-
2010-7-6 - [تېببىي ئۇچۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68270934.html
ئامرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ياشانغان ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ بەك كۆپ بولۇشى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بولۇش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن .
گېرمانىيە فىرانكفورد ئۇنۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار چاشقان ئۈستىدە 10 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق غول ھۈجەيرىدىن ئادەمنىڭ قۇلاق قۇلۇلىسى نۋىماۋ ھۈجەيرىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ، ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقانلارنى داۋالاپ ساقايتىشتا مۇھىم بىر قەدەم باسقان .
كانادالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئاياللار كۆپرەك چېنىقىپ بەرسە قېرىغاندا دېۋەڭ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن . ياش ۋاقىتلىرىدىكى چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىكەن .
ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلار يىلىك ھۈجەيرىسىدىكى مەلۇم خىل ئاقسىلنىڭ ھورمۇن بىلەن بىرىكىشىنى توسۇش ئارقىلىق چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ جىگەرگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان .
تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتمىسىگە قارىغاندا ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ ، ئاغرىق توختىدىغان دورىلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتسە ، ئاشقازاننى قانىتىۋېتىدىكەن .
ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلار يېقىندا چاشقاننىڭ ئۆپكە ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ، يېڭى ئۆپكە يېتىشتۈرۈپ چاشقاننىڭ تېنىگە كۆچۈرگەن . دېمەك ئۇلار ئكپكە غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ، يېڭى ئۆپكە يېتىشتۈرۈپ چىققان .
收藏到:Del.icio.us