ساخاۋەت قىلغاندا، رەسىمگە چۈشكەندە ھەم بۇنى ئۈندىداردا تارقاتقاندا، ساخاۋەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھېسسىياتىغا ئەھمىيەت بېرىڭ
ئاپتورى: تەن شى (坦熹)
تەرجىمان: بوستانگۈل
تەھرىر: ئىسكەندەر جېلىل
يېقىندا، بىر ساخاۋەتچىلەر توپى غەربىي رايونغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارغان. ئۇلار نامرات ئائىلىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا، ئۇلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىق ھېيتلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلغان، شۇنداقلا قىزىل بولاقنى قولىغا تۇتقۇزغان.
بۇ نامرات ئائىلە ھەقىقەتەن نامرات بولۇپ، تاش ئۆيلىرىمۇ ئىنتايىن ۋەيرانە، ياخشىراق ئائىلە جاھازىلىرىمۇ يوق. كارۋات ياپقۇچلىرى، كىيىم-كىچەكلىرىمۇ شۇنداق كونا، ساخاۋەتچىلەرنى كۆرۈپ ئۇلار خۇشال بولغان ھەم تەسىرلەنگىنىدىن يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتقان. بىراق بىرلىكتە رەسىمگە چۈشمەكچى بولغاندا بولسا، تازا خالىمىغاندەك ئىپادىدە بولغان. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
مېنىڭچە بۇ كىشىلەر نامرات بولسىمۇ، ئۇلارمۇ يۈز-ئابرويغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىىنى خالىمايدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رەسىملىرى ئېكرانغا، تورغا چىقىرىلىپ، كەڭ تۈردە تارقىلىپ، نامراتلارنىڭ «ئۈلگىسى» بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق غورۇرى ۋە مەخپىيىتى بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىنىشى كېرەك. ساخاۋەتچىلەر رەسىم تارقاتقاندا، سۈرەتكە ئالغاندا، ئوبېيكتىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىىشى كېرەك، ياكى ئۇلاردىن قوشۇلىدىغان –قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئالدىن سوراپ بېقىشى، ئۇلار قوشۇلمىسا بولدى قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ساخاۋەت قىلغان بولىدۇ.
نۆۋەتتە، نۇرغۇن نامىرات ئوقۇغۇچىلار ئۈن-تىنسىز ھالدا نامراتلىققا چىداشقا رازىكى، نامراتلىق سەۋەبىدىن جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىشقا، مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ، غورۇرىنىڭ، ھەتتا مەخپىيەتلىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن قورقىدۇ. بۇ جەھەتتە چەتئەللەردە نىسبەتەن پىشقان ھەل قىلىش چارىسى بار بولۇپ، پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. يەنى ئامالنىڭ بارىچە ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ساخاۋەت قىلغۇچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچىنى ئايرىۋەتكەن. مەسىلەن: ساخاۋەتچىلەر ياكى ئىللىقلىق يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىئانىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنسا بولىدىكەن. ئەمما، ئىئانە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى رەھبەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. شۇنىڭدەك بىر دۆۋە نەق پۇل ۋە بۇيۇملارنى پۈتكۈل جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا تاپشۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. پەقەت ئىئانىنى چەك، ئىناۋەت كارتىسى، ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇش قاتارلىق يوشۇرۇن شەكىللەر ئارقىلىق ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ ئۆز غورۇرى بىلەن ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ساخاۋەت روھى ھەقىقىي نامايەن قىلىنغان بولىدۇ. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى يولغا قويدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىدى
مەنبە: شىڭتەي گېزىتى (邢台日报 )
جۇڭگو خەيرى- ساخاۋەت مۇنبىرى ئۈندىدار سۇپىسى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved