شىنخۇا تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
شۇ جاي ۋاقتى 16- مارت تېھران شەھەر مەركىزىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 39 ئادەم يارلاندى، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەدە كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات يوق. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان، ئەمما بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى تەبئىي گاز ئىشلەتكەندە خاتا مەشخۇلات قىلىش بىلەن مۇناسىۋتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن.
ئىران ستۇدېنتلار ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەدە يەتتە ئادەم يىنىك يارىلانغان، 32 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان. تېھران جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى ئاباشنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ يارىسى خېلىلا ئېغىركەن.
تېھران ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى مالىك مۇنداق دېگە: ۋەقە سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تەبئىي گاز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاتا مەشخۇلات قىلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ ۋەقە ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئۈنچە-مەرۋايىت ھۈنەرۋەرنچىلىك ئىشخانىسىدا يۈز بەردى، بۇ قېتىمقى پارتلاش يەنە زور ئوت ئاپىتى پەيدا قىلدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved