-
ئىچىملىككە بېرىلگەنلەر توغرىسىدا - [تېببىي ھېكايەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68304131.html
بىر كىشىنىڭ ئوغلى ئىچىملىككە بەكلا بېرىلىپ كېتىپتۇ . ئەتىدىن كەچكىچە ئىچىدىكەن ۋە ھېچكىمگە ئاراملىق بەرمەيدىكەن . دادىسى ئۇنى يېتىلەپ شەيخۇل رەئىس(ئىبنى سىنا)نىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە ؛سېنى ھەكىملەرنىڭ ھەكىمى دەپ تەرىپلىشىدۇ ، مۇشۇ ئوغلۇمنى داۋالاپ ، توغرا يولغا سېلىپ بەرسەڭ دەپتۇ .
نىمە كېسىلى بار ؟ سوراپتۇ ئىبنى سىنا ــ ئىچىملىككە بېرىلىپ كەتتى ، ئۇنى بۇ يولدىن ھەر قانچە قىلىپمۇ توسۇيالمىدىم دەپتۇ ھېلىقى كىشى .
ئىبنى سىنا ئىلگىرى مۇنداق كېسەلنى داۋالاپ باقمىغان ئىكەن . شۇڭا بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ‹ مەيلى داۋالاپ باقاي . ئۇنداقتا سەن ماڭا بىر بۇلبۇل ، بىر ئېيىق ، بىر توڭگۇز ۋە ئىككى مايمۇن كەلتۈرىسەن › دەپتۇ . بالىنىڭ دادىسى ئۇ نەرسىلەرنى كەلتۈرۈپتۇ . ئىبنى سىنا ئۇنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم – ئايرىم قەپەسكە سولاپتۇ . كېيىن بىر خىزمەتكارىغا بىر پىيالە شاراب ئىچىشنى بۇيرپتۇ . خىزمەتكار ۋەزىپىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئىبنى سىنا ئۇنى بۇلبۇل تۇرغان قەپەسكە كىرىشكە بۇيرۇپتۇ . خىزمەتكار قەپەشكە كىرىپ ، بىردەمدىن كېيىن بۇلبۇلغا قوشۇلۇپ سايراشقا باشلاپتۇ . ناخشا ئېيتىپتۇ . شۇ چاغدا ئۇ شۇنچىلىك لەززەتلىنىپتۇكى ، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان ھېلىقى يىگىت بىلەن ئىبنى سىنانىڭمۇ ھەۋىسى كەپتۇ .
ئەتىسى ئىبنى سىنا ھېلىقى خىزمەتكارىغا ئىككى پىيالە شاراب بېرىپ ، ئېيىق تۇرغان قەپەسنىڭ يېنىغا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۆزى ھېلىقى ئىچەرمەن يىگىت بىلەن يېراقتا قاراپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ھېلىقى خىزمەتكار شارابنىڭ تەسىرىدە قېنى قىزىپ ، ئېيىققا ئوخشاش ھۆركىرەپ ئۇنىڭغا تاشلىنىپتۇ ۋە ئېيىقنى ئۇرۇپ ھالاك قىلماقچى بوپتۇ . ئىبنى سىنا ئۇنى ئىچەرمەن يىگىتكە كۆرسىتىپ ‹ قانداق تونۇدۇڭمۇ؟›
دەپتۇ . ‹ ياق ، تونۇمىدىم › دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت . ‹ياخشى !› دەپتۇ ئىبنى سىنا .
ئەتىسى ئىبنى سىنا يەنە شۇ خىزمەتكارىغا ئۈچ پىيالە شاراب بېرىپ توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ . خىزمەتكار توڭگۇز نېمىنى قىلسا شۇنى قىپتۇ ، پاتقاققا مىلەنسە مىلىنىپتۇ ، توپىدا ئېغىنىسا ئېغىناپتۇ . ئىبنى سىنا ئىچەرمەن يىگىتكە ‹تونۇدۇڭمۇ› دەپتۇ . ‹ ياق › دەپتۇ يىگىت . ‹ ياخشى› دەپتۇ ئىبنى سىنا كېيىن خىزمەتكارىغا تۆت پىيالە شاراپ ئىچۈرۈپتۇ ۋە مايمۇننىڭ قەپىسىگە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ .
خىزمەتكار بىردەمدە مايمۇننىڭ ئۆزىلا بولۇپ قاپتۇ . ئىبنى سىنا ئىچەرمەن يىگىتكە ‹تونۇدۇڭمۇ › دەپتۇ . ‹ ياق تۇنۇمىدىم › دەپتۇ يىگىت . كېيىن ئىبنى سىنا يىگىتكە :
ھەممىسى بىر ئادەم ئىدى ، مەن ئۇنىڭ كىيىمىنى ئۆزگەرتتىم خالاس ؛ باشقا يېرى ئۇنىڭ ئۆزى شۇ . ئۇنى ئىچىلگەن شاراپ ئۆزگەرتتى . بىر پىيالىدە بۇلبۇل بولدى ، ئىككى پىيالىدە ئۆزىنى ئېيىققا ئوخشاش ھېسابلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشماقچى بولدى . ئۈچ پىيالىدە توڭگۇزغا ئايلاندى . تۆتىنچىسىدە ئۆزۈڭ كۆرگەندەك مايمۇندىن پەرقى قالمىدى . ھە ، سەنمۇ ئىچكەن چاغلىرىڭدا ئۇنىڭدىن بەتتەرراق بولاتتىڭ – دەپتۇ .
ئىچەرمەن يىگىت : ئەي ئۇلۇغ ھېكىم ، سەن مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتىڭ ، بۇنىڭدىن كېيىن شاراپ ئىچمىگىنىم ئىچمىگەن . ۋەدىسىدە تۇرمىغان نامەرد دەپتۇ ۋە ئىبنى سىناغا رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئېيتىپ قايتىپ كېتىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ ئىچىملىكتىن قول ئۈزۈپتۇ .
收藏到:Del.icio.us