-
ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68338491.html
ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى .
ئۇيقۇ مىزاجنى ياخشىلاپ ، ساقلىقنى ساقلاشتا ، بولۇپمۇ ئەقىلنى مۇھاپىزەت قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇخلاش ۋاقتى ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇقنىڭ ئاشقازاندىكى بىرىنچى ھەزىمى ئاخىرلىشىپ ، ئىككىنچى ھەزىمىنىڭ باشلىغان ۋاقىتتا بولغىنى ياخشى . چۈنكى ، قورساقنى بەك تويغۇزۇپ ئۇخلىغاندا ، ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ بىرىكمىلىرى مېڭىگە ئۆرلەپ ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، باش ئاغرىش ، بەدەن ئېغىرلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا روھ تارقىلىپ كېتىپ ، قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قورساق توق ۋاقىتتا ئۇخلىسا ئۇيقۇ ياخشى بولماي ئاسانلا مىزاج بۇزۇلىدۇ . ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ قالسا ، ماددايۇقىرى ھارارەت تەسىرىدىن كۆيۈپ پارلىنىپ كەتسە ھەزىم قىلىش ، ماددا ماددا ئالمىشىش ناچار بولغانلىقتىن قان ۋە روھنىڭ كۆپىيىشى ناچار بولىدۇ . ئەكسىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، بەدەن تەبىئىتىنى سۇۋۇتىدۇ ، نەتىجىدە مىزاجنى ناچارلاشتۇرىدۇ .
كۈندۈزى ئۇخلاش مىزاجنى بۇزۇپ ، بەدەندە ئارتۇق سۇيۇقلۇقتىن ۋە نەزلىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ . رەڭگىروھىنى بۇزىدۇ . مەسىلەن بىر ئادەم ئىسسىقتا تەرلەپ تۇرۇپ ئۇخلىغاندىن كېيىن بىر ئاز توڭلاپ قالىدۇ ، بۇ نورمالسىز ئۇيقۇنىڭ قاننى سۇۋۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاش ، كېرەكسىز سۇيۇقلۇقلارنىڭ چىقىش يولىنى تۇسۇپ ، قارا بېسىش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ .
ئۇيقۇنىڭ نورمال مىقدارى بىر سوتكىدا ئالتە سائەتتىن ئون سائەتكىچە بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن كەم ياكى ئارتۇق بولۇپ قالسا مىزاجغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر غىزا يەپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇخلىماقچى بولسا ئاۋۋال ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئازراق يېتىشى كېرەك . چۈنكى ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى ئوڭ تەرەپكە مايىل ھەم جىگەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن غىزا ئاسانلا ئاشقازان تۆۋەنكى قىسمىغا ئۆتىدۇ . ئاشقازاننىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ، غىزا ھەزىم بولۇپ سىڭىپ كېتىدۇ . غىزا ئاشقازاننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىش كېرەك . چۈنكى ، جىگەر ئاشقازاننى يۆگەپ تۇرغانلىقتىن ئاشقازاننى قىزىتىپ ئۆزىنىڭ ھارارىتىنى سۇۋۇتۇپ ھەزىمگە ۋاستلىك ياردەم بېرىدۇ . غىزا سىڭىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇزۇقلۇق جەۋھەرلىرىنىڭ جىگەرگە تارقىلىشى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ، يەنە ئوڭغا ئۆرۈلۈپ ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش كېرەك . بۇلار ھەزىمگە ئىنتايىن پايدىلىق .
ئۇخلاۋېتىپ تەرلەش ماددا ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقتىن بولىدۇ . چۈنكى ئۇخلاش سەۋەبىدىن بەدەندىكى بارلىق قۇۋۋەت ۋە نورمال ئىسسىقلىق ئىچكى ئەزالارغا يىغىلغانلىقتىن ، بۇنىڭ تەسىرىدە بەدەندىن چىقىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ماددىلارنىڭ تەر ئارقىلىق چىققانلىقىدىن بولىدۇ .
ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلىسە ، سىرتقى سەۋەبتىن تەرلەشكە ھېچقانداق نەرسە تەسىر كۆرسەتمىسە (ھاۋانىڭ قىززىقلىقى ياكى يېپىنچىنىڭ كۆپلۈكىگە ئوخشاش) ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە يېقىندا ئىستىمال قىلغان غىزا ياكى بۇزۇق ھەم ئارتۇق خىلىت تولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئويغاقلىقتىكى تەرلەشنىڭ پايدىسىدىن ، ئۇيقۇدىكى تەرنىڭ پايدىسى كۆپرەك . ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەپيۈن ، كۆكنار ياكى بەزرۇلبەنجى (مىڭدىۋانە) قاتارلىق دورىلار ياكى غەرب تېبابىتىنىڭ ئۇيقۇ دورىلىرىنى دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىستىمال قىلىش خەتەرلىك . ئۇيقۇ دورىسىنى ئىستىمال قىلىپ كۆنۈپ قالغانلار ئاقىۋەتتە ئۇيقۇ دورىلىرى بىلەن زەھەرلىنىپ قاتتىق ئۇيقۇ(سۇبات) ، پۇت - قول تىترەش (رەئىشە) كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، جىگەرنىڭ خىزمىتى بۇزۇلىدۇ .
[كۆكيال]ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى [كۆكيال]
历史上的今天:
ئىچىملىككە بېرىلگەنلەر توغرىسىدا 2010-07-062010-7-6 2010-07-06ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەدىلى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ 2010-07-06
收藏到:Del.icio.us