-
ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەدىلى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68249240.html
مۇشۇ كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ ئۇيقۇسى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ . ئەمما بىز ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بىزگە سالىدىغان زىيىنىنى ئېنىق تۇنۇيالمايۋاتىمىز . مۇتەخەسسىسلەر تاللىغان پىدائىيلار ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن ئاز ئۇخلىدى ، بۇ ھال ئىككى ھەپتە داۋام قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەل - پەل چارچاش ئالامىتى كۆرۈلگەنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، روھىي ھالىتى ئاساسەن نورمال بولدى . ئەمما سىناق نەتىجىسىدىن بۇ ئىككى ھەپتىدە ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولغانلىقى ئايان بولدى . سىناق ئاخىرلاشقان چاغدا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى بىر ھەپتىدە 48 سائەت ئۇخلىمىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۇچرىغان زىيانغا ئوخشاش زىيانغا ئۇچرىدى .
بىراق ئاز ئۇخلاشنىڭ زىيىنى پەقەت پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەنلا چەكلەنمىسە كېرەك . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن زىيادە ئۇخلاشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسر كۆرسۈتىدىغانلىقى ئايان بولدى . بۇ خىل ئۆزگىرىش ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ ، تۇيۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئادەم تېنىنىڭ قەنتنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ ، ئاخىرىدا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ << دېئابىت كېسىلى >> گە گىرىپتار بولۇش خەۋپنى كۇچەيتىدىغانلىقى ئېنىق .
ئامرىكىلىق مۇتەخەسسىس سوسان خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەمكارلىىشىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن سەمرىپ كېتىش ئارىسىدا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بار ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن . ئادەتتە ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە ياكى يەتتە سائەت بولىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىش ئېھتىماللىقى ئۇخلاش ۋاقتى
收藏到:Del.icio.us