مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5101 
  •    ئىنكاس 
       64 

رۇستەم ۋە سوھراب(شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 60- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

-    ئەي بەخت گۈلى تېخى ئېچىلماي تۇرۇپ توزۇپ كەتكەن ئوغلۇم،دۇنيا  قانچە ئىزدىسىمۇ بۇندىن كېيىن سېنىڭدەك مەرتلەرنىڭمۇ مەرتىنى تاپالمايدۇ.ئىسىت! سەندە تاغدەك مەرتلىك، دەريادەك ساپ دىللىق،سەرۋىدەك تۈز ۋە زور  قامەت،باھار گۈللىرىدىنمۇ ئۇز چىراي بار ئىدى. ئىسىت!ئۆلۈمىڭنىڭ  ئالدىدا ياكى كەينىدە يىراقتىكى ئاناڭ دىدارىڭنى بىر كۆرۈۋالغان بولسىچۇ؟! ئاناڭ بۇ دەرتلەرگە ئەمدى قانداقمۇ چىدار بالام؟! كۆزىدىن قانلار تۆكۈپ بېشىغا توپا چاچارمۇ بالام؟! ئاتام زالى زەرمۇ مېنى لەنەتلەرمۇ بالام؟ ئانام رۇدابەمۇ يىغلاپ كېتەرمۇ بالام؟ ئانام مېنى سوراقلاپ :‹‹بىر گۆدەككە كۈچۈڭ يەتتىمۇ؟››دەرمۇ بالام؟! بۇ تەنىلەرگە نىمىمۇ دەرمەن بالام؟ قانچە ئۆزۈمنى ئاقلىساممۇ ئەمدى ماڭا كىم ئىشىنەر بالام؟ ئۆلۈمىڭ بىلەن شەنىمگە داغ چۈشسە زابۇلىستاندا بۇ بۇ يۈزۈمنى نەگىمۇ قويارمەن بالام؟!... c%u X+\-$  
كاۋۇس  بارلىق سەردارلىرى بىلەن يېتىپ كىلىپ سوھرابنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا  قاتناشتى.رۇستەمنىڭ ھالىنى كۆرۈپ سوھرابقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇمۇ كۆز يېشى قىلدى.كېيىن كاۋۇس،مۇبەدلەر،داڭلىق سەركەردىلەر،ۋە باشقا ئۇلۇغلار بىر بىرلەپ رۇستەمگە تەسەللى بېرىپ سەۋرى قىلىشنى،بەك قايغۇرۇپ كەتمەسلىكنى ئۆزىنى ئاياشنى ئېيتىپ پەندى- نەسىھەتلەر قىلىشتى.لىكىن بۇ پەندى -نەسىھەتلەر رۇستەمنىڭ قۇلۇقىغا كىرمەيتتى. ئۇ ھامان ئۆز دەردىنى ئىپادىلەپ قانلىق ياشلىرىنى تۆكۈش بىلەن بەنىد ئىدى. T j7i#o  
بۇ چەرخى پەلەك  ئۆز ئويۇنلىرى بىلەن ئادەملەرنى ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ.بىراۋ بىر قولىدا تاجۇ -تەخت،بىر قولىدا كەمەند تۇتۇپ چەكسىز ھوقۇق ئىگەللەپ تازا يۇقۇرىغا ئۆرلەپ تۇرغان چاغدا، بىردىنلا بوينىغا سىرتماق چۈشۈدۇ-دە، بۇ دۇنيادىكى مېھر بەرگەن بارلىق  ‹‹تاتلىق››نەرسىلىرىدىن قىيالمىغان ھالدا ئايرىلىپ  ئارمان بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. i0($@6Lh  
پەلەكنىڭ قىسمىتى شۇ بولسىمۇ ،لىكىن نادان ئىنسانلار شۇنچە كۆپكى خۇددى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلىپ ئۆلۈمىنى ئۇنتۇپ گۇناھلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدۇ.ئۆلۈم مۆھلىتى توشۇپ ئەجەل پەرىشتىسى ئامانەتنى ئالغىلى كەلگەندە بۇ دۇنيادىكى ھىچبىر نەرسىسى ئۇنى ھالاكىتىدىن دەقىقە بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇشقا رىغبەت قىلالماي ئاخىر  تۇپراققا يەم بولىدۇ.كىمىكى: ‹‹مەن تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيمەن›› دەپ پەلەك ئىشىغا قول سوزىدىكەن ئۇنى ئاقىل دىگىلى بولمايدۇ.ئۇ سېپى ئۆزىدىن نادان گول كىشىدۇر. bP`.teO\  
مەن پەلەك ئىشلىرىدىن مۇستەسنا ياشايمەن دىگەن كىشى كور ۋە گاس گاچا بولىۋالسا مەلۇم مەنىدىن مەقسىدىگە  يېتەلىشى مۈمكىن. VP$`.y  
رۇستەم پەندى نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي ھامان ياش تۆكۈپ نالە قىلاتتى،دەرتلىك پىچىرلايتتى.كېيىن ئۇ كاۋۇستىن تۇران لەشكەرلىرىگە ئامانلىق تىلەپ مۇنداق دىدى: d#N<t`  
-    ئەمدى مەن بۇيەردە تۇرالمايمەن.ئوغلۇمنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ يۇرتۇمغا قايتىپ ئۇنى دەپنە قىلمىسام بولمايدۇ.ئەمدى ھۇممان سوھرابتىن ئايرىلىپ بۇ چۆلدە يالغۇز قالدى. ئۇلارنىڭ يۇرتى يىراقتا قالدى. ئارىمىزدىكى ئاداۋەتلەرمۇ سوھراب بىلەن تۈگىدى. ئەمدى ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئاداۋەتلىشىشنىڭ  ئورنى يوق. شۇڭا سىلەرمۇ ئۇرۇش توختىتىپ قايتىپ كېتىڭلار. تۇرانلىقلارنىڭ ھىچنىمىسىگەچېقىلماڭلار. Ly?gpOqu5  
-    تىنىچلان ئەي پالۋانىم،    -دىدى كاۋۇس بۇ تەكلىپكە رازى بولۇپ     -   تەلىۋىڭگە  قوشۇلىمەن.مەن ئۇرۇش قىلمىساممۇ پەلەك ئۆزى ئۇلاردىن قىساس ئېلىپ بولدى.ئۇلار يامان نىيەت بىلەن ئىران يەرلىرىگە ئوت قويۇپ  ئادەم ئۆلتۈرۈش ،زىمىن ئىگەللەش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.ئۇلار سېنىڭمۇ مېنىڭمۇ دىلىمىزنى خۇن قىلىۋەتتى. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى.ئەمدى مەن ئۇلار بىلەن قايتا ئاداۋەتلىشىپ يۈرمەيمەن.ئۇلار يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ تىنىچ قايتىپ كەتسىلا  باشقا ھىچبىر زىيان زەخمەتكە   ئۇچرىمايدۇ. ;}b.gpG  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 61- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

رۇستەمنىڭ زابۇلىستانغا قايتقانلىقى Z 55iq  
  كاۋۇس لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ئىرانغا قايتپ كەتتى.رۇستەم ئۆز سىپاھلىرى بىلەن مەيداندا قالدى.رۇستەم ھۇممانغا تۇران لەشكەرلىرىنى تىنىچ قايتۇرۇپ كېتىشنى،ئۇنداق بولمايدىكەن بىرمۇ تۇرانلىقنىڭ تىرىك قايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن   زەۋارەنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن  رۇستەم ئۇنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ قايتىپ كەتمەي تۇرغان ئىدى. زەۋارە ئەزان ۋاقتى بىلەن قەلئەدىن ھۇمماننىڭمۇ قوشۇن چىكىندۈرۈپ تۇرانغا  قايتقانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى.ھەممە ئىش سوھرابنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدىكىدەك بولۇپ  كاۋۇسمۇ ،ھۇممانمۇ ئوڭۇشلۇق قوشۇن چېكىندۈرگەن تىنىچلىق ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. &B\tcF  
كاۋۇس رۇستەمگە ھەمكارلىشىپ سوھرابنىڭ جەسىدىنى زابۇلىستانغا يەتكۈزۈش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارغا ياردەملىشىش ئۈچۈن گېۋ قاتارلىق بىر قىسىم سەركەردىلەرنى ۋە مىڭدەك باتۇر لەشكەر ۋە خىزمەتچىلەرنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.رۇستەم ئۇلار بىلەن بىللە سوھرابنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ زابۇلىستانغا يۈرۈپ كەتتى. رۇستەملەردىن بۇرۇن سوھرابنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى زابۇلىستانغا يىتىپ بولغاچقا  پۈتۈن زابۇلىستانلىقلار رۇستەملەرنىڭ ئالدىغا پېشۋاز چىقتى. (كۈتۈۋېلىشقا چىقتى). LuQ4TT  
دىلىدا دەرت ئاتەش،ئاغزىدىن تۈتۈن چىقىرىپ لەشكەرلەر ۋە رۇستەم سوھرابنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ كېلىشەتتى. ئۇلۇغلار ماتەم بىلدۈرۈشۈپ باشلىرىغا توپا چېچىشاتتى.ناغرىلارنىڭ تېرىسى  شىلىۋېتىلگەن، ئاتلارنىڭ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن ئىدى. سام سوھرابنىڭ تاۋۇتىنى كۆرۈپلا  كۈمۈش يۈگەنلىك ئېتىدىن يەرگە چۈشتى. دەردى ئىچىگە سىغماي قالغان بىچارە رۇستەم خۇددى ساراڭدەكلا ھەر تەرەپكە يۈگرەيتتى.كىيىملىرى،ساۋۇتلىرى،دىلى مىڭ پارە ئىدى.تاۋۇت كۆتۈرگەن باتۇرلار  ساملارنى كۆرۈپ تاۋۇتنى يەرگە قويدى.زال زەر ۋە ساملار تاۋۇت يېنىغا كەلدى.رۇستەم كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ تاۋۇت ياپقۇچىنى ئاچتى. RwMK%^b  
بوۋىلىرى ياش سوھرابنىڭ جەسىدىنى ككرۈپ ئكزلىرىنى تۇتۇۋالالماي يىغكلىشىپ كېتىشتى.سوھرابنىڭ قىياپىتى بەئەينى سامنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇ خۇددى دۇنيا غەملىرىنى تەرىك قىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك تىنىچ ياتاتتى. رۇستەمنىڭ يۈرەك جاراھىتى قايتىدىن ئەۋىج ئېلىپ يەنە داد پەريادقا چۈشتى. $}0q=Lg%wv  
-    ئېھ خۇدا،ئەي ئادىل تەڭرىم ! مىنى قېرىغان چېغىمدا نىمىشقىمۇ پەرزەنىت داغىغا سالىدىغانسەن؟! مەن قېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىچە ،ئۇنى قالدۇرۇپ مېنىڭ جېنىمنى ئالغان بولساڭ بولماسمىدى؟!  ... F23/|q{{  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 62- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

زالغا بۇ ئىشلار راست ئەمەستەك، بىر يامان چۈشتەك تۇيۇلماقتا ئىدى.ئۇ تەئەججۈپ ئىچىدە مۇنداق دەيتتى: Q{6Bhx *>  
-    ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ بىر ئىش بوپتۇ.ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن گۆدەك بالدۇر  يېتىلىپ، چوڭ ئادەملەردىنمۇ  ئىگىزرەك بوي تارتىپ ،قولىغا چوڭ گۈرزە كۆتۈرۈپ لەشكەر باشلاپ ئۇرۇش قىلغىلى كەلسە،نامدارلار ئىچىدىمۇ ھەممىسىدىن ئۈستۈن نامدار بولۇپ كەتسە، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى نىمە دەپ بولغىلى بولار؟! ئەمدى تا دەۋرى قىيامەتكىچە بۇنىڭدەك باتۇردىن يەنە بىرى تۇغۇلمايدۇ. ko\VDyt,  
زال زەرنىڭ قايغۇسىمۇ رۇستەمدىن قېلىشمايتتى. بەزىلەر بوۋا بولغۇچى ئۈچۈن ‹‹پەرزەنىتتىنمۇ نەۋرىنىڭ ئوتى يامان›› دىيىشىدىكەن. سام بىلەن زال كۆزلىرىدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈشكەچ  سوھراب ھەققىدە تەرىپلەرنى قىلىشاتتى... W(ITs}O  
كېيىن ئۇلار يولنى داۋاملاشتۇرۇپ زابۇلىستانغا  يۈرۈپ كېتىشتى. 6}"P m  
سوھرابنىڭ تاۋۇتى رۇستەمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندى.مومىسى رۇدابەمۇ ئېتىلىپ چىقىپ نەۋرىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۆرۈپ قايغۇدىن ئۆزىنى تۇتالماي داد پەرياد سېلىپ يىغلاپ كەتتى.كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققاندەك بولۇپ ھەسرەت ئوتىدا  پۇچۇلۇناتتى.  شۇڭا سوھرابقا خىتاب قىلىپ ئاھ ئۇراتتى: ;Ut0tm  
  -ئەي شادىمان ئادەم! تاۋۇتتىن بېشىڭنى بىردەمگىنە چىقارساڭچۇ!، موماڭنىڭ ھالىنى سوراپ دەردىگە دەرمان بولساڭچۇ؟! '&,$"QXwE  
رۇدابەنىڭ داد- پەريادى زادىلا  بېسىلمىدى. ئۇ  تاۋۇت تۆپىسىگە  ئېسىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق پەرياد كۆتۈرەتتى: X[b=25Ct  
  -ئەي پالۋانزادە،كۈچلۈك شىر بالام!  ئەمدى سەندەك باتۇردىن ئەردىن يەنە بىرىنى جاھان كۆرمەيدۇ. قېنى ئېيتقىنا،گۆدەكلىك دەۋرىڭدە نىمە بولدى ساڭا؟ خۇشال بولۇپ كۈلۈپ ئوينايدىغان دەۋرىڭدە نىمە  قازا   كەلدى ساڭا؟! ياشلىق كۈنلىرىڭدە قارا يەر زىندانىغا كىرىپسەن.دۇنيانىڭ يورۇق سارىيىدىن غايىپ بولۇپسەن. ماڭا بىر سۆز ئېيتقىنا !ساڭا پەدەرىڭ نىمىلەرنى قىلدى؟! سەن گۆدەكنىڭ جىگىرىڭ نىمىشقا ۋاقىتسىز  پارە –پارە بولدى؟!... T!e ]=  
يىغىسى نالىسى ھىچ توختاي دېمەيتتى.ھەسرەت پىغانى جاھانغا سىغمىغاندەك پەلەككە ئۆرلەيتتى.پۈتۈن جان- جانىۋارلار رۇدابەنىڭ نالىسىگە چىدىماي ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلەتتى. -C]RFlV  
ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىمۇ رۇستەم دەرت ئەلەم ئىچىگە سىغمىغان ھالدا ئۆزىنى پەقەت بېسىۋالالماي ئىككى كۆزىدىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققۇزۇپ دەھشەتلىك نالە پەريادلارنى قىلاتتى. كۆزىگە كۆرۈنگەنلا نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ قىيامەت مالامىتى چىقىرىۋەتكەن ئىدى.ھىچكىمنىڭ دىلىدا ياكى چېھرىدە شادلىقتىن بىرەر ئەسەرنى دورىلىققىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. NXsDn&&O  
  تۇققانلار راسا يىغلاپ ئىچىنى بىراز بوشۇتۇۋالغاندىن كېيىن باتۇرلار جەم بولۇشۇپ تاۋۇتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى.تاۋۇتنى ئېچىپ كىپەننى يىرتىشتى.سوھرابنىڭ قۇياشتەك يۈزى، گۈلدەك بەدىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى.ئەقلى لال بولغان نامدارلار ئاھ تارتىپ يىغلىشاتتى. ئۇلارنىڭ  قايغۇ ھەسرىتىدىن پەلەكتىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپ كەتتى.سوھرابنىڭ يۈزىەە ككزى چۈشكەن ھەرقانداق قېرى- ياش،ئەر –ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېتىلىپ چىقىپ ياقىلىرى چاك بولاتتى. ئەقلىنى يوقىتىشقاندەك بولۇپ قاتىق يىغلىشىپ باشلىرىغا توپا سورۇيتتى. سوھرابنىڭ نۇر جامالىدىن تاۋۇت تاۋۇتقا ئەمەس شاھانە سارايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭدا شىر قامەت مەرد پالۋان ھەممىنى دەرت ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىپ قويۇپ غەمسىز ياتاتتى.ئۇنىڭ سام بوۋىسىنىڭكىدەك يوغان گەۋدىسى خۇددى ئۇرۇشتىن بىزار بولغاندەك ‹‹دەم ئېلىپ›› ياتاتتى. t%H g8oya  
تاۋۇت ئۈستى ۋە قاپقىقى يېپىلغاندىن كېيىن رۇستەم دىدى: n{JBC%^g  
  -پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇندىن بىر ھەيۋەت  مەقبەرە ياساپ سوھرابنىڭ جەسىدىگە زەر يىپەك ۋە ئىسىل كىمخاپلاردىن لىباس كىيدۈرەيلى.ئاندىن مەقبەرىنى مۈشكى – ئەنبەرلەر بىلەن ئاۋات قىلايلى.سوھرابىم مۈشكى ئەنبەرلەر ئىچىدە خاتىرجەم ياتسۇن. لىكىن مەن :‹‹ مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ مەقبەرىنى يامان نىيەتلىك كىشىلەر بايلىق تەمەسى بىلەن بۇلاپ ياكى ئوغرىلاپ سوھرابىمنى تىنچ ياتقىلى قويماسمۇ؟›› دەپ  بەك ئەنسىرەيمەن. lPyGL-Q  
بۇنىڭغا ساملار ياخشى ئەقىل كۆرسۈتۈشتى.ئۇد ياغىچىدىن چېپىپ تاۋۇت ياساشتى.تاۋۇتنىڭ زەنجىرلىرىنى ئالتۇندىن ياساشتى.ئاندىن سوھرابنى كىمخاپ لىباس بىلەن ئوراپ، تاۋۇت ئىچىگە كۆپ مىقداردا مۈشكى ئەنبەرلەرنى بىرگە سېلىپ ئۇنى شۇ زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە ناھايىتى ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىشتى. ?t++IEoP  
‹‹رۇستەم ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپتۇ›› دىگەن خەۋەر تېزلىكتە دۇنيانىڭ ھەممەيەرلىرىگە تاراپ كەتتى.بۇ خەۋەردىن ئالەممۇ قايغۇغا تولدى.خەۋەرنى كىممۇ ئاڭلىمىسۇن دىلى غەش بولاتتى. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن قەلبى چىدىغۇسىز ئەلەمگە قالغان رۇستەم كۆڭلىدىن  پۈتۈن خوشاللىقلىرى  كەتكەندەك كۈنلىرىنى  ئازاپ  ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. [: 
بۇ مۇدھىش خەۋەر ھۇممان ئارقىلىق تۇرانغىمۇ يېتىپ كەلدى.پۈتۈن تۇراننىڭ تاغ دەريا شەھەرلىرى ئادەملەرگە قوشۇلۇپ ماتەم تۇتۇشتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەفراسىياپمۇ قايغۇغا چۆمدى.بۇ ئۇنىڭغا بىر ئاچچىق ساۋاق بولغان ئىدى. Qa@b-v'by  
N9hs 

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 63- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-16

تەھمىنەنىڭ سوھرابنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر  تاپقانلىقى /)RyRS8c  
‹‹سوھراب ئۇرۇش مەيدانىدا ھالاك بوپتۇ !›› دىگەن خەۋەر ئاڭلانغان ھامان پۈتۈن تۇراندىن نالە پەرياد كۆتۈرۈلدى. 'fpm] *ig  
بۇ شۇم خەۋەر سەمەنگان شاھىغا يەتكەندە سەمەنگاننىڭ چوڭ- كىچىك، قېرى –ياش،ئەر-ئايال  پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ماتەم تۇتۇپ شاھىغا ئورتاقلاشتى.‹‹رۇستەمى داستان ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپتۇ›› دىگەن خەۋەر سوھرابنىڭ ئانىسى تەھمىنەگە ئاڭلانغاندا بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئانا ئازاپلىق چىرقىراپ شۇ ھامان  ھۇشىدىن كەتتى.ئەتراپىدىكىلەر گۇلاب چېچىپ ھۇشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ئەقلىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ ئېغىر دەرىجىدە ساراڭ بولۇپ قالغاندەك بولۇپ ئۆزىنىڭ يۈزلىرىگە ئۆزى چاڭ سېلىپ قىيما يارما قىلىۋەتتى. كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەتتا بەدەنلىرىنىمۇ تاتىلاپ ھىچ ساق يېرىنى قويمىدى.كۆزلىرىدىن قان ئورنىغا ياشلار ئېرىقتەك ئاقاتتى.گاھ تۇرۇپ داد سالسا، گاھ ھۇشىدن كېتىپ يىقىلاتتى.گاھى دەردى ئىچىگە پاتماي قالغانلىرىدا باشلىرىغا توپا سورۇپ ،بىلەكلىرىنىڭ گۆشلىرىنى چىشلەپ  ئۈزۈپ  تاشلاپ يېنىدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئالدىغا ئۇچرىغاننى تاتىلاپ، كۆزىگە كۆرۈنگەنلا نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ مەھشەر قوزغىۋېتەتتى.ئاغزىدىن چىققان ئوتلۇق ئاھى ئەگەر يانىدىغان نەرسىلەرگە چۈشسە ئوت كەتكۈدەك دەرىجىدە يالقۇنلۇق ئىدى.بەزىدە ئەسەبىلىكى تۇتۇپ قالغاندا چاچ ۋە بىلەكلىرىنى ئوت ئاتەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈپ بەدىنىنىڭ ساق يېرىنى قويمايتتى.سەمەنگەن شاھى قىزىنىڭ بۇ ھالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يېنىدىن قوغدىغۇچى ئالاھىدە خىزمەتچىلەرنى ئايرىماي كېچە كۈندۈز ئۇنى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى. *IBT!@*Q&  
تەھمىنەنىڭ سوھراب ئۈچۈن دادلاپ ئېيتقان ئازاپلىق نىدالىرىنى ئاڭلىسا تاشمۇ ئېرىپ سۇ بولۇپ كېتەر ئىدى: $ 9bIUJ  
  -ئاھ مەن ئاجىز ئانىنىڭ جېنى بولغان قۇدرەتلىك ئوغلۇم سوھراب! قېنى سەن؟! نىمىشقا قايتىپ كەلمەيسەن؟!تۈنۇ-سەھەر يولۇڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ خەۋىرىڭنى كۈتۋاتقىنىمنى بىلمەمسەن؟!سەن ئاتاڭنى ئىزدەپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭ؟! ئاتاڭنى ئىزدەپ تېپىپسەنۇ، يەنە نىمىشقا باشقا ياققا كېتىسەن؟! سەن ئاتاڭنى سېغىنغان بىلەن ئاتاڭ سېنى سېغىنمىغان ئوخشىمامدۇ؟! سېنىڭ يۈرىكىڭ گۆش بولغان بىلەن ئاتاڭنىڭ يۈرىكى تاش ئوخشىمامدۇ؟! سەن پەرىشتە چاغلىغان ئاتاڭ يالماۋۇز چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟!  سەن ئۇنىڭدىن ئاتىلىق مىھرى ئىزدەپ بارساڭ،ئۇ ساڭا دۈشمەنلىك خەنجىرىرىنى سانچىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟ پۈتۈن ئالەم خەلقى ئامراقلىق قىلىدىغان قىزىلگۈلدەك  يۈزۈڭگە قارا تۇرۇپ ئۇنىڭ قانداقمۇ تىغ ئۇرغۇسى كەلگەندۇ؟سەرۋىدەك قەددىڭ قانغا مىلىنىپ نىمجان ھالەتتە يەردە ياتقىنىدا  ئازراق رەھمىسىمۇ كەلمىگەنمىگەنمىدۇ؟!  ...سېنىڭدەك پالۋان ئوغلۇمنى يەر يۇتۇپتۇ دىسە،گۈلدەك  بەدەن قانغا بويىلپ كېتىپتۇ دىسە،رەھىمسىز ئاتا خەنجىرى جىگەرنى تىلىپتۇ دېسە،ئانا سۈتى  پۇرىقى ئاغزىدىن كەتمىگەن سەبى پاكىز بەدەن ئىگىسى كىپەندىن لىباس كىيىپتۇ دىسە،كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كېلىدۇ بالام؟!ئىشەنمەي دىسەم بالام ،ھەممە ئادەم شۇنداق دەۋاتمامدۇ بالام؟!ئەمدى بۇ دەردىمگە كىمنىمۇ چىللارمەن بالام؟! ئىچىمگە پاتماي قالغان دەرتلىرىمنى كىمگىمۇ تۆكۈپ بوشۇتۇۋالارمەن بالام؟!تەن ۋە جېنىم ئىدىڭغۇ بالام؟روشەن چىرىغىم ئىدىڭغۇ بالام؟سېنى گۆرگە ئۇزۇتۇپ بېغىم باغۋەنسىز قالدىمۇ بالام؟ ‹‹ئاتام قېنى؟›› دەپ ئاتا غەلۋىسى قىلىپ رەھىمسىز ئاتاڭنىڭ قولىدا ئەجەلگە مۇپتىلا بولدۇڭمۇ بالام؟ ئاتا مۇھەببىتىدىن ئۈمىتۋار بولۇپ، ئۈمىدىڭ ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ ئۈمىدىڭنىڭ قۇربانى بولۇپ، رەھىمسىز دۇنيادىن نائۈمىد كەتتىڭمۇ بالام؟ رەھىمسىز ئاتاڭ سېنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ ،قان ئىچەر بۆرىدەك قېنىڭغا خۇمار بولۇپ، ئۈستىڭدە خەنجىرىنى ئويناتقان چاغدا ‹‹مەن ئوغلۇڭمەن!››دەپ نىدا قىلمىغانسەنمۇ جېنىم بالام؟ ‹‹سەن قانداقچە مېنىڭ ئوغلۇم بولىسەن؟›› دەپ سورىغانلىرىدا ‹‹مانا بۇ مېنىڭ نىشانىم››  دەپ بىلىكىڭدىكى گۆھىرىڭنى كۆرسەتمىگەنسەنمۇ جېنىم بالام؟ ئوغلۇم ئاتىسىنى تونىيالماي قالمىسۇن دەپ ئاتاڭنىڭ پۈتۈن قىياپەتلىرىنى ئېسىڭدە قالغۇدەك دەپ بەرگەن ئەمەسمىدىم جېنىم بالام؟! ئاتاڭ بلەن قەڭدە ئۇچراشقانلىرىڭدا ‹‹سىز كىم بولىسىز ؟›› دەپ سوراپ تونۇشلۇق بەرمىگەنسەنمۇ جېنىم بالام؟ مانا بۈگۈن ئاناڭنىڭ  دەردى ئاشتى،دىلىدا قايغۇ قىيان بولۇپ  تاشتى،يۈزلىرى زەھەر ئىچكەندەك تېز سولاشتى،بۇنىڭدا مەن ئانىڭىزنىڭمۇ قاۋاپكارلىقى يوقمىدۇ جېنىم بالام؟ سىزنى خەق بىلەن يولغا سېلىپ قويغۇچە، ئۆزۈم سىز بىلەن  بىللە بارغان بولسام، بۇ دەرت ئەلەملەرگە قالماس بولغىيمىدۇق جېنىم بالام؟  ئاتىڭىز سىزنى تونىمىغان بىلەن مېنى يىراقتىن كۆرسىمۇ  تونىيالايتتى ئەمەسمۇ جېنىم بالام؟سىز بىلەن توتۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ مەن كۆزىگە كۆرۈنگەن بولسام خەنجىرىنى چۆرۈۋېتىپ ئىككىمىزنى قۇچۇقىغا ئېلىپ ‹‹بالامممۇسىز؟››دەپ يىغلاپ كېتەتتى ئەمەسمۇ جېنىم بالام؟... zT$-%  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 64- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-16

تەھمىنە قوشاق قېتىپ يىغلاپ بولۇپ يەنە چاچلىرىنى يۇلۇشنى باشلايتتى.ئاھ ۋە نالىلىرى يەنە ئۇلغۇيۇپ ئۆزىنى تاملارغا ئۇرماق بولاتتى.خىزمەتچىلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا  تەسەللى بېرىپ مىڭ بالالىقتا ئۆزىنى نابۇت قىلىشتىن توساپ قالاتتى.ئۇنىڭ مۇڭلۇق نالىلىرىنى تاش يۈرەكلەر ئاڭلىسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ كېتەتتى.شۇ يوسۇندا ھەر كۈنى نەچچە رەت ھۇشىدىن كېتەتتى.، نەچچە رەت‹‹ ساراڭ››لىقى تۇتۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولاتتى.بۇ  قىلىقلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ يۈرىكى ئېزىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلىشاتتى.ئۇيقۇدىن،تاماق ۋە سۇدىن،خوشال خوراملىقتىن ،ۋە باشقا كۆڭۈلگە ئارام بېغىشلايدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى تەرىك قىلىپ غەم ۋە نالە بىلەنلا بولۇۋالغاچقا ناھايىتى تېزلا ياداپ ئورۇقلاپ، تىرىك مۇردىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.مەيلى كېچە مەيلى كۈندۈزى بولسۇن سوھراب خىيالىدىن  مىنۇتمۇ نېرى بولمايتتى. Z"c e1cB  
ھۇممانلار سوھرابنىڭ تۇلپارىنى ۋە ئۇرۇش قوراللىرىنى تەھمىنەگە  ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى.ئۇ نەرسىلەرنى ئوغلىنى كۆرگەن كۆزى بىلەن كۆرۈپ كىچە كۈندۈز يېنىدىن كەتمەيتتى. سوھرابنىڭ تاجىغا نەزەر تاشلىسا، كۆز ياشلىرى لالە رەڭگە كىرىپ تاج قان بىلەن بويۇلۇپ كېتەتتى.سوھرابنىڭ بوش قالغان تەختىنى كۆرگىنىدە :‹‹سەرۋى قامەت ئوغلۇم سوھراب قېنىسەن ؟تەختىڭ بوش تۇرۇدىغۇ؟!››دەپ سوھرابنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ ھۇشىنى يوقۇتاتتى.سوھرابنىڭ ئېتىنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇنى كەلتۈرۈشتى.تەھمىنە ئاتنىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ يەنە يامغۇردەك ياش تۆكۈپ پىغان كۆتۈردى. تەھمىنە خۇددى  سوھرابنى كۆرگەندەك بولۇپ تۇلپارنىڭ گاھ يايلىغا،گاھ يۈزىگە سۆيۈپ كېتەتتى.قانلىق ياشلىرى ئاتنىڭ تۇۋاقلىرىغا،يەرلەرگە ئېقىپ  چۈشۈپ يەرنىڭ رەڭگىنىمۇ لال رەڭگە ئۆزگەرتەتتى. قاراپ تۇرغانلار بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇشۇپ جىمجىت تۇرۇپ قېلىشتى.تەلىپىگە بىنائەن سوھرابنىڭ شاھانە لىباسلىرىنى ئېلىپ كىلىۋىدى.ئۇنى خۇددى ئوغلىنى قۇچاقلىغاندەك بولۇپ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.يەنە سوھرابنىڭ نەيزە،قىلىچ،گۈرزە،كامان،ۋە قالقانلىرىنى ئېلىپ كىلىۋىدى، ئۇلارنىمۇ بىر بىرلەپ قۇچاقلاپ ياكى سىلاپ يىغلاپ كەتتى.يەنە سوھرابنىڭ جەڭ ۋە ئوۋدا ئىشلىتىدىغان سەكسەن غۇلاچلىق ئارغامچىسىنى ئەكىلىۋىدى، ئۇنى كۆرۈپ چاچلىرىنى يۇلۇپ پەرياد كۆتۈردى.دوبۇلغا ساۋۇتلىرىنى ككرەىنىدە بولسا ‹‹ئەي شىر ئوغلۇم،قېنىسەن؟ساۋۇتنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدىڭمۇ؟ ئاناڭنى قان يىغلىتاي دىدىڭمۇ؟››دەپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنشلىق يىغلاپ كەتتى. 7E0L-E=.  
كېيىن تەھمىنە سوھرابنىڭ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇلپارنىڭ يايلىنى ۋە قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىنى كەستى. بارلىق دەرۋىش ۋە تىلەمچىلەرگە سەدىقە تارقاتتى.سوھرابنىڭ زەر كىيىملىرى،ئات ئۇلاقلىرىنى،ۋە شاھانە تەختىنى ئېلىپ چىقىپ ئىگىز يار ئۈستىدىن پەسكە تاشلاتقۇزدى.ساراينىڭ ئىشىكلىرىنى قارا رەڭدە بوياتقۇزدى. سوھراب ئۈچۈن سالدۇرغان بىنانىڭ پەشتاق ۋە راۋاقلىرىنى مىڭ پارە قىلغۇزۇپ چاقتۇرۇۋەتتى.سوھراب جەڭگە بېرىش ئالدىدا بەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان بەزمىخانىسىنىمۇ تەلتۆكۈس بۇزدۇرۇۋەتتى. سوھرابقا تەۋە بارلىق نەرسىلەرنى شۇنداق يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە كۆپ -كۆك لىباس كىيىپ قارىلىق تۇتتى.ككزلىرىدىن قانلىق ياشلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ باقمىدى.ھىچكىمنىڭ تەسەللىلىرى،ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئاسراپ قېلىش يۈزىسىدىن سالدۇرغان راۋاق،ئەھيا قىلغان باغۇ- ئېرەم،ئىسىل ساراي،قىممەتلىك كىيىم كېچەك زىبۇ زىننەتلىرى ، ئويۇشتۇرۇپ بەرگەن كۆڭۈللۈك سورۇنلىرى،تەرەپ تەرەپلەردىندانىشمەن تىۋىپ  ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كېلىپ داۋالىتىىشلىرى قىلچە كار قىلمىدى.سوھرابنىڭ قايغۇ ماتىمىنى بىردىنبىر ھەمراھ قىلىپ ئازاپ ئىچىدە ياشاپ، ئوغلىدىن يېرىم يىلچە كېيىن ئۇمۇ بۇ ۋاپاسىز دۇنيانى تاشلاپ  ئوغلى بىلەن كۆرۈشكىلى باقى دۇنياغا سەپەر قىلدى.ئۇنىڭ  ۋاپاتىدىن كېيىنكى تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغاندەك كۆرۈنگەن  چىرايىنى كۆرگەن كىشى تەھمىنەنىڭ روھى ئوغلىنىڭ روھى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتۇ  دەپ ئويلاپ قالاتتى. YgiLfz iT  
شىرىن سۆزلۈك دانالاردىن بەھرام مۇنداق دىگەن ئىكەن: Z~X\Z.  
   -كىمىكى مۇردىلار ئەلىمىنى دىلىدىن نېرى قىلماي ،ئازاپنى دوست تۇتۇدىكەن ؛ئۆزىمۇ بۇ دۇنيادىن كېتىشكە ئالدىراپ، مۇردىلار دەرگاھىغا بېرىپ قالىدۇ.بۇ ئەبەدىلىك يولغا تەييار بول!ھازىرلىق كۆر.ئاتاڭ ئۆز نۆۋىتىنى ساڭا بەرسىمۇ،ئۆزىمۇ بۇ نىسىۋىدىن قۇرۇق قالمايدۇ.بۇ دۇنيا مانا شۇنداق بىر دۇنيا ،ئۆلمەسلىك ئۈچۈن بىھۇدە ئۇرۇنۇپ ھەرقانچە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغانلارمۇ ئاخىر ئۆلۈمنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئەلمىساقتىن بۇيان مىڭلىغان ئالىملار ۋە جاھانگىر شاھلار   ئۆلمەسلىك ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشقان،ئىزدەنگەن،بۇ يولدا ھەددى ھېساپسىز پۇل مال دۇنيا سەرىپ قىلغان بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان.دىمەك، ھىچكىم ئۆلۈم سىرى قەسرىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمايدۇ. Kivr)cIG  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى