• 2009-01-30

    شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىپى‏-ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن - [مائارىپ تارىخى]

    شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىپى‏-ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن

                                                       ئىسلامجان سابىت

      19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ،ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدەئاكا-ئۇكا موسابايۇفلار تۇنجىقېتىم يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى ياقتى.شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن،شىنقاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېڭىچە مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت دەسلەپكى يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى شەكىللەندى.
      ئەينى دەۋىردە بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە دۈچ كەلگەن جىددى قىيىنچىلىق ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك ئىدى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ،ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار دىننىي مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ توسقۇنلىغىغا قارىماستىن،قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى مەرىپەتۋەر كىشلەر ۋە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تۈركىيىدىن يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى.
      ئۇلار ئاتۇشقا كەلگەندىن كىيىن باھاۋۇدۇن موسابايۇفنىڭتاپشۇرىقىغا بىنائەن،ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ،1907-يىلى ئوتتۇرا تېخنىكۇم خارەكتىرىدىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى قۇردى.بۇ مەكتەپ " ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى "دەپ ئاتالدى.
      بۇ مەكتەپكە ئاتۇش،قەشقەر ،خوتەندىن بولۇپ جەمئىي 40 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق،تاماق،كىيىم-كىچەك، دەپتەر -قەلەم راسخودى،ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى باھاۋۇدۇن موسابايۇف تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلدى.شىپاھىيە،ئەدەبىيات،روس تىلى پارائىل،تارخ،جۇغراپىيە،ھال ئىلىمى)تەبىئەت دەرىسى( ،تەنتەربىيە،غەزەل،رەسىم دەرسلىرى تەسىس قىلىندى.مەكتەپ تەرىپىدىن مىخ مەتبەئەدە مەخسۇس ئىلىپبە كىتابى باستۇرۇلدى.ھەر قايسى دەرسلەر قاتتىق تەلەپ ئاستىدا ئۆتۈلگەندىن سىرت،تەنتەربىيە دەرسىگىمۇ ئالاھىداە ئەھمىيەت بېرىلگەنىدى،دەرستىن سىرتقى ۋاقتلاردىمۇ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىپ تۇراتتى.
    " ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" 1909-يىلى يازدا داغدۇغىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،تۇنجى تۈركۈمدىكى 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەر قايسى جايلارغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتى.ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېڭى پەننىي مائارىپ ھەركىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،كىيىنكى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
      " ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى"  نىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش جەريانى شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى،گەرچە ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن بۇ جەريان ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ،1926-يىلىغا كەلگەندە ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن زۇنۇنباي قاتارلىق كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققە تەكلىپ قىلدى.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مۇسابايۇفلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ،مەملىكەت ئىچى  ۋە سىرتىدىكى سودا ئورۇنلىرىغا ئىشقا قويۇلغانىدى.شۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭدا ياۋرۇپاچە بوغالتىرلىق كەسپىي يولغا قويۇلۇپ،يېڭىچە سودا قىلىش ئىشلىرى باشلاندى.
      " ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ تەسىرى بىلەن 1932-يىلىدىن كىيىن قەشقەردە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ يېتەكچىلىگىدە يېڭى پەننىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى.بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئېكساق مائارىپىدا تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈستىگە ئالدى.شۇ ۋاقىتتا ئېكساق مائارىپى قەشقەردە كەينى-كەينىدىن قورۇلۇۋايتقان يېڭى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن،يەنە بىر دارىلمۇئەللىمىن سىنىپى تەسىس قىلىپ،26 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ،ئوقۇتقۇچىلىققا چىقىرىپ بەردى.
      مۇشۇ بىر دەۋر شىنجاڭنىڭ يېڭى تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ،بۇ جەرياننى " ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    مەنبە: ھۈسەينىيە روھى_تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش
     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.