يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ دۆلەتلەردە ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى. لىۋىيەدىكى بىدئەت كۈچلەرنى قوللىغۇچىلار ۋە دىننى كۈچلەردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى پايتەخت ترىپولى ۋە ئىككىنچى چوڭ شەھەر بىنگازى قاتارلىق جايلاردا شىددەتلىك جەڭنى داۋاملاشتۇرماقتا، لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى دۆلەت دىپلوماتىيە خادىملىرى ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلدى.
ئىراقتىكى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» دەپ ئاتالغان ئاشقۇن تەشكىلات تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ، ئۈچىنچى چوڭ شەھەر موسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايوننى ئىگىلىۋالدى، ھەتتا پايتەخت باغداتقا تەھدىت سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۇردلار كونتروللۇقىدىكى رايونلارمۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ، مەركەز بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇردى.
سۈرىيەدىكى قاتمال جەڭ ۋەزىيىتىدە يەنىلا بۆسۈس يوق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاشقۇن تەشكىلات ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە باشقا ئۆكتىچىلەر بىلەن توقۇنۇشىۋاتىدۇ، بۇ دۆلەت ئاللىبۇرۇپ «قۇچاغلاشما جەڭ» ھالىتىگە كىرىپ قالدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر قېتىملىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 2000 غا يىقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، ئامېرىكىنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved