مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5100 
  •    ئىنكاس 
       64 

رۇستەم ۋە سوھراب(شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 24- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

كاۋۇسنىڭ رۇستەمگە غەزەپلەنگەنلىكى  Nj+a2[  
رۇستەملەر ئىرانغا يىتىپ كېلىشكە بىر كۈن قالغاندا ئىراننىڭ مەشھۇر باتۇرلىرىدىن گۇدەرىز،كەشۋادۇ،تۇس قاتارلىقلار  قوشۇن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى.ئۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى. پىيادە مېڭىپ كېلىپ بىر بىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈپ  ئۆز ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. yq?]V7~   
رۇستەممۇ ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە بولۇپ كەلگەن باتۇرلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ھال مۇڭ قىلىشتى. 69>/@<   
كېيىن قايتىدىن ئاتلىرىنى مىنىشىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاۋۇسنىڭ  ھوزۇرىغا مېڭىپ كېتىشتى. GQb i$kl  
رۇستەملەر  ئىرانغا كىلىپلا ھاردۇقمۇ ئالماستىن خۇشال- خورام ھالدا  كاۋۇسنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ تەختى ئالدىدا يەر سۆيۈپ  ئۇنىڭغا قۇللۇق بىلدۈردى. لىكىن ئۇلارنىڭ كىچىكىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەن باغرى تاش كاۋۇس تەتۈر قاراپ،ئۇلارنىڭ ھۆرمەت سالىمىغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ  ئولتۇردى.چىشلىرىنى غەزەپلىك غۇچۇرلىتىشلىرى قۇترىغان ئارسلاننى ئەسلىتەتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ رۇستەملەرنىڭ ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكى ،شاھ پەرمانىنى مەنسىتمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقى  كەلگەن بولۇپ ،ئاچچىقى ئەقلىنى كېسىپ قويغان،رۇستەمنىڭ بۇرۇن ئۆزىگە قىلغان ساناقسىز ياخشىلىقلىرىنى، جۈملىدىن نەچچە قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقلىرى،ئېلىپ كىلىپ شاھلىق تەىتىەە ئولتۇغۇزغانلىقلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.ئۇلارنىغۇئۇنتۇپ قالسۇن ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتنى سوھرابقا تەڭ كېلەلمەي رۇستەمگە مۇھتاج بولۇپ چاقىرتىپ كەلگەنلىكىنى،ھازىر رۇستەم بولمىسا بولمايىدىغانلىقىنى تەقدىرىنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغانلىقىنى نىمىشقا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ؟! E>E*ZZuhj  
كاۋۇس رۇستەمگە قارىمىدى.ئىلتىپاتمۇ كۆرسەتمىدى.شاھلىق ھوقۇقىنى پەش قىلىپ قورقۇتۇپ قويماقچى بولغاندەك گېۋگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن پەرمان چۈشۈرۈپ كەتى: rvwa!YY}  
-رۇستەم دىگەن كىمكەن ئۇ مېنىڭ ئالى پەرمانىمنى ئاياغ ئاستى قىلىپ،ھوزۇرۇمغا  چاقىرتسام ۋاقتىدا كەلمەي كىچىكىپ كېلىشكە پېتىنىدىغان! ھازىر قولۇمدا قىلىچ بولغىنىدا ئىدى.نەق مەيداندىلا بېشىنى كىسىپ، پەرماننى ئاياغ ئاستى قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلاتتىم. جاللاتلار،قېنى سىلەر ! تۇتۇڭلار بۇنى! دەرھال ئېلىپ چىقىپ دارغا ئېسىپ  ۋاقتىدا كەلمىگەنلىك،شاھ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقنىڭ جازاسىنى بېرىڭلار! K4:  $=  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 25- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

بۇ پەرماندىن گېۋ تولىمۇ خىجالەتتە قالدى.شۇڭا ئۇ شاھقا قاراپ ئىلتىجا قىلدى: Su7bm1  
-    ئەي شاھىنشاھ، بولدى قىل،غەزىپىڭنى بېسىۋال.رۇستەمنى بۇنداق خىقىل قىلىۋەرمىگىن! ;SY\U7B\  
شاھ ئىلتىجاغا قۇلاق سالمىدى.كىرگەن جاللاتلارمۇ يېقىن كىلىشكە پېتىنالماي يىراقتىن قارىشىپ تۇرۇشتى. XKS8K4"  
نەدىمۇ ئىتلار شىرنى تالاپ ئۆلتۈرەلەيدىغان ئىش بار.قاللاتلار رۇستەمگە ئېسىلغان ھامان ئىش بۇزۇلاتتى.غەزەپكە كەلگەن تەھەمتەن قىرغىنچىلىقنى قاللاتلاردىن باشلاپ قالسا چاشقانچىلىك جېنى بار كاۋۇسمۇ ئامان قالمايتتى.بۇ ھالدىن رۇستەم بىلەن گېۋنىڭ غەزىپى قوزغالدى.ئەتراپتىكى ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ ئەقىلسىزلىك بىلەن چىقىرىلغان بۇ پەرمانغا رازى ئەمەس ئىدى. , jU5|2  
جاللاتلار بىلەن گېۋنىڭ پەرماننى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ  كاۋۇس چىكەتكىدەك سەكرەپلا كەتتى ۋە رۇستەمنى ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى ئەمدى  باھادىر تۇسقا چۈشۈردى.تۇسمۇ ئىندىمەي قاراپ تۇرىۋەردى.كاۋۇسنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ كەلدى.ئۇ خۇددى توقايدا راسا تۈتەپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك چاراسلاپ كەتتى.رۇستەم بۇ ھالدا كاۋۇسنىڭ ئالدىدا تۇرىۋەرسە بېرىپلا كانايدىن  ئېلىپ بىرلا سىقىپ دۇنيادىن يوق قىلىۋېتىشى،ئوردىدا ئىچكى نىزا چىقىشى تەبىئى ئىدى.كاۋۇس ئەقىلسىزلىكىدىن تېخىچە قالمايۋاتاتتى. رۇستەمنىڭ چىرايىنىڭ قېنى قېچىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغان تۇس ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ كىلىپلا رۇستەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئەتراپ قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيۇلغاندەك جىمجىتلىققا چۆكتى. 4CrLkr  
تۇس رۇستەمنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تەسەللى بەرمەكچى،ئەپۇ سوراش،كۆڭۈل قويۇش ئارقىلىق شاھ بىلەن كىلىشتۈرۈپ قويماقچى بولغان ئىدى.لىكىن بۇ چاغدا رۇستەمنىڭ غەزىپى قوزغۇلۇپ بولغان ئىدى: S\=1_LDx"  
  -ئەي ئەقىلسىز، نىمانچە تۈتەپ يانىسەن! ھازىر ئۆزۈڭنىڭ قانداق خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغانلىقىڭنى، بۇرنۇڭغا ئۆلۈمىڭ پۇراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ،ئىشلىرىڭنىڭ بىرىدىن بىرى بەتتەرلىشىپ ،خۇددى كۈچلۈك دولقۇندا ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئاجىز كېمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىڭنى تېخىچە چۈشەنمىدىڭمۇ؟ ۋەزىيەتنى بىلمەي كۆپچىلىك ئالدىدا بۇنچىۋالا رەسۋالىشىپ يۈرسەڭ بۇ ساڭا يارىشامدۇ؟! مەن ئەسلى ۋاقتىدا كېلەتتىم.سېنىڭ مۇشۇنداق يۈزسىزلىكىڭنى،تۇترۇقسىزلىقىڭنى،ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان نامەرت ئادەملىكىڭنى بىلگەچكە كېلىشكە ئالدىرىمىدىم.مەن بۇ يەرگە سېنى دەپ ئەمەس ۋەتەننى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم .بەك ئادەم ئۆلتۈرگىڭ كەپ كەتكەن بولسا بېرىپ، ھېلىقى سوھراب دىگەننى تىرىك تۇتۇپ كېلىپ شۇنى دارغا ئاس.شۇنى بىلىپ قوي.پۈتۈن رۇم،سەكسار،مازەندىران،مىسىر،چىن،ھەماۋەران،ھەتتا تۇرانلارمۇ مىنىڭ تۇلپارىم ئالدىدا بەندە! ھەرقاندىقى قىلىچىم ئالدىدا شەرمەندە! شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىنكى ئۆزۈڭمۇ مەن بولغاچقا بۈگۈنگىچە ھايات تۇرالىدىڭ.كىچىك بالىدىنمۇ ئۆتە ئەقىلسىزلىك قىلىپ جىددى ۋەزىيەتتە دۈشمەن غېمىنى يىمەي نىمە مىنىڭ قېنىمغا خۇمار بولۇپ قالدىڭ! tU :EN;H  
رۇستەم تۇسنىڭ ياخشى نىيىتىنى چۈشەنمىگەن ،بايا كاۋۇسنىڭ بەرگەن پەرمانىغا بىنائەن مىنى جازالاشقا ئېلىپ چىقماقچى دەپ ئويلاپ قاتتىق غەزىپى قوزغالغان ئىدى.شۇڭا  ئاچچىقىدا بىرنى ئۇرۇۋىدى، تۇسنىڭ رۇستەمنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرغان قولى ئۈزۈلۈپ كەتتى.ئۇ خۇددى قۇترىغان شىردەك ئاچچىقلاپ ئىڭراپ ياتقان تۇسنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ تۇلپارى تامان ماڭدى.بېرىپ ئېتىغا مىنىپ بولغاندىن كېيىن غەزىپىنى باسالماي كاۋۇسقا قاراپ  شۇنداق نىدا قىلدى: b~w=v_[(I  
   -ئەي كاۋۇس،بىلەمسەن شۇنى!مەن گويا تاجى-دۆلەت  بەخش قىلغۇچى قۇدرەتلىك شىرمەن.مەن بۈگۈن غەزىپىم كۈچىدىن چۇقان كۆتۈرىمەن.ھەقنى تونۇمىغانلارغا ھەقنى تونۇتىمەن.مەن كىم؟!  سەن شاھ كاۋۇس كىم؟!ماڭا قول كۆتۈرۈشكە پېتىنغان ئاۋۇ  تۇس كىم؟ سەن مەندىن شاھلىق تارتىۋالارمىكىن دەپ قىلچە ئەنسىرىمە! مىنىڭ شاھلىقتىن تامايىم يوق.سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن باھادىرلار ماڭا‹‹ شاھ بول›› دىيىشتى.ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزماق بولۇشتى.لىكىن مەن شاھلىق تەختىگە قىلچە قىزىقمىدىم.قىزىققان بولساممەن تۇرۇپ  ساڭا بۇ شاھلىق تەختى  نەدىتى؟! مەن شاھلىقتىن ئەركىن ياشاشنى، كۆڭلۈم خالىغان يەرگە بېرىپ ،كۆڭلۈم خالىغان يەردە تۇرۇپ،جاھاننى سەيلى قىلىشنى،ھايات پەيزىنى سۈرۈشنى ياخشى كۆرۈمەن.مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم شاھمەن. مىنىڭ لەشكىرىم يوق،لەشكەرگە ئىھتىياجىممۇ يوق.مىنىڭ غەلىبە زەپىرىم بىلىكىم كۈچىدە.تۇلپارىم ئىگىرى مېنىڭ  شاھلىق تەختىم.تۇلپارىم مېنىڭ خەلقىم- زىمىنىم.دوبۇلغام شاھلىق  تاجىمدۇر.گۈرزەم بولسا ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان  شاھانە تامغا!  شەمشىرىم تىغى گېزى كەلسە قارا تۈننىمۇ شولىدار قىلىدۇ. ھىچبىر دۈشمەن ماڭا ئاسانلىقچە چېقىلالمايدۇ.دۈشمەنگە دۇچ كەلسەم باش چېقىپ،باش ئۈزۈپ،شۇدىگەلىكنىڭ داڭگاللىرىغا قېتىۋىتىمەن. O9"/ kmB  
مەن كاۋۇسنىڭ قۇلى ئەمەس.بەلكى ئىسىللەر زاتىدىنمەن.مىنى قۇل دىيىشكە توغرا كەلسە پەقەت ياراتقان ئاللاھنىڭلا قۇلىمەن. hgj <>H|  
كېيىن رۇستەم يەنە ئەتراپتا تۇرغان ئىرانلىقلارغا قاراپ شۇنداق خىتاپ قىلدى: 2 =iH$v  
  -مەن گېۋنىڭ مەلۇماتى بىلەن سىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغىلى كەلگەن ئىدىم.ئەقىلسىز كاۋۇس،قەدرىمنى قىلماي مېنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرمەكچى بولدى.شۇڭا قايتىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدىم.مېنى ئۆلتۈرۈشكە پېتىنغان ‹‹باتۇر›› كاۋۇسنىڭ چوقۇم سوھرابنى يىڭەلەيدىغان كۈچ قۇدرىتى بار.ئەمدى ماڭا ئەمەس ئۇنىڭغا تايىنىڭلار.ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، سوھراب كەلسە ياشنىمۇ قېرىنىمۇ قىرىپ تاشلايدۇ.ھىچكىمنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا ھازىردىن تارتىپ ئەقلىڭلارنى قوماندان قىلىپ بېشىڭلارنى ئامان ساقلاشنىڭ كويىغا چۈشۈڭلار.مىنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار. مەن قايتىپ كېتىمەن. 5Qh ?>n>*  
رۇستەم شۇنداق دەپ بولۇپلا ئېتىغا قامچا سېلىپ جامائەتنىڭ كۆزىدىن يوقالدى. CAD@XZSh  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 26- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

ئىرانلىق باتۇرلار ۋە ئوردا ئەھلى بۇ كۆڭۈلسىز يىغىلىشتىن دىلى پاراكەندە بولۇپ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپلا قېلىشتى.ئۇلار ئەقىلسز ئەمەس ئىدى. ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتنى،رۇستەمنىڭ ئىران ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشەتتى.پۈتۈن ئىران لەشكەرلىرى بىر توپ پادا بولسا رۇستەم چوپان ئىدى.ھازىر بۇ پادىغا شىرلار خرىس قىلىپ كەلمەكتە.ئاقىز پاقلاندىن بىرىنى سەركە قىلىپ دۈشمەن ئالدىغا چىقىرىپ قويسا ئۇ شىرلارنى قانداقمۇ توسىيالىسۇن؟! ~w8JH2O  
ئۇلۇغلار ۋە ئىران باتۇرلىرى شاھ ھوزۇرىدىن چىقىپ گۇدەرىزنىڭ ئۆيىگە   يىغىلىشىپ  ھەممىسى دىگۈدەك  شاھنى ئەيىپلەشتى.ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتكە  قانداق تاقابىل تۇرۇش،رۇستەمنى قانداق قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەر قىلىشتى.كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك  گۇدەرىزنى رۇستەمنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ دەپ قارىشىپ  ئۇنىڭغا مۇراجەت قىلىشتى: YW u cvw&  
  -ئەي گۇدەرىز،بۈگۈن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتتى.بىزنىڭ بىلىشىمىزچە رۇستەم بىلەن سېنىڭ خېلى قاتتىق دوستلۇق بۇرادەرچىلىكىڭ بار.رۇستەم بۇنداقلا خاپىلىق بىلەن كىتىپ قالسا بولمايدۇ.بىز ئۇنى خاپا قىلىش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلگەنمىدۇق.ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش بىزدىن قالغان كۆڭلىنى  ئېلىۋېلىش،يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاداۋەت تۈگۈچىنى چاپسان يېشىۋېتىش كېرەك.بۇ ئىشلار پەقەت سېنىڭ قولۇڭدىنلا كېلىدۇ.سەن ئالدى بىلەن ئەقىلسىز دىۋانە شاھنىڭ يېنىغا بار.رۇستەمنى قايتۇرۇپ كېلىش،كۆڭۈل سوراش،ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ ئىشقا قويۇش،توسقۇنسىز كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۅرلىكىنى تونۇتقىن. Urr#N  
گۇدەرىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار شاھنى ئەيىپلىشىپ رۇستەمنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ياخشىلىقلىرىنى يادىغا ئېلىشتى. B(xN Gs  
  -قانداق دىگەن شاھ بۇ،نە باتۇرلارنى،نە سىپاھلانى قەدىرلەشنى بىلمىگەن. W @ |6nPm  
  - شۇ ئەمەسمۇ، بۇرۇن كاۋۇسنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە جېنىنى ئايىمىغان ،بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە تازا ئەسقاتقان رۇستەمگە بىردىنلا يۈز ئۆرۈپ ئۆلۈمەە بۇيرۇغىنى نىمىسى؟ A+hT3;lp  
   -مازەندىراندا دىۋىلەر قولىغا چۈشۈپ قالغىنىمىزدا ئۇ بېرىپ دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ بىزنى دىۋىلەرنىڭ زۇلمىدىن ۋە خارلىق ئىچىدىكى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان ئەمەسمىدى؟! E|'h] NY  
  -شۇنداق ئۇ مازەندىراندا بىزنىڭ قىساسكارىمىز بولغان.دىۋىلەر بىلەن  خەتەرلىك جەڭلەرنى قىلىپ ھەممىمىزنى قۇتۇلدۇرغان،كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان شاھقا دىۋە سەپىدنىڭ جىگىرىنى يىگۈزۈپ قايتا يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان ئەمەسمىدى. Z R/ #V7Pj  
  -ھەماۋەراندىمۇ شاھ رۇستەمنى ساقلىمايلا ئۇرۇشقا كىرىپ  رۇملۇقلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.كېيىن رۇستەم شۇ يەرگىمۇ ئېتىنى قامچىلاپ بېرىپ  ،نەچچە ھەپتىلەپ مۈرىسى يەر كۆرمەي قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ ، نەچچە مىڭلىغان رۇم قەيسەرلىرىنى قىرىپ يەنە بىر قېتىم ئۆلۈپ بولغان شاھنى قۇتۇلدۇرۇپ تەخت ئۆزرە چىقارغان ئەمەسمىدى. 8JmFi  
  -شاھتىن كۈچلۈك،ئۇنىڭدىن ئابرۇيلۇق، شاھنىڭ قۇتقازغۇچى نىجاتكارى تۇرۇپ قىلغانلىرىغا قىلچە مىننەت قىلماي ئەدەپ ئەخلاق يۈزىسىدىن دائىم شاھ ھوزۇرىغا كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلماي شاھقا قۇللۇق بىلدۈرۈپ يەر سۆيۈپ تازىم قىلاتتى.ئەمدى ئۇنىڭ مۇكاپاتى دار بولدىمۇ؟! s(X;Eha  
  -بۇ شاھتىن مىنىڭمۇ رايىم يېنىپ كەتتى.بىزمۇ رۇستەمدەك ئۇنى تاشلاپ كېتەيلىمۇ؟! 3U_2!zF3_  
   -ياق،تاشلاپ كەتسەك بولمايدۇ.ئۇنى تاشلىۋەتكىنىمىز،ۋەتەننى تاشلىۋەتكىنىمىز،دۈشمەننى ئۆز ھويلىمىزغا بىمالال باشلاپ قويغۇنىمىز بولىدۇ. k'0Pi6  
  -شۇ ئەمەسمۇ.ئىران ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى،ھەممىمىزنىڭ ئۇنى قوغداپ قېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار! -D6exTxh"  
  -شۇڭا بىرلىكتە ئەل غېمىنى يەيلى،شاھنى پەيلىدىن ياندۇرىدىغان،رۇستەمنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئىشنى قىلايلى.بولمىسا ھەممىمىز تەڭلا تۈگىشىمىز. u\eEh*<7q  
... yj^+ G  
گۇدەرىز يالغۇز قېلىپ پۇشايماندا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ تۇرغان كاۋۇسنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلىدى: /7gOSwY  
  -ئەي شاھىم،بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى؟ رۇستەمنى نىمە ئەيىپى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇيسەن؟ نىمىدەپ تەستە چاقىرىپ  كەلگەن قۇتقازغۇچى نىجاتكارىمىزنى يەنە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىسەن؟ مازەندىران قەلئەسى ۋە ئۇ يەردىكى دىۋىلەر ئېسىڭدىن چىقتىمۇ؟ ھاماۋەراندىكى قانلىق جەڭ ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قالدىمۇ؟ ھەممىسىدىلا رۇستەم بىزنى ئۆلۈمدىن خالاس قىلمىدىمۇ؟ ئۇ بولمىغان بولسا بۈگۈنگىچە ياشىيالامتۇق؟ قۇدرەتلىك بىر ئەل بولۇپ دۈشمەننى تىترىتەلەمتۇق؟ مانا يېڭى دۈشمىنىمىز سوھرابقىمۇ تاقابىل تۇرۇشتىن قورقۇپ ھىچكىم مەيدانغا چىقالمىدىغۇ؟ ئەشۇنداق قۇدرەتلىك باتۇرى،قۇتقازغۇچى ھىماتقكارى بار قايسى شاھ ئۇنداقلارنىڭ قەدرىنى قىلماي ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ؟ ئەفراسىياپمۇ مىليۇنلاپ ئەسكىرى بار چاغدا بىزگە چېقىلالماي مانا ئەمدى سوھرابقا ئېرىشكەندە بىزگە مۇشت ئېتىشقا، زىمىنىمىزنى تارتىۋېلىشقا پېتىندىغۇ؟ ھازىر سوھراب توسقۇنسىز بىر بۆرىگە، بىز بولساق تايانچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشاپ قالدۇق.بىزنىڭ ئىشەنگەن بۆرىمىز گەجدەھەممۇ  بۇ بۆرىگە تەڭ كېلەلمەي قوتاننى تاشلاپ قاچتى.قالغانلارمۇ شۇنداق قاچقىلى تۇرسا بىز بۇ بۆرىنى قانداق يوقۇتىمىز؟ بىزنىڭ مەن بىلمەيدىغان باشقا قۇدرەتلىك باتۇرىمىز بارمۇيە؟ شۇ تاپتا ساڭا ئىران باتۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تونۇيدىغان،شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ جەڭ ماھارىتىدىن تولۇق خەۋىرى بار  ،دۈشمەننىڭ كۈچ قۇدرىتىنى كۆرگەن ۋە سىناپ باققان  گەجدەھەمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئېسىڭگە سالغۇم كېلىۋاتىدۇ:‹‹سوھرابقا دۇچ كەلگەنلىك-ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىق بولىدۇ.›› مۇشۇنداق پەيتتە ئەقلى پۈتۈن قانداق كىشى رۇستەمدەك جەڭچىگە ئازار بېرىدۇ؟ / X1 x  
كاۋۇس ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاچچىقلاپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى.كايىي دىسە گۇدەرىزنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ بەرى راست ئىدى.ئۇ ئۇزاق ئويلۇنۇپ ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.قىلغان سۆزلىرى ۋە ھەركەتلىرىدىن قاتتىق ئۇيالدى.شۇڭا جاۋاپ بېرپ شۇنداق دىدى: "~'b  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 27- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

-ئەي دانىشمەنلەر پىرى،سۆزۈڭ ھەق!‹‹شاھ بېشىدا ئەقىل ئىدراك بولمىسا ئىش بۇزۇلىدۇ.›› دەپ قېرىلار پەندى نەسىھەت قالدۇرۇشقان ئىكەن.مەن بۈەۈن بۇنىڭغا رۇئايە قىلماي تېرىككەكلىك قىلىپ چوڭ ئىشنى بۇزۇۋېتىپتىمەن.دوستنى خاپا قىلىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئەخمىقانلىقنى سادىر قىپتىمەن.سەن ئەمدى بۇزۇلغان ئىشنى تۈزىگىن.تەھەمتەننىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكىن.ئۇنىڭغا مىھرىبانلىق بىلەن ياخشى سۆز قىلىپ قايتۇرۇپ كەلەىن.مىنىڭ ئەقىلسىزلىك بىلەن تېررىكىپ ئىتتىكلىك قىلغىنىمنى كەچۈرىۋەتسۇن.توڭ سۆزلىرىمنى ئۇنتۇپ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلۇسۇن. ئۇنى  قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئېلىپ كېلىپ مىنىڭ بىلەن ياراشتۇرۇپ  قويغىن.بېشىدىن ئالتۇن تىللالارنى چاچقۇ قىلىپ ياغدۇرۇپ كۆڭلىنى يورۇت. s6@DGSJ  
گۇدەرىز ئۇنىڭ پەرمانىغا ماقۇل بولۇپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ، چىرايلىق خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتى.ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ خەۋىرىنى ساقلاپ تۇرغان مۆتىبەرلەرگە سۆھبەت نەتىجىسىنى يەتكۈزدى.ئۇلار خوشال بولۇشۇپ ئۈمىدكە تولۇشتى. رۇستەمنى تېپىش، رۇستەمنى تۇتۇپ قېلىش پەقەت گۇدەرىزىمنىڭلا ئىشى ئەمەس ئىدى.شۇڭا ئولتۇرغان ئۇلۇغلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ تەرەپلەرگە تاراپ رۇستەمنى ئىزدەشكە چۈشتى. BW$"`T@c6~  
ئۇلارنىڭ تەلىيىگە رۇستەم تېخى يىراققا كەتمىگەن ئىدى.ئۇلار  توپلىشىپ كېلىپ رۇستەمنىڭ ئالدىنى توساپ كۆڭۈل قويۇشقا،كاۋۇسنىڭ ئورنىدا ئەپۇ سوراشقا ،ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەي ئومۇمىلىقنى ئەلا بىلىپ ئىراننى يەنە بىر قېتىم چوڭ بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەپ تىلىغا كىلىدىغانلىكى ياخشى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئېيتىشتى: yjF1}SQ  
  -ئۆمرۈڭ باقى بولسۇن ئەي غالىب باھادىر!دۇنيا باشتىن ئاخىر  قەدەم پايەڭ بولسۇن.ئىراندا سەندەك ئۇلۇغ باھادىر  بولغىنى ئۈچۈن ھاردائىم زەپەر بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.شۇڭا سېنى ‹‹زەپەر تەختىنىڭ مەڭگۈلۈك شاھىنشاھى›› دەپ تەرىپلىسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،كاۋۇسنىڭ ئەقلى ئەزەلدىن چولتىراق،شۇڭا سۆز قىلسا  كىشىگە توڭ ياڭاقتەك  توڭ تىگىدۇ.مىجەزى ئىتتىك لىكىن كۆڭلى ياخشى بولغاچقا دائىم باشقىلارغا ئاسانلا ئازار بېرىپ قويۇپ كەينىدىنلا يەنە ئۆزى  پۇشايمان قىلىدۇ.ئەمدى بىزدە نىمە چارە دەيسەن.يە سەندەك ئۇلۇغ پەھلىۋاننى ئىرانغا باش قىلايلى دىسەك،  سۆزىمىزگە ئۇنىماي كاۋۇسنى ئۆزۈڭ تېپىپ كېلىپ تىگىشلىك  ئورنۇڭغا شاھ قىلدىڭ.نەچچە نۆۋەت يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالسىمۇ يەنە ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرۇپ ئورنىنى كۆتۈردۈڭ،مۇنەۋۋەر قىلدىڭ .بۇ ئىران ئەزەلدىن كاۋۇسقا ئەمەس ساڭا تالىق،بىز كاۋۇسقا ئەمەس، ساڭا مۇھتاج.كاۋۇس گويا  ئۆز قولۇڭ بىلەن تىكىپ ئۆستۈرگەن بىر دەرەخ.ئۇنى داۋاملىق كۆكلىتەمسەن ياكى يۇلۇپ تاشلامسەن تامامەن ئۆز ئىختىيارلىقىڭدا ! بىز سەن نىمە دىسەڭ شۇ ! md"!33 @  
كۆپچىلىك بۇنچىۋالا دەۋاتسا رۇستەم يەنە نىمە دەپ پەش قېقىپ كېتەلىسۇن؟! شۇڭا ئۇ ئاچچىقىدىن يېنىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلدى. راست ئەمەسمۇ ؟كاۋۇسنى ئۆزى  تىكلىگەن . خالىسا ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ.خالىسا  شاھلىقتىن قالدۇرۇپ ئورنىغا باشقا بىرسىنى تىكلىۋېتەلەيدۇ.لىكىن دۈشمەن تەھدىت سېلىپ تۇرغان مۇشۇنداق جىددى  پەيتتە  ئاداۋەت ساقلاپ ‹‹كاۋۇستىن ئۆچ ئالىمەن.ئورنىغا باشقا بىرسىنى شاھلىققا قويىمەن›› دەپ يۈرسە باھادىرلىق نامىغا داغ چۈشمەسمۇ؟! AHXSt  
رۇستەم شۇلارنى ئويلاپ قۇرساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن قايناپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى: )mF5Vw"  
  -مىنىڭ كاۋۇس بىلەن نىمە كارىم؟ ماڭا ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆتمەيدۇ.ئۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان تۇزكور ئەبلەخنى خالىسام چېپىپ تاشلايمەن. خالىسام پەرۋايىمغا ئالمايمەن.ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا گويا بىر سىقىم تۇپراق.ئۇنىڭ  ماڭا ۋارقىراپ جارقىرىغىنىغا، دارغا ئاسماقچى بولغانلىرىغا قورقۇپ قالمايمەن.سىلەرمۇ بىلىسىلەر مىنىڭ شاھلىقتىن قىلچە تامايىم يوق.مەن ئۈچۈن  ئات ئىگىرى تەخت دەپ بايا ئېيتتىم.قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ ئۇنىڭ قىلغانلىرى توغرىمۇ؟ ماڭا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن يامان قاراشقا ئۇنىڭ نىمە ھەددى؟مىنىڭ ئۇنى قانچە رەت ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىمنى،قانچە رەت چۈشۈپ قالغان تەختىگە يەنە يۆلەپ چىقارغانلىقمنى،گاھى مازەندىران دىۋىلىرى بىلەن سوقۇش قىلىپ،گاھى ھامەۋىران لەشكەرلىرى بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ،بىر كۈنمۇ ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالماي پوقىنى ئادالاپ يۈرسەم ئۇ ماڭا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامدۇ؟ بولدى ماڭا تولا نەسىھەت قىلماڭلار .كاۋۇستىن كۆڭلۈم قالدى.ھەممىدىن تويدۇم.خۇدادىن ئۆزگە ھىچكىمدىن قورقۇنچۇم ۋە قەرزىم يوق مىنىڭ! !1$])VQWI  
بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۇدەرىز يەنە شىرىن سۇخەن باشلىدى: hHV";bk  
  -ئەي ئالەمپاناھ باتۇرۇم ،سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا ،بىزمۇ كاۋۇسنىڭ قىلىقىنى ئەيىپلەۋاتىمىز.ھەممىمىز ئۇنىڭ يارامسىز پەرمانىدىن غەزەپلىنىۋاتىمىز.ئۇنى‹‹ خاتا قىلدى›› دەپ ھەممىمىز سەن بىلەن كەتسەك ئىرانغا كىم باشپاناھ بولىدۇ.كاۋۇس بىزدىن  ‹‹يامان نىيىتى باركەن.مىنى قوللىمايدىكەن،ئوردىدىكىلەر ئەزەلدىن مېنى قالدۇرۇپ رۇستەمنى تىكلەش قەستىدىلا يۈرۈپتۇ›› دەپ ئويلاپ قېلىپ بىزدىن بەدگۇمان بولماسمۇ؟يەنە بىرسى جامائەت سورۇنلىرىدا سوھراب توغرىلىق گەپ بولۇپ قالغانلىرىدا خەق:‹‹ رۇستەممۇ كەلگەن ئىكەن،سوھرابنىڭ داڭقىنى، بەك يامانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇرۇشقا بېرىشتىن قورقۇپ  شاھ بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ يامانلاپ كېتىپتۇ›، دىسە ئۇلۇغ نامىڭىزغا داغ چۈشمەسمۇ؟!... "eB$k40-  
گۇدەرىزنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى رۇستەمنى ئاچچىقتىن يېنىشقا ،ئومۇملۇقنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ ،جەڭگە بېرىشقا تەييارلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. h4 T5+~rw  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 28- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

رۇستەم گۇدەرىزگە مەردانە جاۋاپ بېرىپ  بىر سۆز ئېيتتى.نىمە دەپتۇ دىمەمسىز؟: "p_J8  
  -سوھراب دىگىنىڭدىن دىلدا قىلچىلىك قورقۇش يوق.ئۇنىڭدىن قورىققان جان تەندە تۇرماي بار يېرىگە كەتسۇن! سەن تولا مېنى ئېچىتما ،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەنغۇ،مەن دىگەن جەڭگە تويماس بىر ئەجدىھا.لىكىن مىنىڭ ئىززەت ئابرۇيۇمنى كاۋۇس يەرگە ئۇردى .شۇڭا بەك خاپا بولغانتىم... We$:&K0  
رۇستەم شۇنى چۈشەندىكى بۇنداق نازۇك ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ سارايغا قايتماستىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پالۋانلىق نومۇس كۈچلۈك كەلدى.شۇڭا نائىلاج كۆپچىلىكنىڭ نەسىھىتىگە كۆنۈپ كەينىگە ، سارايغا قايتتى. >s>1[W@*  
بۇ نۆۋەت كاۋۇس رۇستەمنى يىراقتىن كۆرۈپلا تەختىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىغا كىلىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى: {o_X`rgrL  
پادىشاھ ئادەتتە پۇقراغا يۈكۈنسە بولمايتتى.شۇڭا رۇستەم ئۇنى تىزلانغىلى قويماي يۆلىۋالدى.كاۋۇس مۇنداق دىدى: U}yW<#$+  
   -ئەي مەدەتكار پالۋىنىم،مېنى ئەپۇ قىل! تېنەپتىمەن.تەڭرى مېنى مۇشۇنداق لېيى خام ھالەتتە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان،چوڭ ئىشلارغا ئەقلى يەتمەيدىغان.ياخشىلارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان،يېقىنلىرىغا چىرايلىق سۆز قىلالماي توڭ تىگىدىغان ناباپ قىلىپ يارىتىپ قوۇيۇپتۇ.ئەسلى مەن ئۇنداق قىلمىسام بولاتتى.كۈچلۈك ياۋ بوسۇغىمىزغىلا يېقىنلىشىپ قالغىنى ئۈچۈن بېشىمغا قىلىچ تەڭلەنگەندەك بولۇپ قاتتىق قورىقتۇم.يۈرۈكۈم سىقىلدى.شۇڭا سەندىن مەدەت تىلەپ، تېز بېرىپ تېز كىلىشنى تاپىلاپ، گېۋنى ھوزۇرۇڭغا ئەۋەتكەن ئىدىم.ئەپسۇسكى سىلەر مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە   تېز كەلمەستىن ،كىلىشكە تىگىشلىك ۋاقىتتىن تۆت كۈن كېچىكىپ كەلدىڭلار.شۇڭا شاھلىق نەپسىم ئىزا تارتىپ ،غەزىپىمگە پايلىماي ناباپ ئىش قىلىپ تاشلاپتىمەن.ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئىزا تارتىپ ،پۇشايمان يىدىم.سەندىن كەچۈرۈم سوراش،قايتىدىن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن گۇدەرىزنى ئارقاڭدىن ئەۋەتكەن ئىدىم.مىنى دىمىسەڭمۇ دۆلەت مەنپەتىنى ئەلا بىلىپ قىلغانلىرىمنى كەچۈرگەن،باتۇرلۇقۇڭنى يەنە بىر قېتىنم ئىشقا سېلىپ ئىران خەلقىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىن! cv998*|X:  
  -ئەي شەھرىيار، بولدى بۇنچىۋالا تەكەللۇپ بىلەن مېنى خىجىل قىلمىغىن.سەن بولساڭ ھۆكۈمدار ،بىز بولساڭ پەرمانىڭدىكى قۇللۇرۇڭدۇرمىز.مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھوزۇرۇڭدا نەۋكەرلىككە ياراپ قالسام شۇنىڭدىن بەختىيارمەن.ھازىر پەرمانىڭغا مۇنتەزىر بولۇپ تۇرۇپتىمەن.ئەقىلمۇ، قۇدرەتمۇ،سۆز ۋە بۇيرۇقمۇ سەندىن بولسۇن! 6& e3Nt  
  -بەللى ئەي پالۋان،ئالەم ئارا يۈزۈڭ يورۇق بولسۇن .ئۆمرۈڭ ئەبەدى ئۇزۇن بولسۇن.مىنىڭ پەرمانىمغا بوي سۇنىدىغان بولساڭ پەرمان شۇ،قېنى كەل،بۈگۈن كېچە بەزمە تۈزۈپ تاڭ ئاتقۇچە يەپ ئىچىپ كۆڭۈل ئاچايلى.بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تامامەن ئۇنتۇيلى.ئەتە ھاردۇق چىقىپ جاسارىتىمىز ئۇرغۇغان چاغدا ئاندىن ياۋغا قارشى يۈرۈش قىلايلى. "c3Grfoz  
شۇ سۆزدىن كېيىن كاۋۇس پەرمان چۈشۈرۈپ چوڭ كىچىك ئوردا مۆتىبەرلىرى،لەشكەر باشلىقلىرى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنى تەكلىپ قىلىپ، رۇستەمنىڭ شەرىپىگە  ناھايىتى كاتتا كۆڭۈل ئېچىش بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاغرىق ئاداۋەتلەرنى يۇيۇۋېتشكە تىرىشتى. s.bc>E0  
بۇ بەزمە ھەقىقەتەن بەك قىزىدى.داڭلىق ناخشىچى،چالغۇچى،ۋە رەققاسلارنىڭ ھەممىسى پەرمانغا بىنائەن  يىغىلغان،  قاتتىق ئېچىلىپ بار ماھارەتلىرىنى كۆرسۈتۈش بۇيرۇلغان بولغاچقا،  تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەمبۈر،راۋاپ،نەي،ۋە داپلارنىڭ ساداسى بېسىلمىدى.گۈزەل رەققاس قىزلار كېپىنىەكتەك پەرۋاز قىلىپ،ناخشىچىلار  بەسلىشىپ ئەڭ ئىسىل ،ئەڭ شوخ ناخشىلارنى تاللاپ ئېيتىپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋېتىشتى.كاۋۇسنىڭ زورى بىلەن قەدەھلەرمۇ تىنىم تاپماي ئايلىنىپ .شاھانە مەيلەر سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىنى كۆتۈرۈپ شوخلاشمىغان،خۇشال بولمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى.سورۇن ئەھلى قاتتىق مەست بولۇشۇپ ھۇش كاللىسى قالمىغان چاغدىلا ئاندىن بىر بىرىنى يۆلىشىپ بىر بىرلەپ قايتىشتى... sqEI4~514  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 29- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-08

كاۋۇس بىلەن رۇستەمنىڭ لەشكەر تارتقانلىقى XG}C+;4Aw  
سەھەردە قۇياش قىزىل شايى پەردىسىنى قايرىپ جاھانغا كۈلۈپ باش چىقاغاندا كەيكاۋۇس لەشكەر دۇمباقچىلارغا :‹‹ دۇمباقلار چېلىنسۇن!››دەپ بۇيرۇق بىردى.بۇ پۈتۈن قوشۇننىڭ جەڭگە ئاتلىنىش پەرمانى ئىدى. قوشۇنلارنىڭ بېشىدا گېۋ بىلەن تۇس ئالدىن يۈرەر قوشۇننى باشلاپ  يولغا چىقتى.لەشكەلەرنى سەپەرۋەر قىلىش،ياراغ تولۇقلاش،ئات ئۇلاغلارنى تەييارلاش،ئاش ئوزۇق غەملەش قاتارلىق ئىشلارغا نۇرغۇن دۇنيا دەپىنە سەرىپ قىلىندى.قوشۇن كەينىگە ھەيۋەتلىك كارۋان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاش ئوزۇقلارنى ئېلىپ مېڭىشقا بەلگىلىدى. بۇ قېتىمقى جەڭگە  پولات ساۋۇتلۇق يۈزمىڭ لەشكەر چىقىرىلغان بولۇپ ھەممىسىنىڭ تېگىدە ئويناپ تۇرغان ئىسىل جەڭ ئاتلىرى بار ئىدى.ئۇلاردىن باشقا سول تەرەپتىن يەنە بىر توپ لەشكەر كېلىپ قوشۇلدى.بۇلار بىلەن لەشكەر سانى ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپ چاڭ توزان دەستىدىن كۈن يۈزىمۇ كۆرۈنمەي قالدى.ئارام ئالغانلىرىدا  تىكىلگەن چىدىرلار ئىككى مىل ئارىلىققىچە كۆرۈنەتتى. قوشۇن بىلەن بىللە يۈرىدىغان ئات،پىل ۋە قېچىرلارمۇ يەر يۈزىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.قوشۇن بىلەن  بىرگە يۈرگەن دۇمباقچىلار چالغان دۇمباقلارنىڭ ئاۋازىدىن يەر يۈزىدە لەرزە پەيدا بولاتتى.سىپاھلار مەنزىلدىن مەنزىلگە كۆچكەندە قۇياش يۈزىمۇ قارىيىپ كېتەتتى.قوشۇن ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ توزانلار ئىچىدە قىلىچ،نەيزە،ئايپالتىلار، قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىپ پارقىرىسا، خىلمۇ-خىل تۇغ ئەلەملەر ھەسەن ھۈسەندەك نۇر جۇلاسى پەيدا قىلاتتى. ،زەر رەڭ ساۋۇتلار،خىلمۇ- خىل ساداقلار بىر قارىسا قارا،بىر قارىسا سېرىق كۆرۈنۈپ،خۇددى بۇلۇتلار زەر ياغدۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.چاڭ توزاندەستىدىن كۈن يۈزىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ،كىچە بىلەن كۈندۈزنى پەرىق ئەكىلى بولماي قالاتتى. !k 6K?xt  
قوشۇن شۇنداق يۈرۈپ  ئاخىر بىر كۈنى  قولدىن كەتكەن ئاق قەلئەگە يېقىنلىشىپ كەلدى.تۇراننىڭ كۈزەتچىلىرى قوشۇن كەلگەنلىكىنى بايقاپ دەرھال سوھارابقا مەلۇم قىلىشتى.سوھراب ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ھۇممان بىلەن بىللە سېپىل تېمى ئۈستىگە چىقىپ كەلكۈن كەبى ھەممە ياقنى قاپلاپ دەۋرەپ كېلىۋاتقان ئىران لەشكەرلىرىنى كۆردى.بۇ سان ساناقسىز قوشۇن سوھرابنىڭ پىسەنتىگە كەلمىگەن بىلەن ھۇممان قاتتىق قورقۇپ كەتتى.سوھراب بۇنى كۆرۈپ ھۇممانغا دىدى: wG~`[>y (  
  -قىلچە ئەندىشە قىلما،قورقۇشنى دىلىڭدىن ئۆچۈر! شۇنى بىلىپ قالغىنكى، لەشكەرلەر چېتى كۆرۈنمەي كېلىۋاتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك بىرەر مەرد جەڭگىۋار ئەزىمەتنى كۆرمىدىم.ئەگەر ئېغىر گۈرزەمنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا چۈشىدىغان بولسام بۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىدىن قايسىبىرى ماڭا روبىرو كىلىشكە جۈرئەت قىلالار؟! مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ شۇنداق بىر جەڭ قىلايكى،كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغلاپ قېلىشسۇن.بۇلاردا قورال ياراقلار خىل،قالقانلار كۆپ،ئوق ۋە كامانلار ھەددى ھېساپسىز بولسىمۇ،ھەتتا ئاي بىلەن كۈننى ياردەمگە چاقىرسىمۇ   ئەشۇ يۈزمىڭلىغان لەشكەرلەرنىڭ بىرمۇ سەرەپرازى يوق.شۇڭا ئەفراسىياپ بەختىدىن رازى بولسۇن ،مەن بۈگۈن بۇ چۆل باغرىنى خۇن دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. T ? $:'XJ  
سوھرابتا بۇنچىۋالا كۆپ لەشكەرگەقارىتا غەمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.ئۇ سېپىل ئۈستىدىن خوشال- خورام ھالدا پەسكە چۈشۈپ ساقىغا بۇيرۇدى: g l^ 
  -ماڭا بىر جام مەي كەلتۈر! قانغۇچە بىر ئىچىۋالاي،بۇنداق چۈپرەندە لەشكەرلەر بىلەن بولغان جەڭ ئايىقىمنىڭ چاڭ توزانلىرىنى سۈرتكەنچىلىكلا ئىش! UYk/v]ZA  
قەلئە سىرتىغا  ئىران لەشكەرلىرى كېلىپ ھەممىسى جايلىشىپ بولۇشتى.كاۋۇسمۇ يىتىپ كېلىپ لەشكەرلىرى ئارىسىغا چېدىر تىككۈزۈپ ئورۇنلاشتى. ئىران لەشكەرلىرىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن نە تاغ،نەچۆل،نە ئىدىرلاردا بىر ئەنلىكمۇ بوش ئورۇن قالمىدى. + fC=UAZ  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 30- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-08

رۇستەمنىڭ جەندەرەزىمنى ئۆلتۈرگەنلىكى *QwY]j%^  
كۈن يۈزىگە قارا تۈن ئېتەك يېپىپ قۇياش يۈزى كۆرۈنمەي قالغان چاغدا رۇستەم شاھ كاۋۇسنىڭ يېنىغا كەلدى.ۋە ئۇنىڭدىن جەڭگە كىرىشكە ئىجازەت سوراب شۇنداق دىدى: %+j8["VEC  
   -ئەي شەۋكەتلىك شاھىم،ماڭا ھازىرلا جەڭگە كىرىشكە ئىجازەت بەرگىن.مەن ھىچقانداق سالا-سۇلى قىلمايلا ياۋ ئۇۋىسىغا بېسىپ كىرىپ جاھانغا پاتماي قالغان ھېلىقى ياش جاھاندارنى بىر كۆرۈپ باقايچۇ؟! @ o3T  
-ئەي ھۇشيار ۋە قورىقماس مەرد،  -دىدى كاۋۇس ئىجازەت بېرىپ   -ئىختىيار ئۆزۈڭدە.ئاللاھ ئىگەم پاناھىڭ بولسۇن.ياخشى نىيىتىڭ قاياشىڭ ۋە يولداشىڭ بولسۇن.قىلچە دەرد ۋە غەم كۆرمىگەيسەن! {4G%:09~J  
رۇستەم كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ  تۈرىكچە كىيىنىپ ئاستاغىنە قەلئە تەرەپكە يول ئالدى.بىر ئاماللارنى قىلىپ يوشۇرۇنچە قەلئە ئىچىگە كىردى.قارىغۇدەك بولسا تۈرىك لەشكەرلىرى مەسىت ئەلەس يۈرىشەتتى.سوھراب بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقان بولۇپ بەزمە تازا ئەۋجىگە چىققان ئىدى.ھەر تەرەپلەردە كۈي- ساز ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇراتتى.رۇستەم قىلچە قورىقماستىن بەزمە سورۇنىغا ئىچكىرلەپ كىردى.سورۇندىكى نازىنىلارنى،باتۇرلانى،ۋە باشقا سورۇن قاتناشچىلىرىنى بىر بىرلەپ كۈزەتتى. fDT%!  
سوھرابنىڭ يېنىدا تاغىسى جەندە رەزىم بار ئىدى.باشقىلار ئىچىپ مەست ئەلەس بولۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ لىىكىن ئۇ  شاراپ ئىچمىگەن ھۇشيار ھالەتتە  سوھرابنى قوغداپ تۇرغان ئىدى.( ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم  بولسۇنكى جەندەرەزىم سوھرابنىڭ ئانىسى تەھمىنەنىڭ قېرىندىشى يەنى ئاكىسى ئىدى.سوھراب جەڭگە ماڭار چاغدا تەھمىنە  رۇستەم بىلەن سوھرابنىڭ تونۇشماستىن تۇتۇشۇپ قېلىپ، سوھرابقا زەرەر يىتىپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ جەندىرەزىمنى چاقىرتىپ كىرىپ ئالايىتەن سوھرابقا قورۇغدۇغۇچىلىققا بەلگىلىگەن. سوھرابتىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەسلىك،ئۇنى ھەرقاچان ھۇشيار تۇرۇپ قوغداش،قاچانكى سوھراب رۇستەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، جەندىرەزىمنى دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئاتا-بالىنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا  قانلىق پاجىئە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ئىدى.) HkO7R `  
دانالار :‹‹بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ››دىگەن بىر ھىكمەتنى قالدۇرۇشقان ئىكەن.ھەم كونىلار،ھەممە ئىش تەقدىر قىسمەتتىن بولىدۇ. ھىچكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دىيىشىدۇ.راستشۇنداقمۇ ياكى سوھراب پاجئەسىنى رۇستەم كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋەقەنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈپ ئەقلى تەپەككۇرى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىپ باقسا بولىدۇ. !ePr5On  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 31- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

رۇستەم كۆردىكى بەزمىنىڭ تۆرىدىكى شاھانە تەختتە  سوھراب مەي ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر تەرىپىدە شىر يۈرەك بەرمان،يەنە بىر تەرىپىدە بولسا جەندەرەزىم. شۇ تاپتا سوھراب پۈتۈن ئۆينى شاد خوراملىققا چۆمدۈرۈپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان.رۇستەم ئۇنىڭغا سەپ سالدى،قارىغۇدەك بولسا ئاياغ ۋە قوللىرى ئاتتەك،بەستى پىلدەك،چېھرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك،كىرپىكلىرى تارام-تارام،ئەتراپىدا يۈزگە يېقىن باتۇر ئەر بەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان.ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىلا شىردەك ياش سەرەپراز(مەغرۇر) يىگىتلەر ئىدى.كىيىملىرى ئاجايىپ ياراشقان ئەللىك نەپەر غۇلام تەخت  يېنىدا قوللىرىغا بىردىنشاراپ كومزىكىنى ئېلىشىپ بەزمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ.تەھەمتەن سەل يىراقتىن بۇ تۈرىكچە بەزمىنى كۈزىتىپ خېلى ئۇزاق تۇردى.بىر چاغدا ئەجەلسكرىدىمۇ ياكى شۇنداق توغرى كېلىپ قالدىمۇ جەندىرەزىم ھاجەت قىلماق بولۇپ سىرتقا چىقتى.ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرغان قەددى قامەتلىك كىلىشكەن ناتونۇش ئادەمنى كۆرۈپ قاتتىق گۇمانلاندى.تۇران لەشكەرلىرى ئىچىدە سوھرابتىن باشقا بۇنداق قامەتلىك ئادەم يوق ئىدى.جەندەرەزىم يېقىنلاپ كىلىپ كاپ قىلىپ رۇستەمنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كىملىكنى سوراق قىلىپ كەتتى: @cFJeOC|  
  -ھەي كىمسەن؟ بىزنىڭ يېنىمىزدا نىمە ئىشىڭ بار؟نامىڭنى ئېيت،!ماڭا يۈزۈڭنى ئېچىپ كۆرسەت! xx#zN0I>-y  
رۇستەم ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ يۈزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇ رۇستەمنى تونۇپ شۇيەردىلا ئىشنى ئوڭشىۋەتكەن بولسا كىيىنكى ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى.لىكىن رۇستەم بىراۋ ياقىسىغا ئېسىلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ ئەدەپسىزلىك قىلسا قاراپ تۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا جەندەرەزىمنىڭ گەجگىسىگە بىر مۇشت سېلىۋىدى. جەندەرەزىم دۈم چۈشۈپلا تىن تارتماي ئۆلدى. جەندەرەزىم سىرتتا توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزمە مەزمىمۇ،قوغدايدىغان سوھرابمۇ يوق بولغان ئىدى. 9s6U}a'c  
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. جەندەرەزىمنىڭ ئورنى بوش بولۇپ تېخىچە سىرتتىن  قايتىپ كىرمىگەن ئىدى.سوھراب ئولتۇرغانلاردىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلدى: #," :vr  
   -بەزمە گۈلى تاغام  جەندە كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ; 
   -ئۇ بايا سىرتقا ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. \$*7 >`k  
   -نىمىشقا تېخىچە قايتىپ كىرمەيدۇ؟نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ؟ چىقىپ قاراپ بېقىڭلار! u~WVGjoQ  
غۇلاملاردىن بىرنەچچىسى شام كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشتى.چىقىپ قاراشقۇدەك بولسا جەندەرەزىم  ئىشىك ئالدىدا ئۆلۈپ يېتىپتۇ .ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ كىرىپ سوھرابقا مەلۇم قىلىشتى.سوھراب قاتتىق چۆچۈپ ئەتراپىدىكى باتۇرلارغا خىتاپ قىلدى: @d mV  
  -ئەي ئەقلى پۈتۈن باھادىرلىرىم،ساداقەتمەن دوستلىرىم،ھۇشيار بولۇڭلار!كۆزۈڭلارنى ئېچىپ،ئۇيقۇدىن قېچىپ ،قولۇڭلارغا قۇرال ئېلىڭلار!قوتانغا بۆرە چۈشسە، پايلاقچى ئىت ئۇخلاپ قالسا، قويلارنىڭ شورى قۇرۇيدۇ. سېپىمىزنىڭ ئەركانى قەستكە ئۇچراپتۇ.ئۇ ھىيلە نەيرەڭنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ماڭا بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم قىلدى.ھەممىمىز بۇندىن كېيىن باتۇر، ھۇشيار،ۋە قەيسەر بولۇپ،بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ جەندەرەزىم ئۈچۈن قىساس ئالايلى! G!>z;5KuS  
بەزمە شۇ يەردىلا قالدى.ھەممەيلەن پاتىپاراق بولۇشۇپ ئەتراپتىن قاتىلنى ئىزدەشتى.لىكىن ھىچكىمنى تاپالمىدى.سوھراب پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆيىگە قايتىپ كىردى.دوستلىرىمۇ جەندىرەزىمنىڭ جەسىدىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ تارقاشتى.ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرنەچچىسى ئۇنىڭ ھوجرىسىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن كىرىشتى. $5ak_@AC  
سوھراپ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە دىدى: 57umx`m  
   -سېپىمىزدە جەندىرەزىمنىڭ ئورنى بوش قالدى.دۈشمەن ئۇنى قەستلەۋاتسا، مەستلىكتە بەزمە ئويناپ  تۇيماي ئولتۇرۇپتىمىز... ;" dV"W  
رۇستەم قەلئەدىن ئامان ئېسەن قايتىپ كېچىدە شاھ چېدىرى تامان  كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۇچۇسىدا تۈرىك ئەسكەرلىرىنىڭ كېيىمى بولغاچقا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان گېۋ ئۇقۇشماي قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى.رۇستەم گېۋنى تونۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە دەرھال چاڭ ئۇردى.گېۋ ھەيۋە بىلەن ئۇرۇلغان چاڭ ئاۋازىدىن كەلگەن كىشىنىڭ رۇستەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئېتىدىن  چۈشۈپ يېقىن كەلدى: }\\KYyjY  
   -ئەي بىمىسال جەڭچى، بۇ تۈن كېچىدە پىيادە يۈرۈپ  قاياقتىن كېلىۋاتىسەن! ?o81E2TJO  
رۇستەم يېرىم تۈنگىچە ئارىلىقتا قەلئە ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.گېۋ بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە رۇستەمگە ئاپىرىن ئوقۇدى.رۇستەم چېدىرىغا   قايتىپ كىرىپ ئازراق مەي ئىچىپ  بولۇپ ئارام ئېلىشقا ياتتى. * +"9%& ?  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 32- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

رۇستەم كۆردىكى بەزمىنىڭ تۆرىدىكى شاھانە تەختتە  سوھراب مەي ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر تەرىپىدە شىر يۈرەك بەرمان،يەنە بىر تەرىپىدە بولسا جەندەرەزىم. شۇ تاپتا سوھراب پۈتۈن ئۆينى شاد خوراملىققا چۆمدۈرۈپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان.رۇستەم ئۇنىڭغا سەپ سالدى،قارىغۇدەك بولسا ئاياغ ۋە قوللىرى ئاتتەك،بەستى پىلدەك،چېھرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك،كىرپىكلىرى تارام-تارام،ئەتراپىدا يۈزگە يېقىن باتۇر ئەر بەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان.ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىلا شىردەك ياش سەرەپراز(مەغرۇر) يىگىتلەر ئىدى.كىيىملىرى ئاجايىپ ياراشقان ئەللىك نەپەر غۇلام تەخت  يېنىدا قوللىرىغا بىردىنشاراپ كومزىكىنى ئېلىشىپ بەزمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ.تەھەمتەن سەل يىراقتىن بۇ تۈرىكچە بەزمىنى كۈزىتىپ خېلى ئۇزاق تۇردى.بىر چاغدا ئەجەلسكرىدىمۇ ياكى شۇنداق توغرى كېلىپ قالدىمۇ جەندىرەزىم ھاجەت قىلماق بولۇپ سىرتقا چىقتى.ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرغان قەددى قامەتلىك كىلىشكەن ناتونۇش ئادەمنى كۆرۈپ قاتتىق گۇمانلاندى.تۇران لەشكەرلىرى ئىچىدە سوھرابتىن باشقا بۇنداق قامەتلىك ئادەم يوق ئىدى.جەندەرەزىم يېقىنلاپ كىلىپ كاپ قىلىپ رۇستەمنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كىملىكنى سوراق قىلىپ كەتتى: /|tJ6T1LrB  
  -ھەي كىمسەن؟ بىزنىڭ يېنىمىزدا نىمە ئىشىڭ بار؟نامىڭنى ئېيت،!ماڭا يۈزۈڭنى ئېچىپ كۆرسەت! uJzG|$;  
رۇستەم ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ يۈزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇ رۇستەمنى تونۇپ شۇيەردىلا ئىشنى ئوڭشىۋەتكەن بولسا كىيىنكى ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى.لىكىن رۇستەم بىراۋ ياقىسىغا ئېسىلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ ئەدەپسىزلىك قىلسا قاراپ تۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا جەندەرەزىمنىڭ گەجگىسىگە بىر مۇشت سېلىۋىدى. جەندەرەزىم دۈم چۈشۈپلا تىن تارتماي ئۆلدى. جەندەرەزىم سىرتتا توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزمە مەزمىمۇ،قوغدايدىغان سوھرابمۇ يوق بولغان ئىدى. mq@6Q\Z+  
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. جەندەرەزىمنىڭ ئورنى بوش بولۇپ تېخىچە سىرتتىن  قايتىپ كىرمىگەن ئىدى.سوھراب ئولتۇرغانلاردىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلدى: ZA0mz 65  
   -بەزمە گۈلى تاغام  جەندە كۆرۈنمەيدىغۇ؟ R3x3]]D  
   -ئۇ بايا سىرتقا ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. d,+Hd2o^X  
   -نىمىشقا تېخىچە قايتىپ كىرمەيدۇ؟نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ؟ چىقىپ قاراپ بېقىڭلار! 3EJj9}#x"'  
غۇلاملاردىن بىرنەچچىسى شام كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشتى.چىقىپ قاراشقۇدەك بولسا جەندەرەزىم  ئىشىك ئالدىدا ئۆلۈپ يېتىپتۇ .ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ كىرىپ سوھرابقا مەلۇم قىلىشتى.سوھراب قاتتىق چۆچۈپ ئەتراپىدىكى باتۇرلارغا خىتاپ قىلدى: A\4D79>x  
  -ئەي ئەقلى پۈتۈن باھادىرلىرىم،ساداقەتمەن دوستلىرىم،ھۇشيار بولۇڭلار!كۆزۈڭلارنى ئېچىپ،ئۇيقۇدىن قېچىپ ،قولۇڭلارغا قۇرال ئېلىڭلار!قوتانغا بۆرە چۈشسە، پايلاقچى ئىت ئۇخلاپ قالسا، قويلارنىڭ شورى قۇرۇيدۇ. سېپىمىزنىڭ ئەركانى قەستكە ئۇچراپتۇ.ئۇ ھىيلە نەيرەڭنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ماڭا بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم قىلدى.ھەممىمىز بۇندىن كېيىن باتۇر، ھۇشيار،ۋە قەيسەر بولۇپ،بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ جەندەرەزىم ئۈچۈن قىساس ئالايلى! B<5R   
بەزمە شۇ يەردىلا قالدى.ھەممەيلەن پاتىپاراق بولۇشۇپ ئەتراپتىن قاتىلنى ئىزدەشتى.لىكىن ھىچكىمنى تاپالمىدى.سوھراب پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆيىگە قايتىپ كىردى.دوستلىرىمۇ جەندىرەزىمنىڭ جەسىدىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ تارقاشتى.ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرنەچچىسى ئۇنىڭ ھوجرىسىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن كىرىشتى. cpL7!>^=  
سوھراپ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە دىدى: }AB, 8n`  
   -سېپىمىزدە جەندىرەزىمنىڭ ئورنى بوش قالدى.دۈشمەن ئۇنى قەستلەۋاتسا، مەستلىكتە بەزمە ئويناپ  تۇيماي ئولتۇرۇپتىمىز... wH>a~C:   
رۇستەم قەلئەدىن ئامان ئېسەن قايتىپ كېچىدە شاھ چېدىرى تامان  كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۇچۇسىدا تۈرىك ئەسكەرلىرىنىڭ كېيىمى بولغاچقا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان گېۋ ئۇقۇشماي قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى.رۇستەم گېۋنى تونۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە دەرھال چاڭ ئۇردى.گېۋ ھەيۋە بىلەن ئۇرۇلغان چاڭ ئاۋازىدىن كەلگەن كىشىنىڭ رۇستەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئېتىدىن  چۈشۈپ يېقىن كەلدى: QoI3>Oj=  
   -ئەي بىمىسال جەڭچى، بۇ تۈن كېچىدە پىيادە يۈرۈپ  قاياقتىن كېلىۋاتىسەن! uaT!(Y6  
رۇستەم يېرىم تۈنگىچە ئارىلىقتا قەلئە ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.گېۋ بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە رۇستەمگە ئاپىرىن ئوقۇدى.رۇستەم چېدىرىغا   قايتىپ كىرىپ ئازراق مەي ئىچىپ  بولۇپ ئارام ئېلىشقا ياتتى. MqW7cjg  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 33- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

سوھرابنىڭ ھەجىردىن ئىران باتۇرلىرىنىڭ نامىنى سورىغانلىقى qB~rQPa  
قۇياش ئالتۇن رەڭ قالقان كۆتۈرۈپ :‹‹قېنى،مەن بىلەن قايسىڭ يەكمۇ يەك ئېلىشىسەن ؟!›› دەپ كۆزلىرىنى قىزارتىپ چىققاندا، سوھراب جەڭ لىباسلىرىنى كىيىپ ،تۇنجى جەڭ ئۈچۈن ئوبدان راسلىنىپ ،خۇددى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ مەيدانغا ئات ئوينۇتۇپ چىقتى. يېنىغا ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن ھىندىچە قىلىچ ئېسىۋالغان ،بېشىغا پارقىراق شاھانە دوبۇلغا كىيىۋالغان،خۇددى رۇستەمنىلا دورىغاندەك ئۇمۇ ئىگەر بېشىغا ئاتمىش ھالقىلىق ،ئۇچىغا كەمەنىد قىلىنىدىغان سىرتمىقى بار ئارغامچا ئېسىۋالغان ئىدى.جەندىرەزىمنىڭ ئىشىدىن غەزىپى قايناپ تۇرغاچقىمىكىن قاپىقى تۈرۈلگەن،قاشلىرى يىمىرىلگەن ئىدى. <NR#Y%}-V  
سوھراب ئىرانلىقلارنى كۈزەتمەك بولۇپ ئىگىز بىر دۆڭ ئۈستىگە چىقتى.بۇ يەردىن كاۋۇسنىڭ چېدىرىنى ۋە پۈتۈن لەشكەر توپلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.سوھراب يېنىغا ھەجىرنى چاقىرتقۇزدى.سوھراب ئۇنىڭغا دوق قىلىپ تۇرۇپ ئىرانلىقلار توغرىسىدا گەپ سوراشقا باشلىدى: B}n,b#,*  
  -ئەگەر ئاتقان ئوقۇڭ ئەگرى بولسا ئۇ نىشانغا تەگمەيدۇ.ناۋادا بالا- قازادىن نېرى بولاي دىسەڭ قىلچە يالغاننى ئارىلاشتۇرماي راستىنى ئېيت! بولمىسا بېشىڭغا كۈلپەت ياغدۇرۇۋالىسەن.ئەگەر مەندىن قۇتۇلۇشنى ئىزدىسەڭ مىنى ھەقىقەتتىن خەۋەردار قىلغىن.سۆھبىتىمىزنى شاد خورام،كۆڭۈللۈك داۋاملاشسۇن دىسەڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭ راستلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلسۇن.مەن سەندىن ئىران ۋە ئىران باتۇرلىرى ھەققىدە گەپ سورايمەن.سۆھبەتتىن كېيىن سۆزلىرىڭ راست بولسا كۆپلىگەن بايلىق،ئىسىل كىيىم كېچەك قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ بېرىمەن.قىلچىلىك يالغان ئارىلىشىپ قالسا،ئۆمرۈڭ ئەسىرلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.ئۆمۈرلۈك زىندانغا قامىتىۋېتىمەن.گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟! N nRD|A  
  -شاھىمىز ئىران ھەققىدە بىلىشنى ئىختىيار قىلغان بولسا، نىمىنى سورىسىڭىز شۇنىڭغا جاۋاپ بېرەي،بىلىدىغانلىرىمنى ھەممىسىنى ئايىماي سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلاي! سۆھبەتكە يالغان ئارىلاشسا ھىچقانداق يەردە سۆھبەت سۆھبەتتەك بولماي قالىدۇ.مەن ئۆزۈممۇ توغرىلىقنى ياخشى كۆرىمەن،ئەگرىلىكنى يامان كۆرىمەن.دۇنيادا راستلىقتىن ساز ئىش،يالغاندىن ئۆتە ئەسكى قىلمىش يوق! |nc@"OJ  
  -مىنىڭ سورايدىغان سۇئالىم كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. شاھ كەيكاۋۇس،پۈتۈن ئەسكەر،ئىراندىكى داڭلىق سەركەردىلەر ھەققىدە بولىدۇ.سەن ماڭا،گېۋ،گۇدەرىز،تۇس،بەھرام،كەشۋۇد،ۋە رۇستەملەر ھەققىدە بىلگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا سۆزلەپ بەر ۋە ئۇلارنى كۆرسىتىپ قوي! UxbjA- U[  
  - بولىدۇ شاھىم،سىز نەدىن سورىسىڭىز مەن شۇ يەردىن جاۋاپ بېرەي. ojafy}  
  -ئاۋۇ ئوتتۇرىغا جايلاشقان يوغان چېدىر كىمنىڭ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن رەڭگا –رەڭ؟ ئۇ نىمىشقا باشقا چېدىرلاردىن يولۋاس كەبى پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈزلەپ پىللارتەييار تەخ تۇرار ئىكەن.ئۇ يەردىكى تەخت نىمە ئۈچۈن كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئىسىل؟ بېشىغا قىزىل ئاي شەكىللىك دوبۇلغا كىيىپ ،گۈلنەپشە غىلاپلىق شەمشەر ئاسقان،سىپاھلار مەركىزىدە تۇرغان كىشى كىم؟ S*==aftl(  
-ئۇ چېدىر بولسا ئىران شاھى كەيكاۋۇسنىڭ چېدىرى.پىل ۋە شىرلار ئارا ئۇ دەرگاھ قۇرغاندۇر.سىپاھلار مەركىزىدە تۇرغان كىشى دەل كەيكاۋۇس بولىدۇ. n D0K).=Q  
-داۋاملىق بايان قىل!مەيمانە تەرەپتە،قانچىللىك پىل ۋە نەچچە كارۋان بار؟ نىمىشقا ئۇ يەردە قارا رەڭلىك ناھايىتى چوڭ چېدىر تىكىلگەن؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىنى سانسىز سىپاھلار ئورىۋالىدۇ؟ئۇ چېدىرنىڭ يېنىدا نۇرغۇن پىللارئارقىسىدا نۇرغۇن شىرلار بار ئىكەن .چېدىرىغا پىل سۈرەتلىك بايراق ئېسىپتۇ.نەۋكەرلىرىنىڭ ھەممىسى تىللارەڭ باشماق(كەش) كىيىپتۇ. ئۇ كىمنىڭ چېدىرى ؟ ,g%0`SO  
-ئۇ  نەۋرەز كەبى نامدار  تۇسنىڭ چېدىرى.ئۇنىڭ بايرىقىدا پىل سۈرىتى بار . ; ^*}#X d  
-قارا، ئاۋۇ لالەگۈن چېدىر ئەتراپىنى ناھايىتى كۆپ ئاتلىق قوشۇن ئوراپ تۇرۇپتۇ.چېدىرى ئۈستىدە شىر سۈرەتلىك بايرىقى يەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن .بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەر بار ئىكەن.چېدىرىنىڭ كەينىدە ھەيۋەتلىك چېرىكلىرى ھەممىسى نەيزە تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.بۇ چوڭ  شان-شۆھرەتتىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدىكەن.ئېيتقىنا ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟ :WjpzgPuN  
-ئۇ چېدىردا ئاق نىيەتلىكلەرنىڭ بېشى بولغان پالۋان گۇدەرىز تۇرىدۇ. ئۇ نۇرغۇن باتۇر ئوغلانلارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن.ئۇ تەربىيەلىگەنلەرنىڭ قىرىقى پىل بولسا،قىرىقى قاپلان.ئۇلار پىل مىنىپ جەڭگە چۈشىدىغان بولسا شىر يولۋاسلارمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ. _64A( U  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 34- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

-ئاۋۇ چوڭ يېشىل چېدىر ئالدىدا پۈتۈن بىر قوشۇن تىك تۇرىدۇ.ئوتتۇرىغا بىزەكلىك يالغۇز تەخت ئورنۇتۇپتۇ.پەشتاقلىرىغا شاھانە يۇلتۇزلار نەقىش قىلىنىپتۇ. تەخت ئۈستىدە غۇرۇرلۇق،شىجائەتلىك ئاجايىپ بىر پالۋان ئولتۇرىدۇ.يېنىدا نۇرغۇن نەۋكەرلىرى تىك تۇرۇشۇپتۇ.ئۇ كىشى ئولتۇرسىمۇ بېشى يەنە ھەممە باتۇرلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن.يېنىدا ئۆزىگە خاس تۇلپارى كىشنەپ تۇرىدىكەن ،ئىگىرىدە ئاتمىش غۇلاچ ئارقىنى ئىلىقلىق ئىكەن.بۇ پالۋان گويا ئىگىز تاغدىن چۈشكەن بىر دەرياغا ئوخشايدىكەن.پىللىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئوق ئۆتمەس ساۋۇت بار ئىكەن.ئۇ پەھلىۋاننىڭ كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىكەن.مەن نە ئىراندا،نە باشقا يەرلەردە بۇنداق نوچى سۈپەت كاتتا زاتنى كۆرۈپ باقمىدىم .ئۇنىڭ چېدىرى بېشىدا ئەجدىھا سۈرەتلىك بايراق بار ئىكەن.بايراقنىڭ نەيزىسى ئۇچىدىمۇ ئالتۇن شىر بېشى تۇرۇپتۇ.ئېيتقىنا بۇ كاتتا پالۋان كىم؟ ?RX3MUN  
بۇ كىشى ئەلۋەتتە پالۋان رۇستەم ئىدى.ئۇ توغرىسى بويىچە تونۇشتۇرىۋەتكەن بولسا ئاتا- بالا تونۇشۇۋالغان،كىيىنكى پاجئەلەرمۇ يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى.ھەجىر سوھرابنىڭ رۇستەمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلمەيتتى.شۇڭا ، جاۋاپ بىرىش ئالدىدا ئويلىنىپ ئەندىشە قىلىپ قالدى. ئۇ ئويلىدىكى :‹‹سوھراب تەڭداشسىز شىرمەرد ئىكەن.ئەگەر رۇستەمنى ھازىرلا تونۇشتۇرۇۋەتسەم ئۇ رۇستەمنى تونۇۋېلىپ بىرىنچى قەستلەش نىشانى قىلىۋالىدۇ.ئەگەر ئۇرۇشتا رۇستەم سوھرابقا تەڭ كېلەلمەي قولىغا چۈشۈپ قالسا ،ياكى ئۆلتۈرۈلسە پۈتۈن ئىران قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ زەربە بولىدۇ.شۇڭا راستىنى ئېيتمىغىنىم،نامىنى يوشۇرغىنىم ئەۋزەل›› شۇڭا ئۇ بۇ سۇئالغا يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاپ بەردى: I W)()*8;/  
-ئۇ كاۋۇسقا ياللىنىپ كەلگەن نامدار بىر پالۋان،ئاڭلىشىمچە ئۇ چىن تەرەپلەردىن كەلگەن ئىمىش. E0BMv/r8b  
-ئىسمى نىمە؟ `^91%f  
-بىلمەيدىكەنمەن جاناپلىرى . 7@C 
-سەن ھەممىنى بىلىدىغان تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنى بىلمەيسەن ؟ مەندىن يوشۇرۇۋاتامسەن قانداق؟ئۆلگىڭ كىلىۋاتامدۇ يە؟! xpNH?#&  
-ئەي شاھىم،راستىنلا بىلمەيمەن.شاھ ئۇنى ياللاپ ھوزۇرىغا چىللاپ كەلگەندە مەن يىراقتا يەنى ئاق قەلئە مۇھاپىزىتىدە ئىدىم. <i 
سوھرابنىڭ بۇنچىۋالا ئىنچىكىلەپ سورىشىدىن مەقسىدى ئاتىسى رۇستەمنى تونۇۋېلىش ،دىدارىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئىدى. ئۇ ھەجىرنىڭ ئاغزىدىن رۇستەمنىڭ نامىنى ئاڭلاشنى،‹‹ئەشۇ رۇستەم بولىدۇ›› دەپ كۆرسەتسە،ئاتىسىنىڭ نۇر جامالىنى،تاغ كەبى قەددى كامالىنى بىر ككرۈۋالسا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەرمىدى؟! ئەمما، ئۇ قانچە سوراقلاپ ئىزدىسىمۇ بۇ قوشۇن ئارىسىدىن رۇستەمنىڭ دېرىگىنى بىلەلمىدى.ئانىسى تەھمىنە رۇستەمنىڭ نىشانىنى(بەلگە سۈپەتلىرىنى) ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەن نىشانى ھەجىر ‹‹ئۇ دىگەن چىنلىق ياللانما پالۋان›› دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايتتى ئەمەسمۇ ؟! بىراق، ئۇ ئەمەس بولۇپ چىقتى. نىمىشقا ئۇ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئىنتىزار بولغان دىدارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.بۇ پۈتۈلۈپ كەتكەن قارا قىسمەت تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك؟! بولمىسا شۇنچە زار بولغان،ئىزدەنگەن تىرىشقان سوھراب‹‹ يالغان گەپ قىلساڭ ئۆلتۈرىمەن›› دەپ تۇرۇپ گەپ سوراۋاتقان ئۇچۇرچىسىدىن يالغان جاۋاپ ئاڭلارمىدى ؟! VJ84?b{c W  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 35- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

سوھراب  يەنىلا دىلىدىن ئۇمىد ئوتلىرىنى ئۆچۈرمەي داۋاملىق سۇئال سوراشنى داۋاملاشتۇردى: nJbtS#`G4  
-جېنىڭنى ساقلاپ قالاي دىسەڭ راستىنى ئېيت،چەتتىكى  چېدىرنىڭ ئەتراپىدا پىللار ۋە پىل مىنگەن سەربازلار بار ئىكەن.ئەتراپىدا ھەربى كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.چېدىر ئۈستىگىمۇ بۇلۇتتىن ئىگىزرەك بايراق قادىلىپتۇ.بايراقتا زەردىن تىكىلگەن بۆرە چىشى بار ئىكەن. تەخت ئەتراپىدا  غۇلاملار سەپ-سەپ بولۇشۇپ قاتار تۇرۇشۇپ كېتىشىپتۇ.ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟ a5 *2h{i  
-ئۇ گۇدەرىزنىڭ ئامراق ئوغلى گېۋنىڭ چېدىرى.ئۇنى نامدار باھادىرلاردىن نېۋنىڭ نەسلى دىيىشىدۇ.گۇدەرىزنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەممىسى نېۋنىڭ سەردانىلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى لەشكەر سەردارلىرى.گېۋنى رۇستەم ئۆزىگە كۇيئوغۇل قىلغان .بۇنداقلار ئىراندا كەم تېپىلىدۇ. `J]fcE%T0R  
-سەن رۇستەمنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالدىڭ، ئۇنى تېخىچە كۆرسەتمەيسەنغۇ؟ Hip&8NW  
-كەچۇرسىلە شاھىم،رۇستەم يىراق زابۇلىستاندا تۇرىدۇ.كاۋۇس خەتەرلىك ئەھۋالغا قالمىسىلا ئۇنى چاقىرتىپ كەلمەيدۇ.بۇ قېتىم ئۇنى تېخى چاقىرتمىغان ئوخشايدۇ. ilK-?@u+  
-كۈنچىقىش تاماندا تۇرغان ئاپئاق چېدىرنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇ چېدىر باشقا چېدىرلاردىن چۇڭراق ئىكەن.ئالدىدا مىڭلىغان پىيادە ئەسكەرلەر سۇۋارى تۇرۇشۇپ كېتىپتۇ.سەردارى گۆھەردىن بېزەلگەن پىلسۆڭەك تەختتە ئولتۇرۇپ پەرماندازلىق قىلىۋاتىدۇ.چېدىرىنىڭ پەردىلىرىمۇ سەدەپ بىلەن زىننەتلىنىپتۇ.تەىت .ئەتراپىدا ىىزمەت قىلىۋاتقان غولاملىرىمۇ بەك كۆپكەن .ئۇ كىم ؟ '[J<=2&  
-ئۇ سەردارنى فەرېبۇرز  دەپ ئاتايدۇ.شاھلار نەسلىدىن بولغان شاھزادە،جەڭ كۈنلىرى خۇددى ھۆكۈزدەك كۈچتۈڭگۈر بولۇپ كېتىدۇ. dlU'2Cl7d  
-ئاۋۇ ساپسېرىق چېدىر ئالدىدا قاۋان نەقىشلەنگەن،ئۇچىغا كۈمۈشسىمان يېرىم ئاي بار ئىگىز بايراق يەلپۈنۈپ تۇرۇپتۇ.ئەتراپلىرىدىمۇ رەڭگارەڭ بايراقلار كۆپ ئىكەن. ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟ qe#P?[  
-ئۇ ئەل گۇراز دەپ نام بەرگەن،جەڭ كۈنلىرى شىرغىمۇ ئارام بەرمەيدىغان باتۇرنىڭ چېدىرى. OF%B[h&   
سوھراب رۇستەمنى دېرەكلەپ قانچىلىك كۆپ سۇئال سورىغان بولسىمۇ ھەجىر ئۇنىڭدىن ھامان يوشۇراتتى.بۇ يەردە زامان خاھىشى باشقىچە بولۇپ، بىز نىمىنى كۆرۈشكە،نىمىگە ئېرىشىشكە قانچىلىك دەرىجىدە ئۇرۇنمايلى  پەرۋەردىگار ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سىرنى بىز قانچە قىلساقمۇ ئاشكارە قىلالمايدىكەنمىز. "8'@3$>R=  
سوھراب كۆك چېدىرنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىكى ئىسىل جەڭ ئېتى بار كاتتا شەخسنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈردى. V I,AC j  
-    كىملىكىنى بىلمەيمەن. (*1v\Q  
-    يەنە بىلمەيمەن دەيسەنغۇ؟ VmCW6 G#M  
-      كىملىكىنى بىلسەم ئېيتماسمىدىم .كاۋۇس بۇ جەڭ ئۈچۈن ،مازەندىران،ھاماۋەران قاتارلىق كىيىن بويسۇندۇرغان ئۆلكە ۋە مەملىكەتلەردىنمۇ لەشكەر ۋە سەركەردىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. RbCPmiZcH  
-    سەندە ئىنساپ قالماپتۇ.قانداق قىلىدىكىن دىسەم ،باشتىن ئاياغ رۇستەمنىڭ نامىنى ۋە دېرىگىنى مەندىن يوشۇرۇپ كەلدىڭ.ئالايىتەن سورىساممۇ باھانە كۆرسىتىپ  ئۇ بۇ يەرگە كەلمەپتۇ دىدىڭ.سەن مېنى قاپاقباش كۆرۈپ قالدىڭمۇ ؟رۇستەم  دىگەن جاھاندا نامى بار مەشھۇر پالۋان تۇرسا ،شۇنچە قوشۇن ،شۇنچە مەشھۇر سەركەردىلەر كەلگەن چوڭ جەڭ مەيدانىغا  كەلمەي قالامدۇ؟ سەندىن يەنە بىر قېتىم سوراي راستىڭنى ئېيت! پۈتۈن قوشۇننىڭ سۇلتانى قېنى؟ يۇرتنىڭ پاناھى،ئىراننىڭ ئەڭ مەشھۇر پاسىبانى قېنى؟!كاۋۇس پىل ئۈستىدىكى تەختىراۋانغا چىقىپ، ھىچبىر داڭدارىنى قالدۇرماي ھەممە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ لەشكەر تارتىپ كەلگەن تۇرسا رۇستەمنى ئالماي كىلەرمۇ؟ ماڭا ماڭا تەڭ كىلىدىغان باتۇرىنى سالماي كىلەرمۇ؟ بۇنداق چوڭ قوشۇنغا رۇستەمدەك بايراق بولىدىغان كىشى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ مەن سېنى نىمە قىلىۋەتسەم بولۇر؟! @lCJ G!u  
-    بايا دىدىمغۇ ؟ رۇستەم كەلمەپتۇ.كەلگەن بولسا مەن ئۇنى تونۇۋالاتتىم.مەن ئۇنى ياخشى تونۇيمەن. مەن ئۇنۇڭ بىلەن نۇرغۇن جەڭلەرگە بىرگە قاتناشقان. $jm>:YD  
-    ھەي سەن ئويلاپ باقمامسەن.باش سەردار نەدىمۇ جەڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ؟ بۇنداق چوڭ جەڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۆلكە ۋە ۋىلايەت ئەڭ داڭلىق سەركەردىلىرى بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن لەشكەر چىقىرىدىغان تۇرسا رۇستەم زابۇلىستاندىن لەشكەر باشلاپ كەلمەي قالامدۇ؟! بولدى.بۈگۈن بۇندىن ئارتۇق سۆزلەشكە ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ.گېپىمگە قۇلاق سال.بىز ئەھدى پەيمان قىلىشايلى.ئەگەر تەھەمتەن رۇستەمنى ماڭا كۆرسىتىپ قويساڭ ساڭا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بېشىڭدىن زەر ئۆرۈپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋېتىمەن.ھەتتا پۈتۈن غەزىنەمنى سورىساڭمۇ بېرىۋېتىمەن.ئەگەر دىلىڭدا كىر ۋە ئاداۋەت ساقلاپ رۇستەمنى مەندىن يوشۇرساڭ، تىنىڭنى بېشىڭدىن جۇدا قىلىپ، ئاناڭنىڭ يۈرەك باغرىنى خۇن قىلىۋېتىمەن.سەن مۇشۇ ئىككى يولدىن بىرىنى تاللا ! KQ `qpX^d  
بۇرۇن بىر  مۇبەد سۆز ھىكمىتى ھەققىدا سوھرابقا چۈشەنچە بېرىپ شۇنداق دىگەن ئىدى: Gq_-Val]"  
-ئېيتمىغان سۆز دىلدىكى بىھىساپ گۆھەرگە ئوخشايدۇ.ئۇ گويا تاش قۇتا ئىچىدىكى باھاسىز ئالماستۇر.ئەگەر ئۇنىڭ قېپىنى پارچىلاپ دىدارىنى كۆرسەتسە قۇياشتەك پارلاپ، تىغدەك يالتىرايدۇ. I 
ھەجىر داۋاملىق سىر يوشۇرۇپ سوھرابنى تېرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى رۇستەم بىلەن جەڭ قىلىشتىن يالتايتىش مەقسىدىدە گەپ ئوينۇتۇپ  دىدىكى: 0E?jW7yr  
  -ئەي ئازادە شاھ،ئىران قوشۇنلىرىنىڭ تاجۇ-تەختلىرى،ۋە ئىسىل چېدىر بارگاھلىرى روھىڭنى چۈشۈرۈپ كۆڭلۈڭگە تەگدىمۇ؟ نىمە دەپ قوتازغا ئوخشايدىغان رۇستەم بىلەنلا قالىسەن ؟ سەن جەڭدە پىللار بىلەن جەڭ قىلالايدىغان باتۇر ئەزىمەت تۇرۇپ  ئەشۇ رۇستەمدىن قورقۇپ قالدىڭمۇ ؟سەن جەڭ كۈنلىرى ئېغىر گۈرزەڭنى شۇنداقلا بىر سىلكىسەڭ ئۇنىڭ زەربىدىن كەم دىگەندە ئىككى يۈز ئەسكەر ھالاك بولىدىغان تەڭداشسىز باتۇر تۇرۇپ ،نىمىشقا رۇستەم بىلەن جەڭ قىلىشنىلا ئارمان قىلىسەن؟ سەن رۇستەمنى ياخشى بىلمەيدىكەنسەن .ئۇ ئۆزى بىلەن مەيدانغا چۈشكەن ھەرقانداق باتۇرنى ھەرقانچە يۈكسەك بېشى بولغان تەقدىردىمۇ باشسىز مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.بۇ ئالەمدە بىر بېشى بار  ھىچبىر ئادەم زاتى ياكى دىۋە زاتى ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ.جەڭ كۈنلىرى ئۇنىڭغا دۇچ كېلىپ قېلىشتىن ھەتتا پىللارمۇ ھەزەر ئەيلەيدۇ.جەڭ پەيتلىرىدە تۇلپارىنىڭ توزانلىرىمۇ يۈز مىل يىراقلىقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ئەگەر جەڭ كۈنلىرى رۇستەم قەھىر قىلىدىغان بولسا تەڭرىتائالانىڭ  ياراتقان ھىچبىر مەخلۇقاتى ئۇنىڭ زەربىسىگە چىداش بېرەلمەس. e?`5>& Up  
- bKj%s@x  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى