-
2009-01-29
«قوش تىل» ئوقۇتۇش تەرەققىيات پىلانى - [پىلان، خۇلاسىلەر]
«قوش تىل» ئوقۇتۇش تەرەققىيات پىلانى
پىلان تۈزۈشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ۋە يىتىدىغان نىشان:
دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلش» موھىم ئىدىيسى، مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى يىتەكچى قىلىپ، مائارىپ فاڭجىنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا قوش تىل ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا دۆلەت تىلىنى ئىگەللەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشتا قەدەم باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس ھازىرلاش مەقسىتىدە بۇپىلان تۈزۈپ چىقىلدى.
پىلاننىڭ تەرەققىيات نىشانى:
2008-يىلى 9-ئايدا مەكتىۋىمىز ئىككى قوش تىل سىنىپى تەسس قىلىش بۇنى پۇختىلاش ئاساسىدا 2009-يىلى 9-ئايدا مەكتىۋىمىزدە ئۈچ قوش تىل سىنىپى، 2010-يىلى بەش قوش تىل سىنىپى، 2011-يىلى يەتتە قوش تىل سىنىپى، 2012-يىلى10 گە يەتكۈزۈشكە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئوقۇتقۇچىلار قوشونى قۇرۇلىشىدا ئاساسىي پەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر:
1) ئالدىن تەييارلىق خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئاشۇرىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇپ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقىنى خەنزۇچە تەييارلاش تەلەپ قىلىنىپ، يېزىش ۋە كەسپىي خەنزۇتىلى ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيلەش بىلەن قوش تىل ئارقىلىق تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
2)2008-يىلى9-ئايدا مەكتەپكە ئىككى سىنىپلىق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، قوش تىل سىنىپى تەسسىس قىلىنىدۇ. قوش تىل سىنىپىنىڭ مەخسۇس دەرسلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈزۈم-تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك قىلغان ئاساستا سەپلەپ، ئوقۇتۇشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
3) ئېكىسكورسىيە ۋە زىيارەت قىلىش تەربىيلەش ئارقلىق ئىلغار تەجرىبىلىك ئورۇنلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇشتىكى تەجرىبىلىرى كىڭەيتىلىدۇ.
4) تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا 2009-يىلى 9-ئايدا مەكتىۋىمىزدە يەنە بىر قوش تىل سىنىپى ئىچىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى ئاساسى كۈچەيتىلىدۇ.
5) 2010-يىلى قوش تىل سىنىپىنى بەشكەيەتكۇزۇپ، قوش تىل ئوقوغۇچى سانىنى150 نەپەر گە يەتكۇزۇلىدۇ . 2011-يىلى قوش تىل سىنىپىنى يەتتىگە يەتكۇزۇپ، قوش تىل ئوقوغۇچى سانىنى218 نەپەر گە يەتكۇزۇلىدۇ ، 2012-يىلى قوش تىل سىنىپىنى ئونغا يەتكۇزۇپ، قوش تىل ئوقوغۇچى سانىنى300 نەپەر گە يەتكۇزۇلىدۇ .مەكتىۋىمىزدىكى قوش تىل سىنىپىنىڭ سانى ئون ئىككىگە، ئومومىي ئوقوغۇچى سانى 320 گە، قوش تىل ئوقۇتىشى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلار سانىنى ئون سەككىزگە يەتكۈزۈلىدۇ.
6) قوش تىل ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە مەكتەپلەردىكى باشقا سىنىپلارنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتىشى چىڭ تۇتۇلۇپ، خەنزۇتىلى ئوقۇتىشىدا سۈپەت تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى پەيدىنپەي تۈگىتىلىپ كۆپخىل ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ئاكتىپ يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
7) «قوش تىل» ئوقۇتىشىنىڭ ئۈنىمىگە ياخشى ئەھمىيەت بېرىلىپ «قوش تىل» سىنىپىغا ئىقتىدارلىق، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار سەپلىنىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىدا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
8) «قوش تىل» ئوقۇتىشىدىكى ئاساسىي ماھارەت ۋە ئاساسىي ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، تىل ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
9) «قوش تىل» ئوقۇتىشىغا بولغان ئىتىبار ۋە ئاساسىي مۇھەسسەسسە خىزمتىى ياخشىلىنىپ ئىشلەش شارائىتى يارتىلىپ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
**** باشلانغۇچ مەكتەپ
2008-يىلى9-ئاي
历史上的今天:
ئوقو-ئوقوتۇش ئۇنۇمىنى يۇقىرى كۆتىرىش پىلانى 2009-01-29قوش تىل ئوقوتىشىنى يۇلغا قويۇش پىلانى 2009-01-29مۇقۇملۇق خىزمىتى خۇلاسىسى 2009-01-29