باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 28656 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى مۇنداق ئىدى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-01 12:52

رەسۇلۇللەنىڭ نامىزى مۇنداق ئىدى(ھەمزە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن يۇرۇتۇش بىكار قىلىندى(2010-12-12)
                                 



ناماز بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ كۇندىلىك ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئىنسان ناماز ئۇقۇش بىلەن دىنىنى بەرپا قىلغان بۇلىدۇ، ناماز ئۇقۇماي ھەرقانچە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلسىمۇ ئۇ قۇرۇق دەۋادۇر. رەسۇلۇللە مۇسۇلمان بىلەن كۇپۇرنىڭ ئارلىقىدىكى پەرق نامازدۇر دىگەن.

رەسۇلۇللەنىڭ ساھابىلىرىمۇ ناماز ئۇقۇماسلىق زاكات بەرمەسلىكتىن باشقىنى كۇپۇرلۇق دەپ قارىمايتتى.

مەن تۇۋەندە رەسۇلۇللەنىڭ نامازلىرى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بىز تاھارەت ئېلىپ،قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ناماز ئۇقۇغانكەنمىز جەزمەن نامازنى قۇبۇل بۇلىدىغان تەرەقىدە سۇپەتلىك،ئۆلچەملىك ئۇقۇشىمىز شەرت.

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالام نامازغا تۇرغاندا ئىككى قۇلىنى مۇرىسىگىچە كۇترەتتى، ئاندىن كىيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازنى باشلايتتى. رۇكۇ قىلغاندىمۇ،رۇكۇدىن بېشىنى كۇتۇرگەندىمۇ قولىنى شۇنداك كۇتىرەتتى.ئەمما سەجىدىدىن بېشىنى كۇتۇرگەندە ئۇنداق قىلمايتتى.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام نامازغا تۇرغاندا ئىككى قۇلىنى قۇلىقىغىچە كۇترەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۇتۇرگەندىمۇ شۇنداق قىلاتتى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

يۇقارقى ھەدىستىن رەسۇلۇللەنىڭ نامازنى تەكبىر بىلەن باشلايدىغانلىقىنى،رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا رەفئى يەد (قولىنى كۇتۇرۇش) قىلغانلىقىنى كۇرۋالغىلى بۇلىدۇ.

ئەمما بەزى كىشىلىرىمىز رەفئى يەد قىلغانلارنى چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۇزگەندەك يامان بىلىدۇ. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى. رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتىنى يامان كۇرۇش كۇپۇرلۇققا باشلايدۇ. رەسۇلۇللە نامازنى باشلىغاندىكى تەكبىر بىلەن قۇلىنى كۇتۇرۇشتە رۇكۇغا بارغاندىكى ۋە تۇرغاندىكىدىن ئىگىزرەك كۇتۇرەتتى.

رەسۇلۇللە رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن قۇلىنى كۇتۇرۇپمۇ كۇتۇرمەيمۇ ناماز ئۇقۇغان. ئەمما رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن قۇلىنى كۇتۇرگەن ھالىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس رەفئي يەد قىلماي ناماز ئۇقۇش توغرىسىدىكى ھەدىستىن كۇچلۇكتۇر ھەم كۆپتۇر. شۇڭا رەفئىي يەد قىلىشنى ئەۋزەل دەيمىز.ئەمما رەفئىي يەد قىلمىغانلارنى ئەيىپلىمەسلىك كىرەك.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن باشقا سۈرىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ھىسابلانمايدۇ (نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ئەمما ئىمام پەرز ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالەتتە ئۇ نامازنىڭ رۇكۇسىغا ئۇلگۈرۈپ كىلەلىگەن كىشىنىڭ نامىزى ناماز بۇلىۋېرىدۇ. گەرچە سۇرە پاتىھە ۋە ئۇنڭدىن كىيىن ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئۇقۇمىسىمۇ شۇ نامىزى ناماز بۇلىۋېرىدۇ. بۇ ھەدىس سۇرە پاتىھەنى ئۇقۇغۇدەك ۋاقىتتىمۇ ئۇنى ئۇقۇماي ناماز ئۇقۇغان كىشى ئۇچۇندۇر. يەنە سۇرە پاتىھەنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس.

ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پەرز ناماز ئۇقۇغاندا ئىمام سۇرە پاتىھەنى ۋە قۇشۇپ ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئاۋازلىق ئۇقۇسا جىم تۇرۇپ ئىمامنىڭ ئۇقۇغىنىنى ئاڭلاش كىرەك. (بامدات،شام.خۇپتەن،جۇمە ۋە ئىككى ھېيىت نامازلىرىغا ئوخشاش. بۇ نامازلاردا ئىمام قىرائەتنى ئاۋازلىق ئۇقۇيدۇ. ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىپ شۈك تۇرىدۇ.) ئىمام قىرائەتنى مەخپىي قىلىدىغان نامازلاردا(پىشىن ،ئەسىر نامازلىرىغا ئوخشاش) ئىقتىدا قىلغۇچى سۇرە پاتىھە ۋە قۇشۇپ ئۇقۇيدىغان سۇرىنى ئىچىدە ئۇقۇيدۇ.

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ‹بىزسۈرە پاتىھەگە ئۇقۇيالىغىنىمزچە بىرەر سۇرە ياكى بىرەر ئايەت قۇشۇپ ئۇقۇشقا بۇيرۇلدۇق› دىدى.(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ۋائىل ئىبنى ھۇجرەدىن رىۋايەت قىلنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاۋازىنى كۇتۇپ ‹‹ئامىن›› دەيتتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن يەھۇدىيلار ھېچبىر نەرسىگە سىلەرنىڭ سالام ۋە ئامىن دىيشىڭلارغا ھەسەد قىلغاندەك ھەسەد قىلمايدۇ.(ئىنبى ماججە رىۋايىتى. ئالبانى سەھىھ دىگەن.)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن،«نامازنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئۇقۇلغان نامازدۇر.(يەنى ئۇزۇن سۇرە بىلەن ئۇقۇلغان ناماز ئەڭ ياخشىدۇر) (مۇسلىم رىۋايتى)

ئەمما قىسقا سۇرىلەر بىلەن ئۇقۇلغان ناماز مەقبۇل ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس. قىسقا سۇرىلەر بىلەن ئۇقۇلغان نامازمۇ مەقبۇل بۇلىۋېرىدۇ. ھەتتا سۇرە پاتىھەنىلا ئۇقۇپ ئۇقۇلغان نامازمۇ قۇبۇل بۇلىدۇ. ئۇزىمىزنىڭ بىلىشىچە ئۇزۇن سۇرىلەرنى ئۇقۇپ ناماز ئۇقۇشىمىز ئەپزەل.

بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ نامىزىنى كۇزەتتىم قىيامدا تۇرۇش،رۇكۇ قىلىش،رۇكۇدىن كىيىن  رۇس تۇرۇش،سەجدە قىلىش،ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرۇش،سالام بىرىپ بولغاندىن قايتىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئازراق ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ مۇددىتى ئاساسەن تەڭ ئىدى. (مۇسلىم رىۋايتى)

بۇ ھەدىستىن رەسۇلۇللەنىڭ نامازدا تۇرىشى قىسقا ئەمەس بەلكى رۇكۇ سەجدىلەردىمۇ قىيامىغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردىغانلىقى سۆزلەنگەن. بەزىلىرىمىز باركى رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تۇخۇ دان چۇقىغاندەك تىز سۇرەتتە قىلىمىز. بۇنداق ناماز ناماز ئەمەس. جەزمەن رۇكۇ سەجدىلىرىمىزدە بىر خاتىرجەملىك بولغانغا قەدەر تۇرشىمىز كىرەك. بولمىسا ناماز ئادا تاپمايدۇ.

ئابدۇللائىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزگە ناماز ئۇقۇشنى ئۆگىتىپ قولىنى كۇتۇرۇپ نامازغا قۇلاق قاقتى.رۇكۇ قىلغاندا قۇلىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ تۇردى.دىدى. بۇ سۆز سەئىدكە يەتكەندە سەئىد: قېرىندىشىم توغرا دەپتۇ.كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى رۇكۇ قىلغاندا تىزلىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرشىمىزغا بۇيرىغان. دىدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن).

ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇكۇ قىلغاندا تىزىنى تۇتۇپ تۇرۇش سۇننەت دىگەن.

بەزى كىشىلەر بار. رۇكۇ قىلغاندا قۇلىنى تىزىغا تىرەپ قۇلىغا تايىنىپ تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. رۇكۇ قىلغاندا قۇلىمىزنى تىزىمىز ئۇستىگە قۇيىمىز.ۋە قۇلىمىزنىڭ بارماقلىرى جەزمەن يەرگە ئۇدۇل تۇرشى كىرەك. رۇكۇ قىلغاندا بەكمۇ ئگىلىۋالماي،بەكمۇ رۇسلىنىۋالماي ئوتتۇرھال تەكشى تۇرۇش كىرەك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام رۇكۇدا دۇمبىسىگە سۇ قويسا(يەنى بىرەر قاچىدەك نەرسىدە سۇ قويسا) تۇكۇلۇپ كەتمىگۇدەك دەرىجىدە تۇراتتى .(ئەلكىبىر . ھەيسەمىي بۇ ھەدىسنى ئىشەنچىلىك دىگەن)

ئىبنى ئابباس تىن رىۋايەت قىلىنىدۇ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن مەن يەتتە ئەزايىم بىلەن سەجدە قىلىشقا،كىيىمىمنى ۋە چېچىمنى يىغىۋالماسلىققا بۇيرۇلدۇم. (مۇسلىم رىۋايتى)

يەتە ئازايىمىزنى يەرگە تەككۇزۇپ سەجدە قىلىشىمىزغا بۇيرۇلغان. بۇ يەتتە ئەزا يۇز،ئىككى قول،ئىككى،تىز،ئىككى پۇتتىن ئىبارەت. قانداق بىر ئادەم يەتتە ئەزايىدىن بىرەرىنى يەرگە تەككۇزمەي سەجدە قىلسا ياكى يەتتە ئەزايىدىن ئۇشۇق يەنە باشقا ئەزالارنىمۇ تەككۇزۇپ سەجدە قىلسا رەسۇلۇللە بۇيرۇلغان نەرسىگە ئاسىيلىق قىلغان بۇلىدۇ،

ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم ۋە چاچلىرىمىزنى يىغىۋالماسلىققا بۇيرۇلغان. ھازىر نامازدا تۇرۇپ كىيىم ۋە چاچلارنى يىغىۋېلىش بۇ بىر قەدەر ئېغىر ئەھۋال.كۇپۇنچىلىرىمىز رۇكۇغا بارغاندا كەيگەن ئىشتىمىزنىڭ تارلقدىن ئۇنىڭ تىزىنى چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئىشتاننى ئاياپ ياكى ئىشتاننىڭ تارلىقى تۇپەيلى سەجدىگە بارالماي ئىشتاننى تىزىدىن تۇتۇتپلا يۇقۇرغا كۇتۇرۋېتىپ سەجدىگە كىتىش ئەھۋالى ھازىرقى ياشلىرىمزىدا خېلىلا ئېغىر.بۇ تۇسۇلغان ئىش.ھەم بۇ مەكرۇھ ھىسابلىنىدۇ. ياش قېرىنداشلىرىمىز رۇكۇدىن سەجدىگە بارغاندا ئىشتاننى ئۇستىگە كۇتۇرۋېتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم. ئەگەر قېرىنداشلىرىڭىزدا شۇنداق ئەھۋال كۇرۇلسە ئۇلارغىمۇ يەتكۇزۇپ قۇيۇڭ. كاتتا ساۋابقا ئىرشىسىز. يەنە بەزىلەر چاچنى بەك ئۆستۇرۋالغانلىقتىن چېچى كۇزىنى تۇسىۋالسا نامازدا تۇرۇپ چېچىنى ئوڭشايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك. ناماز ئۇقۇغانكەنمىز قائىدە –ئەركانلىرىغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ ئۇقۇشىمىز لازىم. بۇ ناماز قۇبۇل بۇلۇشنىڭ شەرتىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن (رۇكۇدىن سەجدىگە بارغاندا) سەجدە قىلغاندا تۈگىگە ئوخشاش چۆكمەي، قۇلۇڭلارنى تىزىڭلاردىن بۇرۇن يەرگە قۇيۇڭلار.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئالبانى سەھىھ دىگەن)

بۇ ھەدىستە رۇكۇدىن سەجدىگە بارغان چېغىمىزدا ئىككى تىزىمىزنى زىمىنغا تەككۇزۇشتىن بۇرۇن ئىككى قۇلىمىزنى تەككۇزىشىمنىڭ كىرەكلىكىنى بىلدۇرگە. ئىككى قۇلىنى ئىككى تىزىدىن كىيىن يەرگە قۇيۇش توغۇرلۇق كەلگەنمۇ بىر ھەدىس بۇلۇپ ئۇ زەئىپ ھەدىستۇر.

ئەبۇ داۋۇددتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەجدىدە ئىككى قولىنى بەكمۇ يىغىۋالماي،بەكمۇ ئېچىۋالماي ئوتتۇرھال قۇياتتى. ۋە بارماقلىرىنى قىبلىگە قارتاتتى دىيىلگەن. بۇ ھەدىسنى ئابانى سەھىھ دىگەن.

سەجدە قىلغاندا قوللىرىمىزنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىشى شەرت. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى.

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سەجدە قىلغان قولتۇقىدىن بىر قوزا مېڭىپ ئۇتەلەيتتى. (مۇسلىم رىۋايتى)

سەجدە قىلغاندا بىلەكنى بەك يىغىۋالماي كەڭىررەك ئېچىپ تۇرۇش كىرەك. ئەرلەرنىڭ بىلىكىنى قورسىقىغا چاپلاپ تۇرىشى،ئىككى جەينىكىنى يەرگە تەككۇزۇپ تۇرىشى چەكلەنگەن. بىلەك يەرگە تەەمەسلىك كىرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن.سەجدە قىلغاندا ئىككى ئالقاننى يەردە قۇيۇپ،بىلەكنى يەردىن كۇتۇرۋېلىڭلار  (مۇسلىم رىۋايتى)

سەجدە قىلغاندا ئىككى ئالقاننى يەرگە قۇيۇپ بارماقلىرىمىزنىڭ ئۇچچىنى قىبلىگە قارىتىپ ئالقاننى بەكمۇ ئېچىۋالماي،بەكمۇ يېقىنلاشتۇرۋالماي نورمال قۇيشىمىز تەكىتلەنگەن.يەنە سەجدى قىلغاندا جەزمەن پىشانە ۋە بۇرۇن يەرگە تىگىشى كىرەك.

بۇخارىينىڭ بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللە سەجدىدىن تۇرغاندا ئۇگە-ئۈگىلىرى جايى-جايىغا چۇشكىچە تۈز ئولتۇراتتى دىيىلگەن.يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللە ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاللاھۇممە ئەغفىرلى،ۋەرھەمنىي،ۋەھدىنىي،ۋەئافەنىي،ۋەرزۇقنى دىگەن دۇئانى ئۇقۇيتتى دىگەن. ھازىر كۇپۇنچىلىرىمىز ئىككى سەجدىنىڭ ئارسىدا ھېچنەرسە دىمەيمىز. ئىككى سەجدە ئارسىدا يۇقۇرقى دۇئانى چۇقۇم ئۇقۇش كىرەك.

تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا جەزمەن يۇكۇنۇپ ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنىڭ ئۇستىدە ئولتۇرۇش كىرەك بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۇننتى.

يۇكۇنۇپ ئولتۇرغاندا ئىككى ئالقىنىنى نورمال ئېچىپ ئىككى تىزىنىڭ ئۇستىدە بارماقلىرىنى قىبلىگە قارتىپ ئولتۇرۇش كىرەك.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇگىتىپ قويغاندەك قۇلۇمنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى ئۇگىتەتتى«ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە،ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ،ئەسسالامۇ ئەلەينا،ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىينە،ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ،ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ.››(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئەتتەھەيياتۇ نى ئۇقۇماي ئۇقۇلغان ناماز ناماز ھىسابلانمايدۇ. بۇ توغۇرلۇق رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن تەشەھھۇدنى (ئەتتاھەيياتۇ) ئۇگىنىڭلار،چۇنكى تەشەھھۇد بولمىسا ناماز ناماز بولمايدۇ.(بەززار.ئەلئەۋسەت.)

تەشەھھۇدنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن سەللى،ۋە بارىك دۇئالىرىنى ئۇقۇپ ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇپ خالىغان دۇئالارنى قۇشۇپ ئۇقۇغاندىن كىيىن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئاۋۋال ئوڭ تەرپىگە ئاندىن يەنە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ سول تەرپىگە سالام بىرىدۇ. ئاندىن تەكبىر ئۇقۇيدۇ ۋە ناماز ئاخىرلىشىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ (يۇقرى ئاۋازدا)ئېيتقان تەكبىرىدىن ئۇنىڭ نامازدىن پارىغ(بىكار) بولغانلىقى بىلەتتۇق. (مۇسلىم رىۋايتى).

مانا يۇقۇرقىلار بولسا رەسۇلۇللەنىڭ ئۇقۇغان نامىزىنىڭ جەريانى.
[ ھەمزەتەرىپىدىن2010-12-03 14:17قايتا تەھرىرلەندى ]
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1383
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1383دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15473 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-09-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 12:57

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~
شۇنداق  ئېسىل  تېمىلارنى  يوللاۋاتىسەن  بۇرادەر،ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن.مەنمۇ ئىككى سەجدە ئارىىسدا
ئاللاھۇئەكبەر  لا  دەپ  قوياتتىم،باشقا  ھېچنىمېنى  دېمەيتتىم،بولسا  دەيدىغان  دۇئانىڭ  ئەرەبچىسىنى
يېزىپ قويساڭ  بوپتىكەن،ئۇيغۇرچە  ئاھاڭ يېزىلىشىدىن بىلەلمىدىم.

مېنىڭچە  بولسىغۇ ئەمدى يەنە  شۇ  باشقىلارنىڭ گىپىدىن  بەك  قوقۇپ  يۈرمەي،قايسى  ئەۋزەل  بولسا  شۇنى
قىلغان  ياخشىكەن.بىرى  مۇنداقراق  گەپ  قىلسا، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى چىرايلىق  دەپ  بەرسەك بولىدىكەن.
شۇنداق  قىلىش ھازىرقى  كاللىسى ئوچۇق نۇرغۇن،ئەمدى ھەققە  يۈزلىنىۋاتقانلارغا  تازا  پايدىلىق.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!