مەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ بۇ ھەدىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ئاندىن يازغان.

بۇ ھەدىسنى ئالبانىي رەھىمەھۇللا سەھىھ دىگەن.
سىز تىلغا ئالغان تىرمىزىدكى ۋائىل ئىبنى ھۇجىرنىڭ ھەدىسىنى ئالبانى زەئىپ دىگەن. سىز دىگەن ھەدىس تۇۋەندىكى ھەدىستۇر.

بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ ئۇزىدىمۇ غەرىپ ھەسەن دىگەن. ۋە بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن شەرىكتىن باشقىنى تۇنۇمايمىز دىگەن.
ھەمام بۇ ھەدىسنى ئاسىمدىن مۇرسەل رىۋايەت قىلغان. ۋە رىۋايىتىدە ۋائىل ئىبنى ھۇجىرنى تىلغا ئالمىغان
مەن بۇ تىمىنى يېزىشتا بۇخارى ،مۇسلىم،باشقا ھەدىس توپلاملىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭمۇ سەھىھ دەپ ئايرىلغانلىرىنى دەلىل قىلىپ يازدىم.
ئەمما مەن مەن يازغان ھەدىسلەرنى مەنسۇخ قىلىدىغان ھەدىسلەر بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. ئەگەر بولسا مىنى خەۋەردار قىلسىڭىز مەن تىمىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارمەن.
مەن بۇتىمىنى پەقەتلا ئاللاھتىن ئەجىر تىلەپلا يازغان. سىز دىگەندەك مۇتەئەسسىپلىىك قىلىش مەن ئۇچۇن يات. ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن.
بىرىنچى مەسلىدە سىز دىگەن ھەدىسنى چىقىرىپ بولدۇم.
.