-
2009-02-25
«3 تە ياخشى» ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش شەرتلىرى - [پىلان، خۇلاسىلەر]
«3 تە ياخشى» ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش شەرتلىرى
سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتە
ئىدىيىۋى- سىياسى جەھەتتە ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھى بولۇش، پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلى ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولۇش، پارتىيىمىزنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ھىمايە قىلىش، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە جەمئىيەتكە پايدىلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتىنىشىش، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلىيالايدىغان بولۇش، توغرا بولغان سىياسىي ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر كۆز قارىشىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى توغرا مۇلاھىزە قىلىش ۋە ھەل قىلالايدىغان بولۇش، توغرا بولمىغان ئىدىيە ۋە قىلمىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قارىشى تۇرالايدىغان، تەنقىد بېرەلەيدىغان بولۇش.
ئەخلاقىي پەزىلىتى
ساۋاقداشلار ئارا ئىتتىپاقى ياخشى بولۇش، كوللىكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى بولۇش، بارلىق زېھنى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش، ئىش قىلغاندا ئادىل بولۇش، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دائىملىق ھەرىكەت مىزانى» نى ھەم «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر كۈنلىك ھەرىكەت نىزامى» نى ئىجرا قىلىشتا ئۈلگە بولۇش، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، جامائەت مۈلۈكىنى ئاسراش، تۇرمۇشتا ئاددا- ساددا بولۇش، قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش، ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، باتۇر سەمىمى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولۇش، شۇنداقلا ياخشى تازلىق ۋە ئەمگەك ئادىتى، مەدەنىيەت ساپاسى بولۇش.
ئۆگىنىش جەھەتتە
ئۆگىنىش مەقسىدى ئېنىق، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى توغرا بولۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتى بولۇش، ئادەتتە كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان، قىتىقىنىپ مۇلاھىزە قىلىدىغان بولۇش، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ئىقتىدارنى مۇستەھكەم ئىگىلىگەن بولۇش، ھەمدە ئۆگىنىشتە ئالاھىدىلىكى ۋە كەڭ دائىردىكى بىلىمى بولۇش، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولۇش.
ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۆلچىمى: سىياسەت، تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتكا، چەتئەل تىلى، (خەنزۇتىلى) قاتارلىق ئاساسىي پەنلەردىكى نەتىجىسى 85 نۇمۇردىن يۇقىرى بولۇش (خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى دەرىجىلىك)، باشقا دەرسلەردە 70 نۇمۇردىن يۇقىرى بولۇش.
بەدەن سۈپىتى جەھەتتە؛ تىنى ساغلام بولۇش، بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە ھەر خىل مەشىقلەرگە ئەستايىدىل قاتنىشىش، تەنتەربىيە نەتىجىسى ياخشى (85 دىن يۇقىرى) ياكى مەلۇم تۈردە كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجىسى بولۇش، ئالىيجاناپ پەزىلىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بولۇش، ئۆز- ئۆزىنى سۆيدىغان، ئۆز- ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، يالغان گەپ قىلمايدىغان، كەمتە، سەمىمى قاتارلىق ياخشى پىسخىك ئالاھىدىلىكى بولغان بولۇش.
历史上的今天: