بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-03-11

    قەلىب تېۋىشلىرى(1) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

    مەھزۇن شېئىرلىرى

    قەلب تېۋىشلىرى

    1

    كۆزلىرىڭدىن سىرغىپ جۇدالىق،

    مەرۋايىت بوپ تۆكۈلدى شۇ دەم.

    سۆيگۈ ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكىڭ،

    بىر مېنى دەپ سوقاركەن ھەردەم.

    2

    كۆزلىرىڭدىن پارلىغان نۇرلار،

    يۇرىتاركەن قەلب خانەمنى،

    جۇدالىقتىن ئۆچمىسۇن بۇ نۇر،

    زۇلمەت قىلىپ يۈرەك پارەمنى.

    3

    كۆزلىرىڭدىن كۆردۈم مۇھەببەت،

    بۇ مەن ئۈچۈن پەقەت ماڭا خاس.

    ئېلىپ قاچما كۆزۈڭنى ھەرگىز،

    كېلىپ مېنى باغرىڭغا باس.

    4

    كۆزلىرىڭدىن كۆردۈم ئۆزۈمنى،

    كېلەچەكنى ھەمدە ئۆزۈڭنى.

    شۇ پېتىلا كېتەيلى ئەبەت،

    تاشلاپ مېنى يۇمما كۆزۈڭنى.

    5

    كۆزلىرىڭدىن كۆرۈندى ئەۋلاد،

    سەن شۇلارغا مېھرىبان ئانا.

    تەۋرەتكىنىڭ ئەمەستۇر بۆشۈك،

    تەۋرىتىلدى بۇ مىللەت مانا.

    6

    كۆزلىرىڭدىن كۆرۈندى ۋاپا،

    گەپلىرىمگە بولمىغىن خاپا،

    ۋەدىلىرىگە قىلما خىيانەت،

    بالىلىرىمغا بولىسەن ئاپا.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن باشلانغۇچتا ياخشى ئۇقۇمىغان شۇڭا ئېملاغا كەلگەندە بەك خام. كۆنۈپ قالغان بويىچە يازىدىكەن مەن. تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتسەم بولغۇدەك.
    Kurkumguli回复مەھزۇن说:
    http://www.yulghun.com/tools/

    مۇشۇ يەردىن تەھرىرلەڭلار..

    ياكى ئۇيغۇرئېدىت بۇلىدۇ.

    http://kenjisoft.homelinux.com/soft/index.php
    2010-03-22 18:30:06
  • شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ. بولۇپمۇ:

    تەۋرەتكىنىڭ ئەمەستۇر بۈشۈك،

    تەۋرىتىلدى بۇ مىللەت مانا


    بۇ مىسرالار بەك يارىدى ماڭا. ئەمما، ئىملاغا ئازراق ئىشلەپ قويىدىغان ئىشكەندۇق...
    Kurkumguli回复YELKEN说:
    بۇلىدۇ.
    مەن ئىملانى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۇرەي.
    2010-03-12 15:54:31