مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5103 
  •    ئىنكاس 
       64 

رۇستەم ۋە سوھراب(شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 48- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

سوھرابنىڭ رۇستەمنى يىققىتقانلىقى 95#]6*#[4!  
ئالەم قۇياشى كۆككە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن قانات يايغاندا  تۈننىڭ قارا قاغىسى ئۇخلاشقا كىرىپ كەتتى. <jJ'T?,  
مۈرىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ يولۋاس تونى كىيىۋالغان رۇستەم تۇلپارىغا مىنىپ ئەجدىھا  شەكىللىك ئىگىرىدە ئولتۇردى.ئۇنىڭ سوھراب بىلەن ئېلىشىدىغان مەيدانى سىپاھلاردىن ئۈچ پەرسەڭ (بىر پەرسەڭ تەخمىنەن8كىلومىتىر)  يىراقلىقتا بولۇپ ئارىلىقتا بىرەرمۇ تىرىك جان كۆرۈنمەيتتى.رۇستەم بېشىغا پولات دوبۇلغىسىنى كىيىپ قولىغا گۈرزىسىنى ئالغان ھالدا جەڭگاھقا يىتىپ كەلدى. q]: 72+  
ئەمدى گەپنى سوھرابتىن ئاڭلايمىز: ھىچكىشى ھەددىدىن ئاشقان ئارزۇنى دىلىغا يولداش قىلمىسۇن.بولمىسا ئۆزىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئارزۇنى قوغلىشىپ ئۆزىگە بالا تېپىۋالىدۇ.سوھراب ئاخشىمى ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن ھۇممان بىلەن بىللە  بەزمىدە ئولتۇرۇپ شاراپ ئىچكەچ ناخىشا –ساز تىڭشاپ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈرمەكچى بولاتتى.لىكىن، نىمىشقىدۇ جەڭگاھتا ئۇچراشقان رەقىبىنى ۋە ئانىسىنىڭ تاپىلىغانلىرىنى ئويلىسا كۆڭلىنىڭ ئارامى بۇزۇلاتتى.رەقىبى ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسى رۇستەمدەك،ئۇقۇشماي ئۆز ئاتىسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندەك  تۇيۇلۇپ بىر خىل بىئاراملىق سىزىمدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى.ھەقىقەتەن رۇستەمنىڭ يۈرىكى تۇيمىغان بىلەن سوھرابنىڭ يۈرىكى تۇيغان ئىدى.ئۇ شاراپ ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ھۇممانغا بۇ گۇمانىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولدى.ئەپسۇسكى ھۇمماننىڭ مەخپى  ۋەزىپىسىنىڭ ‹‹ئاتا –بالا ئىككىسىنىڭ تونۇشۇشىغا يول قويماسلىق،ئىككىسىنى جەڭ مەيدانىدىكى ئەشەددى رەقىپلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، بىر –بىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈش›› ئىكەنلىكىنى،ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن سىرداش دوستى ئەمەس، ئەكسىچە ئەڭ پەسكەش رەقىبى،قوينىغا كىرىۋالغان قانخور ئىلان  ئىكەنلىكىنى ئاق كۆڭۈل، ساددا سوھراب نەدىنمۇ بىلسۇن؟! #sCR}  
-جەڭ مەيدانىدا   -دىدى سوھراب كۆڭۈل سىرلىرىنى ئېچىپ  -مەن بىلەن جەڭ قىلغان ئادەم ئەجەبمۇ شىرى مەرد ئىكەن.ئۇ ھەر بىر جەڭدە مەن بىلەن بارابەر كېلىپ قالدى. باشقا ئىران پالۋانلىرى مېنى كۆرسە كىرگىلى تۆشۈك تاپالماي قالغان بىلەن، ئۇ قورقۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.ئۇنىڭ بويى مىنىڭ بىلەن تەڭ.كەڭ يەلكىسى،كۆكرەكلىرىمۇ مىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ .چىرايى جەزبىدارلىقىمۇ ماڭا  ئوخشىشىپ كېتىدۇ ،يا پەرۋەردىگار! خۇددى ئىككىمىزنى بىر قېلىپتىن قۇيغاندەكلا ئوىشىشىپ كېتىمىز دىسە !شۇڭا ئۇ دائىما مېنى ئويغا سالىدۇ.چىرايىغا سىنچىلاپ قارىسام ئەقلىم ئازىدۇ.ئانام ئۇنىڭ نىشانلىرىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا ھەممىسى نامايەن بولۇپ ئۇنىڭ ئاتام رۇستەم ئىكەنلىكىنى يۈرەك تۇيۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.گۇمانىم شۇكى،بەلكىم ئۇ راستىنلا ئاتام رۇستەم شۇ بولۇشى مۈمكىن.ئالەمدە ئۇنىڭدەك جەڭ قىلالايدىغىنى كەم ئۇچرايدۇ.ئەگەر ئۇ راستىنلا ئۆز ئاتام بولۇپ چىقسا مەن ئۆز ئاتام بىلەن جەڭ قىلسام قانداق بولىدۇ.ئۆلسەم قىيامەت كۈنى يۈزۈم قارا بولمامدۇ؟! 6w & 
سوھرابنىڭ گۇمانلىرى ھىلىگەر ھۇمماننى چۆچۈتۈۋەتتى.سوھراب رۇستەمنى تونىۋالسا ئۇنىڭ رەزىل مەقسىدى قانداقمۇ ئىشقا ئاشسۇن ؟! ئۇچاغدا ئۇ ئەفراسىياپقا قانداق جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟ ھۇممان كۆڭلىدە ئويلىدى: سوھراب رۇستەمنى راستىن تونۇمىدى.تېخى گۇمان باسقۇچىدا .تەڭرى ئىشىمنى ئاسان قىلىپ، رۇستەم جەڭ مەيدانىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارە قىلماپتۇ. بۇ بەكمۇ ياىشى پۇرسەت! بولمىسا ئاتا دەردىدە سەكپارە بولۇۋاتقان بۇڭ بالايى- ئەزىمنى قانداقمۇ توساپ قالغىلى بولاتتى.ئەمدى مېنىڭ رولۇمنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋاقتىم كەلدى.ئۇ رەقىپنىڭ راستىنلا رۇستەم ئىكەنلىكىنى بۇنىڭدىن قەتئى يوشۇرۇش ،ئۇنى باشقا يات ئادەم،ئەشەددى رەقىپ سۈپۈىتىدە تونۇشتۇرۇش كېرەك . شۇندىلا مېنىڭ سېھرى جادۇلىرىم تامامەن كۈچىنى كۆرسۈتۈپ ئۇلۇغ مەقسىدىم ئەمەلگە ئاشىدۇ. 9~Sa7P  
ھۇممان شۇ نىيەت بىلەن سوھرابنى يالغان سۆز ئارقىلىق ئالداشقا كىرىشتى: " J9   
  -مەن نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان.ئۇ جەڭلەردە رۇستەمنى كۆپ كۆرگەنمەن.شۇڭا رۇستەمنى ياخشى تونۇيمەن .لىكىن سەن بىلەن جەڭ قىلغان بۇ ئادەم رۇستەم ئەمەس.مەن بۇنىڭغا  ھاياتىم بىلەن كاپالەتلىك قىلالايمەن.بۇ ئادەم رۇستەمگە بوي بەست،ماھارەت جەھەتتە راست بىراز ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.مىنىڭ بىلىشىمچە رۇستەم بۇ كىشىدىنمۇ ئىگىز.ئۇنىڭدىنمۇ قامەتلىك.تۇلپارىمۇ بۇ كىشىنىڭ تۇلپارىدەك بىر يېرىم كېلىدۇ. رۇستەم دىگەن ھەرقانداق بىرى بىلەن جەڭ قىلسا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى جاكالاپ  قارشى تەرەپ ئۇنىڭ كىملىكىنى تونۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن جەڭ قىلىدۇ.بۇ ئادەم رۇستەم بولمىغاچقا ساڭا نام شەرىپىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ.سەن كۆڭلۈڭنى توق تۇتۇپ جەڭ قىل.جەڭدە بۇنداق ئارىسالدى بولساڭ ئاجىز دۈشمەنەىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويىسەن! رۇستەم مازەندىراندا شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلغانكى گۈرزىسى بىلەن بويى ئاسمانغا تاقىشىدىغان مىڭلىغان  دىۋىلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئىككىنچى قارشى چىقالمايدىغان قىلىۋەتكەن ئىكەن. )x\%*ewY  
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىشتى.سوھراب ئارام ئېلىشقا ياتتى. f91]0B `C  
سەھەردە كۈن خېلى ئۆرلەپ ئاپتاپ ئۇرغاندا سوھراب تەستە ئورنىدىن تۇردى.ئۇ ئاخشام بەزمىنى كۆپ ئويناپ ،شاراپنىمۇ كۆپرەك ئىچىپ كەچ ياتقان بولغاچقا ئەتىگەندىمۇ ۋاقچى قوپقان ئىدى. Bv~^keuj3t  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 49- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

ياشلىق شۇنداق چاغ،شۇڭا ئاتا –ئانىلار  پەرزەنتلىرىنى‹‹ئاخشىمى بەزمە تاماششا بىلەن بالدۇر  ياتمايدىغان،ئەتىگىنى ئۇيقۇ بېسىپ بالدۇر قوپمايدىغان››دەپ ئەيىپلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟! IG}yGGn  
سوھراب جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەڭ لىباسلىرىنى كىيىپ ئېتىغا مىنىپ بولغان بىلەن بېشىدا ئۇرۇش غېمى، دىلىدا بولسا بەزمە سەۋداسى كېىزپ يۈرەتتى. S e[=$W  
سوھراب ئېتىنىچاپتۇرۇپ ەۈركىرىەەن پېتىچە ئېلىشىش مەيدانغا بارغاندا رۇستەم ئۇنى ساقلاپ تۇرغىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كەلگەنچە كېلىپ رۇستەم بىلەن جەڭگە چۈشمەستىن  كۈلگىنىچە رۇستەمدىن ھال سورىدى.گەرچە ھۇممان ئۇنىڭ بېشىنى خېلى ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ‹‹رەقىبى››گە نىسبەتەن يەنىلا چىن كۆڭلىدىن بىرخىل قايناق مىھىر -مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.مەيلىچە بولسا ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىش ئەمەس، بەلكى بىرگە ئولتۇرۇپ قانغۇدەك مۇڭداشقۇسى،زادى كىم ئىكەنلىكىنى،ئىچ سىرلىرىنى،بىلىۋالغۇسى ،ئۆزىنىڭمۇ قەلبىدىكى دەرت ھەسرىتى ۋە ئاتىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھىسسسىياتىنى ئىپادىلىۋالغۇسى بار ئىدى.دانالارنىڭ:‹‹ ساپ، پاك قەلىبتە،پاك ھىسسىيات،ساپ تۇيغۇ بولىدۇ›› دىگىنى ئەلۋەتتە بىكار ئەمەس ئىدى : PQ!'<  
  -ئەي پالۋان كېچەڭ قانداقراق ئۆتتى؟! كۈندۈزدىن مۇرادىڭ نىمە؟ جەڭگە قانداق  ئارزۇ بىلەن كىرمەكچىسەن؟بۈگۈنكى ھالىڭدىن قارىغاندا جەڭنى ياخشى قىلالمىغۇدەكسەن! ئېلىشىپ ئانچە ئۇزاققا بارمايلا گۈرزەڭدىن ئايرىلىپ قالغۇدەكسەن. مېنىڭ مۇنداق تەكلىپىم بار.ئاداۋەت پەنجىسىنى يەكسان قىلىپ بىردەم بەزمە تۈزۈپ بىرگە ئولتۇرساق ،بىرەر قاچىدىن مەي ئىچىشسەك دەيمەن.بۇ بەزمە بىلەن قەھرۇ –غەزەپنى،ئۆچ ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، تەڭرى ئالدىدا ئەھدۇ- پەيمان قىلىشساق.تۈنۈگۈنكى ئۇرۇش ۋە كېچىدىكى بەد گۇمانلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشساق دەيمەن. مەيلى باشقىلار جەڭ قىلىشسا قىلىشىۋەرسۇن.ئىككەيلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قىزغىن بەزمە سۆھبەت قۇرايلى.ئوبدانراق تونۇشۇپ بىر بىرىمىزننى چۈشىنەيلى.راستىنى ئېيتايكى، مىىنىڭ ساڭا نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ بېسىپ بولغۇسىز چوڭقۇر مىھرى مۇھەببىتىم بار.بۇ ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر- مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ.نىمىشقىدۇر بۈگۈن غۇرۇرۇم دىيانىتىم مېنى سەن بىلەن ئېلىشماسلىققا،سەن بىلەن ئۆچلىشىش ئەمەس بەلكى يېقىن دوستلاردەك مۇناسىبەت ئورنۇتۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ.ئاڭلىسام سىنىڭ ئەجدادىڭ نامدار پالۋانلاردىن  ئىكەن.سەنمۇ جەڭگاھلاردا زور شان شەرەپكە ئېرىشكەن  ئالەم پالۋانلىرىدىن ئىكەنسەن .ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭ توغرىسىدا ،ئەجدادىڭ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىن.مەنمۇ كىملىكىم،ئەجدادىم ،ئاتا-ئانام ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي.كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتىكى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئۈزۈلمەس رىشتە.چوڭقۇر يېقىن مۇناسىبەت بار.مەن بىلىمەن.سەن نام نەسەبىڭنى يوشۇرۇۋاتىسەن .سەن چوقۇم سامنىڭ ئەۋلادى بولغان زابۇللۇق رۇستەم شۇ! G@D8 [  
دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى سۆز بولماس دەيمەن.بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا مىنىڭچە تاش بولسىمۇ ئېرىپ كېتەر ئىدى.لىكىن نىمىشقىدۇ رۇستەمنىڭ  يۈرىكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ ،مۇزدىنمۇ ئۆتە مۇزلاپ كەتكەندەك ئىدى. بولمىسا ئوغلىنىڭ يۈرىكى تۇيۇپ شۇنچىۋالا يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىۋاتسا  نام نەسىەبىنى داۋاملىق يوشۇرۇپ مۇھەببەتتتىن ئاداۋەتنى.شاتلىق بەزمىسىدىن  قانلىق جەڭنى ئەلا بىلەرمىدى؟! ئۇ جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى: /C`AA/@  
  -ئەي شۆھرەتلىك ئەر، ئەقلى ھۇشۇڭ جايىدىمۇ؟ شىددەتلىك جەڭ ئالدىدا قايسى باھادىر مۇشۇنداق يارىماس سۆزنى قىلىدۇ؟ مەن سەن بىلەن بەزمە تۈزگىلى ئەمەس،بەلكى جەڭ قىلىپ يېڭىش -يىڭىلىشنى ئايرىغىلى كەلدىم.سەن خىيالىڭدا مېنى بەزمىگە قىزىقتۇرۇپ ،شاراپ ئىچۈرۈپ مەست قىلىپ قويۇپ ،توزاققا چۈشۈرۈش يولى بىلەن باپلاي دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ سەن ئاڭلىمىغانمۇ ؟ كونىلارنىڭ:‹‹ گوللىغىلى كىچىك بالا ياخشى،خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى›› دىگەن ماقالى بار ئەمەسمۇ؟ سېنىڭچە مەن قاقۋاش قېرى تۇرۇپ سەندەك بىر ياش گۆدەكنىڭ ئاددى قاپقىنىغا دەسسەرمەنمۇ؟مەن دىگەن كۆپ جاھان كېزىپ جىق ئىسسىق سوغاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن،نۇرغۇن ياخشى يامان،ئالىجاناپ ياكى پەس ئادەملەرنى كۆرگەنمەن. مېنى سەندەك بىر ياش بالا ئەمەس، كەمەك ئەييارمۇ ئالدىيالمايدۇ. مەن بۇ جەڭ مەيدانىغا بۈگۈن تەۋەككۈل كەمىرىنى باغلاپ كەلدىم. بىز بۇيەردە قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي تېزراق جەڭگە چۈشەيلى.بىر بىرىمىز بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ يېڭىش يېڭىلىشنى ئايرىيلى.تەڭرىنىڭ ھۆكمى نىمە شۇنى تېزراق بىلەيلى؟ u$nmnd`g  
سوھراب بۇ جاۋاپلارنى ئاڭلاپ ئۈمىتسىزلەندى.مىھرىبانلىقى ئاچچىققا ئالماشتى.شۇڭا رۇستەمگە ئەلەملىك قاراپ  ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ دىدى: yAGQD[ih  
  -ئەي قېرى ئادەم،تولىمۇ گۇمانخور ئىكەنسەن.مەن ساڭا يامان نىيەت بىلەن ئەمەس، ياخشى نىيەت بىلەن سۆز قىلغان ئىدىم.تەكلىپىمنى قوبۇل قىلمىساڭ بوپتۇ.ئۆز ئۇۋالىڭ  ئۆزۈڭگە .مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى قانلىق ئۇرۇشتا ئاخىرلاشتۇرماي،تىنىچ ئاسايىشلىقتا يەنە  بىر مەزەىل ياشاپ ئاندىن  ئاخىرلاشتۇرۇشۇۇڭ ئۈچۈن بۇ ياخشى تەكلىپنى بەرگەن ئىدىم. سەن ئۇرۇشنى بەك ئارزۇلاپ كەتكىنىڭ بىلەن سېنىڭ يېشىڭدىكىلەرنىڭ قازانغان غەلىبىسىدىن ،ئۇچرىغان  مەغلۇبىيىتى كۆپ بولىدۇ.ياخشى پىكىرنى قوبۇل قىلمىساڭ يامان ئاقىبەتلەرگە دۇچار بولىسەن. سەندەكلەرنى شانلىق غەلىبە ئەمەس،بەلكى غېرىپ قەبرە كۈتىۋالىدۇ.تېنىڭ قەبرە زىندانىغا بەنىد بولغىنىدا روھىڭ ئەرش كۇرسىغا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى يامان ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ھېساپ بېرىشكە ئۇچۇپ كېتىدۇ.مىنىڭ سېنىڭ قېرى جېنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالغىنى ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرۋەتكىم  كەلمىگەن ئىدى.سېنى قويۇۋېتەي دىسەم،ئۆزۈڭ  ئۆلۈمىڭنى ئارزۇلاپ تۇرۇۋالدىڭ.خەير تەقدىرىڭ شۇ بولسا، مەندە نىمە ئامال  ! LmsPS.It  
تەنە ئېيتىشىشلاردىن كېيىن ئىككى پالۋان پولات ساۋۇتلىرىنى كىيىشىپ ،ئېغىر قۇراللىرىنى ئېلىشىپ ،تۇلپار ئاتلىرىغا مىنىشىپ ،خۇددى ئۆمۈرلۈك ئەشەددى رەقىپلەردەك قاتتىق ئېلىشىشقا چۈشۈپ كەتتى. @CR<&^s5V  
Vx[Q=raS  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 50- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

ئۇلار شۇ تەرىقىدە  قاتتىق تەرلەپ پىشىپ، تەرلىرىگە قان ئارىلىشپ، ئەتىگەندىن تا چۈشكىچە توختىماي  ئېلىشتى.‹‹ھاي...ھۇي›› دىيىشىپ زور قىلىشىپ،غەزەپلىك نەرىلەر تارتىشىپ بىر بىرىنى تىرىك يۇتقۇدەك،چامىسى يەتسە سىقىپ سۈيىنىمۇ چىقىرىۋەتكۈدەك يامان ئەلپازدا  ئېلىششتى.بۇ ئېلىششىلاردا بىردە رۇستەم ،بىردە سوھراب زور كېلىپ قالاتتى.لىكىن يەنىلا بىر بىرىنى يېڭەلمەيتتى.ئۇلار قىزىقچىلىقتا چۈشلۈك تاماقلىرىنىمۇ يىمەي  داۋاملىق ئېلىشماقتا ئىدى.كۈن چۈشتىن قايرىلىپ خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەن  مەزگىلدە ھەر ئىككىلىسى سۇنغان قوراللىرىنى ۋە چارچىغان ئاتلىرىنى تاشلاپ ئاللىقاچان مۇشتلىشش ۋە  چېلىشش جېڭىگە چۈشۈپ بولۇشقان ئىدى.بىر  چاغدا سوھراب رۇستەمگە مەست پىلدەك تاشلىنىپ كىلىپ چەبدەسلىك بىلەن  بەل قورۇىۋىدى.خېلى چارچاپ قالغان رۇستەم ئۇنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.ئۇ رۇستەمنىڭ بەلبېغىدىن قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ ئەركىن كۆتۈرىۋىدى- بۇ زەربىگە يەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك تىترەپ كەتتى.رۇستەم كۈچلۈك كىرانغا دۇچ كەلگەن ئېغىر يۈكتەك يەردىن ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.سوھراب دەھشەتلىك ئاۋازدا  قاتتىق نەرە تارتىپ رۇستەمنى بېشىدىنمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى.رۇستەم بۇرۇن ئۆزى يىقىتقان باتۇرلارنىڭ ھالىغا قېلىپ دەرمانسىز ھالدا يەردە ياتاتتى.سوھراب ئۇنى پىلدەك ئېغىرلىق بىلەن بېسىپ مىدىر –سىدىر قىلدۇرمىدى.سوھراب پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ رۇستەمنىڭ بېشىنى كىسىپ جەڭنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇپ قولىنى خەنجىرى تەرەپكە ئۇزاتتى. gs@^u#O  
رۇستەمنىڭ كۆزىگە ئۆلۈم پەرىشتىسى كۆرۈنگەندەك بولدى.بېشىنىڭ كېسىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىششى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى.ئۇ بۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىدى.چالنىڭ مادارى ئاز قالغان بىلەن ھىيلە مىكىرلىرى كۆپ ئىدى.ئۇ ئىش كۆرمىگەن ياش پالۋاننى ھىيلە پەنتى بىلەن ئالداپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولدى.شۇڭا تىل لەشكىرىنى ئىشقا سالدى: h^ K>(x  
   -سەن ياش نەۋقىران بولغان بىلەن، كۆزۈڭ كور ئىكەن.جاھان مەرتلىرىنىڭ مەرتلىك قائىدىسىنى بىلمەيدىكەنسەن.مەرت پالۋانلاردا شۇنداق بىر ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەت باركى، يەككە ئېلىششىتا كىم تۇنجى نۆۋەت ياۋنى يەڭسە ،قارشى تەرەپ بىچارە بولۇپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ يەردە ياتسا ،نامەرتلىك قىلىپ دەرھال ئۇنىڭ بېشىنى كەسمەيدۇ.ئۇنى قويۇۋېتىپ قايتا ئېلىشىدۇ.ئىككىنچى مەرتەممۇ يەنە يىقىتىپ بېشىنى قارا تۇپراققا پاتۇرالىسا، ئاندىن يىڭىلگۈچىنى  ئۆلتۈرەمدۇ،ياكى  ئەسىر ئالامدۇ، ئىختىيار يەڭگۇچىدە بولىدۇ. k'[\r>T  
سوھراب ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق شىرى مەرد ئىدى.ئۇ ئالەمدە ھىچبىر ئەر تەڭ كېلەلمىگۈدەك چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە تولغان ئىدى.لىكىن بەكلا ياش بولغىنى،كۆپ ئىش كۆرمىگىنى ئۈچۈن ساددا ئىدى.باتۇر مەرتلەر ئارىسىدا بۇنداق بىر قائىدىنىڭ بارلىقىنى ئۇ بىلمەيتتى.شۇڭا ئۇ قېرى پالۋاننىڭ ھىيلە قىلتىقىغا چۈشۈپ، يالغان قائىدىنى راست دەپ بىلىپ قېلىپ، رۇستەمنى قويۇۋەتتى.ئۇ رۇستەم بىلەن قايتا چېلىشىپمۇ يۈرمىدى.رۇستەمنى قويۇۋېتىپلا تۇلپارىنى مىنىپ  ئارقىسىغىمۇ قارىماي دەشت تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. b]8\% =d  
بۇ يەردىن خېلى يىراق بىر جايدا ئاجايىپ چىرايلىق بىر يايلاق بار بولۇپ ئۇ يەردە ئاھۇ كىيىك ۋە قۇلانلار ئوتلىشىپ يۈرىشەتتى.سوھراببۇ يەرەە كېلىپ  ئۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن  رۇستەم بىلەن جەڭ قىلغانلىرىنى، رەقىبىنى تاشلاپ بۇ يەرگە دەم ئالغىلى كەلگەنلىرىنى تامامەن ئۇنتۇدى. كامانىنى چىقىرىپ كىيىك ئوۋلاشقا، كىيىك گۆشىدىن كاۋاپ پىشۇرۇپ يەپ  ئاچقان قۇرسىقىنى غەملەشكە كىرىشىپ كەتتى. w6B`_Z'f  
كەچكە يېقىن بىر چاغدا جەڭ نەتىجىسىگە تەقەززا بولۇپ تۇرغان ھۇممان سوھرابنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىچى پۇشۇپ سوھرابلار يەككە ئېلىشىدىغان مەيدانغا كەلدى.ئۇ يەردە ئۇلار ئېلىشقان ئىزلاردىن باشقا ھىچكىم يوق ئىدى.ھۇممان ھەيران بولۇپ سوھرابنى ئىزدەشكە كىرىشتى.ئاخىر ئۇنى ھېلىقى يايلاقتىن  ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدىن تاپتى.بۇ غەلىتە ھالەت ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. QX-M'ur99  
-ئەي پالۋانىم،جەڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئەجەبا ھىچنىمىدىن غەمسىز بۇ يەردە  ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپسىزغۇ؟ 5kv]k?   
سوھراب جەڭ تەپسىلاتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. كۆڭلى قارا ھۇمماننىڭ بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ نەقەدەر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئايان .شۇڭا ئۇ ئاچچىقىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ، سوھرابنى ئەيىپلەش ئارقىلىق سەگىتىشكە كىرىشتى: J2`OJsMwWe  
  -ھەي دەرىخ ،ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس،ئەي نەۋقىران پالۋان ! جېنىڭدىن تويۇپسەندە؟! ساڭا جان كېرەك ئەمەسمىدى؟! ئىسىت، سەندە شۇنچىۋالا بوي بەست.شۇنچە كۈچلۈك قول- ئاياغ ،شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرەك بولغان بىلەن ،ئازراق ئەقىل ھۇش بولغان بولسىچۇ؟! نەدىمۇ شۇنچە ئۇزاق ئېلىشىپ مىڭ تەستە يەرگە يىقىتقان كۈچلۈك رەقىبنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرمەي ئەركىگە قويۇۋېتىدىغان ئەخمەقلىق بار؟! بۇ دۈشمەننى سەل چاغلىغىنىڭ،ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىۋېلىشى،كۈچ مادار يىغىۋېلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ يولۋاسقا پۇرسەت بەرگەندەك بىھۇدە زىيانلىق ئىش  بوپتۇ.ئەمدى قانچە قىلساڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.مەن سەن سەل قارىغان شۇ دۈشمىنىڭنىڭ دەم ئېلىپ قۇۋۋەت يىغىۋالغاندىن كېيىن، سېنى مەغلۇپ قىلىشىدىن ،سەن پۇرسەت بەرگەندەك ساڭا پۇرسەت بەرمەي، جېنىڭغا قەست قىلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن. مەن دانا شاھىمىزنىڭ:‹‹ئاجىز ياۋنى سەل چاغلىغانلىق- ئەجەللىك زور خاتالىقتۇر›› دىگەن ھىكمەتلىك سۆزىنى ئاڭلىغانمەن. 8H SGOs =8  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 51- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

ھۇممان شۇلارنى دەپ بولۇپ جىمىپ قالدى. كەلگۈسى خەتەرنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغان ئىدى.ئەكسىچە سوھراب خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك خۇشخۇي كۈلۈپ قويۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى : TsZX'Yn  
  -بولدى ،بولدى، خۇشۋاق بول! دىلىڭدا بىھۇدە ئەنسىرەشكە ئورۇن قالدۇرما. ئەتىكى جەڭدە يەنە مەن بار ،ئۇ بار. ئارىدىن بىر كېچە ئۆتكەنگە ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالالمايدۇ.مەن ئەتىكى جەڭدە ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ تۇلپارىنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن باغلاپ ئالدىڭغا ھەيدەپ كېلىمەن.ئۆلۈم جازاسىنى شۇ چاغدا بىللە بېرىمىز! ?B,B<@='%  
رۇستەم سوھرابنىڭ قولىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، دۈشمىنىگە بولغان غەزەپ نەپرىتى تېخىمۇ قايناپ تېشىپ پولات تاغدەك ئېغىر گەۋدىسىنى يەردىن كۆتۈردى.ئۇ ئەسلىدە قاتتىق ئۇسساپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى.قوپۇپلا  توپتوغرا ئېقىن سۇ ئېقىۋاتقان يەرگە باردى.قانغۇدەك سۇ ئىچىۋىدى.پۇت قوللىرىغا باشقىدىن جان كىردى.قارىسا سوھراب كۆرۈنمەيتتى.رۇستەمگە بۇ بىر پۇرسەت بولدى.ئۇ ئېقىن سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ پاك- پاكىز  تاھارەت ئالدى(يۇيۇندى).ئاندىن پاكىز بىر يەردە ئولتۇرۇپ بېشىنى سەجدىگە قويۇپ تەڭرىدىن تىلەك تىلەشكە باشلىدى. ئۇ كۆزلىرىدىن راۋان ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ دۈشمىنى ئۈستىدىن زەپەر قازىنىشنى تىلىدى.بۇ تىلەكنىڭ ئۆزىگە ئاي ۋە كۈننى مۇكاپات قىلىپ ئەكىلىپ  بەرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى قاغىش بولۇپ ئۆز بەخت  قۇياشى، جاندىن ئەزىز يىگانىسى،دۇنيالىقتىكى مىڭ ئوغۇلغا تىگىشكۈسىز مەرت مەردانە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەۋاتقانلىقىنى بىلمىدى. سوھراب تەڭرىنىڭ قۇدرەت ئىلتىپاتى بىلەن چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ يارالغان ئىدى.ئەگەر ئۇ تاشقا ئاياغ باسسا تاشتىمۇ ئىزى قالاتتى.سالماق ئايىغى تاشقا پاتقاندا مېڭىشتىنمۇ قىينىلىپ جېنىدىن توياتتى.كۈچ ئىشلىتىپ ئەزىم تاغنى يۆتكىمەك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن  ئانچە مۈشكۈل ئىش ھېساپلانمايتتى.قەلبى ئاللاھقا يېقىن دۇاخان كىشى ئۆز دۇئاسىدا ئاللاھتىن  ھەرقانداق تىلەك تىلىسە تىلىكى ئىجابەت بولۇپ نائۈمىد قالمايتتى.ئوغلىنىڭ ھال ئەھۋالىدىن بىخۇد ھالدا خەۋەرسىز قالغان رۇستەم شۇ تاپتا باشقا پايدىلىق تىلەك تىلىمەستىن ئۆز ئوغلىنىڭ ھالاكىتىنى تىلەۋاتقانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟!دۇئانىڭ ئاساسى قىسمى ‹‹خۇدا سوھرابقا بەرگەن كۈچ قۇدرىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياندۇرۇۋالسۇن.ئۇمۇ باشقا باتۇرلاردەك رۇستەمدىن ئاجىز يارالسۇن ›› دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.ئۇ تىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا:  ‹‹ئەي، قۇدرەتلىك خۇدا ! مەن ئاجىز بەندەڭگە ئۆزۈڭ پۇشتى پاناھ بولغايسەن.قېرىلىق ھالىمدىن ياشلىق ھالىمغا ياندۇرۇپ، خۇددى ياشلىق مەزگىلىمدىكىدەكلا چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلغايسەن!›› d`Em) 3v  
رۇستەمنىڭ دۇئاسى تېزلا ئىجابەت بولدى.ياشلىقىغا قايتىپ قول پۇتلىرى قىرانلىق چاغلىرىدىكىدەك چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە تولدى.سوھرابنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن بولسا بىر قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىپ رۇستەمدىن ئاجىزراق ھالەتكە كېلىپ قالدى.رۇستەم مەمنۇن بولۇپ ئېرىق بويىدىن جەڭگاھقا قايتىپ كەلدى. ! ' @  
بىر چاغ بولغاندا سوھرابمۇ مەردانىلىك بىلەن ئات چاپتۇرۇپ  يايلاقتىكى ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 'Xzi$}E D  
ئۇنىڭ بىر قولىدا كامان بىر قولىدا پولات گۈرزىسى بار بولۇپ  ھۇمماننىڭ سۆزلىرىدىن ھۇشىنى تېپىپ رۇستەم بىلەن قايتا ئېلىشماق قەستىدە  شىردەك نەرە تارتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ نەرىسىدىن زىمىن ۋە ئاسمان لەرزىدە ئىدى. Y~bGgd]T  
رۇستەم ئۇنى كۆرۈپ تىكىلىپ قاراپ قالدى.ئۇنىڭ بوي بەستىنىڭ چىراي شەكلىنىڭ ىۇددى بىر قېلىپتا قۇيغاندەك ئۆزىگە  تامامەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئەمدى ئېسىگە ئالغاندەك ئەجەپلىنىپ چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولدى. pDx}~IB  
سوھراب بولسا رۇستەمنى كۆرۈپلا كۈلۈپ كەتتى.كۈلدىيۇ قاتتىق  ئەجەپلەندى.رۇستەمنىڭ قامىتى،سۆلىتى،چىرايى،قول ئاياغلىرىنىڭ ھالىتى...ئىشقىلىپ نۇرغۇن تەرەپلىرى  نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدىكىدىن خېلى كۆپ ئۆزگەرگەن بولۇپ بۇرۇنقى قېرىلىق ھالىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ ياشلىق كۈچىگە،تەڭداشسىز جاسارىتىگە ئىشىنىپ يەنىلا رۇستەمگە تەھدىت سالىدىغان سۆزلەرنى قىلدى: ?rH=<#@  
  -سەن بايا مەندىن يېڭىلگەن،يىڭىلگەنگە تەن بېرىپ باش ئەگكەن ئەمەسمىدىڭ؟! يەنە قايسى جۈرئىتىڭ بىلەن مەن بىلەن ئېلىششىقا كەلدىڭ؟ بايا سەن  ھىلە ئىشلىتىپ شىر ئالقىنىمدىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلغان ئىدىڭ.مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئۆز ئايىقىڭ بىلەن ئۆلۈمىڭنى تىلەپ كەپسەن.قېنى ئېيتقىنا خىيالىڭ نىمە؟ شۇنچە گەپ قىلساممۇ سۆز قايتۇرمايسەنغۇ؟  =!Y{Mz  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 52- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

سوھرابنىڭ رۇستەم قولىدا ھالاك بولغانلىقى /bylA`IM W  
رۇستەم بىلەن سوھراب مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېلىشماقچى، يىڭىش- يىڭىلىشنمى ئايرىماقچى بولۇپ  ئاتلىرىنى مەھكەم باغلاپ قويۇشتى.ھەرئىككىلىسى قۇرال كۆتۈرمەي قۇرۇق قول كېلىشىپ   قايتىدىن بەل تۇتۇشقاندىن كېيىن  ئېلىششىقا چۈشۈپ كېتىشتى. qwaw\vOA  
كىمنىڭ  تەقدىرىگە شۇملۇق يۈزلەنسە كاساپىتىدىن قورامتاشمۇ مومدەك يۇمشاپ كېتىدۇ.مانا ئەمدىلىكتە سوھرابنىڭ تەقدىرىگە شۇملۇق يۈزلىنىپ  بۇرۇنقى رۇستەمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭداشسىز كۈچ- قۇۋۋىتى قالمىغان ئىدى. رۇستەمنى قايتىدىن يىقىتىپ غەلىبىنى تېزراق قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ ھەرقانچە كۈچىسىمۇ  ئەمدىلىكتە رۇستەمگە  كۈچى يەتمەي ھەيرانلىققا پاتتى.بىراز ئېلىشقاندىن كېيىن رۇستەم قولىنى سوھرابنىڭ گەدىنى تەرەپكە ئۇزاتتى.ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى سوھرابتىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا بەلدىن ئېلىپ يۈرمىسىمۇ ئاسانلا بىر تەرەپ قىلالايتتى.رۇستەم ئوڭ قولى بىلەن  سوھرابنىڭ گەدىنىدىن قاماللاپ كۆتۈرۈپمۇ يۈرمەستىن كۈچەپ يەر تەرەپكە بېسىۋىدى .سوھرابنىڭ ئىگىلمەس شەمشادتەك قەددى پەسكە ئىگىلىشكە باشلىدى.سوھراب ھەرقانچە تىرماشسىمۇ ئىگىلگەن قەددىنى تۈزلىيەلمىدى.رۇستەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ يەنە بىر قولىنى سوھرابنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ كەينى بەلبېغىدىن (دۈمبىسى تەرەپتىن ) تۇتۇپ تارتىپ كۆتۈرىۋىدى، سوھراب ئاسمان تاپىلاق بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.رۇستەم  شىر كەبى قاتتىق نەرە تارتىپ ئۇنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە  ئۇردى.سوھرابنى يەرگە ئۇرۇپ بولۇپلا بىردەم ساقلاپ  تۇرمىدى.ئۇ بىلەتتىكى سوھراب بوش رەقىپ ئەمەس ئىدى.يەرگە يىقىلغان بىلەن سەكرەپ قوپۇپ كېتەتتى.يەردە ئۇزاق ياتمايتتى.شۇڭا پۇرسەتنى قولدىىن بەرمەي  تېز تۇتۇش قىلدى.رەھىمسىز ئاتا ئوغلىنىڭ قېنىغا خۇمار بولۇپ تېزراق قان ئىچمەكچى بولغاندەك ، چەبدەسلىك بىلەن خەنجىرىنى چىقىرىپ سوھرابنىڭ كۆكسىگە  زەرىب بىلەن ئۇردى.بۇنداق بولۇشىنى كۈتمىگەن سوھراب  ئاچچىق بىر تولغۇنۇپ قاتتىق ئاھ تارتتى. كېيىن نۇرسىز كۆزلىرىنى رۇستەمگە تىكىپ ئاستا  پىچىرلىدى: |R*fw(=W  
  -بۇ يامانلىقنى سەندىن كۆرمەيمەن. ئۆزۈمدىن ئۆتتى.چۈنكى پالاكەت ئاچقۇچىنى ئۆزۈم قولۇڭغا بەردىم.سەندە ھىچ گۇناھ يوق.بۇ تەتۈر پەلەك مېنىڭ  ئۆلۈمىمگە سېنى  سەۋەپچى قىپتۇ.مەن پەقەت بالدۇر چوڭ بولۇپ قالغىنىمغا  پۇشايمان قىلىمەن.  چۈنكى، مېنىڭ تەڭتۈشلىرىم  تېخى  بالىلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ يۈرگەن چېغىدا، مىنىڭ نەۋقىران بېشىم  ۋاقىتسىز قارا يەرگە كۆمۈلىدىغان بولدى.مەن ئەسلى بۇنداق ئالدىرىماسلىقىم كېرەك ئىدى.ئانام ئاتامنىڭ ئۇلۇغ نامىنى ۋە بەلگە نىشانلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ ئاتا مۇھەببىتىنى قەلبىمگە سالدى.ئاتامنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.شۇڭا ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ بالىلىقىمغا باقماي بۇ يۈرۈشكە چىقىپ ساپتىمەن.ئەپسۇس باشقىسىغا ئۆكۈنمەيمەن .كۆرۈشنى ئارمان  قىلغان ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەي ،ئون گۈلۈمنىڭ بىرىمۇ تېخى ئېچىلماي، باھاردا تېخى يېڭىلا ئېچىلىپ بىمەزگىل ئۈششۈك سوققان بەختسىز گۈلدەك ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىمغا ئېچىنىمەن.سىنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەيمەن.سەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدىڭ.سەن ماڭا قارا تۈندەك نائېنىق ئادەم.كىملىكىڭنى ئاتامدىنمۇ يوشۇرالامسەن؟! سەن مېنى ئۆلتۈرەلىگىنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇپ كەتمە. بۇندىىن كېيىن سەن بېلىق بولۇپ سۇغا  كىرىپ كەتسەڭمۇ،يۇلتۇز بولۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتسەڭمۇ ،ئاتامنىڭ قولىدىن ھەرگىز  قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.ئاتام سېنىڭ مېنى ئۆلتۈرگىنىڭنى بىلسە، تۇغۇمنى كۆتۈرۈپ سەندىن خۇنۇمنى تەلەپ قىلىپ كېلىدۇ.شۇڭا سەنمۇ ئۆلۈمىڭگە تەييار بولۇپ تۇر... sEvJ!$Tt?I  
-ئەي يىگىت، يېڭىلگىنىڭگە تەن بەر .نىمانچە ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى قىلىسەن!؟ دۇنيادا مېنى بېسىپ چۈشكىدەك باتۇرنىڭ تېخى يوقلىقىنى بىلمەمسەن!؟ قېنى ئېيتقىنا ! سېنىڭ ئاتاڭ كىم؟ مىنىمۇ يىڭىپ سېنىڭ قىساسىڭنى ئالالىغۇدەك قايسى ئاتاقلىق باتۇر ئۇ؟ uYMW5k_,>  
ئىسىت ساڭا ! سەن تېخى ئۆزۈڭنى ئاتامدىنمۇ قۇدرەتلىك دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ بىلىپ قوي، مەن رۇستەمنىڭ ئوغلى! 95wV+ q*  
-رۇستەمنىڭ !؟ قايسى رۇستەمنىڭ!؟ تۇراندىمۇ رۇستەم ئىسىملىك پالۋان بارما ؟ j`'=K_+nU  
-سەن نىمە دىگەن دۆت ! نەدىمۇ رۇستەمدىن ئىككىسى بولسۇن! مەن ئالەمگە مەشھۇر ئىران پالۋانى،زابۇلىستانلىق ئۇلۇغ باتۇر سامنىڭ نەۋرىسى- زال ئوغلى رۇستەمنىڭ بالىسى! {YbqB6zaM  
بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ بېشىدا  تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ غايەت زور چاقماق چاققاندەك بولۇپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.قول پۇتلىرىدا جان قالمىدى.ئاھزىدىن كۈچلۈك ئوت ئېتىلىپ چىققاندەك قاتتىق بىر ئاھ تارتىپ ،خۇددى كۈچلۈك چاقماققا يولۇقۇپ تۈۋىدىن سۇنغان سەرۋى دەرىخىدەك  ‹‹گۈلدۈر››قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. n(f&u V_):  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 53- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رۇستەم ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.مادارىدىن قاچقان كىشىدەك قوللىرىغا تايىنىپ ئولتۇردى.ۋە بايا ئاڭلىغانلىرىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك نالە قىلىپ تۇرۇپ قايتا سۇئال سورىدى: (7wR*vO^  
-ئەي ئوغۇل،سەن بايا ئېيتقان زابۇلىستانلىق سامنىڭ نەۋرىسى،  شورى قۇرغۇر زال ئوغلى  رۇستەم مەن بولىمەن! قېنى ئېيتقىنا سەندە بىرەر بەلگە نىشان بارمۇ؟ +|8Lt[^ux  
-بار،مەن ئۇرۇشقا مېڭىش ئالدىدا ئانام يۈرەك باغرى قان ھالەتتە كېلىپ بىلىكىمگە بىر گۆھەرنى باغلاپ قويغان ئىدى،ھەمدە:‹‹ئوغلۇم،مانا بۇ ئاتاڭنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن بەلگە نىشانى.ئاتاڭ بىلەن تونۇشىدىغان چاغدا كېرەك بولىدۇ.ئوبدان ئاسرىغىن›› دىگەن ئىدى.ئۇنى كۆرمەكچى بولساڭ ساۋۇتۇمنى يەشسەڭ،كاللەك يىپ ئۇچىنى بويلاپ ئىزدىسەڭ ئىزدەپ تاپالايسەن. Cg|uHI*  
-ئاھ خۇدا!ئوغلۇمنىڭ جېنىنى ئالماي مېنىڭ جېنىمنى ئال! ماڭا قىلچە رەھىم قىلماي ئەڭ ئازاپلىق دەۋزەخكە سال! مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قانداق ياشايمەن.يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەۋاتقان ھەسرەت پۇشايمان ئوتلىرىغا  قانداق چىدايمەن؟! بۇ نىمەدىگەن قاتتىق ئازاپ ! مېنى يەر يۇتسۇن! ساڭا خەنجەر ئۇرغان بۇ قوللۇرۇم كۆيۈپ كۈل بولسۇن! ... 7lj-Z~1  
رۇستەم كۆزلىرىدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈپ، قاتتىق ئاۋازدا نالە قىلىپ،‹‹ۋاي داد›› سېلىپ  يىغلايتتى ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلايتتى،چاچ -ساقاللىرىنى يۇلاتتى،ياقىلىرىنى يىرتىپ پارە- پارە قىلاتتى. ئاتىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ بىچارە سوھراب چىدپ تۇرالماي ھۇشىدىن كەتتى.خېلىدىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ بېشىدا سەكپارە بولۇپ يۈرگەن  رۇستەمگە قاراپ شۇنداق دىدى: .>nd@oU  
  -بولدى قىل! قاخشىما،بۇنچە نالە پىغان چەكمە! مەن ئۆلسەم ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئەمەس بەلكى  سېنىڭ بەتخۇلقۇڭ تۈپەيلى ئۆلدۈم. ئانام بىچارە  مۇشۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تاغام جەندەرەزىمنى ماڭا قوشقان ۋە ئىككىمىز دۇچ كېلىشىپ قالغان ياكى  ئۇقۇشماي ئۇرۇش قىلماقچى بولغان چاغدا بىزنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ ئاتا –بالا ئوتتۇرىسىدا قانلىق پاجىئە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان ئىدى.ئەپسۇسكى سەن دەسلەپكى كۈنىلا تاغامنى ئۆلتۈرۈپ ئارىمىزدىكى تونۇشتۇرغۇچى نىجاتچىمىزنى يوق قىلدىڭ.بىز جەڭگە كىرىپ بىر بىرىمىز بىلەن ئېلىشماقچى بولغان  چاغدىمۇ ئانامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن بەلگىلىرى بويىچە سېنى ئۆز ئاتامغا ئوخشۇتۇپ ئۇقۇشماسلىق يۈزبېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نامىڭنى سورىسام سەن نامىڭنى مەندىن يوشۇرۇپ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدىڭ.بۈگۈن ئەتىگەندىمۇ سېنى يۈرىكىم تۇيغاندەك بولۇپ سەن بىلەن پەقەت ئېلىشقۇم كەلمىدى.شۇڭا ئېلىشماسلىق،بىرگە ئولتۇرۇپ بەزمە قىلغاچ تونۇشۇش تەكلىپىنى بەرسەم كەسكىن رەت قىلدىڭ.نام شەرىپىڭنى ئىككىنچى قېتىم سورىسام يەنە دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدىڭ.چېلىشىپ سېنى يىقىتقان ۋاقتىمدا رەھىم قىلماي ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتىم.لىكىن سېنى‹‹ ئاتام شۇبولۇپ قالمىسۇن›› دىگەن گۇماندىن تېخى قۇتۇلالمىغان بولغاچقا سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارماي دىگەن گەپلىرىڭنى باھانە قىلىپ قويۇۋەتكەن ئىدىم.ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس! سېنى مىنىڭ يۈرىكىم تۇيغان بىلەن سېنىڭ يۈرىكىڭ قىلچە تۇيماپتۇ.مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىمىغان بىلەن سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە بەكمۇ ئالدىراپ كەتتىڭ.مانا قارا ئاخىر  تىلىكىڭ ئەمەلگە ئاشتى. سوھراب قاتتىق ئاھ تارتىپ يەنە ھۇشىدىن كەتتى.رۇستەم ئۇنىڭ ساۋۇت دوبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇپ  ئۇنىڭ بىلىكىدىكى ئۆزى تەھمىنەگە ئەۋەتەپ بەرگەن  قىممەتلىك گۆھەرنى كۆرۈپ تونىدى.ئەمدى سوھرابنىڭ ئۆزئوغلى ئىكەنلىكىگە قىلچىمۇ گۇمانى قالمىغان ئىدى. ?7p| F^  
رۇستەم قايتىدىن يىغا باشلاپ بايىقىدىنمۇ بەكرەك دات- پەرياد سېلىپ كۆزلىرىدىىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققۇزدى .باشلىرىغا توپا چاچتى.ئېغىر يارىلانغان شىردەك يۈرىكىنى قاماللاپ يەردە يۇمىلىدى.كونىلارنىڭ ‹‹بەدەن يارىسىدىن يۈرەك يارىسى يامان›› دىگەن ھىكمىتى بىكار ئېيتىلمىغان- دە؟! بولمىسا رۇستەم ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ پۇت قوللىرى كېسىپ تاشلانسىمۇ ئاغرىق ئازابىغا چىداپ بۇنچە ئازاپلىنىپ يىغلاپ يۈرمەس ئىدى.ئۇ  قەلبىدىكى چىدىغۇسىز ئازا]پلىرىنى نالىلىك سۆزلىرى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەيتتى: z0UO 
  -ئاھ ئوغلۇم! جانۇ جاھانىم! مەن كۆڭلى قارىنىڭ يامان پەيلىدىن ئۆلدىڭمۇ باتۇر پالۋانىم!... ).boe& .  
سوھراب قايتا ھۇشىغا كەلدى.قارىغۇدەك بولسا باغرى قان ئاتىسى تېخىمۇ قاتتىق نالە-زار قىلىپ ئازاپلىرى ئىچىگە   پاتمىغان ھالدا دات- پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىماقتا ئىدى. بۇھالغا ئۇ يەنە چىدىيالماي ئاتىسىغا تەسەللى ئېيتتى: [ "IJ h  
  -ئەي جان ئاتا،بۇنچىلىك نالە زار قىلىپ يىغلىمىغىن! سەن بۇنداق ئازاپلانساڭ پەريادىڭدىن دىلىم ئۆرتۈنۈپ چىدىيالماي  كېتىدىكەنمەن.شۇڭا سەۋرى قىلغىن.سەن ھەرقانچە قاتتىق نالە قىلساڭمۇ مەن ئەمدى ئەسلىمگە كەلمەيمەن.مېنىڭ ئۆلۈمۈم تۈپەيلى سېنىڭمۇ ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈشۈڭ نە ھاجەت!  دانىشمەنلەر:‹‹ھەممە ئىش تەقدىردىن بولىدۇ ››دىيىشىدىكەن.مېنىڭ سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلۈشۈممۇ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىر ئوخشايدۇ.مەن سەندىن رازى،سەن مېنىڭ ئۆز  ئوغلۇڭ ئىكەنلىكىمنى بىلمەي تۇرۇپ خەنجەر ئۇردۇڭ.مەنمۇ ھەم سېنىڭ ئۆز ئاتام ئىكەنلىكىڭنى بىلمىەگەچكە سەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتىم .بۇ پۈتۈنلەي تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان زور  ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن بولدى.بولمىسا بىز بىر بىرىمىزنى تونىغىنىمىزدا بىر بىرىمىزنى‹‹ تاك›› ئېتىپ چېكەرمىدۇق.ئالىيپمۇ قارىشارمىدۇق.ھەرگىز ئۇنداق بولمايتتى.شۇڭا ئارتۇقچە ئازاپلانما،زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويما! بالا قازا مىنىڭ بىلەنلا كەتسۇن.سەن مىنىڭ تۈپەيلىم داۋاملىق ئازاپلانساڭ،قان ياش تۆكۈپ يىغلىساڭ،مەن پەقەت چىدىمايمەن.ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.پەرزەنتنىڭ بۇرچى ئاتا –ئانىسىنى خۇشال قىلىش ئىدى.مەن ھاياتلىقىمدا سىلەرنى خۇشال قىلىش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم.مەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ سىلەر داۋاملىق مەن ئۈچۈن ئازاپلىنىپ ياش تۆكۈپ يۈرسەڭلار  مەن ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم بولالمايمەن.تىرىكىمنىڭغۇ ھالى مۇشۇ روھىمنى بولسىمۇ ئەمىن تاپتۇراي دېسەڭلار مەن ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىز يىغلىماڭلار.بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار.بەزىلەر بۇرۇن ئۆلىمىز ،يەنە بەزىلەر كېيىنرەك ئۆلىدۇ.لىكىن ئاخىر بېرىپ ھەممىمىز مەڭگۈلۈك دۇنيادا قايتا جەم بولىمىز .ئەي ئاتا مەن ئوغلىڭىز تۇرۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىش ئورنىغا سىز بىلەن ئۇقۇشماي دۈشمەنلىشىپ قاتتىق جەڭ قىلىپ  جېنىڭىزغا قەست قىلغىلى تاس قالدىم.مېنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ دۇنيادا يەتكۈزەلمىگەن پەرزەنىتلىك بۇرچۇمنى جەننەتتە جەم بولغان چېغىمىزدا يەتكۈزىۋالارمەن. ^U?(g0<"  
خەير ئامان بولۇڭ. Iq=B]oE  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 54- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولسىمۇ رۇستەم ئېلىشش مەيدانىدىن قايتىپ كەلمىدى.شاھ كاۋۇس نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي خەۋەر ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن يىگىرمە نەپەر ئايغاقچىنى رۇستەملەر ئېلىشىۋاتقان يەرگە ئەۋەتتى.ئۇلار كېلىپ قارىسا ئىككى ئات تۇراتتى.لىكىن رۇستەم ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى. Nt-SC LDM  
ئۇلار:‹‹ رۇستەم سوھراب بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپ يىغا -زارە قىلىشىپ كەتتى.ۋە قايتىپ بېرىپ بۇ خەۋەرنى كاۋۇسقا يەتكۈزۈشتى.بۇ شۇم خەۋەردىن ئىران لەشكەرلىرى ۋە سىپاھلىرى قاتتىق بىئارام بولۇشۇپ ھەممىسى دىگۈدەك قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى.يۈزمىڭلىغان لەشكەرلەرنىڭ يىغا ساداسىدىن يەر زىمىن لەرزىگە كەلدى. Le JlTWotC  
شاھ كاۋۇس لەشكەرلەرگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈردى: mVAm^JK  
-    ناغرىلار چېلىنسۇن ! بارلىق لەشكەرلەر يىغىلىپ سەپكە تىزىلسۇن!تۇسمۇ يىتىپ كېلىپ قوشۇننىڭ ئالدىغا تىزىلسۇن.ۋە چوڭ جەڭگە تەييار  بولسۇن.ئالدى بىلەن دۈشمەن ئەھۋالىنى ،سوھرابنىڭ نىمە  ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا ۋە تۇرانلارنىڭ ئوڭ سول تەرەپلىرىگە مەككار ۋە چاققان ئايغاقچىلاردىن ئەۋەتىلىپ خەۋەر ئۇقۇشۇلسۇن.دۈشمەننىڭ قايغۇلۇق ھالىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ جاسارىتى ئۆسۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يىغا- زارە توختۇتۇتلسۇن.بىز رۇستەمدەك پالۋاندىن ئايرىلساق ھالىمىز تولىمۇ يامان بولىدۇ.ئەمدى سوھراب بىلەن ئېلىششقا قوشۇنىمىزدىن كىممۇ چىقار؟بۇ ئەجدىھاغا قارشى تۇرمىغان،ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىدىغان جەڭگاھقا يېقىن يولىمىغان ياخشى. KAcri<^G  
سوھرابنىڭ قۇلۇقىغا ئىران لەشكەرلىرىنىڭ يىغا زارە قىلىشقان چېغىدىكى شاۋ-شۇۋ ئاۋازلار ئاڭلىنىۋىدى ئۇ رۇستەمگە دىدى: D>e\OfTR:  
   -ئەي ئاتا،ئەمدى مېنىڭ ھاياتىم ئاخىرلاشتى.مىنىڭ ئۆلۈمۈم تۈپەيلى تۇرانلىقلارنىڭ ئىشى تەتۈرىگە يېنىپ كېتىدۇ.سەندىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى مىنىڭ ئۆلۈمىمدىن كېيىن شاھ كاۋۇس تۇرانلىقلار ئۈستىگە لەشكەر تارتمىسۇن.  بۇ ئۇرۇشقا ئۇلار ئۆزلىرى  خالاپ چىققان ئەمەس. مەن پۈتكۈل ئالەمنى بويسۇندۇرۇپ سېنى شاھىنشاھ قىلىش،كاۋۇسنى ئۆلتۈرۈپ سېنى ۋاقتىنچە ئورنىغا چىقىرىش مەقسىدىدە ئۆزۈم بۇ ئۇرۇشنى خالاپ  ئۇلارنى كەينىمگە سېلىپ كەلگەن،ئۇلارغا نۇرغۇن شانلىق زەپەر ۋەدىلىرىنى بەرگەن ئىدىم.ئەگەر مېنىڭ ئۆلۈمىمدىن كېيىن ئۇلارمۇ قىرغىن قىلىنىپ كەتسە،ئۆلۈمى ئالدىدا  مەندىن ئاغرىنىپ ھەققىمدە لەنەتلەر ئوقۇسا مەن سېنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى بولالمايمەن.شۇڭا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماي تىنچ ھالدا تۇرانغا  قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلغىن. مەن بۇنداق بولۇشىنى،جەڭدە رەقىپكە ئەمەس ئۆز ئاتام رۇستەمگە دۇچ كېلىشىمنى ،ئۆز ئاتام قولىدا ئۆلتۈرۈلۈشۈمنى ئويلاپمۇ باقمىغا ئىكەنمەن.خەيرىيەت ئۆتكەن ئىش ئۆتتى.قەلئەدە ئىرانلىقلاردىن ئەسىر ئالغان بىر باتۇر بار.مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىمندا ھايات قېلىشنى تىلەپ يىغلىغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي ھايات قويغان ئىدىم.ئۇرۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن  ئۇنىڭدىن سەن ھەققىدە كۆپ قېتىم سورىغان ئىدىم .مەقسىدىم ئۇ ئارقىلىق سېنى تونۇپ دىدارىڭنى كۆرۈۋېلىش ،شۇنداقلا مۇشۇنداق ئۇقۇشماي ئاتا-بالا قان تۆكۈشۈپ قېلىشنىڭ  قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.لىكىن ئۇ مەلئۇن سېنى ‹‹كەلمىدى›› دەپ يالغان ئېيتىپ مېنى ئازغاشتۇرۇپتۇ.بولمىسا مەن ئۆز ئاتام بىلەن جەڭ قىلىدىغان گۇناھلىق ئىشنى ھەرگىز قىلماس ئىدىم.ئەشۇنداق يالغانچى كاززاپ ئادەملەر ئۆلۈپ يەر-يۈزىدىن نامى ئۆچسە دەيمەن.قەلئەگە بارغان چېغىڭدا ئۇ بەختى قارىنىڭ كىملىكى ساڭا مەلۇم بولىدۇ.يالغانچىلىقى تۈپەيلى كىلىپ چىققان  بۇ ئېغىر پاجىئە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىڭ ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ.لىكىن ئۇنى ئۆلتۈرمىگىن.يالغانچىلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن.گۇناھ مەن ئۆزۈمدىمۇ بار.ئانام سەن توغرىلىق ئېيتىپ بەرگەن بەلگە نىشان  ئېسىمدە چىڭ تۇرغان تۇرۇپ كۆز ئالدىمدىكى ئەينەن قىياپەتكە ئىشەنمەي خەقنىڭ يالغان  سۆزلىرىگە ئىشىنىپ بۇ پالاكەتلەرگە يولۇقتۇم.ھەيئىسىت،مەن بۇ دۇنياغا چاقماقتەك كېلىپ شامالدەك تېز كېتىدىغان بولدۇم. SvP\JQ 

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 55- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

سوھرابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ ئەلەمدىن نەپەسلىرى بوغۇلدى.كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇلپارىنى مىنىپ ئىانلىقلار قارارگاھىغا قاراپ ماڭدى.مەقسىدى-ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن قوشۇندىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرگەچ سوھرابنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن كاۋۇس ۋە ھۇممانلارغا خىزمەت ئىشلەپ تىنىچ  ئۇرۇش توختىتىشقا كۆندۈرمەي بولمايتتى. ]( =wlq)  
رۇستەمدىن قايغۇرۇشۇپ تۇرغان ئىران  لەشكەرلىرىنىڭ يېنىغا رۇستەمنىڭ ئۆزى تۇلپارىنى مىنىپ،داد پەرياد سېلىپ زار-زار يىغلاپ يىتىپ كەلدى. رۇستەمدىن ئايرىلىپ پۈتۈن ئۈمىدى يوققا چىقىپ ئۆلۈم تەھلىكىسىدە قېلىپ تىرىك قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشۈپ تۇرغان ئىرانلىقلار ئۇنى كۆرۈپ خۇددى قۇتقازغۇچى نىجاتكارنى كۆرگەندەك خۇشال بولۇشۇپ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرىشىپ كېلىشىپ سەجدە-تازىم  قىلىشىپ كېتىشتى. V}|v!h[O8  
لىكىن ئۇلار رۇستەمنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى.ئۇنىڭ باش كۆزلىرى توپا،كىيىملىرى پارە-پارە،چىرايى ناھايىتى قايغۇلۇق ،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتقان ھالەتتە ئىدى.  4SffP/  
تۇس ھەيرانلىق ئىچىدە  ئۇنىڭدىىن سورىدى: K>cz63}S  
  -ئەي باھادىرلار  شاھى،ساڭا نىمە بولدى؟ كىم سېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟ x]R(twi  
رۇستەم ئۇلارغا سوھراب بىىللەن بولغان جەڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپ ھەممىنى قاتتىق ھەيرانلىققا سالدى.ئۇ  سۆزىنى تۈگىىتىپلا يەنە قاتتىق‹‹ ئاھ›› تارتىپ ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلدى.سەركەردىلەر دەرھال ئۇنى يۆلىۋېلىشتى.يۈزىگە گۇلاب سېپىپ ھۇشىغا كەلتۈرۈشتى.گېۋ بىر ئاپقۇر مىۋە شىېرنىسى تېپىپ كېلىپ رۇستەمگە ئىچكۈزدى.رۇستەم يېنىدا تۇرغان غەمخانىلىرىغا دىلىدىكى دەرتلىرىنى تۆكۈپ ۋە تۇرانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىقنى تەكىتلەپ  مۇنداق دىدى: KHlIK`r  
  -بۈگۈن مىنىڭ  دىلىم پارە-پارە بولدى.چوڭقۇر ئازاپ تۈپەيلى يۈرىكىم ئېزىلدى.ئەمدى تۇرانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىشنى ھىچقايسىڭلار تىلغا ئالماڭلار.ئۇلار بىلەن بولغان جەڭ ئۈچۈن مېنىڭ قىلغان ياۋۇزلۇقۇم يېتەرلىك بولدى.ئەمدى كىم ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشنىئارزۇ قىلىدىكەن مىنىڭدىن يامانلىمىسۇن! ... lg onR  
زەۋارە رۇستەمنىڭ ۋەيرانە ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا  ئىچ ئاغرىتىپ يېقىن كەلدى.رۇستەم ئۇنىڭغا سوھراب بىلەن بولغان ئىشلار ۋە ئارلىقتا دىيىلگەن سۆزلەرنى سۆزلەپ بەردى.ئاخىرىدا مۇنداق دىدى: 5':Gu}Vq  
   -مەن بۈگۈنكى ئىشىمدىن ناھايىتى قاتتىق پۇشايماندا قالدىم.قىلغان ئىشىمنىڭ ‹‹مۇكاپاتى›› ئېغىر كېلىپ باغرىم خۇن بولدى.قېرىغان چېغىمدا ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈپ ئۆز  يىلتىزىمنى ئۆزۈم  قۇرۇتتۇم.ئۆز ئوغلۇمنى ئۆز قولۇم بىلەن تىغ سېلىپ جان تەسلىم قىلدۇرغىنىمنى ئاڭلىسا، ھەتتا ئاسمانمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ياش تۆكۈپ يىغلايدۇ. [Yy\>  
شۇ سۆزلەردىن كېيىن رۇستەم ھۇممانغا زەۋارەنى ئەلچى قىلىپ  ئەۋەتىپ سوھراب بىلەن بولغان جەڭ نەتىجىسىدىن خەۋەردار قىلدى .ھەمدە مۇنداق بۇيرۇق يەتكۈزدى: f' '{.L  
  -سوھراب قازا قىلىپ تۇران لەشكەرلىرى ئەمدى ساڭا قالدى.سەن ئۇلارنىڭ باش سەردارى بولدۇڭ.ئەمدى بولار ئىش بولدى.ئاداۋەت قىلىچىنى تاشلاپ ئۇرۇش توختاتقىن.ھۇشيار بولۇپ قوشۇنىڭنىڭ ئامانلىقىنى ساقلا.بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمىز يوق.ھازىرقى شارائىتتا بۇندىىن باشقا گەپ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ.سەن ئوغلۇم رۇستەم بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىپ ئوغلۇمنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولدۇڭ.بولار ئىش بولدى.ئوغلۇم بىلەن بولغان دوست بۇرادەرچىلىكىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا چېقىلمايمەن.يەنە ئاداۋەت ئىزدەپ يۈرەك جاراھىتىمنى تاتىلىمىغايسەن! \+{t4Im  
ھۇممان رۇستەمنىڭ  يەتكۈزگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى: [X }@Ct 6  
-سەردارىمىز سوھرابنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى  قايغۇردۇق.ئىگەللىشىمچە ئاتا -بالا ئىككىڭلارنىڭ ئۇقۇشماي جەڭ قىلىپ بۇ پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەجىر سەۋەپچى بولغان ئىكەن.ئۇ دىلىدا يامانلىق ساقلاپ سېنىڭ سوھرابنىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىڭنى قەستەن ئېيتىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سىر يېپىق پېتىچە قالغان ئىكەن.مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن سوھراب ئۇنىڭدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى قايتا –قايتا سورىغان ئىدى.لىىكىن ھەجىر قەستەن بىلمەسلىككە سېلىپ جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتقان ئىدى.ئۇنىڭ قەلبىگە جاھىللىق ھۆكۈمرانلىق قىلغىنى،يامانلىقنى دوست تۇتقىنى ئۈچۈن بىزگە بۇ پالاكەت كېلىپ سوھراب ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى.مەن سەردارىمىزنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارمەن.پەقەت پەرمانىڭىزنىلا كۈتىمەن! Dr6s ^}}~n  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 56- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

