-
سۈت سېتىۋېلىش ۋە ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشكە: - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68310344.html
سۈت سېتىۋېلىش ۋە ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشكە تىگىشلىك ئىشلار:
سۈتنى پاكىز ، سالقىن ۋە ھاۋالىق جايدا پاكىز فار-فور قاچىلاردا ساقلاش كېرەك . مىس ، تۆمۈر ، ئاليۇمىن قاچىلارغا قاچىلىماسلىق كېرەك . ئەگەر سۈت سۈزۈك ئىدىشلارغا قاچىلاپ قويۇلسا 24 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن C ۋە باشقا مۇھىم تەركىبلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ . پۇرىقىمۇ ئۆزگىرىدۇ .
سۈت ئىچكەندە بېراقلا كۆپ ئىچىۋەتمەي ، يۇتۇم - يۇتۇمدىن ئىچىش كېرەك . بىر قېتىم سۈت ئىچىپ تۆت سائەت ئۆتمىگۈچە قايتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . سۈت ئىچكەندىن كېيىن چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يېمەسلىك ، گۆش يەپلا ئارقىسىدىن سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . يەنە گۆشنى كۆپ يەيدىغانلارغا سۈت مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . سۈت ئىچكەندە قورسىقى ئېسىلىدىغان ، ئىچى سۈرىدىغانلار سۈتكە ئازراق سودا قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ . قورساق بەك ئاچ ۋاقىتتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئاشقازاننى بۇزىدۇ .
سۈت سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :
بىرى ، بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تالقانلىرى يېغى ئايرىلمىغان سۈت تالقانلىرى ۋە ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى دەپ ئىككى ىىل بولىدۇ . يېغى ئايرىلمىغان سۈت تالقىنى يېڭى سۈتنى ھىم جايدا مىكروبسىزلاندۇرۇپ قىزىتىپ ، سۇسىزلاندۇرۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ . بۇ خىلدىكى سۈت تالقىنىدا يېڭى سۈتتىكىدەك ياغ ، ئاقسىل ، ۋېتامىن ، ۋە سۈت قەنتلىرى پۈتۈنلەي ساقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ، بۇ خىل سۈت بالىلار ، ئۆسمۈرلەر ئېگىز جايلاردا ، كان ئاستىدا ، يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا ئەمگەك قىلغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ . لېكىن ، بوۋاقلارغا بېرىشتە 1:4 نىسبەتتە سۇ قوشۇپ ئاندىن بېرىش كېرەك . بەك قۇيۇق بېرىلسە پايدا قىلمايلا قالماي ، بەلكى بالىلارنىڭمېڭە ئۇششاق قان تومۇرلىرىنى يېرىۋېتىپ ، قاناش ، تارتىشىپ قېلىش ۋە بىھۇشلۇق كېسەللىك ھالەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ . ئىككىنچى خىلى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى بولۇپ ، ئۇنى ياساش ۋاقتىدا ساپ سۈتنىڭ ياغلىرىنى ئايرىۋېتىپ ، باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قالدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ . شۇڭا تەركىبلىرىدە ياغ ئاز ، ئوڭاي ئېرىيدۇ ۋە ئاسان ھەزىم بولىدۇ . بۇنداق سۈت ئاشقازان ئۈچەيلىرىدە كېسەللىك بار ، ھەزىم قىلىشى ناچار ، ھەرىكەتلىك تومۇرلىرى قاتقان ۋە قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ .
سۈت تالقانلىرىنى سېتىۋالغاندا سۈت رەڭ ، دانلىرى بىر خىل خۇشپۇراق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر كاللەكلەشكەن ، پۇرىقى ئۆزگەرگەن بولسا ، بۇنداق سۈت بۇزۇلغان سۈت ھېسابلىنىدۇ .
[كۆكيال]ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى [كۆكيال]
历史上的今天:
ئىچىملىككە بېرىلگەنلەر توغرىسىدا 2010-07-062010-7-6 2010-07-06ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەدىلى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ 2010-07-06
收藏到:Del.icio.us