• 2009-02-01

    باشلانغۇچ5-يىللىق جەمئىيەت دەرىسىدىن بىر سائەتلىك تەيارلىق - [دەرىسلىك]

    يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ماكانى

    دەرس ئۆتۈش ۋاقتى: 2008-يىلى   -ئاينىڭ   -كۈنى

     

    ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان:

    بىلىم ۋە قابىلىيەت:

    بۇ دەرسنى ئۆتۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا يەېر شارى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ماكانى ئىكەنلىكىنى، يەر شارىنىڭ شەكلى، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.

    جەريان ۋە ئۇسۇل:

     ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپتا بىرىلگەن يەر شارىنىڭ رەسىمىنى كۆزىتىشكە ۋە دەرس تىكىستىنى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق رەسىم مەزمۇنى بىلەن تىكىست مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى بىلگەنلىرىنى سۆزلەشكە، بىلگەنلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا يىتەكلەپ، ئىنسانلار يەر شارىدا ياشاش ئۈچۈن قانداق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش.

    ھىسيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:

    بۇ دەرسنى ئۆتۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا قانداق قىلغاندا ئىنسانلار ماكانى بولغان يەر شارىدا ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارالايدىغانلىقى توغىرسىدا ئىزدىنىش، ئويلاش قابىلىيتىنى يىتىلدۈرۈش.

    مۇھىم نۇقتا:

    يەر شارىنىڭ قانداق جىسىم ئىكەنلىكى، يەر شارىدا ئادەمدىن باشقا يەنە نىمىلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئۇلاردىن قانداق پايدىلنىدىغانلىقى.

    قىيىن نۇقتا:

     رەسىملەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق يەر شارىدا بار بولغان نەرسىلەردىن قايسى نەرسىلەرنىڭ بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

    ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگىنىش شەكلى:

    ئوقۇغۇچىلارنى بىرىلگەن ئۈلگە رەسىملەرنى كۆزىتىشكە، دەرس تىكىستىنى ئوقۇپ بىقىشقا، ئۆزى ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىشقا يىتەكلەپ، كوللىكتىپ ۋە كىچىك گۇرۇپپىلار ئارا ئىزدىنىپ ئۈگىنىشكە يىتەكلەيمەن.

    دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق:

    1.    ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ.

    2.    ئوقۇغۇچىلار بىرىلگەن ئۈلگە رەسىمنى كۆزىتىشكە تەشكىللىنىدۇ.

    3.    تېكىسىت مەزمۇنى بىلەن رەسىم مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىشقا تەشكىللىنىدۇ.

    4.    ھەر بىر گۇرۇپپىدىن بىردىن ئوقۇغۇچى كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ.

    پائالىيەت جەريانى:

    يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:

    ئوقۇغۇچىلاردىن: «سىلەر قەيەردە ياشاۋاتىسىلەر؟ سىلەر ياشاۋاتقان يەر شارىدا نىمىلەر بار؟ ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟» دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللار ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.

    يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى يىڭى دەرسكە قىزىقتۇرۇش ۋە ئەسلىتىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ قانداق جىسىم ئىكەنلىكى توغىرسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.

    ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدا نىمىلەر ياشايدىغانلىقى، نىمىلەر بارلىقى توغىرسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار رەسىملەرنى كۆزىتىشكە تەشكىللىنىدۇ، ئاندىن رەسىملەردە بىرىلگەن دەريالار، كۆللەر، دىڭىز-ئوكيانلار،تۈزلەڭلىكلەر ۋە تاغلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەپ ئىنسانلار بىلەن يەر شارىدىكى مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ قانداق مۇناسىتى بارلىقىنى تەھلىل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىمەن.

    ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرىشى بىلەن ئىنسانلار يەر شارىدا ياشاش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىش كىرەكلىكى،ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشى بىلەن ئاساسىدا چۈشەندۈرلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىش ۋە پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

    (1)     يەر شارىنىڭ شارسىمان جىسىم ئىكەنلىكى.

    (2)      بۇ جىسىمنىڭ ئىنتايىن چوڭلىقى، ناھايتى چوڭ بولغاچقا بىزنىڭ ئۇنى ھىس قىلالمايدىغانلىقىمىز.

    (3)  يەر شارىدا تاغۇ – دەريالار، كۆللەر، ئورمانلار، تۈزلەڭلىكلەر بارلىقى، .ئۇلارنىڭ ئىنسانلار نىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى تۈرلۈك بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلارنىڭمۇ يەر شارىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى.

    (4) ئىنسانلار يەر شارىدا ياشاش ئۈچۈن يەر شارىدا زىرائەتلەرنى تىرىپ، ئۆي ھايۋانلىرىنى بىقىپ، يەر شارىدىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى ئىچىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدىغانلىقى چۈشەندۈرلىدۇ.

     

    مۇستەھكەملەش سىنىقى:

    1.    بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.

    (1) يەر شارى(               ) شارسىمان جىسىم.

    (2) يەر شارى (                ) ماكانى.

    2. توغرا خاتاغا ھۆكۈم قىلىڭ.

    (1) يەر شارىدا ئادەملەر ، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار، ھاشاراتلار ، ئۆسۈملۈكلەر ياشايدۇ.         (             )

    (2) يەر شارىنى تولۇق بىر قىتىم يۆگىمەكچى بولساق بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 20 مىلىيون ساۋاقداش قول تۇتۇشۇپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.      (             )

    تاپشۇرۇق:

    يەر شارىدىكى مۇھىت بۇلغاش ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ چۈشەنچىڭىزنى يىزىپ كىلىڭ.

    دوسكا لايىھسى:

     

    يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ماكانى

    مۇلاھىزە سۇئاللىرى:

    1.      يەر شارىنى نىمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ماكانى دەيمىز؟

    2.      ئىنسانلار يەر شارىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

    دەرستىن كىيىكى قايتا ئويلىنىش:

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.