بۇ خىل گۇنانى ھەجىر بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن بولسا ھۇممان بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن.ھەتتا سوھرابقا رۇستەمنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن ئىدى.مانا ئەمدى سوھراب ئۆلۈپ بۇ ئىش سىر پېېتى قېلىۋىدى ھۇممان ھەممە گۇناھنى ھەجىرگە ئارتىپ ئۆزى ‹‹ئاق بالىخان›› بولىۋالدى.ھەتتا ھازىر تېخى ياخشى نىيەتلىك قىساسچى قىياپىتىگىمۇ كىرىۋېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.مەقسىدى رۇستەمنىڭ قولى بىلەن ھەجىرنى ئۆلتۈرۈپ ئىرانلىقلارنى تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرۇتۇش ئىدى. ~:>AR` 9G  
دەرھەقىقەت ھۇمماننىڭ بۇ سېھرى دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ قاتتىق غەزىپى قوزغالغان رۇستەم ھەجىرنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىش ئۈچۈن قەلئەگە كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلىرىدىنمۇ بىرنەچچىسى بىرگە كەلگەن ئىدى.رۇستەم ھەجرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ خەنجەر كۆتۈرۈپ مېڭىۋىدى ئۇلار نەسىھەت قىلىپ توسۇۋالدى... B<|VeU  
رۇستەم شۇيەردىن يەنە كېچىنى كېچە دىمەي چۆلدىكى ئېلىشش مەيدانىغا سوھرابنىڭ قېشىغا  بوراندەك تېز  يىتىپ كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇس،گۇدەرىز،ۋە گۇستەھەملەرمۇ بىللە كەلدى. ئۇلار دات سېلىپ داۋاملىق يىغلاۋاتقان رۇستەمگە تەسەللى بەردى.لىكىن رۇستەمنىڭ ئازابى ھىچ بېسىلاي دىمەيتتى.ئۇ بالا دەردىدە قاتتىق ئازاپلىىپ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا كەچۈرەلمىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرگەندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ سوھاب ئۈچۈن قىساس ئالسا، تىرىك يۈرۈپ ئازاپنىڭ دوزاخ ئوتىدا كۆيگەندىن ئاسانغا توختايتتى.ئۆز ۋىجدانىغىمۇ يۈز كېلەلەيتتى.شۇ نىيەت بىلەن ئۇ سوھرابنى ئۆلتۈرگەن خەنجىرىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆز  بوينىغا سېلىپ  بېشىنى كىسىپ ئۆلۈۋلىش ئارقىلىق  روھى تەسكىنلىككە ئېرىشمەكچى بولدى. ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى ھەمراھلىرى بىرگە كەلگەن ئىكەن.سەردارلار ئۇنى توساش ئۈچۈن  ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ياش تۆكۈشۈپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈندى.گۇدەرىز قايىل قىلارلىق سۆزلەر بىلەن رۇستەمنى توساپ مۇنداق دىدى: :O $@shV  
   -ئەي  رۇستەم،سەۋرى قىلغىن! ئەمدى بولغۇلۇق بولدى.ئوغلۇڭنىڭ قىساسى ئۈچۈن پۈتۈن جاھانغا ئوت قويۇپ ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ  كۈل قىلىۋەتسەڭمۇ ياكى ئۆزۈڭگە يۈزلەپ خەنجەر ئۇرۇپ  ئازاپلىنىپ ئۆلۈۋالساڭمۇ  ھىچ ئىش ئىز ئورنىغا كەلمەيدۇ.ئوغلۇڭنىڭ بىر تال تىرنىقىمۇ تىرىلمەيدۇ.دۇنيادا كىمنىڭ پەيمانى توشۇپ يەيدىغان رىزقى تۈگىسە ئۇنى بىرسى ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ بوسۇغىغا پۇتلۇشۇپ كېتىپمۇ بولسا ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇگۈن سوھراب ئارىمىزدىن كەتتى. قېنى ئېيتقىنا قالغانلاردىن قايسىمىز ئەبەدى ياشىيالايمىز؟!جايىمىز مەيلى سارايدا بولسۇن،مەيلى كەپىدە ياكى ئوتلاقتا بولسۇن ئۆلۈم كۈنىمىز كەلگەندە ھىچقايسىمىز  ئالدىن خەۋەر تاپماستىن تۇيۇقسىزلا ھاياتلىق سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەزرائىل بىلەن دوست تارتىپ كېتىمىز.بۇ ئۆلۈم غېمى ھىچكىمنى ئامان قالدۇرمايدۇ. kE/`n],1U  
كۈنى پۈتۈپ ھەممە ھاياتتىن كېتەر. nPcS3!7B#  
قىسمەتتىن ھىچ كىشى تاپمايدۇ خەۋەر، EM=w?T  
ھىچكىمنى قالدۇرماس بۇ ئۆلۈم غېمى ، ?J t$ a;  
ھەركىمنىڭ بېشىدا بار ئۆز ماتىمى . 1O |V=K  
يولىمىز يىراقتۇر يا بۇنداق قىسقا ، Q48+O?&  
بارار جايىمىز بىر، ھەممىمىز ھەمراھ. 3bC+Mco  
NYBe"/}GS  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 57- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

كىيىنكى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە جىددى خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ئۆيدە تۇرالماي داۋامىنى يوللىيالماسلىقىم مۈمكىن.راست شۇنداق بولۇپ قالسا سادىق ئوقۇرمەنلىرىم ،ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىزلەر.
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 58- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

رۇستەمنىڭ  كاۋۇستىن دورا سورىغانلىقى oDn|2Sdqd  
رۇستەم بارلىق ئاتىلارغا ئوخشاش ئوغلى سوھرابنىڭ ساقىيىپ قېلىشىنى،مۆجىزىلەرچە ھايات قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى.ئۇنىڭ ئېسىگە مازەندىراندىكى غەلىبىدىن كېيىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ كاۋۇسنىڭ غەزىنىسىگە ئېلىنغان،ھەرقانداق ئېغىر كېسەللەرگىمۇ شىپا قىلىدىغان خاسىيەتلىك  نۇش دورا كەلدى .ئەگەرشۇ دورا بولغىنىدا سوھرابنىڭ ھايات قېلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا رۇستەم گۇدەرىزگە قاراپ شۇ دورىنى تېپىپ ئەكىلىپ بېرىشنى سوراپ مۇنداق دىدى: ]p7jhd=  
  -ئەي لەشكەرلىرىمىزنىڭ پەخرى گۇدەرىز  پالۋان، سەن كاۋۇس شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ مىنىڭ سوھرابقا خەنجەر ئۇرۇپ ئېغىر يارىدار قىلىپ قويغۇنۇمنى،ئۇنىڭ ھازىر ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ مېنىڭ ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى ئۇ يارىدار بولغاندىن كېيىن ئۇقۇپ ناھايىتى بەك ئازاپلانغانلىقىمنى، ھازىر ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى،مېنىڭ  كاۋۇس ئۈچۈن ھازىرغىچىلىك قىلغان خىزمەتلىرىمنى نەزەرگە ئېلىپ  ماڭا غەزىنىسىدىكى خاسىيەتلىك نۇش دورىدىن بېرىشىنى  مېنىڭ ئورنۇمدا ئۆتۈنۈپ سورىغىن. ئەەەر سوھراب ئەشۇ دڭورىنى ئىچىپ ككز ئېچىپ قالسا مەن كاۋۇستىن ئالەمچە مىننەتدار بولغان بولىمەن.سوھرابمۇ قۇتۇلۇپ قالسا بۇندىن كېيىن مەن بىلەن كاۋۇسنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ?'s6Xmd  
گۇدەرىز  بۇ گەپنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ تۇلپارىنى مىنىپ شامالدەك تېزلىك بىلەن كاۋۇسنىڭ يېنىغا كەلدى.كاۋۇس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى  ھەمدە  رۇستەمنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدى. oD9^ID+  
كاۋۇس مۇنداق دىدى: OsqN B'X  
  -پىلتەن رۇستەمنىڭ  مەندىكى ھەققى ۋە ئەجرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ.ئابرويىمۇ ھەممىدىن يۈكسەك.نىيىتىم ئارزۇيۇم شۇكى.خۇدا ئۇنىڭ ئوغلىنى ئامان ساقلاپ ئېغىر  مۇسىبەتكە قالمىسۇن.لىكىن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەنكى خاسىيەتلىك دورىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسەم ،ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىنى داۋالاپ ساقايتىۋالسا،ئۇ  بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچىيىپ كىتىدۇ. بۇرۇندىن مېنى كۆزگە  ئانچە ئىلىپ كەتمىگەن رۇستەمنىڭ نەپسى تېخىمۇ يوغىناپ ھازىرقى ھالىغا شۈكۈر قىلماي  شاھلىق دەۋاسى قىلىپ قوپىدۇ.بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىن تۇرۇپ، مېنى بارلىق كۈچى بىلەن قوللايدىغانلارنى يوقۇتۇشقا كىرىشىپ ئالدى بىلەن سېنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاندىن ئىچكى مالىمانچىلىق چىقىرىپ  مېنى يوقۇتۇپ شاھلىق ئورنۇمنى تارتىۋېلىش قەستىگە چۈشىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا بۇ دورىنى بېرەلمەيمەن. بۇنىڭغا دەلىلىم شۇكى، قايسى كۈنى ئۇ زابۇلىستاندىن كېچىكىپ كەلگەندە ئاچچىقلاپ ەۇناھقا بۇيرۇسام ماڭا نىمە ھاقارەتلەرنى قىلمىدى.مېنى ككزىەىمۇ ئىلىپ قويماي:‹‹كاۋۇس دىگەن كىمۇ ئۆزى؟›› دىمىدىمۇ!ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ شۇ كۈنى ھەتتا تۇسنىڭمۇ قولىنى سۇندۇرۇۋەتمىدىمۇ؟! سوھرابنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ كلىپ بىزگە سالغان ئازاپلىرىنى سەنمۇ كۆردۈڭ.ئۇ رۇستەمگە ئوخشاش بىزنىڭ بەرگىنىمىزگە شۈكرى قىلىپ تۇرمايدۇ.سوھرابنىڭ بۇ نۆۋەت رۇستەمنىڭ ئىران سىپاھى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۈستىمىزگە قوشۇن تارتىپ كېلىشى بىزگە قوشۇلۇش ،بىزنى كۈچەيتىش ئەمەس. بەلكى، ئاتىسى بىلەن بىرلىشىپ مەندىن ئىران تەختىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلىگەن. ئۇنىڭ ئالەمگە خوجايىن بولۇش ياۋۇز نىيىتى بار.بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مېنى يوقۇتىدۇ.ئاندىن ئەفراسىياپنى يوقۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن  كېيىن چىن ۋە باشقا  مەملىكەتلەرگە يۈرۈش قىلىدۇ.پۈتۈن دۇنيانى ئۆز ئىلكىگە ئالمىغۇچە توختىمايدۇ. مۇشۇنداق بىر ئادەم ماڭا باش ئېەىپ كېلىپ خىزمىتىمنىق قىلارمۇ؟! ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا كۆڭۈل بۆلگىنىم دۈشمىنىمنى پەرۋىش قىلغىنىم بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق ئەخمەقلىقنى قىلمايمەن. شۇڭا سەن بېرىپ ىاسىيەتلىك دورا ئىراندىكى ئوردا خەزىنىسىدە قاپتۇ.بۇ يەرگە ئالغاچ كەلمەپتۇ.دىگىن ئۇ يەنە بىرنىمە دەپ ئىرانغا ئادەم ئەۋەتىپ بولغۇچە سوھراب چوقۇم ئۆلىدۇ. كەلەۈسى بالا قازادىن قۇتۇلىمىز! A\fb<  
گۇدەرىز باشقىچە سىلىق سۆزلەر بىلەن يالۋۇرۇپ باققان ،رۇستەمنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقى،ئۇنىڭ كاۋۇسقا بەكمۇ سادىقلىقىنى پولاتتەك  دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ كاۋۇس جاھىللىق بىلەن  ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئامال قىلالمىغان گۇدەرىز رۇستەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. gw36Ec<M  
گۇدەرىز قۇرۇق قول كەلگەچكە رۇستەمنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: tM4 Cx  
  -ئەي پالۋىنىم، بۇ كاۋۇس شاھ  ئادەم ئەمەسكەن.ئۇنىڭ خۇلقى بىر زەھەرلىك  دەرەخكە  ئوخشايدىكەن.بۇنداق دەرەخنىڭ مىۋىسىمۇ ھامان زەھەرلىك بولىدۇ.ئۆزۈڭمۇ  بىلىسەن.دۇنيادا توڭلۇقتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەسكىدىن ئىككىنچى بىرى تېپىلمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر مەرتلەرنىڭ قەدرىەە يەتمەيدۇ.قىلغان خىزمىتىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ  مۇناسىپ ھۆرمەت ۋە  جاۋابەن خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.شۇنچە يالۋۇرغان،قەلبىڭنى چۈشەندۈرگەن بولساممۇ بەرگىلى ئۇنىمىدى.ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭ بارساڭ يۈزۈڭ ئۈستىن كېلىپ بېرىپ قالارمىكىن!؟ 83%)/_&  
Fqy\CMC  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 59- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

رۇستەمنىڭ سوھرابنىڭ جەسىتى ئۈستىدە نالە قىلغانلىقى xJ#d1[kzo  
رۇستەمنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن بىر غۇلام ئىسىل زەرباب تون ئەكىلىپ بەردى.رۇستەم بۇ توننى سوھرابنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغاندىن كېيىن ،تۇلپارىنى مىنىپ كاۋۇسنىڭ يېنىغا ئۆزى بارماقچى بولدى.ئۇ تۇلپارىنىڭ ئۈزەڭەىسىەەئەمدىلا ئاياغ قويۇپ تۇرۇشىغا سوھرابنىڭ دىلنى ئۆرتەيدىغان ئاجىز پىغانى ئاڭلاندى: 6I@h9uIsze  
-    ئەي ئاتا،قۇدرەتلىك تەھەمتەن! بەختسىز ئوغلۇڭ سوھراب ئەمدى ئالەمدىن كۆز يۇمدى.ئەمدى ئۇنىڭ كېسىلىەە دورا ئەمەس،جەسىدىگە تاۋۇت ئىزدە! bv&;R  
رۇستەم بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇلپارىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى سوھرابنىڭ ئۈستىگە ئاتتى.سوھراب ئاتىسىنىڭ نامىنى تىلىغا ئېلىپ سوغاق بىر ئاھ تارتىپلا جان ئۈزدى. dKdj`wB  
رۇستەم يەنە ياقىلىرىنى يىرتىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، بوتىلىقىدىن ئايرىلغان نار تۆگىدەك بوزلاپ يىغا باشلىدى.ئەتراپتىكى رۇستەمگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئۇلۇغ ئۇششاقلارمۇ تەڭلا نالە- زار قىلىشىپ ھازا ئېچىشتى.ھەتتا بۇلارغا يىغلىشىپ بىرىشمەكچى بولغاندەك بۇلۇتلارمۇ توپلىشىپ كېلىپ كاۋۇسنىڭ يارىماس ناچارلىقىغا غەزەپلىنىپ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈۋەتتى. FCnm1x#   
رۇستەم ئوغلىنى قۇچاقلاپ  يىغلىغاچ قەلىب سۆزلىرىنى نالىلىك ئىزھار قىلماقتا ئىدى: 8- 2 cRs  
  -ئەي ياش پەھلىۋانىم،سەنمۇ مەندەك باھادىر نەسلىدىن ئىدىڭغۇ؟! سېنىڭدەك باتۇرنى ئاي ۋە ئاپتاپمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىغۇ؟ سەندەك ئۇلۇ باتۇر ئەجەل تۇتقۇنلۇقىغا ئەمەس،تاجۇ –تەختكە،ئۇلۇغ ئىشلارغا، قالقان ۋە گۈرزە تۇتۇپ شىددەتلىك  جەڭلەرگە كىرىشكە مۇناسىپ ئىدىڭغۇ؟!  ئاتا بولغۇچى ئۇقۇشماي ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ سالىدىغان،ئارقىدىن مىنىڭدەك دەردى ئىچىگە پاتماي قان- قان يىغلايدىغان ئىشلار ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان ئىدىغۇ! ؟ باتۇر ئوغلۇممۇ ماڭا ئوخشاش باتۇر سامنىڭ ئەۋلادى ئىدىغۇ! ؟ ئانا تەرىپىمۇ مەشھۇر زاتلاردىن ئىدىغۇ ! ؟ جاھان مەندەك بېشىغا ئاق سانچىلغاندا  ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ چىدىغۇسىز ئازاپقا قالغان ئىككىنچى بىربەختسىز ئاتىنى كۆرۈپ باققانمۇ ! ؟ مەندەك ياش گۆدەك بىلەن ئېلىشىپ زوراۋانلىق قىلغان ئەسكىنىڭ ئىككى قولى كېسىلسەبولاتتىغۇ! ؟ ئاھ ئىسىت بالام!  شەمشاددەك تىك قامىتىڭ  يەر ئۈزرە بولۇپ قارا يەر قوينىغا كىرىپ كېتەرسەنمۇ  جېنىم بالام! ؟لىۋىڭ تېخى ئانا سۈتىگە تولماي تۇرۇۇپ جاھاندىن شۆھرىتىڭ ئۆچۈپ كېتەرمۇ پالۋانىم بالام! ؟ سېنىڭدەكنى  بۇ جاھان ئەمدى نەدىنمۇ تاپار قەھرىمانىم بالام! ؟  سېنىڭدەك دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان شىرى -مەردنى قولۇمدىن چىقىرىپ قويۇپ يۈرىكىم قان بىلەن تولدىغۇ  جەسۇرۇم بالام ! ؟ ئاناڭ خەۋەر تېپىپ كېلىپ سوھرابىم قېنى دەپ سورىسا نىمىمۇ دەرمەن  غەمخانىم  بالام! ؟ ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى كىمدىنمۇ ئەۋەتەرمەن دەرمانىم بالام! ؟‹‹ئۆز ئوغلۇڭنى ئۆزۈڭ نىمىدەپ ئۆلتۈردىڭ ! ؟›› ‹‹ ئامراق ئوغلۇڭ ئالدىڭدا ئۆلۈمگە لايىق نىمە گۇناھ قىلغان ! ؟›› دەپ سورىسا نىمىمۇ دەرمەن ھەسرىتىم بالام!  ‹‹قايسى ئاتا مۇشۇنداق مۇدھىش ئىشنى قىلغان؟ نىمىدەپ يورۇق كۈنۈمنى قارا قىلدىڭ؟ ئەقىللىق ،باھادىر،نەۋقىران ئوغلىنى قايسى ئەقىلسىز ئاتا ئۆلتۈرگەن؟ دەپ سوراقلاپ تىل ياغدۇرسا ھەممىسىگە ھەقلىقمەن پەيمانىم بالام!  شاھ بوۋىڭىز بۇنى ئاڭلىسا،پاكىز ئانىڭىز دەرتكە چىداپ بولالمىسا،سام نەسلىگە نەپرەتلەر ياغدۇرسا ! مېنى ‹‹دىنسىز،ئەقىلسىز،ئىمانسىز››دەپ ئەيىپلەشسە، دەرت ئۈستىگە دەرت بولماسمۇ جېنىم بالام!  ئاھ! ئاخشامقى كىچىككىنە گۆدەكنىڭ بۈگۈنلا سەرۋىدەك تېز بوي تارتىپ ،باتۇرلارنىڭ باتۇرى بولۇپ كامان تارتىپ ،ھېساپسىز لەشكەرگە قوماندان بولۇپ ئىرانغا قارشى لەشكەر تارتىپ كېلىپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز جېنىم بالام ! ؟  ... vM5k_D  
گۇدەرىز قاتارلىقلار رۇستەمگە يەنە تەسەللى بېرىپ يىغىدىن توختىتىشتى.ئاندىن سوھرابنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىشتى.سوھرابنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئىسىل زەرلىك يىپەك رەختتىن يوپۇق يېپىشتى.تاۋۇت تېپىپ كېلىپ جەسىدىنى ئۇنىڭغا سېلىپ مۈرىسىدە كۆتۈرۈشتى. %}%Qc6.H  
فىردەۋسى مۇنداق يازغان: Z< vKQ4 G  
ئارزۇسى ئۆلكەيۇ تەختۇ- تاج ياقۇت، Y'8?.a]'  
نىسىۋىسى بولدى تار قىستاڭ تاۋۇت. +F^^c2E  
تۇرانلىق لەشكەرلەرمۇ  سوھرابقا ماتەم تۇتۇپ ھازا ئېچىشتى.دوستلىرى قان يىغلىشىپ باشلىرىغا توپا چېچىشتى. ))"6ern  
رۇستەمنىڭ ئادەملىرىتۇرانلىقلار بارگاھىدىن  سوھرابنىڭ چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى سوھرابقا تەۋە بولغان شاھانە تاج،شاھانە تەخت...قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى رۇستەمنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كېلىشتى. +mn ,F};  
سوھرابنىڭ جەسىدىمۇ رۇستەمنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كېلىندى.ئۇنىڭغا ئىسىل زەر كىمخاپتىن تون كىيدۈرۈلدى.كىيىن سوھرابنىڭ چېدىرىنى قۇرۇپ  ئۇنىڭغا سوھرابقا  تەۋە  نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن  كېيىن چېدىرغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. "hsb8-  
بۇنىڭ بىلەن سوھرابنىڭ دەرت- ھەسرىتى رۇستەمنىڭ يۈرىكى ۋە ۋۇجۇدىنى ئوتتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆيدۈرۈپ ئۆرتىمەكتە ئىدى.ئۇ داۋاملىق نالە قىلىپ يىغلايتتى. [5SD_dN  
 |'B7v i)  
[ بۇ يازما Qabiljan تەرپىدىن 2011-08-14 03:22 PM دە ]

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى