باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 28654 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/8     Go
تېما: رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى مۇنداق ئىدى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-01 12:52

رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى مۇنداق ئىدى(ھەمزە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن يۇرۇتۇش بىكار قىلىندى(2010-12-12)
                                 



ناماز بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ كۇندىلىك ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئىنسان ناماز ئۇقۇش بىلەن دىنىنى بەرپا قىلغان بۇلىدۇ، ناماز ئۇقۇماي ھەرقانچە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلسىمۇ ئۇ قۇرۇق دەۋادۇر. رەسۇلۇللە مۇسۇلمان بىلەن كۇپۇرنىڭ ئارلىقىدىكى پەرق نامازدۇر دىگەن.

رەسۇلۇللەنىڭ ساھابىلىرىمۇ ناماز ئۇقۇماسلىق زاكات بەرمەسلىكتىن باشقىنى كۇپۇرلۇق دەپ قارىمايتتى.

مەن تۇۋەندە رەسۇلۇللەنىڭ نامازلىرى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بىز تاھارەت ئېلىپ،قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ناماز ئۇقۇغانكەنمىز جەزمەن نامازنى قۇبۇل بۇلىدىغان تەرەقىدە سۇپەتلىك،ئۆلچەملىك ئۇقۇشىمىز شەرت.

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالام نامازغا تۇرغاندا ئىككى قۇلىنى مۇرىسىگىچە كۇترەتتى، ئاندىن كىيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازنى باشلايتتى. رۇكۇ قىلغاندىمۇ،رۇكۇدىن بېشىنى كۇتۇرگەندىمۇ قولىنى شۇنداك كۇتىرەتتى.ئەمما سەجىدىدىن بېشىنى كۇتۇرگەندە ئۇنداق قىلمايتتى.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام نامازغا تۇرغاندا ئىككى قۇلىنى قۇلىقىغىچە كۇترەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۇتۇرگەندىمۇ شۇنداق قىلاتتى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

يۇقارقى ھەدىستىن رەسۇلۇللەنىڭ نامازنى تەكبىر بىلەن باشلايدىغانلىقىنى،رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا رەفئى يەد (قولىنى كۇتۇرۇش) قىلغانلىقىنى كۇرۋالغىلى بۇلىدۇ.

ئەمما بەزى كىشىلىرىمىز رەفئى يەد قىلغانلارنى چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۇزگەندەك يامان بىلىدۇ. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى. رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتىنى يامان كۇرۇش كۇپۇرلۇققا باشلايدۇ. رەسۇلۇللە نامازنى باشلىغاندىكى تەكبىر بىلەن قۇلىنى كۇتۇرۇشتە رۇكۇغا بارغاندىكى ۋە تۇرغاندىكىدىن ئىگىزرەك كۇتۇرەتتى.

رەسۇلۇللە رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن قۇلىنى كۇتۇرۇپمۇ كۇتۇرمەيمۇ ناماز ئۇقۇغان. ئەمما رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن قۇلىنى كۇتۇرگەن ھالىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس رەفئي يەد قىلماي ناماز ئۇقۇش توغرىسىدىكى ھەدىستىن كۇچلۇكتۇر ھەم كۆپتۇر. شۇڭا رەفئىي يەد قىلىشنى ئەۋزەل دەيمىز.ئەمما رەفئىي يەد قىلمىغانلارنى ئەيىپلىمەسلىك كىرەك.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن باشقا سۈرىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ھىسابلانمايدۇ (نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ئەمما ئىمام پەرز ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالەتتە ئۇ نامازنىڭ رۇكۇسىغا ئۇلگۈرۈپ كىلەلىگەن كىشىنىڭ نامىزى ناماز بۇلىۋېرىدۇ. گەرچە سۇرە پاتىھە ۋە ئۇنڭدىن كىيىن ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئۇقۇمىسىمۇ شۇ نامىزى ناماز بۇلىۋېرىدۇ. بۇ ھەدىس سۇرە پاتىھەنى ئۇقۇغۇدەك ۋاقىتتىمۇ ئۇنى ئۇقۇماي ناماز ئۇقۇغان كىشى ئۇچۇندۇر. يەنە سۇرە پاتىھەنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس.

ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پەرز ناماز ئۇقۇغاندا ئىمام سۇرە پاتىھەنى ۋە قۇشۇپ ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئاۋازلىق ئۇقۇسا جىم تۇرۇپ ئىمامنىڭ ئۇقۇغىنىنى ئاڭلاش كىرەك. (بامدات،شام.خۇپتەن،جۇمە ۋە ئىككى ھېيىت نامازلىرىغا ئوخشاش. بۇ نامازلاردا ئىمام قىرائەتنى ئاۋازلىق ئۇقۇيدۇ. ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىپ شۈك تۇرىدۇ.) ئىمام قىرائەتنى مەخپىي قىلىدىغان نامازلاردا(پىشىن ،ئەسىر نامازلىرىغا ئوخشاش) ئىقتىدا قىلغۇچى سۇرە پاتىھە ۋە قۇشۇپ ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئىچىدە ئۇقۇيدۇ.

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ‹بىزسۈرە پاتىھەگە ئۇقۇيالىغىنىمزچە بىرەر سۇرە ياكى بىرەر ئايەت قۇشۇپ ئۇقۇشقا بۇيرۇلدۇق› دىدى.(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ۋائىل ئىبنى ھۇجرەدىن رىۋايەت قىلنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاۋازىنى كۇتۇپ ‹‹ئامىن›› دەيتتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن يەھۇدىيلار ھېچبىر نەرسىگە سىلەرنىڭ سالام ۋە ئامىن دىيشىڭلارغا ھەسەد قىلغاندەك ھەسەد قىلمايدۇ.(ئىنبى ماججە رىۋايىتى. ئالبانى سەھىھ دىگەن.)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن،«نامازنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئۇقۇلغان نامازدۇر.(يەنى ئۇزۇن سۇرە بىلەن ئۇقۇلغان ناماز ئەڭ ياخشىدۇر) (مۇسلىم رىۋايتى)

ئەمما قىسقا سۇرىلەر بىلەن ئۇقۇلغان ناماز مەقبۇل ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس. قىسقا سۇرىلەر بىلەن ئۇقۇلغان نامازمۇ مەقبۇل بۇلىۋېرىدۇ. ھەتتا سۇرە پاتىھەنىلا ئۇقۇپ ئۇقۇلغان نامازمۇ قۇبۇل بۇلىدۇ. ئۇزىمىزنىڭ بىلىشىچە ئۇزۇن سۇرىلەرنى ئۇقۇپ ناماز ئۇقۇشىمىز ئەپزەل.

بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ نامىزىنى كۇزەتتىم قىيامدا تۇرۇش،رۇكۇ قىلىش،رۇكۇدىن كىيىن  رۇس تۇرۇش،سەجدە قىلىش،ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرۇش،سالام بىرىپ بولغاندىن قايتىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئازراق ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ مۇددىتى ئاساسەن تەڭ ئىدى. (مۇسلىم رىۋايتى)

بۇ ھەدىستىن رەسۇلۇللەنىڭ نامازدا تۇرىشى قىسقا ئەمەس بەلكى رۇكۇ سەجدىلەردىمۇ قىيامىغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردىغانلىقى سۆزلەنگەن. بەزىلىرىمىز باركى رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تۇخۇ دان چۇقىغاندەك تىز سۇرەتتە قىلىمىز. بۇنداق ناماز ناماز ئەمەس. جەزمەن رۇكۇ سەجدىلىرىمىزدە بىر خاتىرجەملىك بولغانغا قەدەر تۇرشىمىز كىرەك. بولمىسا ناماز ئادا تاپمايدۇ.

ئابدۇللائىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزگە ناماز ئۇقۇشنى ئۆگىتىپ قولىنى كۇتۇرۇپ نامازغا قۇلاق قاقتى.رۇكۇ قىلغاندا قۇلىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ تۇردى.دىدى. بۇ سۆز سەئىدكە يەتكەندە سەئىد: قېرىندىشىم توغرا دەپتۇ.كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى رۇكۇ قىلغاندا تىزلىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرشىمىزغا بۇيرىغان. دىدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن).

ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇكۇ قىلغاندا تىزىنى تۇتۇپ تۇرۇش سۇننەت دىگەن.

بەزى كىشىلەر بار. رۇكۇ قىلغاندا قۇلىنى تىزىغا تىرەپ قۇلىغا تايىنىپ تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. رۇكۇ قىلغاندا قۇلىمىزنى تىزىمىز ئۇستىگە قۇيىمىز.ۋە قۇلىمىزنىڭ بارماقلىرى جەزمەن يەرگە ئۇدۇل تۇرشى كىرەك. رۇكۇ قىلغاندا بەكمۇ ئگىلىۋالماي،بەكمۇ رۇسلىنىۋالماي ئوتتۇرھال تەكشى تۇرۇش كىرەك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام رۇكۇدا دۇمبىسىگە سۇ قويسا(يەنى بىرەر قاچىدەك نەرسىدە سۇ قويسا) تۇكۇلۇپ كەتمىگۇدەك دەرىجىدە تۇراتتى .(ئەلكىبىر . ھەيسەمىي بۇ ھەدىسنى ئىشەنچىلىك دىگەن)

ئىبنى ئابباس تىن رىۋايەت قىلىنىدۇ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن مەن يەتتە ئەزايىم بىلەن سەجدە قىلىشقا،كىيىمىمنى ۋە چېچىمنى يىغىۋالماسلىققا بۇيرۇلدۇم. (مۇسلىم رىۋايتى)

يەتە ئازايىمىزنى يەرگە تەككۇزۇپ سەجدە قىلىشىمىزغا بۇيرۇلغان. بۇ يەتتە ئەزا يۇز،ئىككى قول،ئىككى،تىز،ئىككى پۇتتىن ئىبارەت. قانداق بىر ئادەم يەتتە ئەزايىدىن بىرەرىنى يەرگە تەككۇزمەي سەجدە قىلسا ياكى يەتتە ئەزايىدىن ئۇشۇق يەنە باشقا ئەزالارنىمۇ تەككۇزۇپ سەجدە قىلسا رەسۇلۇللە بۇيرۇلغان نەرسىگە ئاسىيلىق قىلغان بۇلىدۇ،

ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم ۋە چاچلىرىمىزنى يىغىۋالماسلىققا بۇيرۇلغان. ھازىر نامازدا تۇرۇپ كىيىم ۋە چاچلارنى يىغىۋېلىش بۇ بىر قەدەر ئېغىر ئەھۋال.كۇپۇنچىلىرىمىز رۇكۇغا بارغاندا كەيگەن ئىشتىمىزنىڭ تارلقدىن ئۇنىڭ تىزىنى چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئىشتاننى ئاياپ ياكى ئىشتاننىڭ تارلىقى تۇپەيلى سەجدىگە بارالماي ئىشتاننى تىزىدىن تۇتۇتپلا يۇقۇرغا كۇتۇرۋېتىپ سەجدىگە كىتىش ئەھۋالى ھازىرقى ياشلىرىمزىدا خېلىلا ئېغىر.بۇ تۇسۇلغان ئىش.ھەم بۇ مەكرۇھ ھىسابلىنىدۇ. ياش قېرىنداشلىرىمىز رۇكۇدىن سەجدىگە بارغاندا ئىشتاننى ئۇستىگە كۇتۇرۋېتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم. ئەگەر قېرىنداشلىرىڭىزدا شۇنداق ئەھۋال كۇرۇلسە ئۇلارغىمۇ يەتكۇزۇپ قۇيۇڭ. كاتتا ساۋابقا ئىرشىسىز. يەنە بەزىلەر چاچنى بەك ئۆستۇرۋالغانلىقتىن چېچى كۇزىنى تۇسىۋالسا نامازدا تۇرۇپ چېچىنى ئوڭشايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك. ناماز ئۇقۇغانكەنمىز قائىدە –ئەركانلىرىغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ ئۇقۇشىمىز لازىم. بۇ ناماز قۇبۇل بۇلۇشنىڭ شەرتىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن (رۇكۇدىن سەجدىگە بارغاندا) سەجدە قىلغاندا تۈگىگە ئوخشاش چۆكمەي، قۇلۇڭلارنى تىزىڭلاردىن بۇرۇن يەرگە قۇيۇڭلار.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئالبانى سەھىھ دىگەن)

بۇ ھەدىستە رۇكۇدىن سەجدىگە بارغان چېغىمىزدا ئىككى تىزىمىزنى زىمىنغا تەككۇزۇشتىن بۇرۇن ئىككى قۇلىمىزنى تەككۇزىشىمنىڭ كىرەكلىكىنى بىلدۇرگە. ئىككى قۇلىنى ئىككى تىزىدىن كىيىن يەرگە قۇيۇش توغۇرلۇق كەلگەنمۇ بىر ھەدىس بۇلۇپ ئۇ زەئىپ ھەدىستۇر.

ئەبۇ داۋۇددتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەجدىدە ئىككى قولىنى بەكمۇ يىغىۋالماي،بەكمۇ ئېچىۋالماي ئوتتۇرھال قۇياتتى. ۋە بارماقلىرىنى قىبلىگە قارتاتتى دىيىلگەن. بۇ ھەدىسنى ئابانى سەھىھ دىگەن.

سەجدە قىلغاندا قوللىرىمىزنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىشى شەرت. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى.

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سەجدە قىلغان قولتۇقىدىن بىر قوزا مېڭىپ ئۇتەلەيتتى. (مۇسلىم رىۋايتى)

سەجدە قىلغاندا بىلەكنى بەك يىغىۋالماي كەڭىررەك ئېچىپ تۇرۇش كىرەك. ئەرلەرنىڭ بىلىكىنى قورسىقىغا چاپلاپ تۇرىشى،ئىككى جەينىكىنى يەرگە تەككۇزۇپ تۇرىشى چەكلەنگەن. بىلەك يەرگە تەەمەسلىك كىرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن.سەجدە قىلغاندا ئىككى ئالقاننى يەردە قۇيۇپ،بىلەكنى يەردىن كۇتۇرۋېلىڭلار  (مۇسلىم رىۋايتى)

سەجدە قىلغاندا ئىككى ئالقاننى يەرگە قۇيۇپ بارماقلىرىمىزنىڭ ئۇچچىنى قىبلىگە قارىتىپ ئالقاننى بەكمۇ ئېچىۋالماي،بەكمۇ يېقىنلاشتۇرۋالماي نورمال قۇيشىمىز تەكىتلەنگەن.يەنە سەجدى قىلغاندا جەزمەن پىشانە ۋە بۇرۇن يەرگە تىگىشى كىرەك.

بۇخارىينىڭ بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللە سەجدىدىن تۇرغاندا ئۇگە-ئۈگىلىرى جايى-جايىغا چۇشكىچە تۈز ئولتۇراتتى دىيىلگەن.يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللە ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاللاھۇممە ئەغفىرلى،ۋەرھەمنىي،ۋەھدىنىي،ۋەئافەنىي،ۋەرزۇقنى دىگەن دۇئانى ئۇقۇيتتى دىگەن. ھازىر كۇپۇنچىلىرىمىز ئىككى سەجدىنىڭ ئارسىدا ھېچنەرسە دىمەيمىز. ئىككى سەجدە ئارسىدا يۇقۇرقى دۇئانى چۇقۇم ئۇقۇش كىرەك.

تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا جەزمەن يۇكۇنۇپ ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنىڭ ئۇستىدە ئولتۇرۇش كىرەك بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننتى.

يۇكۇنۇپ ئولتۇرغاندا ئىككى ئالقىنىنى نورمال ئېچىپ ئىككى تىزىنىڭ ئۇستىدە بارماقلىرىنى قىبلىگە قارتىپ ئولتۇرۇش كىرەك.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇگىتىپ قويغاندەك قۇلۇمنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى ئۇگىتەتتى«ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە،ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ،ئەسسالامۇ ئەلەينا،ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىينە،ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ،ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ.››(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئەتتەھەيياتۇ نى ئۇقۇماي ئۇقۇلغان ناماز ناماز ھىسابلانمايدۇ. بۇ توغۇرلۇق رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن تەشەھھۇدنى (ئەتتاھەيياتۇ) ئۇگىنىڭلار،چۇنكى تەشەھھۇد بولمىسا ناماز ناماز بولمايدۇ.(بەززار.ئەلئەۋسەت.)

تەشەھھۇدنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن سەللى،ۋە بارىك دۇئالىرىنى ئۇقۇپ ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇپ خالىغان دۇئالارنى قۇشۇپ ئۇقۇغاندىن كىيىن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئاۋۋال ئوڭ تەرپىگە ئاندىن يەنە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ سول تەرپىگە سالام بىرىدۇ. ئاندىن تەكبىر ئۇقۇيدۇ ۋە ناماز ئاخىرلىشىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ (يۇقرى ئاۋازدا)ئېيتقان تەكبىرىدىن ئۇنىڭ نامازدىن پارىغ(بىكار) بولغانلىقى بىلەتتۇق. (مۇسلىم رىۋايتى).

مانا يۇقۇرقىلار بولسا رەسۇلۇللەنىڭ ئۇقۇغان نامىزىنىڭ جەريانى.
[ ھەمزەتەرىپىدىن2010-12-03 14:17قايتا تەھرىرلەندى ]
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1524
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1524دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 16967 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-09-06

شۇڭا رەفئىي يەد قىلىشنى ئەۋزەل دەيمىز.ئەمما رەفئىي يەد قىلمىغانلارنى ئەيىپلىمەسلىك كىرەك.

چۇشەندۇرۇپ ياخشى قىلىپسىز ،،،،  مەن كوپىنچە كوردۇم، شۇنداق كىشىلەر باركى يىنىدا بىرى نامازنى سۇننەت ئاساسىدا رەفئىي قىلىپ ئوقوسا كوڭلى بىر خىل بولىدىغان ، ياكى مەسخىرە قىلىدىغان ئەھۋاللار بار ،،،،   ئىھتىيات بولش كىرەك ،، سىز شۇلارغا كولىسىز ..رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس بار ئىكەن ،، ناۋادا رەسۇلۇللاھ  تىرىلىپ ئالدىڭىزدا  شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا يەنە مەسخىرە قىلار بولغىيمىتىڭلەر  دەپ ئويلاپ قالىمەن ،،،   شۇڭا قىرىنداشلار  بىز ئوزىمىز قىلمايمىز بۇ سۇننەتنى باشقىلار بىز قىلالمىغاننى قىلسا ،ئۇلارغا قەلبىمىزدە باشقىچە قاراپ ھەتتا مەسخىرە سوز قىلساق ، بۇنىڭ ھىسابىنى بىرىش ئاسان ئەمەس ،  بىر ئومۇر رەپىئەي قىلماي ناماز ئوقۇسىڭىز گۇناھكار بولمايسىزيۇ ، بىر قاتا رەپىئىي قىلىپ ناماز ئوقوغان كىشىنى مەسخىىرە قىلسىڭىز بۇ بىر ئىغىر گۇناھ ،،  چۇنكى ھەدسلەردە كورسۇتۇلگىنى رەسۇلۇللاھ شۇنداق ئوقوغان يەرلىرىمۇ بار ، دىمەك سىز بىر شۇ سۇننەتنى ئىجرا قىلغان ئادەمنى مەسخىرە قىلغان بولىسىز ..
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 876
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە876دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 10634 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-09-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-01 15:51

ئادەتلىنىپ قىلىش دىگەن نىمە دىگەن  يامان -ھە! مەن شۇنداق تېرىششاممۇ رەفئىي يەد قىلىشقا پەقەت كۇنەلمىگەنىدىم !
كەرىملىك ئاللاھنىڭ رىزالىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ شاپائىىتى ئۇچۇن تېرىشاي ...! يەنىلا تېرىشاي !!،ئادەتلىنەي ..!!!
كىم بىلەر يۈرەكتە ئويۇغان قاننى،
كىم بىلەر قانىتى سۇنغان ئىمكاننى.
ھور باسقان ئەينەكتىن كۆرگەن
كۆز نۇرۇم كەينىدە قاتقان توماننى..
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1148
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1148دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13294 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-09-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 00:24

ئىشلىتىش
引用楼主ھەمزە于2010-12-01 12:52发表的 رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى مۇنداق ئىدى(ھەمزە) :
                                  [attachment=5514] 

بۇ ھەدىستە رۇكۇدىن سەجدىگە بارغان چېغىمىزدا ئىككى تىزىمىزنى زىمىنغا تەككۇزۇشتىن بۇرۇن ئىككى قۇلىمىزنى تەككۇزىشىمنىڭ كىرەكلىكىنى بىلدۇرگە. ئىككى قۇلىنى ئىككى تىزىدىن كىيىن يەرگە قۇيۇش توغۇرلۇق كەلگەنمۇ بىر ھەدىس بۇلۇپ ئۇ زەئىپ ھەدىستۇر

.......

بۇنى تازا چۈشەنمىدىمغۇ؟ئۇنداقتا مىنىڭ ئۇقۇش ئۇسۇلۇم خاتا بولدى؟مەنلا ئەمەس مەن كۆرگەن مۇسۇلمەنلارنىڭ ئەممىسى دىگۈدەك.بەزى ياشانغانلار قېرىلىىقتىن شۇنداق قىلىدۇ.
رەفىيەتنى سىز ناماز ئۇقۇۋاتقان مۇھتقا قاراپ قىلسىڭىز ياخشى بۇلىدىغۇ دەيمەن. شۇتوغۇرلۇق ئىختىلاپ يۈزبېرىشرتىن ساقلىنىش ئەۋزەل دەپ قارايمەن. چۈنكى تۇلاراق ياشقا چوڭلار  نامازنى بۇزۇپ ئۇقۇدى دەيدىكەن كۆرسە يەنە بەزىلەر تۈنۈگۈن ناماز ئۇقۇپ ماۋۇنىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنى دىگندەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشىمىز دا رەفىيەت قىلىپ كۆنمىگەنلەر ناماز ئۇقۇۋاتقان بولسا  دىقىتىنى بۇزىۋىتىشىمىز مۇمكىن ،ئىتىپاقلىق پەرىز ئەمەسمۇ.
ئەتە ئۈلۈم!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1524
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1524دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 16967 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 11:22

مەنچىمۇ قىلسا ياخشى قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتقان ياخشى دەپ ئويلايمەن
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1383
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1383دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15473 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-09-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 12:57

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~
شۇنداق  ئېسىل  تېمىلارنى  يوللاۋاتىسەن  بۇرادەر،ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن.مەنمۇ ئىككى سەجدە ئارىىسدا
ئاللاھۇئەكبەر  لا  دەپ  قوياتتىم،باشقا  ھېچنىمېنى  دېمەيتتىم،بولسا  دەيدىغان  دۇئانىڭ  ئەرەبچىسىنى
يېزىپ قويساڭ  بوپتىكەن،ئۇيغۇرچە  ئاھاڭ يېزىلىشىدىن بىلەلمىدىم.

مېنىڭچە  بولسىغۇ ئەمدى يەنە  شۇ  باشقىلارنىڭ گىپىدىن  بەك  قوقۇپ  يۈرمەي،قايسى  ئەۋزەل  بولسا  شۇنى
قىلغان  ياخشىكەن.بىرى  مۇنداقراق  گەپ  قىلسا، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى چىرايلىق  دەپ  بەرسەك بولىدىكەن.
شۇنداق  قىلىش ھازىرقى  كاللىسى ئوچۇق نۇرغۇن،ئەمدى ھەققە  يۈزلىنىۋاتقانلارغا  تازا  پايدىلىق.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-02-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 15:50

ھەمزە بۇرادەر:
ناماز ئوقۇش ئۇسلۇبىدا بەزى ئىشلاردا رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن رىۋايەتلەر ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بىرەر خىل رىۋايەتنى ئۆزىمىز مۋاپىق كۆرۈپ تاللىۋېلىپلا باشقا سەھىھ رىۋايەتلەرنى بىزنىڭ تاللىغىنىمىزغا ياكى كۆنگىنىمىزگە ئۇدۇل كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن رەت قىلساق، ئاندىن ئۆزىمىز تاللىغىنىمىزنى مۇشۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بىردىنبىر ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى دەۋالساق بولماسمىكىن. ھەدىسلەرنى مەزھەب قاراشلىرىغا بويسۇندۇرۇپ خاھىشىمىز بىلەن رىۋايەت قىلمىساق، چۈنكى بۇ تەئەسسۇپلۇققا يول ئاچىدۇ.
خالىسىڭىز يازمىڭىزدىن رىۋايەتتىكى تەئەسسۇپلۇققا مىسال كەلتۈرۈپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

 
 
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 17:16

7(yaxam)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تەلىم بەرگەيسىز
دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-02-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 19:16

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
تەلىم ئەمەس ئازراق تۈزىتىش بېرەي:
1-مىسال: بۇ مىسالدا بىرقانچە مەسىلە بار:
1-ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تەكبىردە قولىنى مۆرىسىگىچە كۆتۈرەتتى، دېگەن ھەدىسى. بۇ ھەدىستىن نامازغا تۇرغاندا قولنى قەيەرگىچە كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە مۆرىسىگىچە دېگەن ھۆكۈم چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەدىس مۇشۇ مەسىلىدە كەلگەن بىردىنبىر سەھىھ ھەدىس ئەمەس. سەھىھ مۇسلىمنىڭ ئۆزىدە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تەكبىر ئېيتقىنىدا ئىككى قولىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى. دەپ رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشاق گۆشىگە تەڭ باراۋەر بولغىچە، دېگەن. بۇ سەھىھ ھەدىسلەر ئوخشاش بولمىغاچقا ئالىملار قولنى قەيەرگىچە كۆتۈرىدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئوخشاش پىكىردە ئەمەس. لېكىن سىز مۆرىسىگىچە كۆتۈرىدۇ، دېگەن قاراشنى تۇتۇپ باشقا سەھىھ رىۋايەتلەرنى باسۇرۇپ قويۇپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى مۆرىسىگىچە كۆتۈرۈشتى، دەپلا بولدى قىلدىڭىز. باشقا قاراشتىكىلەر قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ، دېگەن قاراشنى تۇتقان. ئەسلىدە تەئەسسۇپلۇقتىن خالىي تۇرۇپ سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىنى قايرىۋەتمەي ھەممىنى بايان قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىر قاراشقا تەئەسسۇپلۇق قىلىش سىزنى ئۇنداق قىلدۇرمىغاندەك قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆتۈرىدىغانلارنىڭ ئىشىنى سۈننەتكە خىلاپتەك، ياكى سەھىھ ھەدىسكە خىلاپتەك كۆرسىتىپ قويغانلىق بولىدۇ. دىيارىمىزدىكى غەلۋىلەرنىڭ كۆپى مۇشۇنداق قىلمىشلاردىن كېلىپ چىققان.
ئىمام مۇسلىم بىر بابتىلا ئاشۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىنى بىر نۇمۇر يەنى 391-نۇمۇر ئاستىدا بايان قىلغان. مانا بۇ ئىنساپ، ئىلىمنى رىۋايەت قىلىشتا تەئەسسۇپلۇق قىلماسلىقتۇر.
ئىمام ئىبنى ئابدۇل بەر: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باش بىلەن تەڭ قولنى سوزۇپ كۆتۈرۈشمۇ رىۋايەت قىلىنغان، يەنە ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆتۈرگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنغان، مەيدىسىگىچە دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان، ئىككى مۆرىسىگىچە دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كەڭچىلىككە دالالەت قىلىدىغان مەشھۇر ھەدىسلەردۇر، دېگەن.
2-مەسىلە: ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىدە: ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازنى باشلايتتى، دەپسىز، بۇ ئىبارە سەھىھۇ مۇسلىمنىڭ ھېچبىر رىۋايىتىدە يوق، بار بولغىنى: ئاندىن تەكبىر چۈشۈرەتتى، دېگەن ئىبارە. دېمەك نامازنى باشلاش قولنى كۆتۈرۈش بىلەن بولىدۇ، بۇنى يەنە بىر رىۋايەتتە: نامازنى باشلىغىنىدا ئىككى قولىنى ئىككى مۆرىسىگىچە تەڭ بولغىچە كۆتۈرەتتى، دەپ ئىپادىلىگەن.
ھازىرچە مۇشۇ مىسال بىلەن توختاپ تۇراي، بۇنىڭغا قارىتائىنكاسىڭىزنى ئاپلىغاندىن كېيىن ئاندىن قالغان مىساللارنى يازارمەن. كۆڭلى كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتقانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئاللاھ رازى بولسۇن.
[ yaxamتەرىپىدىن2010-12-02 19:22قايتا تەھرىرلەندى ]
ۋەللاھۇ ئەئلەم
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-03 14:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
سىز ئىبنى ئۈمەرنىڭ ‹‹ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالام نامازغا تۇرغاندا ئىككى قۇلىنى مۇرىسىگىچە كۇترەتتى، ئاندىن كىيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازنى باشلايتتى. رۇكۇ قىلغاندىمۇ،رۇكۇدىن بېشىنى كۇتۇرگەندىمۇ قولىنى شۇنداك كۇتىرەتتى.ئەمما سەجىدىدىن بېشىنى كۇتۇرگەندە ئۇنداق قىلمايتتى.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)››
بۇ ھەدىسىنى سەھىھ ئەمەس دىمەكچىمۇ؟ بۇ مۇسلىمنىڭ ھەدىسى.
سىز دىگەن ئۇ ھەدىسكە دىققەت قىلماپتىكەنمە. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. سىزنىڭ كۆرسىتىپ بىرشىڭىز بىلەن ئۇ ھەدىسنىمۇ بىلۋالدىم.


مىنىڭ كۆرگىنىممۇ  مۇسلىمنىڭ ھەدىسى. سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ مۇسلىمنىڭ ھەدىسى ئىكەن. دىمەك قولنى قۇلاقنىڭ بارابىرىگىچە كۇتۇرسىمۇ مۇرىسىنىڭ بارابىرىگىچە كۇتۇرسىمۇ بۇلىدىكەن. مەن بۇ ھەدىسنى تەرجىمە قىلىپ تىمامغا قېتىپ قۇياي. ئاللاھ سىزگە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.