رۇستەمنىڭ سوھراب بىلەن جەڭ قىلغانلىقى
C8|# سوھراب كۆڭلى سۇنۇق ھالەتتە بېرىپ قولىغا نەيزە ئالدى.ئۇ قولىغا نەيزە ئېلىۋېتىپ .ئويلاپ قالدى:‹‹بۇ ئادەمنىڭ قىياپىتى ئانام تەسۋىرلەپ بەرگەن ئاتام رۇستەمنىڭ قىياپىتىگە شۇنداق ئوخشايدىكەن،شۇنداق تۇرۇپ كىملىكىنى سورىسام :‹مەن رۇستەم ئەمەس› دەۋاتىدۇ.بۇ ئادەم راستىنلا ئاتام ئەمەسمىدۇ؟! بۇ ئادەم ئاتام بولمىسا ئەمىسە كىمدۇ؟،ئاتام نىمىشقا بۇ ئۇرۇشقا كەلمىگەندۇ؟ بۇ ئادەم راستىنلا ئاتام ئەمەس ئوخشايدۇ،بولمىسا مەندىن ئۇلۇغ نامىنى يوشۇرۇپ يۈرمەستى.بوپتىلا بۇ ئادەم ئاتام بولمىغاندىكلىن بىمالال ئېلىشىۋېرەي،بۇ ئادەم راستىنلا قول ئاستىدىكى سەرۋازى بولسا بۇنى يەڭگىنىمدىن كېيىن باشقىلار تەڭ كېلەلمەي قالسا نائىلاج ئاتام رۇستەمنى چاقىرىپ كېلىشى مۈمكىن؟!
y'>JT/Q5 ئىككىسى ئېلىشىش مەيدانىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن دەسلەپكى ئېلىششىنى، قىسقا نەيزىلەردىن باشلاشتى.ئۇلار ىېلى ئۇزاق ئېلىشىپ بىېر بىرىنى يىڭەلمىدى.نەيزىلەرنىڭ بىسلىرى سۇنۇپ قولىدا پەقەت نەيزە دەستىلىرى قالغاندىلا ئاتلىرىنىڭ تىزگىنلىرىنى تارتىشىپ نەيزە دەستىلىرىنى تاشلاپ قوللىرىغا ئەمدى ھىندى قىلىچلىرىنى ئېلىشتى. بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان ئىسىل تۇلپار ئاتلار ھەريان چېپىشاتتى.قىلىچلار بىر بىرىگە، بەزىدە تورالغان قالقانلارغا زەرىب بىلەن تەككەندە قاتتىق جاراڭلىغان ئاۋاز چىقىرىپ كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچرايتتى.بۇنداق زەربىدە ئادەتتىكى پالۋاننىڭ قولى سىرقىرايتتىياكى قىلىچى قولىدىن چۈشۈپ كېتەتتى.لىكىن بۇ ئىككى گاڭ بىلەك ئاتا بالىلار بىر بىرىنىڭ زەربىسىگە تامامەن بەرداشلىق بېرەلەيتتى.
"Jg.)1Jw قىلىچلارمۇ بىر بىرىگە ئۇرۇلۇش جەريانىدا بىر بىرىنى كېسىپ ئۇششاق تۆمۈر پارچىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپ تۇراتتى.قىلىچلارمۇ بىر بىرىنى كېسىپ تۈگىدى.
gFu,q`Vf* ئۇلار يەنە ئاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ قۇرال ئالماشتۇرۇشتى. بۇ نۆۋەت ھەر ئىككىلىسى دىيىشىۋالغاندەكلا ۋەزنى ئېغىر پولات گۈرزىلىرىنى قولىغا ئېلىشىپ يەنە مەيداندا ئۇچرىشىپ قايتىدىن جەڭ باشلاشتى. ئۇلار ئىككىسى بىردە توسقۇنسىز ئىككى شىر بىر بىرىگە ھەملە قىلىپ ئېتىلغاندەك، بىردە زور ئىككى كۆچمە تاغ سۈرۈلۈپ كىلىپ بى بىرىگە ئۇرۇلغاندەك بىر بىرىگە قاتتىق خىرىس قىلىشىپ بىر بىرىنىڭ بېشىنى،مۈرىسىنى،دۈمبىسىنى نىشانلاپ گۈرزە ئۇراتتى.گۈرزىنى قالقان بىلەن توساش مۈمكىن بولمىغاچ ئۇلار قالقان ئېلىشمىغان بولۇپ ئۆزىگە ئۇرۇلغان گۈرزىنى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن قايتۇراتتى ،بىرى چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇش،يەنە بىرى زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش دىگەندەك ئۆزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان گۈرزىنى گۈرزە بىلەن توراپ ئۆزىنى قوغدايتتى.ئىككى گۈرزە بىر بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلغاندا قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك قاتتىق جاراڭشىغان ئاۋاز چىقىرىپ ‹‹ يالت›› قىلىپ كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچ راپ كېتەتتى.بۇ چاغدا قاراپ تۇرغانلار:‹‹ ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىۋاتامدۇ قانداق؟›› دىگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ ئىىتىيارسىز ئاسمانغا قاراپ بېقىشاتتى. بۇ زەربىگە ئىككى پالۋان چىدىغان بىلەن گۈرزىلىرى چىدىمىدى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۈرزىلىرىمۇ سۇنۇپ كەتتى.بۇنداق ئۇزۇن داۋاملاشقان كۈچلۈك ئېلىششىقا تۇلپار ئاتلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ھالىدىن كېتىشىپ تەمتىرىشىپ قېلىشتى.ھەتتا ساۋۇتلارمۇ يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى.لىكىن ئىككى پالۋاننىڭ قىزىغان قانلىرى تېخى سوۋۇمىغان ئىدى.شۇڭا ئۇلار ئاتلىرىنىمۇ سۇنغان گۈرزىلىرىنىمۇ تاشلاپ ھەر ئىككىلىسى پىيادە بولۇشۇپ بىردە چېلىشىپ،بىردە مۇشت پەشۋا ئېتىشىپ ،بىردە بىر بىرىنى مۈرىدەپ ئىتتىرىشىپ غەزەپلىك ئېلىشىۋاتقان ئىككى بۇقىدەك غەزەپ بىلەن ئېلىشىپ كېتىشتى.بىر بىرىگە ئېتىۋاتقان مۇشت پەشۋالىرى يامغۇر كەبى ياغما ئىدى.لىكىن‹‹ ئات تەپكەنگە ئات چىداپتۇ›› دىگەندەك بىر بىرىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق شىددەتلىك ئېلىشاتتى.ئۇلار شۇ تەرىزدە ئىككى -ئۈچ چاي قاينىمى ۋاقىت ئېلىشقان بولسىمۇ بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى.يىڭەلمىگەنسېرى قېنى قىزىپ يەنە قاتتىق تۇتۇشۇپ كېتەتتى.بەدەنلەردىن تەرلەر چىپىلداپ ئاقماقتا،بىر بىرىنى غەزەپ بىلەن كۆتۈرۈپ يەرگە بېسىشىپ پومداقلاشقان چاغدىكى يۇققان توپىلار تەر سۇيى بىلەن قوشۇلۇپ يۈزلەر قوللار پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار ششۇ تەرىزدە داۋاملىق ئېلىشىۋەرگەنمۇ بولار ئىدى.ھەر ئىككىلىسىگە قاتتىق تەشنالىق يېتىپ تىللار چاك- چاك يېرىلىپ بولالماي قالغان چېغىدىلا بىر بىرىدن ئاجرىشىپ سۇ ئىچكىلى مېڭىشتى.
o76!7 بۇننىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
2k^rZ^^" ئاخىر ئاجرىلىشتى ئىككى مۇقابىل،
la!U دەرتكە تولغان ئاتا،ئەلەمللىك ئوغۇل.