ياۋروپا پارلامېنتى 26- نويابىر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى بالا مۇساپىرلارنى دۆلەت مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش خەۋپىنى ئازايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا ئالدى بىلەن مائارىپقا ياردەم بېرىشىنى، مەسىلەن كۆچمەنلەر پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنى روھى جەھەتتىن قوللاش تۈرىگە، ئۇندىن باشقا يەنە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قىسىم تۈرلەرگە ياردەم بېرىپ، مۇساپىرلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە جەمئىيەتكە قوشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى. 12 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ياش مۇساپىرلارنىڭ مۇساپىرلار مەھەلىسىدە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى كەمچىل، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار تۈرلۈك قوراللىق تەشكىلاتنىڭ قوبۇل قىلىشتا ئالدىن ئويلىشىدىغان نىشانىغا ئايلانماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved