ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرس بۇرادەر سىزدىن كىچىك بولساممۇ يەنىلا سىزنى بۇرادەر دەپ ئاتاۋىرەي.چۈنكى مۇئمىن –مۇئمىننىڭ بۇرادىرى ئەمەسمۇ؟ دىنى قېرىنداشلىقنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋىتى يوققۇ؟ ئەگەر بىزنى مەزھەب تۇتمايدىغان ئادەم دەپ بۇرادەر دىمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.ئەمما مەن سىزنى مەزھەب تۇتىدۇ دەپ بۇرادەرلىكتىن چىقىرىۋىتەلمەيمەن. بىزنىڭ مەرھۇم ئۇستازىمىز مۇنداق بىر شىئىرنى ئوقۇپ بىرىدىغان ئىدى.ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
الافندى مشتق من الفند قولە قول بلا سند
ئەپەندى دىگەن گەپنى ئاڭلىساملا مۇشۇ شىئىر يادىمغا يىتىدۇ. بەلكىم سىز بۇنداق گەپنىڭ ئاساسى يوق دەپ قايىل بولمايدىغانسىز! مەيلى،ئۇنى بىر چاخچاق دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىۋىرىدۇ....
مەقسەتكە كەلسەك سىزنىڭ 》
ئاخىرىدا كۆپچىلىككە بىرنەچچە ھەدىس سۇناي:
«ھەزرىتى ئەلى رەدىيەنلاھۇ ئەنھۇ دېدىكى:'مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھتىن بىر نەرسە دەپ بەرگەن ۋاقتىمدا، ئاللاھقا قەسەمكى، ئۇ دېمىگەننى دېدى دېيىشتىن ماڭا ئاسماندىن يەرگە تاشلىنىش سۆيۈملۈكراقتۇر...' دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ(ئە.س.ۋ) مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتتى:'ئاخىر زاماندا يېشى كىچىك، ئەقىللىرى زەئىپ بىر تۈركۈم ياشلار مەيدانغا كېلىدۇ. مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكىنىڭ (ئە.س.ۋ) سۆزلىرىنى (سىلەرگە) سۆزلەيدۇ ۋە قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ...'» <بۇخارى، ئەبۇ داۋۇت>
«ئاخىر زاماندا بىر قەۋم مەيدانغا كېلىدۇ. جاھىللار باش بولۇپ كىشىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۆزى ئازىدۇ، ھەم باشقىلارنى +ئازدۇرىدۇ»<بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى>
بۇ خەتەرلىك زاماندا ئاللاھ بىزلەرنى شۇنداقلاردىن بوپ قېلىشتىن ساقلىسۇن! ئىجتىھادتىكى زور ئاخىرەتلىك نەتىجىنى كۆزلىگەن ھەربىر كىشى ئۇنىڭغا تىرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئىجتىھاد ھەۋەسكارانە قىلىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ساۋابىمۇ چوڭ، مەسئۇلىيىتى ھەم چوڭدۇر. «خاتالاشسا بىر ساۋاپ، توغرا ھۆكۈم چىقارسا ئىككى ساۋاپ»قا ئېرىشىش ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسكە ئالغىنىمىزدا، يۇقىرىدىكىدەك ھەدىسلەرنى ھەم ئۇنۇتمايلى.ھەم بۇ خىل مەسىلىلەر بىلەن ھەلەك بولۇپ، ئۆز ئىنسانلىق، قۇللۇق ۋەزىپىمىزنى ھەققى بىلەن ئادا قىلالماي قالمايلى. ئېنىقكى، دىنى مۇتالەئەدىكى مەقسەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ياكى شۆھرەت قازىنىش ئەمەستۇر. ئاللاھ بىزنى نەفسىنى يېڭىگۈچىلەردىن قىلسۇن. ئاللاھ بىزنى ئۆز خاتالىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تۈزەتكۈچىلەردىن قىلسۇن
دەپ ماڭائەسكەرتىش بەرگەنلىكىڭىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن.ھەممەيلەن مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزگە قېرىنداشلارچە سەمىمىلىك بىلەن مەسئۇل بولۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكلەردىن ساۋاق ئېلىپ مۇنبەرنى ئىلىم ئۈگىنىش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تونۇشۇش ۋە سىردىشىش ئائىلىسى قىلالىساق بەكمۇ ياخشى بولاتتى.ئەسلىدە باشقىلارنىڭ بىزگە قارشى ئىنكاس يېزىشى بىزنى نەزەرگە ئالغىنى ئىدى.چۈنكى مىۋىسى يوق دەرەخكە ھىچكىم تاش ئاتمايدۇ.ئەپسۇسكى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ مۇرت توپلاش ئۈچۈن كىچىككىنە ئوخشىماسلىق شەكىللەنگەن ئۇششاق مەسىلىلەردە قارشى تەرەپكە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى سېسىتىۋىتىشكە ، يۈزىنى چۈشۈرۈپ مۇنبەردىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ھەركەت قىلىپ ئاشكارا ھالدا« سىنى ئۇنداق قىلىۋىتىمەن،مۇنداق قىلىۋىتىمەن،ئون قېتىم كۆرسەم ئون قېتىم ئەدىپىڭنى بىرىمەن »دەپ پەسەندى لۈكچەكلەرچە «مۇنازىرە» قىلىدىغان «ئالىملار»مۇ يوق ئەمەس.بۇنداقلاردىن ئىلىم ئەھلىلا ئەمەس ئازراق ئەقلى بار كىشىلەرمۇ سەسكىنىپ نۇمۇس قىلىدۇ،نەپرەت بىلەن تۈكۈرىدۇ..اللەغا شۈكرىكى ھازىر مۇنبىرىمىزدە بۇنداق قىلىقسىز ئىشلار تۈگىگەندەك قىلىدۇ..مۇنازىرە دىگەننى كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماي ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئىلمى رەددىيە بىرىپ قايىل قىلىشقا تىرىشقاندا مۇھىمى شەخسى غەرەز ئۈچۈن ئەمەس ھەقىقەت ئۈچۈن قىلغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ.خۇددى سىز دىگەندەك دىنى مۇتالەئەدىكى مەقسەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ياكى شۆھرەت قازىنىش بولماسلىقى كىرەك ئىدى.ئەمما ھازىر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن ياكى تەڭ دەرىجىلىك ئادەمگە قايىل بولۇشى ئاساسەن تېپىلمايدىكەن. پاكىتتا يېڭىلىپ كۆڭلىدە قايىل بولسىمۇ ئاغزىدا ئىقرار قىلسا ئاتالمىش يۈزى چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ تايىنى يوق چاخچاق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەنكى -،ھەر نىمە بولسا بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالدىم،بىر خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالدىم،سىلىگە اللە رەھمەت قىلسۇن دەيدىغان سەلەپلەرنىڭ خاراكتىرى ھازىر قالماپتۇ.سەل ئىنساپلىقلىرى كىيىنرەك بولسىمۇ قايىل بولىدىكەن.بۇ يەردە قايسىدۇ بىر كىتاپتا ئوقۇغان مۇنداق بىر ۋەقەلىك يادىمغا كىلىۋاتىدۇ. ئىمام ئەزەم ھەزرەتلىرى شاگىرتلىرىنى مۇنازىرە قىلىشتىن چەكلەيدىكەنتۇق .شاگىرتلىرى «بىزنى توسىدىكەنلا،ئۆزلىرى مۇنازىرىلىشىدىكەنلىغۇ؟» دىگەندە مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.«بىز مۇنازىرە قىلىشساق قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىدىن بىرەر خاتا گەپ چىقىپ قالمىغىدى ! دەپ شۇنداق دىققەت قىلىمىز،ئەمما سىلەر مۇنازىرىلەشسەڭلار قاچان قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىدىن بىر خاتا گەپ چىقىپ قالار،ئۇنى بىر مات قىلىۋالسام دەپ دىققەت قىلىسىلەر »
مۇنازىرىدە بۇنداق سەمىمى بولۇش ناھايىتى ئاز ئادەملەرگە نىسىپ بولسا كىرەك..
ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك مەن ئۆزۈمنى مۇجتەھىد،ئايرىم ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ دەۋا قىلغىنىم يوق.گەرچە شۇ دەرىجىگە يىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساممۇ..ئەمما مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم سۈرە زۇمەر 18- ئايەتتە ۋە يۇقۇرىدا مەزھەپ ئىماملىرى تەۋسىيە قىلغاندەك مەزھەپكە قارىغۇلارچە ئەگەشمەي ھەر بىر ھۆكۈمدە دەلىل-ئىسپاتقا ئەگەشسەك،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەلىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ قايسىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولسا شۇنى قوللىساق دىمەكچىمەن.. بۇ گەپ ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى دەپ ئاتايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان.(ئىلىمسىزلەر ئالىم سۆزلەپ بەرگەن بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.) مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن كىلىپ چىقىدۇ..بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتە «سوفى اللە يار»، «گۈلىستان»، «ھۇۋەيدا»،«خوجا ھافىز»...قاتارلىق كىتاپلارنى ئانچە مۇنچە يادلىيالايدىغانلىقىنى چوڭ بىلىپ ،يەنە بەزىلەر «مۇختەسەر،شەرھۇلۋىقايە...»لەرنى ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلىپ ،چوڭراقلىرى «ھىدايە » نى تەرجىمە قىلالايدىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ جاھانغا پاتماي خۇددى باشقىلار ھىچنىمە بىلمەيدىغاندەك ،ئۇلارنىڭ ھەممە گىپى خاتادەك بىلىنىپ ئۆزىنى كاتتا ئالىم چاغلاپ باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بېقىشقىمۇ رايى يوق ياشايدىكەن.(بۇنداق دىگەنلىك ئۇكىتاپلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىم ئەمەس).بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئالدىدا سەھىھ ھەدىس تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي ئۆزى بۇرۇن ئۈگىنىۋالغان ياكى كۆنۈپ كەتكەن جاۋاپلار بويىچە مېڭىۋىرىدىكەن.بۇنداقلار يا ئۆزىنىڭ ئىلىمسىز تەرجىمانلىقىنى ئىتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدىكەن ۋە ياكى ئىلىم ئەھلىمەن دەپ دەۋا قىلغىنىغا يارىشا ئىلىم ئەھلىنىڭ ۋەزىپىسى بويىچە ئىش قىلمايدىكەن... تىمىدا مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ «بىزنىڭ دەلىلىمىزنى بىلمىگەن كىشىنىڭ بىزنىڭ گىپىمىز بويىچە پەتىۋا بىرىشى ھارام....»دىگەنلىكىنى يازغان ئىدىم..دىمەكچىمەنكى ئىلىم ئەھلىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان ئادەم مۇشۇ تەۋسىيەگە ئەمەل قىلىپ ئۇلارنىڭ دەلىللىرىنى ئازراقمۇ بولسا ئىزدىنىپ ،سېلىشتۇرۇپ كۆڭلى قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرسە ئاندىن مەزھەپ بىلەن دىننىڭ ،قۇرئان-ھەدىس بىلەن فىقھى كىتاپلىرىنىڭ پەرقىنى بىلەلىگەن بولىدۇ.(بۇنچىلىك سەۋىيىسى بولمىغان ئادەم ئەگەر اللەدىن قورقىدىغان بولسا ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى دەپ دەۋا قىلماي بىلمەيمەن دەپ تۇرۇشى كىرەك .چۈنكى تەرجىماننى ئالىم دىيىلمەيدۇ.) ئۆزى كۆنۈپ كەتكەن ھۆكۈمگە قارشى بىر ھەدىسنى ئۇچراتقىنىدا مىڭىسىدە تۇنجى بولۇپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى ئويلىماي ياكى ئىزدىنىپ باقماي ۋە ياكى ئىزدەنسىمۇ ئۆزىنىڭ مەزھىبىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ھەدىسكە ئۇدۇل كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا مەزھىبى بويىچە مېڭىۋىرىش دەل مەزھەپ ئىماملىرى ھارام قىلىۋەتكەن ئىش ئىدى...مانا بۇ -مۇتەئەسسىپلىك ۋە مەزھەپپەرەسلىك...مەن دەل مۇشۇ خىل مەزھەپپەرەسلىككە قارشى .... بىز بۇرۇن ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ مەزھىبىمىزگە قارشى كىلىدىغان بەزىبىر ھەدىسلەر ئۇچرىغاندا مەرھۇم ئۇستازىمىز (اللە ئۇكىشىنى مەغفىرەت قىلسۇن) «بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەزەم ئالمىغان (ئەمەل قىلمىغان)» دەپ چۈشەندۈرەتتى..بىزمۇ دەرسىمىزنى مۇزاكىرە قىلغاندا بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەزەم ئالمىغان ئىكەن دەپ چۈشىنەتتۇق.ئەمما ھەدىس دىگەن نىمە؟ ئۇنى ھەر كىم خالىسا ئالىدىغان،خالىمىسا ئالمايدىغان نەرسىمۇ ؟دەپ سوراش كاللىمىزغا كەلمىگەن..چۈنكى ئۇستازىمىزمۇ شۇنداق كۆنگەن،شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن.كىمكى تۇمار ئاسسا مۇشرىك بولىدۇ دىگەن ھەدىسنى نەچچە قېتىم ئوقۇغان ئىدۇق.ئۇستازىمىزمۇ بەلكىم بىرەر يۈز قېتىم ئوقۇغان بولغىتى دەيمەن.چۈنكى ئۇستازىمىز ئادەتتىكى ئۆلىما ئەمەس ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ۋە نۇرغۇن تالىپلارغا چوڭ تەفسىرلەردىن دەرس ئۆتىدىغان كىشى ئىدى. ئەمما ئاشۇ ئۇستازىمىزمۇ ھەر خىل تۇمارلارنى يېزىپ بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا، تۇغۇتى قىيىنلاشقان ئاياللارنىڭ يوتىسىغا،سەمرىمەيۋاتقان ياكى ئاغرىپ قالغان كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئېسىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى.. بىزمۇ ئۈگىنىش ئۈچۈن ئاشۇ تۇمارلارنى ئوغرىلىقچە ئېلىۋېلىپ ئېچىپ قارىساق بەزىلىرىدە ئايەت ۋە دۇئالار،بەزىسىدە ئەسھابۇلكەھف نىڭ ئىسىملىرى يۇمۇلاق شەكىلدە،ئوتتۇرىسىغا ئۇلارنىڭ ئىتى قىتمىرنىڭ ئىسىمى يېزىلغان،يەنە بەزىلىرىگە بولسا چۈشىنىكسىز تىلسىم شەكىللەر،ھىندى رەقەملىرى يېزىلغان چىقاتتى..شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئاشۇنداق تۇمارلارنى كىشىلەرگە يېزىپ بىرەتتۇق.. شۇچاغدا ھېلىقى ھەدىسنى ئوقۇغانلىقىم ئېنىق ئىسىمدە بولسىمۇ لىكىن ئۇنى قانداق چۈشەنگەنلىكىمنى ۋە ياكى بۇ ھەقتە بىرەر سوئال سورىغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.. ئايەت ۋە دۇئا يېزىلغان تۇمارلارنىڭغۇ زەئىف بولسىمۇ دەلىلى بار دەپ تۇرايلى. ئەسھابۇلكەھف نىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتىنىڭ ئىسىمىنى يېزىپ تۇمار قىلىپ ئاسقانلىق ئاشۇلاردىن مەدەت ۋە ياردەم تىلىگەنلىكنىڭ ئەينەن ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئى ئەسھابۇلكەھف ،بىزنى قۇتقازغىن ،بالىلىرىمىزنى كۆز تىگىشتىن ساقلىغىن دەپ دۇئا قىلغان ئادەمنى مۇشرىك دىيىشتە ھىچكىم تالاشمايدۇ يۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئىتى بالىلىرىمىزنى كۆز تىگىشتىن ساقلايدۇ دەپ ئىتىقات قىلىپ تۇمار ئاسقان كىشىنى نىمە دىسەك بولار؟ دىمەك ئۇستازىمىزمۇ ،بىزمۇ ئۇستازلىرىمىزنى دوراپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىكەنمىز..خاتا بولسا ئۇستازىمىز شۇنداق قىلارمىدى دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈمران ئىدى. .بۇنداقلار ھازىرمۇ تولا. ( اللە ھىدايەت قىلمىغان بولسا مەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە ئاشۇنداق ئازغۇن يولدا يۈرىۋەرگەن بولاتتىم. تاپاي دىسە ھەر قانچە خاتا گەپكىمۇ بىر ساپاق تاپقىلى بولىدۇ. ئاشۇنداق تۇمار يېزىشنى ئۈگىتىدىغان ۋە تەشۋىق قىلىدىغان كىتاپلارمۇ نۇرغۇن .ھەتتا تەفسىرلەرمۇ بار.تەفسىر ساۋى......قاتارلىقلاردەك .اللە ھىدايەت قىلمىسا تەفسىر يازغان،ئۈگەتكەن ،ئوقۇغان بىكاركەن) مانا بۇ- ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەگەشمەي ئۇستازلارغا ۋە ياكى كەلگەنلىكى كىتاپلارغا ئەگەشكەنلىكنىڭ فاجىئەسى ، دىمەك كىتاپ باشقا،ئەقىل باشقا ،ھىدايەت يەنە باشقا گەپ ئىكەن.
ئىزدىنىش جەريانىدا بىز توغرا دەپ ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرگە
زىت كىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان چېغىمىزدا يەنىلا مەزھەپ بويىچە ياكى ئۇستازلارنىڭ ۋە ياكى ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا كىتاپلارنىڭ گىپى بويىچە مېڭىۋىرىش يۇقارقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.. بۇنداق قىلىش مەزھەپنى ياكى ئۇستازنىڭ سۆزىنى دىن دەپ بىلىۋالغانلىق بولىدۇ...ناۋادا ئاشۇ ھەدىسنى مۇلاھىزە قىلىپ باشقىچە چۈشىنىپ ھەم كۆڭلى مۇتەئەسسىپلىكتىن خالى ھالدا شۇ چۈشەنچىسىگە قانائەت قىلالىسا بۇنى ئىجتىھاد دەيمىز.(اللە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ).بۇنداق چاغدا گەرچە خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغاچقا يەنىلا بىر ئەجر ئالىدۇ..ئەمما « ھەدىستە بۇنداق بولغان بىلەن بىزنىڭ مەزھەپتە مۇنداق دىگەن» دەپ تەرسالىق قىلىش- مەزھەپ ئىماملىرىنى قىلچە خاتالاشمايدىغان پەيغەمبەر دەرىجىسىگە چىقىرىۋەتكەنلىك بولىدۇ..ا مەزھەپ ئىماملىرى بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن.. شۇڭا ھەقىقەتچى ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىشتىن توختاپ قالمىغان..دەلىل ئالدىدا ھەر قانداق ئالىمنىڭ گىپىنى رەت قىلىشتا ئىككىلەنمىگەن..
مەسىلەن..ھەيزدار ئايال قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ دىگەن ھۆكۈم مەزھەپلەر ئارىسىدائۇزۇندىن بۇيان مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.. ئەمما بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى تەكشۈرگەندە بۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكى ئېنىقلانغاندىن كىيىن ئىمام بۇخارى،ئىبراھىم نەخەئى ، ئىبن تەيمىييە،ئىبن قەييىم،شەۋكانى، بىن باز.ئۇسەيمىن... قاتارلىق ئالىملار قىلچە ئىككىلەنمەيلا ھەيزدار ئايال قۇرئان ئوقۇسا بولىۋىرىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان.(چۈنكى ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە زەئىف ھەدىس ھۆكۈم چىقىرىشتا دەلىل بولالمايدۇ)مۇشۇنىڭغا قاراپلا كىم بۇ ئالىملارنى يۇقارقى ھەدىستە دىيىلگەن ئەقىلسىز،تەنتەك ئادەملەر ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ دىيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ..
يەنە بەزى مەزھەپلەردە كىرپىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل قىلىنغان ھەدىسمۇ زەئىفلىكى ئېنىقلانغاندىن كىيىن دوكتۇر ئۇستازىمىز ئەبدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كىرپە گۆشى ھالال دەپ پەتىۋا چىقاردى.
يەنە بىر مىسال.. بىر لەفزىدە قىلغان ئۈچ تالاقنى ئۈچ تالاق بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىش تۆت مەزھەپنىڭ بىردەك قارىشى..ئەمما بىر قىسىم تابىئىلارغا ئەگىشىپ ئىبن تەيمىييە،ئىبن قەييىم، شەۋكانى، بىن باز،ئەلبانى،قەرداۋى..قاتارلىقلار تەتقىق قىلىپ بىر تالاق ھىساپ بولىدۇ دەپ قارشى ھۆكۈم چىقارغان..بۇنداق مىساللارنى نۇرغۇن كەلتۈرۈش مۇمكىن. مۇشۇلارغا قاراپلا كىممۇ بۇ ئالىملارنى يۇقارقى ھەدىستە دىيىلگەن ئەقىلسىز،تەنتەك ئادەملەر ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ دىيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ..
مۇشۇنداق ئەھۋالدا داموللاملار ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. جاموللاملار «بۇرۇنقىلار بىلمەمتى!» دەپ - ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدۇ.قايسىسىنىڭ ھىدايەت تاپقان ئەقىللىق ئادەملىكىنى،قايسىسىنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى سۈرە زۇمەرنىڭ 18-ئايىتى ئايرىپ بولغان.
يۇقارقى ھەدىس ماس كىلىدىغان ئادەملەر ئايرىم ئادەملەر. بۇنى ئارلاشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ.
مەسىلەن . كۇۋەيتلىك بىرسى «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدا نۇرغۇن زەئىف،يالغان،توقۇلما ھەدىسلەر بار دەپ ماقالە ئىلان قىلىپ بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ تەنتەكنىڭ دىيىشىچە «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ «مەن ھەيزدار چاغدا رەسۇلۇللا مىنى قۇچاقلاپ ياتاتتى » دىگەن ھەدىسى قۇرئان كەرىمدىكى «ھەيز ۋاقتىدا ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتكە قارشى ئىمىش..رەسۇلۇللا پەيغەمبەر تۇرسا اللەنىڭ ھۆكمىگە قارشى ھالدا ھەيزدار ئايالىدىن يىراق تۇرماي ئۇنى قۇچاقلىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس يالغانمىش...شۇڭا «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى مۇشۇنداق نۇرغۇن يالغان ھەدىسلەرنى تاسقاپ ،ئېنىقلاپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈرمىش....يەنە مۇشۇنىڭدەك بىر تالاي ئاقماس گەپلەرنى پاكىت سۈپىتىدە ماقالىسىدا يازغان.مۇشۇ گەپتىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئەقلى بارلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر بۇ تەنتەك ئازراقلا ئەقلىنى ئىشلەتسە رەسۇلۇللانىڭ ئۇ قىلمىشىنىڭ ئايەتتىكى يىراق تۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن بولاتتى..بۇ تەنتەكنىڭ ئىشىنى ئىجتىھاد دىمەيمىز بەلكى چالا ساۋات تۇرۇپ مەمەدانلىق قىلىش دەيمىز..
ئەتراپىمىزدىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ۋە بىر قانچە ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى چالا-پۇلا ئوقۇپلا ئىجتىھاد دەۋاسى قىلىدىغانلار سەكرەپ چىقىۋاتىدۇ..
مىسالغا ئالىدىغان بولساق ھەيزدار ئايال روزا تۇتسا بولىۋىرىدۇ دەيدىغانلار قۇرئان كەرىمدە «ئاراڭلاردىن كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا ( روزا تۇتماي )باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسا بولىدۇ» دىيىلگەن..بۇنداق دىگەنلىك ۋاقتىدا تۇتسىمۇ بولىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ..ھەيزدار ئايالمۇ كىسەل ئايال قاتارىغا كىرىدۇ ،شۇڭا روزا تۇتسا بولىدۇ ..دەيدىغان كۈلكىلىك «ئىجتىھاد»لارنى قىلىپ« نوبىل ئىجتىھاد مۇكاپاتى»غا ئىرىشمەكچى بولىۋاتىدۇ..ئۇلارنىڭ ئازراق ئەقلى بولسا ئايەتتىكى كىسەل بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەيزدار ئايالنى كىسەل دەپ ئاتايدىغان ئاتالغۇنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى..
يەنە تېخى قۇرئان كەرىمدە تاھارەت ئالغاندا پۇتۇڭلارنى يۇيۇڭلار دىدى،،شۇڭا ئۆتۈك كەيگەن كىشىمۇ ئۆتۈكىنى سېلىپ پۇتىنى يۇمىسا تاھارىتى ھىساپ ئەمەس..ئۆتۈككە مەسھى قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر قۇرئاننىڭ بۇيرىقىغا ئېنىق زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق توقۇلما ھەدىسلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. دەيدىغان ئاجايىپ« كاتتا ھەدىسشۇناسلار » مەيدانغا چىقتى..
يەنە تېخى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمدە تۆگە ،كالا،ئۆچكە،قوي قاتارلىق تۆت خىل ھايۋاننى بىزنىڭ يىيىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى سۆزلىدى.بۇگەپتىن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ دەيدىغان ،يەنە جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭمۇ يىپەك كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقايدىغانلىقىنى دەلىل قىلىپ بۇ دۇنيادىمۇ ئەرلەر ئۇنەرسىلەرنى ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ دەپ پەتىۋا كىسىدىغانلارنىمۇ كۆردۈم.
يەنە قۇرئاندىكى بەزىبىر مەزمۇنى ئىھتىماللىق ئايەتلەرنى تۇتۇۋېلىپلا قەۋرىدە تىرىلىش ۋە ئازاپ بولمايدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشمەيدۇ، چۈنكى قەۋرىنى ئاچساق توپا چىقىدۇ، قۇرئان كەرىمدە قەۋرە ئازابى ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە بايان يوق.قەۋرە ئازابى ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى ھەققىدىكى ھەدىسلەر باشقىلار توقۇغان يالغان ھەدىسلەر،ئۇنداق ھەدىسلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەيدىغانلارمۇ چىقتى. ئۇلارنىڭ دائىم دەيدىغىنى اللەتەئالا قۇرئان كەرىمنى ساقلايمەن دىگەن،ئەمما ھەدىسنى ساقلايمەن دىمىگەن.شۇڭا قۇرئانغا قارشى كەلگەن ھەدىس سەھىھ بولسىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
مانا بۇ -ئەقىلسىزلارچە گەپ.ھەدىس دىگەن قۇرئاننىڭ ئىزاھاتى تۇرسا قۇرئاننى ساقلايمەن دىگەنلىك ھەدىسنىمۇ ساقلايمەن دىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ناۋادا ھەدىسلەرنىمۇ اللە ساقلىمايدىغان بولسا قۇرئاندىكى ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار دىگەن ھۆكۈملەرنى قانداق ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقارقىدەك «ھەيز ۋاقتىدا ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتنى قانداق چۈشىنەتتۇق؟ ئۇلارنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرارمىدۇق؟ اللەتەئالا قۇرئاننى ساقلاش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى توپلايدىغان،تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن مۇھەددىسلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇلار ئارقىلىق راست،يالغان ھەدىسلەرنى ئايرىپ بەردى.مانا بۇ ئەمىلىيەتتە قۇرئاننى ساقلىغانلىق . شۇڭا ئەگەر ئۇلارنىڭ ئازراق ئەقلى بولىدىغان بولسا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن قۇرئان كەرىمنى تاقاشتۇرماي ماسلاشتۇرۇپ چۈشەنگەن بولاتتى..ۋەياكى ماسلاشتۇرۇشقا ھەركەت قىلغان بولاتتى. چۈنكى ھەرئىككىسى اللەنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئىلىم ئىدى. دىن ئىشلىرىدا رەسۇلۇللانىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغانلىقى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ..ئەمما بۇلارنىڭ يۈرەكلىرىدە ئەگرىلىك بولغاچقا اللەتەئالا ئېيتقاندەك «ئىھتىماللىق (مۇتەشابىھ)ئايەتلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ،ئېنىق(مۇھكەم) ئايەتلەرنى تاشلاپ قويىدۇ...مەقسىتى پىتنە –پاسات پەيدا قىلىش....
«بىرىڭلارنىڭ قاچىسىغا چىۋىن چۈشۈپ قالسا ئۇنى بىر قېتىم چۈمدۈرۈۋىتىپ ئاندىن تاشلىۋەتسۇن،چۈنكى ئۇنىڭ بىر قانىتىدا كىسەللىك،يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار (بۇخارى رىۋايىتى) »دىگەن سەھىھ ھەدىسنىمۇ بەزىلەر ئىنكار قىلىپ «چىۋىن دىگەن ھاجەتخانىدا نىجاسەتلەرگە ئارلىشىپ مەينەت بولىدۇ.ئۇنىڭدا قانداقمۇ شىپا بولسۇن؟بۇ ھەدىس- يالغان ھەدىسكەن »دىگەن..ئەمما ھازىر ئىلىم-پەن ئارقىلىق بۇ ھەدىستىكى ئىلمى مۆجىزە ئايان بولدى..ئەقلى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئالدىراپ ئىنكار قىلىدىغانلار مۇشۇنداق رەسۋا بولىدۇ.....ئۈستىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغانلارمۇ ئۇزاققا قالماي رەسۋا بولىشى ئېنىق..
بۇلارغا يانداش ھالدا يەنە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ مەزھەپپەرەسلەرمۇ بار..ئايەتلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىرلەيدىغان..
مەسىلەن .سۈرە نىسا 77- ئايەتتىكى «قولۇڭلارنى يىغىڭلار،ناماز ئوقۇڭلار...» دىگەن جۈملىنى قولۇڭلارنى يىغىپ جىم تۇتۇپ ناماز ئوقۇڭلار دىگەن بولىدۇ ، دىمەك بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە روكۇنىڭ ئالدى كەينىدە قول كۆتۈرۈش خاتا. يەنە تېخى بىر ھەدىسنىڭ پارچىسىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا رەسۇلۇللا بۇ ھەدىستە «نىمانداق قولۇڭلارنى شاش ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەك قىلىسىلەر...» دەپ ئەيىبلىگەن.يەنە مۇئمىنۇن سۈرىسىدە اللە تەئالا نامازدا ئەيمىنىپ دىققەت بىلەن تۇرغۇچىلارنى ماختىغان . يۇقارقى دەلىللەرگە ئاساسەن روكۇنىڭ ئالدى كەينىدە قول كۆتۈرۈش- خاتا ھەم ئۇنداق قىلىش نامازنى بۇزۇۋىتىدىغان كۆپ ھەركەت قىلغانلىق دەپ قەستەن سۈننەتكە قارشى چىقىدىغان «مۇجتەھىدلەر» چىقتى..ئۆتكەندە بىر جۈمەدە بىر خاتىپ مۇنبەردە تۇرۇپلا مۇنداق قايناپ كىتىپتۇ..ھازىر بىرقىسىم بەدمەزھەپ بەدبەختلەر مەيدانغا چىقىپتۇ. ئۇلار « اللە -ئەرشنىڭ ئۈستىدە» دەيدىكەن..ھەي جامائەت ئويلاپ بېقىڭلار،اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە بولسا اللەنىڭ ئەرشكە ھاجىتى چۈشكەن بولمامدۇ؟ اللە ھەممىدىن بىھاجەت تۇرسا ،يەنە پىيالىنىڭ ئىچىدىكى سۇ پىيالىدىن كىچىك بولىدۇ.اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىگەنلىك اللە ئەرشتىن كىچىك دىگەن بولمامدۇ ؟ دەپ بىر مۇنچە ۋالاقلاپتۇ..
شۇ مەسجىددە ناماز ئوقۇغانلاردىن بىرسى ماڭا بۇنى سۆزلەپ بىرىپ بۇ گەپ توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا نىمە دەپ رەددىيە بەرسەك بولار؟ ئۇ خاتىپ مۇشۇ گەپلەر بىلەن ھەممەيلەننى قايىل قىلىۋەتتى دەيدۇ.قارىغاندا ئۇمۇ قايمۇقۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
مەن ، ئۇنداق بولسا ئاسمانمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ،ئەمىسە ئاسماننىڭمۇ بىزگە ھاجىتى چۈشەمدۇ ؟ ئاسمانمۇ بىزدىن كىچىكمۇ ؟دىسەڭلار بولمامدۇ؟ دىسەم گەپلىرى توغرا دەپ كىتىپ قالدى.
بۇنداقلارنىڭ ساقىلى ئاقارسىمۇ يەنىلا
ھەدىستە سۆزلەنگەن يېشى كىچىك تەنتەك،ئەقىلسىز ئادەملەر دەل مۇشۇنداقلارنى كۆرسىتىدۇ.اللە ھەممىمىزنى ساقلىسۇ ن.
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-10-18 20:47قايتا تەھرىرل ]