىمۇ،ياكى سامغا ئوىشاش ئۇرۇشقاق بولسىمۇ ،جەڭ ھۈنەرلىرىگە كامىل شەمشەر ئەۋلىياسى بولسىمۇ ،ھەرقانچە باھادىر،ئەقىللىق ،تىرىشچان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر مىنىڭ كېلىش خەۋىرىمنى ئۇقسا ئالدىراپ جەڭگە چۈشمەيدۇ.بالدۇر بېرىپ قويساقمۇ ئۇنى جەڭگە چىقىرالماي ئاۋارە بولىمىز تېخى. @5rl;C  
ئىنسان شۇنداق نەرسە،ئادەم ئاتا جەننەتتىن قوغلانغاندىن باشلاپ شەيتاننىڭ تىنىمسىز تىپىرلىشى ۋە تىرىشچانلىقى تۈپەيلى ئىنسان ئازغۇنلۇقتىن خالى بولالمىغان. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇرۇنقى قىسسىلىرىمىزدىكى جەمشىد قىسسىسى ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك. ئۇمۇ دانالىق،بىلىم ماھارەت،كۈچ قۇدرەت،ھوقۇق ئىمتىياز جەھەتتە  چەككە يەتكەن پەيتىدە شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ تەكەببۇرلىشىپ  تەڭرىنىڭ غەزىبىگە، ئەلنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ ئاخىر تېزلا خاراپ بولۇپ كەتكەن ئىدى. YcaomPo  
بۇ ئەسلى ئىبلىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇدۇمى بولۇپ تەڭرى دەرگاھىداھەممىدىن بىلىملىك،ھەممىدىن قابىلىيەتلىك،ھەممىدىن تەقۋادار،ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا ئېرىشكەن مالائىك پەرىشتە ئىكەن.كېيىن ئاللا تابارەك ئىنساننى يارىتىپ ،ئۇنى بىلىم ۋە مەرتىۋىدە ھەممىدىن يۇقۇرى ئورۇنغا چىقارغاندا ھەسەت قىلىپ چىداپ تۇرالماي،ئاللاھ ئادەمگە  سەجدە قىلىشنى بۇيرۇغاندا رەت قىلىپ ئاسى شەيتانغا ئايلىنىپ،مەڭگۈلۈك نەپرەتكە قالغان ئىكەن. رۇستەمنىمۇ ئاللاھ زىمىنغا ئەڭ قابىل،ئەڭ كۈچلۈك،مەيلى ئىنسان ،مەيلى جىن،مەيلى دىۋە ئالۋاستىلار ئارىسىدا بولسۇن بارلىق مەخلۇقاتلارنى بويسۇندۇرالىغۇدەك قۇدرەت بىلەن ياراتقان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ دەسلىپىدە ئاللاھقا شۈكرى ۋە ھەمدۇ سانا ئېيتاتتى.يامان ئىشلاردىن ھەرۋاقىت ساقلىنىپ تەڭرى ئىبادىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى.ئۇنىڭ گېۋگە ئېيتقان سۆزلىرىدىن قارىغاندا  ئەڭ يۇقۇرى كۈچ قۇدرەت ۋە تەڭداشسىزلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس چاغلايدىغان،ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدىغان زىيادە تەكەببۇر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ.بۇ تولىمۇ خەتەرلىك سىگنال.رۇستەمنى قانداق قارا قسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۇۋاقاندۇ؟! =Lc!L !(,b  
شۇنىڭ بىلەن گىۋمۇ باشقا بىرنىمە دىيەلمەي رۇستەمنىڭ رايىغا باقتى. P5K=S.g  
ئۇلار ئىسىل تائاملاردىن يىيىشىپ،ئىسىل شاراپلاردىن ئىچىشىپ، ئارقىمۇ ئارقا قەدەھ بوشۇتۇپ شاتلىق بەزمىسىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشتى.سەھەردە ئۇلار ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىن كىيىن تەھەمتەن(رۇستەمنىڭ شاھنامىدىكى ئۇلۇغلانما ئاتالغۇسى) نىڭ كۆڭلى يەنە مەي تارتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئىچكۈۋازلىقنى باشلاپ كىتىشتى.كاۋۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئىسىگىمۇ ئېلىپ قويمىدى. o _G,Ph!7  
شۇ تەرىقىدە ئۇلار ئۈچ كۈن زىياپەت داستىخىنىدا ئولتۇرۇشتى.قوللار قەدەھتىن قۇلاقلار خۇش ساز مۇزىكىلاردىن،كۆزلەر گۈزەل نازىنىنلارنىڭ شوخ ئۇسۇللىرىدىن بوشىمىدى.تۆتىنچى كۈن كەلگەندىمۇ بۇ زىياپەتلەر تۈگەي دىمىدى.گىۋنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ رۇستەمگە يالۋۇرۇشقا چۈشتى: _&wrA3@/L  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 23- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

  -ئەي پالۋىنىم،مىنى ئايىسىڭىز،ۋەزىيەت بەكلا جىددى.ئەمدى ماڭمىساق زادى بولمايدۇ.شاھ يولىمىزغا تولا  قاراپ تىت-تىت بولۇپ كىتىدۇ.ئۇ سەۋرىسىز،ئاچچىقى يامان ئادەم.جەھلى تۇتۇپ قالسا سەن-مەن دىمەيدۇ.ھىچكىمنى ئاياپ قويمايدۇ.ئۇ مىنى زابۇلدا ئۇزۇن تۇرما دىگەن،بۇ يەردە كۆپ تۇرىۋەرسەك ھەر ئىككىلىمىز ئۇنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىمىز .ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالساق جىگەرلەرنى خۇن قىلىۋىتىدۇ. W5Uw=!LdEY  
گىۋ گىپىنى ئاقتۇرالمىغاندىن كىيىن يىيىش ئىچىشنى توختتىتىپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق :OFs" bC  
رۇستەمنى قايىل قىلىش قارارىغا كەلدى. #I"s{*  
رۇستەم ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ دىدىكى: zMXQfR   
-    بولدى كۆپ قايغۇرما، بۇ جاھاندا ھىچكىم مىنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.كاۋۇسمۇ مىنىڭ چىشىمغا تىگىشكە پېتىنالمايدۇ . &"?S0S>r!  
-    رۇستەم سۆزىدىن كىيىن خىزمەتچىلىرىگە تۇلپارىنى توقۇشنى،يول تەييارلىقى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.تەييارلىقلار  پۇتكەندىن كىيىن ئىككىسى ئاتلىرىنى مىنىشىپ ئىرانغا قاراپ قۇيۇندەك چېپىپ كېتىشتى. ='t}d>l  
Lb,wn{  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى