باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5225 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «ئىجتىھاد رىسالىسى»غا رەددىيە
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 20:20

«ئىجتىھاد رىسالىسى»غا رەددىيە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2011-12-13)
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار نۇرس بۇرادەر يوللىغان «ئىجتىھاد رىسالىسى»دىگەن تىمىنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ بىر ئىنكاس يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالغان ئىدىم. بۈگۈن ئاخىرى كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. دوستلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمى ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. خاتا بولسا تۈزىتىمەن...
نۇرچىلار جامائىتىنىڭ دىنىمىزئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان زور خىزمەتلىرىگە  ئىنتايىن قايىلمەن ۋە رەببىمىز اللەدىن ئۇلارغا كاتتا ئەجر تىلەيمەن. اللە ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن..
تىمىدا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەنى ناۋادا ئۇلار تەشكىلات ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقپ سالاھىيەتسىز ئادەملەر ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ چوڭ ئىشلاردىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن   تۈزۈم قىلىپ بىكىتكەن بولسا بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىم يوق.ئەمما ھەممەيلەنگە بۇ ئىدىيەنى تەشۋىق قىلماقچى  ۋە ئەكس چۈشەنچىنى خاتا دىمەكچى بولسا مەن بۇ يەردە ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقماقچىمەن..
مەلۇمكى «ئىجتىھاد دەرۋازىسى تاقالدى» دىگەن بۇ  ئىدىيە سەلەف سالىھلار دەۋرىدىن خېلى كىيىن تارقىلىپ   
 ئەۋج ئالغان ۋە خېلى دەۋر سۈرگەن بىر ئىدىيە. بۇنىڭ داۋامى ھازىرمۇ بار. تىمىدا دىيىلگەن گەپلەرمۇ ئەمىلىيەتتە مۇشۇ نەزىرىيەنى ئاقلاپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ يېزىلغان . بۇنى تىمىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇغان ئادەم ھىس قىلالايدۇ.گەرچە تىما  «ئىجتىھاد ئىشىكى ئوچۇقتۇر » دەپ دەبدەبىلىك باشلانغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىشىككە كىرىش ئۈچۈن ئاتالمىش ئۆتكىلى بولمايدىغان توساقلارنى پەيدا قىلىپ يېزىلغانلىقى ئاپتورنىڭ يۇقارقى مەقسىتىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
راستىنلا ئىجتىھاد دەرۋازىسى سەلەف سالىھلار دەۋرىدىن كىيىن تاقالغانمۇ؟ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق بۇنداق پەتىۋا ياكى نەزىرىيە  سەلەف سالىھلارنىڭ ھىچقانداق بىرىدىن نەقىل قىلىنمىغان. بەلكى يۇقۇرىدىكى تىمىدا دىيىلگەندەك  كىيىنكى زاماندىكى ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتى يوق مەزھەببەرەس كىشىلەر تەرىپىدىن  ئىجتىھاد قىلىنىپ مەيدانغا چىقىرىلغان بىر نەزىرىيە خالاس.شۇڭا بۇ تىمىدا بۇ ھەقتە بىرەرمۇ نەقلى دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. ئەگەر  تىمىدا دىيىلگەندەك سەلەف سالىھلار دەۋرىدىن كىيىن ئىجتىھاد قىلىش بىر بىدئەتكارانە ۋە ھەۋەسكارانە خىيانەت بولىدىغان بولسا نىمە ئۈچۈن ۋە قانداق ئادەملەر بۇنداق پەتىۋانى ئىجتىھاد قىلىپ مەيدانغا چىقارغان؟ مانا بۇ  ئۇلارنىڭ ئىقرارى بويىچە ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ ئىجتىھاد قىلغانلىق ۋە ئۆز -ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق؟ بۇ خۇددى دەلدەڭشىپ ماڭغان بىر مەستنىڭ «مەن- مەست ئەمەس» دەپ دەۋا قىلغىنىدەك ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى،ئۆزىنىڭ ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا سەلەفلەردىن كىيىنكىلەرنىڭ ئىجتىھاد قىلىش ھوقۇقى يوق بولسا خەلەفلەر(كىيىنكىلەر) مۇشۇنداق بىر پەتىۋانىمۇ ئىجتىھاد قىلىپ مەيدانغا چىقارمىغان بولسا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھۆكمىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلغان بولاتتى؟ مانا  بۇ- زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ھەتتا مۇشۇ نۇرچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ئىجتىھادى ھۆكۈملەرنى مەيدانغا چىقارغان.. مەسىلەن :مەكتەپتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلغانلىقى.(تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق رۇخسەت بېرىپ: تەسەتتۇر- تەفەررۇئاتتۇر" دېگەن. ئورتا ئاسىيادىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خانىملىرىغا ياغلىق ئارتماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان .
ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقانلارغا (ناماز ئوقۇغانلىقى بىلىنىپ قالسا ھەربىيلىكتىن قوغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن) نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن..
11-سىنتەبېر ۋەقەسىنى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئەڭ قاتتىق ئەيىپلىگەن كىشى- فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى بولغان..
تۈركىيەدىكى ئىسلامىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نەجمۇددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بىلەن قاتتىق ئاداۋەتلىشىپ، باشقا سېكولارىزمچى (ئەلمانى)پارتىيىلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان. (لېكىن ھازىر ئەردوغان پارتىيىسى بىلەن يېقىنلاشتى))
خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتا كەڭ قورساقلىق، كەچۈرۈمچانلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىش.(ساجىيە تورىدىن ئېلىندى))
بۇلارنىڭ مۇشۇنداق پەتىۋالارنى چىقارغانلىقى ئۆزىنىڭ يۇقارقى ھۆكمىگە زىت ئەمەسمىدۇ؟ قېنى نۇرچىلارنىڭ مەزھىبى بولغان ھەنەفىييە مەزھىبىدە   ۋە ياكى تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسىدا پەننى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەۋرەتنى ئوچۇق قويسا بولىدۇ دەپ يۇقارقىدەك پەتىۋابىرىلگەن؟ 
 بۇ زىتلىقنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك؟
ئەمىلىيەت شۇكى ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. ئىجتىھاد قىلىش سەۋىيىسى بار كىشىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ   شەرىئەت 
 مەسىلىلىرىدە  دەلىل -ئىسپاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ مۇناسىپ پەتىۋالارنى چىقىرىشى ھەرگىزمۇ ھەۋەسكارانە يېڭى ئىجتىھادلارنى قىلىش ،بىدئەتكارانە بىر خىيانەت ئەمەس بەلكى قەدىرلەشكە تىگىشلىك دىنى خىزمەتتۇر.خۇددى نۇرچىلارنىڭ يۇقۇرقىدەك پەتىۋالارنى ئىجتىھاد قىلىپ چىقارغىنىدەك..
ھەم بۇنداق قىلغانلىق دۈشمەنلەرگە يوچۇق ئاچقانلىق ئەمەس  بەلكى ئىسلام ئۈممىتىگە يول ئاچقانلىق. قېنى نۇرچىلارنىڭ يۇقارقى پەتىۋاسىغا قاراپ باقايلى! بۇ پەتىۋا ياكى بۇ ئىجتىھاد مۇسۇلمانلارغا  چىقىش يولى تېپىپ بەرگەنلىكمۇ ياكى ئىسلام دۈشمەنلىرىگە يوچۇق ئاچقانلىقمۇ؟ ئېنىقكى بۇنداق پەتىۋاغا قوشۇلمايدىغانلار جىق. ھەتتا بۇنداق پەتىۋانى خۇددى نۇرچىلار دىگەندەك ئەرزى ھەم ھەۋەسى پەتىۋا دەپ ئەشەددى قارشى تۇرىدىغانلار تولا. نۇرچىلارمۇ چوقۇم بۇنىڭغا   رەددىيە بىرىپ ئۆزلىرىنى ئاقلايدۇ.. لىكىن ھەرقانچە قىلسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئىنكاس يېزىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. دىمەك ئۇلارمۇ  مەزھەپسىز ياكى مەزھەپتىن چىقىپ كەتتى دەيدىغان قالپاقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مانا بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆزى ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتكەندەك بىر ئىش.ئەگەر ئىجتىھاد قىلىش مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق،دۈشمەنلەرگە پايدىلىق بولىدىغان بولسا ئىسلام ئۈممىتى تۆت مەزھەپ مەيدانغا چىققاندىن كىيىن بۇرۇنقىدىنمۇ بەك تەرەققى قىلىپ گۈللىنىپ كەتكەن بولاتتى.ئەكسىچەتۆت مەزھەپ يوق چاغلاردا مۇسۇلمانلار ئىنتايىن خاراپ ،بىچارە ھالەتكەچۈشۈپ  قالسا بولاتتى..ئەمىلىيەت شۇكى تۆت مەزھەپ پەيدا بولمىغان خۇلەفائى راشىدىنلار دەۋرى،ئىككىنجى ئۆمەر دەپ نام ئالغان ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز دەۋرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمپىرىيىسى ئىنتايىن چوڭايغان ،قۇدرەتلىك ئىسلامى دۆلەتلەر كۆپەيگەن دەۋرلەر ئىدى.ئاشۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار تۆت مەزھەپ بولمىسىمۇ دىنىنى توغرا تونۇپ ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تېپىپ تەرەققى قىلالىغان ئىدى. مەزھەپتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خاراپلاشمايدىغان  ئىش بولسا تۈركىيەدىكى ئوسمانى خىلافىتى يىقىلمىغان بولاتتى..دىمەك مەزھەپ دىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈنمۇ،خارابلىشىشى ئۈچۈنمۇ بىۋاستە سەۋەپ بولالمايدۇ..پەقەت مەسىلە شۇ يەردىكى  ھەر قايسى دەۋردىكى بىر قىسىم مەزھەبپەرەسلەر  ئىدىيە قاتماللىقى ۋە مەزھەپ ئىسكەنجىسىدن قۇتۇلالمىغاچقا دىن بىلەن مەزھەبنى بىر نەرسە دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەزھىبىنىڭ قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن پەتىۋا نى دىندىن چىققانلىقتىنمۇ ئېغىر گۇناھ ھىساپلاپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىغۋا تارقىتىپ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان. غەيرى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ھىساپلىماي ئۇلارغا قىز بىرىشكە بولمايدۇ دەيدىغان چۈپرەندە پەتىۋالارنى كۆتۈرۈپ چىققانلارمۇ بولغان..شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلمەستىن دۈشمەنلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ قېنى بىلەن قولىنى بويايدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن... خۇددى رەسۇلۇللا سۈپەتلىگەن بىر قىسىم ئادەملەردەك مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ،كاپىرلارغا چېقىلمىغان. ئىمام ئەھمەدنىڭ زىنداندا يېتىپ قامچا يىيىشىگە ،ئىمام بۇخارىنىڭ يۇرتىغا پاتماي مۇسافىر بولۇپ چىقىپ كىتىشىگە ،ئىبن تەيمىييە ئىبن قەييىملارنىڭ سەرسان-سەرگەردان بولۇشىغا،زىندانلاردا يېتىشىغا يەنە نۇرغۇن ئۆتكۈر ۋە ئەركىن پىكىرلىك ئۆلىمالارنىڭ دەرتلىرىگە سەۋەپچى بولغان نەرسە دەل شۇ  مۇتەئەسسىبلەرنىڭ ئىدىيىسىگە قارشى پىكىر قىلىپ ئىجتىھاد قىلغانلىق ئىدى   ۋە ئاشۇ فاجىئەلەر دەل شۇ مەزھەبپەرەس مۇنافىق موللىلارنىڭ قولى بىلەن ئورۇندالدى.ھەم ھازىرغىچە ئورۇندىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئىشلارنى كافىرلار قىلسا خەلق ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق بىلەلەيدۇ.ئەمما سەللىلىك مۇنافىقلار قىلغان ئىشنى نادان خەلق توغرا دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئاشۇلار كۇشكۇرتۇپ قويسىلا نادان خەلقلەر ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا تاش ئاتىدۇ..ئەمما مۇنافىق مەزھەپپەرەسلەر ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قورقۇشنىڭ، نۇمۇس قىلىشنىڭ ئورنىغا بارچە گۇناھنى« بۇرۇنقىلارنىڭ يولى بويىچە سىڭگەن نېنىنى يەپ ياشىماي»  ئۆز ئەقلىم بىلەن ياشايمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققان مۇجتەھىد ئۆلىمالەرگە ئارتىپ قويۇپ يۈرىۋىرىشىدۇ..مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ فاجىئەسى بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ.دىمەككى ئەقىدە ئىتىقادىمىز بىر بولغان ئىكەن  سالاھىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تارماق مەسىلىلەردىكى ئىجتىھادلىرى ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىزگە پايدىلىق. (مەزھەبپەرەسلەر ھەمىشە «ئۈممىتىمنىڭ ئىختىلاپى رەھمەتتۇر» دەيدىغان ئاتالمىش ھەدىسنى كۆتۈرۈشۈپ مەزھىبىنى ئاقلايدۇيۇ ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە كەلگەندە بۇ ھەدىسىنى ئىچىگە يۈتىدۇ).سەلەف سالىھلىرىمىزمۇ ھىچقاچان بۇنى چەكلىمىگەن. بەلكى شۇلارمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ قىلىپ قويغان ئىجتىھادى بىلەن مېڭىۋەرمەستىن ئۆزلىرى ئىجتىھاد قىلىپ ھەر خىل ئىجادى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلگەن. ئەمما ئەڭ خەتەرلىك ئىش شۇكى مۇسۇلمانلار دىن بىلەن مەزھەپنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلىشى، ،شەخسلەرگە زىيادە چوقۇنۇپ كىتىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى، دوست بىلەن دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈشى كىرەك ئىدى. رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىدە دىيىلگەندەك پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىر گەۋدە دەپ بىلگەن ئادەم بىر-بىرىنىڭ دەرتلىرىگە ھەمدەم بولۇش بىلەنلا توختاپ قالماي بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ كەمچىللىكلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ ۋە سەمىمىلىك بىلەن تۈزىتىپ   دىنىمىز  ئەڭ بەك تەكىتلەيدىغان دىنى قېرىنداشلىقنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشى تارماق مەسىلىلەردىكى غەيرى پىكىرلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ دىنى قېرىنداشلىققا توسالغۇ قىلىۋالماسلىقى كىرەك ئىدى. خۇددى پۇتىمىز نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا ئۇنى  ئەيىپلەپ تىللاپ كىسىپ تاشلاشنىڭ ئورنىغا قولىمىز بىلەن ئۇنى يۇيۇپ ئادالاپ بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىشنى تاپىلاپ بىر تەن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنىڭغا ھىس قىلدۇرساق بولاتتى.مانا بۇ   «مۇسۇلمانلار- بىرتەنگە ئوخشايدۇ... »دىگەن ھەدىسكە   تولۇق ئەمەل قىلغانلىق بولاتتى.  ئەپسۇسكى مۇسۇلمانلار يۇقارقى ھەدىسنى پەقەت تار دائىرىدىكى غەمخورلۇق قىلىش دەپلا چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ ئانچە مۇنچە ئۇششاق ئىدىيەلىرىنى دەستەك قىلىپ ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بىرىشكە ئالدىرايدىغان، دىنىمىز ئەڭ بەك تەكىتلەيدىغان قېرىنداشلىق،مىھرىبانلىق،ئىناق -ئىتتىپاقلىقنى بىر چەتكە چۆرۈپ قويىدىغان  ھەتتا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئاخىرىدا قېنىنى تۆكمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئىپلاس ئىشلار  يۈز بەردى... ئاددىسى سەللە كەيگەنلەر كەيمىگەنلەرنى ئەيىپلەيدىغان، كەيمىگەنلەر كەيگەنلەرنى كەمسىتىدىغان،دوپپا كەيگەنلەر يالاڭباشتاق يۈرگەنلەرنى تىللايدىغان ،ئەزھەردىن چىققانلاردىن زەھەر تامىدۇ دىسە سەئۇدىدىن كەلگەنلەرنى ۋاھھابى دەپ تىللايدىغان ئىشلار دەل يۇقارقىدەك فاجىئەلەرنىڭ باشلانمىسى ئىدى.دىنى قېرىنداشلىقنى، ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىدىغان بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆزگىچە پىكرىنى ھەتتا خاتالىقىنىمۇ ئالەمچە مىھىر مۇھەببىتى ئارقىلىق ھەل قىلالايدۇكى..ھەرگىزمۇ دىنى قېرىنداشلىقنى پىكىر ئىختىلاپى ئۈچۈن يەم قىلمايدۇ..ساھابىلار ۋە سەلەف ئۆلىمالىرىمىز پىكىرلىرى ئوخشىمىسىمۇ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ قېرىنداشلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆتۈشكەن ئىدى .شۇڭا ئۇ دەۋردە دىنىمىز گۈللەنگەن ئىدى...خەلەفلەر بولسا دەل تەتۈرسىچە ئىش قىلغاچقا كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىزمۇ سەلەفلىرىمىزنىڭ كۈنىنىڭ ئەكسىچە بولماقتا... 
ئەمدى كىيىنكى دەۋرلەردىكى كىشىلەرنىڭ سەلەف سالىھلارنى ھەرگىز دورىيالمايدىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ دەۋرى رەسۇلۇللانىڭ دەۋرىگە بەكمۇ يېقىن بولغاچقا ئۇلارغا ئەڭ ئوچۇق بىر ھەرپنىڭمۇ  كىيىنكىلەرگە غۇۋا كۆرۈنىدىغانلىقى،ئۇلارنىڭ دەۋرىدىكىدەك ئادەملەرنىڭ قايتا چىقمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىللەتلەرگە كەلسەك ئاپتور بۇ يەردە گەپنى ناھايىتى مۇبالىغىلاشتۇرۇۋەتكەن.ھەم ئۆزىنىڭ قاتتىق مەزھەپپەرەسلىكىنى ئاشكارىلىغان. خۇددى تۆت مەزھەپ ئىماملىرىدىن باشقىلار ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپلا ئىجتىھاد قىلىدىغاندەك  ....سۇفيان ئىبن ئۇيەينەدەك ئادەملەرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەستەك.« بۇ زاماننىڭ نەزىرى باشتا ۋە  بىۋاستە دۇنيا سائادىتىگە قارايدۇ ۋە ھۆكۈملەرنى ئۇنىڭغا قارىتا يۈزلەندۈرىدۇ. ھالبۇكى شەرىئەتنىڭ نەزىرى بولسا باشتا ۋە بىۋاستە ئاخىرەتنڭ سائادىتىگە قارايدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ئاخىرەتكە ۋاستە  بولۇش جەھەتتە دۇنيا سائادىتىگە قارايدۇ. دېمەك بۇ زاماننىڭ نەزىرى شەرىئەت روھىدىن ياتلاشقان. ئۇنداق بولسا شەرىئەت نامىدىن ئىجتىھاد قىلالمايدۇ دىگەندەك... ۋاھاكازالار.مانا بۇگەپلەر سانسىزلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىراپىغا ئىرىشكەن  نۇرغۇن مۇجتەھىدلەرنى ئەيىبلىگەنلىك.  بۇ گەپلەردىن تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنى زىيادە كۆككە كۆتۈرۈپ خۇددى ئۇلار رەسۇلۇللانىڭ دەۋرىگە بەكمۇ يېقىن بولغاچقا قىلچە خاتالاشمايدىغاندەك،كىيىنكى دەۋردىكى ۋە ياكى باشقا نامى چىقمىغان مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ئەسلا توغرىنى تاپالمايدىغانلىقىدەك  تۇيغۇ بىرىپ قويغان..توغرا ئىجتىھاد قىلغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممە مەسىلىدە توغرىنى تاپالىشى ،ئەسلا خاتالاشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. تۆت ئىماممۇ ھەم شۇنداق،پايدا ۋە ھىكمەتنى ئىللەت ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىپ قېلىشى ھەم مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنداق ئىجتىھاد   ساماۋى بولالمايدۇ. لىكىن بۇنى باھانە قىلىپ ھەممە مۇجتەھىدلارنى بىر تاياقتا ھەيدەش توغرا ئەمەس.بۇنىڭدەك قىسمەن خاتالىقلار تۆت مەزھەپتىنمۇ تېپىلىدۇ. ئەمىلىيەت شۇكى تۆت  مەزھەپ مەشھۇر بولۇشتىن  بۇرۇنلا   ھەسەن بەسرى،سەئىد ئىبن جۇبەير،سەئىد ئىبن مۇسەييەب،يەنە سۇفيان سەۋرى،ئىمام ئىسھاق، ئەۋزائى،داۋۇد زاھىرى، ئابدۇللا ئىبن مۇبارەك قاتارلىق داڭدار مۇجتەھىدلار  ھەر قايسى يۇرتلاردا مەيدانغا چىققان.مۇشۇلارمۇ ئەسلىدە مۇستەقىل بىر مەزھەپ بولۇپ شەكىللىنەلەيتتى.لىكىن نۇرغۇن ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆت مەزھەپ ئەڭ كەڭ تارقىلىپ   تۇرماقتا.  ئاشۇ مۇجتەھىدلارمۇ ئۆز دەۋرىدە مەيدانغا چىقىپ مۇسۇلمانلارغا يىتەكچىلىك قىلالىغان.ھەم ئاشۇلار ئىچىدىمۇ ھەر خىل پكىر ئىختىلاپلىرى مەيدانغا چىققان. لىكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇتەئەسسىپلىك قىلمىغان. خاتالىقى ئېنىقلانسا ئىتىراپ قىلغان. ئۇستازىمىزنىڭ  دىگىنى بويىچىلا ماڭىمەن دىمىگەن.شاگىرتلىرىنىمۇ مۇشۇ خىل روھ بىلەن تەربىلىگەن. شۇڭا   ئىمام ئەزەم ،ئىمام شافىئى  ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى بولغان ئەبۇ يۈسۈف،مۇھەممەد ..قاتارلىقلار ئۇستازلىرىمىزنىڭ دەۋرى رەسۇلۇللاغا بىزدىن يېقىن،ئۇلارغا ئوچۇق كۆرۈنگەن بىر ھەرپ بىزگە غۇۋا  كۆرۈنىدۇ،شۇڭا بىزلەر ئاشۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ يولى ۋە مەزھىبى بويىچە ماڭايلى،ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ بىدئەتكارانە خىيانەتچىلىك قىلىپ دۈشمىنىمىزگە يوچۇق ئېچىپ بەرمەيلى دەيدىغان سەپسەتىنى سۆزلەپ يۈرمىگەن ھەم ئۇلارمۇ شاگىرتلىرىغا ئۇنداق تەۋسىيەلەرنى قىلمىغان.  ئىمام ئەزەممۇ ‍‍‍‍‍ سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدەك تۆت يېشىدا قۇرئاننى يادقا ئېلىپ، ئالىملار بىلەن سۆھبەتلەشمىگەن.ھەم بۇ مۇجتەھىد بولۇشنىڭ شەرتىمۇ ئەمەس.
ئەمما بۇ زاماندا بولسا، ياۋروپا مەدىنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە دۇنياۋى ھايات شارائىتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبلىك، پىكىر ۋە قەلبلەر چېچىلغان، ھامىيەت (تۆھپىكارلىق) ۋە ياردەم ھېسلىرى بۆلۈنگەن، زېھىنلەر مەنىۋىياتقا قارىتا ياتلاشقان.«شۇنىڭ ئۈچۈن  مەنمۇ ئۇنىڭدەك ئەقىللىق، نېمىشقا ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيدىكەنمەن؟» دىيەلمەيدۇ. دېيىشكە ھەققى يوقتۇر ۋە يىتىشەلمەيدۇ. دىگەن گەپلەر ئەمىلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئاساسسىز ۋە چۈشكۈن گەپلەردۇر.  بەلكى ئىمام ئەزەمنىڭ مۇنداق بىر  مەشھۇر سۆزى بار. «سەھىھ ھەدىسنى باش ئۈستىگە قوبۇل قىلىمەن..ساھابىلارنىڭ گەپلىرىدىن تاللاپ  ئەڭ توغرىسىنى ئالىمەن،ئەمما تابىئىنلارغا كەلسەك ئۇلارمۇ ئەركەك،مەنمۇ ئەركەك،مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىجتىھاد قىلىمەن.»يەنە مەزھەپ پىشىۋالىرىنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار. «بىزنڭ دەلىلىمىزنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ بىزنىڭ سۆزىمىز بىلەن پەتىۋا بىرىشى ھارام.چۈنكى بىزلەر بىر ئىنسان.بۇگۈنى بىر گەپنى دەيمىز،ئەتىسى ئۇ گەپتىن يېنىۋېلىۋىرىمىز.»(ئەمما كىيىنكىلەر بولسا بۇ تەلىماتقا ئەمەل قىلماي ھارام ئىشنى قورقماي قىلىۋىرىدىغان بولۇپ كەتتى) ئىمام شافىئى مۇنداق دىگەن. قاچانكى مەن سىلەرگە بىر سەھىھ ھەدىسنى سۆزلەپ بىرىپ ئۆزۈم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسام مىنى ئېلىشىپ قاپتۇ دەڭلار،مىنىڭ سۆزۈم قۇرئان ۋە ھەدىسكە قارشى كەپقالسا مىنىڭ سۆزۈمنى چۆرۈۋىتىڭلار.ئىمام ئەھمەد مۇنداق دىگەن« مىنى دورىما،مالىكنىمۇ ،ئەۋزائىنىمۇ دورىما، ئۇلارنىڭ تۇتقان يېرىدىن تۇت».مانا بۇ ئۇلارنىڭ بىزلەرگە قىلغان تەۋسىيەسى.شۇڭا ئۇلارنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك شاگىرلىرىمۇ ئۇستازلىرىغا قارشى ئىجتىھادلارنى قىلىشتىن ئەسلا خىجىل بولمىغان. (كىيىنكى ئىنكاسىمدا بار)ئۇلارمۇ شاگىرتلىرىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىپلىمىگەن. ئۇلار گەرچە رەسۇلۇللانىڭ دەۋرىگە بەكمۇ يېقىن بولسىمۇ ھەمدە  ئىمام ئەھمەد،ئىمام مالىكتەك  نەچچە ئونمىڭ،بەلكى نەچچە يۈزمىڭ ھەدىسنى ئەستە تۇتۇپ كىتاپ قىلىپ قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە پەرقلىق بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىھاد قىلىشتا تۇتقان ئۇسۇللىرىدا پەرق بولغاچقا ،كەڭ دائىرىدە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىش ئىمكانىيىتى ئاز بولغاچقا ھۆكۈملەردىمۇ پەرق ھەم خاتالىقلار  كىلىپ چىققان.چۈنكى ئۇلارمۇ پەيغەمبەر بولمىغاچقا خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقى تەبىئى.ئەگەر ئۇلار قىلچە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان دەرىجىگە چىقىپ ئاندىن ئىجتىھاد قىلىمەن دىگەن بولسا مەڭگۈ ئېغىز ئاچماي ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.شۇڭا رەسۇلۇللا  ھەدىسىدە «ھۆكۈم چىقارغۇچى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ توغرىسىنى تاپالىسا ئىككى ئەجر ئالىدۇ،خاتالاشسا بىر ئەجر ئالىدۇ» دەپ سۆزلەپ بەرگەن.(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس). ھەم رەسۇلۇللا بۇ ساۋابنى  تۆت مەزھەپنىڭ ئىماملىرىغىمۇ  ۋە ھىچقانداق بىر دەۋرگىمۇ خاس قىلىپ قويمىغان. ئىجتىھاد قىلىشقا ئىلھام بىرىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق تەلىم بولماس..شۇڭا ھازىرقى دەۋردىكى  مۇجتەھىدلەرنىڭ مەزھەبپەرەسلەرگەياقمايدىغان ئانچە-مۇنچە غەيرى ئىجتىھادلىرى، ياكى خاتالىقلىرىمۇ  سەلەفلەردىن كىيىن ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى  ھەرگىزمۇ ئۇقتۇرمايدۇ. چۈنكى خاتالىق دىسىە سەلەفلەردىنمۇ چىقىدۇ..بۇنى سەلەفلىرىمىزمۇ ئۆز ئاغزى   ۋە ئەمىلىيىتى بىلەن ئىتىراپ قىلغان.يەنە بىر  ئەمىلىيەت شۇكى بىدئەت مەزھەبلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى سەلەفلەر دەۋرىدىلا چىقىپ بولغان.مەسىلەن خەۋارىج،رافىزى،مۇئتەزىلە،شىيە،قەدەرىييە،جەھمىييە ......دىگەندەك.ئەگەر رەسۇلۇللاغا زامانى يېقىن بولغانغىلا ئىسلامنى توغرا چۈشىنىپ قىلچە خاتالاشمايدىغان،زامانى كىيىن بولغانلار توغرىنى تاپالمايدىغان ئەھۋال بولىدىغان بولسا ئاشۇ ئەقىدە ساھەسىدىمۇ ئېزىپ كەتكەنلەر سەلەفلەر دەۋرىدە چىقمىغان بولاتتى. ئىمام بۇخارى،ئىمام ئەھمەد،ئىمام مالىك،تىرمىزى ..... لاردەك كاتتا ھەدىسشۇناسلار ئىمام ئەزەمدىنمۇ بۇرۇن   مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. لىكىن ئەمەلىيەت دەل ئەكسىچە..
ئەمدى كىيىنكى مۇجتەھىدلەرنىڭ رەسۇلۇللا دەۋرىگە يىراقلىقتىن ئىبارەت كەمچىلىكى بولغاندىمۇ (ئەگەر بۇنى كەمچىللىك دىيىلسە)  ئەمما بۇلارنىڭ بۇرۇنقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر شارائىتى بار. ئۇ بولسىمۇ ماتىرىيال كەڭچىللىكى. مانا بۇ كەڭچىللىك ئۇلاردىكى ئاتالمىش زامان كەمچىللىكىنى تولدۇرالايدۇ. يەنى  سەلەف سالىھلىرىمىز ماتىرىيال جەھەتتە قىينىلىپ بىر بىرى بىلەن  كەڭ دائىرىدە ،خالىغان ۋاقىتتا ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىپ بولالماي ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ،ئۆزى ئاڭلىيالىغان ھەدىسلەرگە تايىنىپ ئۇ ھەدىسلەردىن ھۆكۈم ئېلىشتا ئۆزىنىڭ  چەكلىك ئەقلى بويىچە تەپەككۇر قىلىپ  ئەڭ ئىلغار ،ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇل -قائىدىلەرنى بەلگىلەپ  ھۆكۈم چىقىرىۋەرگەن بولسا ھازىرقى دەۋردە ئاشۇ   ئىماملىرىمىزنىڭ سەرخىل قائىدە-ئۇسۇللىرى ۋە ئىلغار كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتى قىسقىسى ئۇلارنىڭ ھەممە ماتىرىياللىرىنىڭ ئالدىمىزدا تەق ۋە تولۇق بولۇشى اللەنىڭ بىزلەرگە قىلغان زور ئىلتىپاتى. كومپىيۇتىردىن ئىبارەت زامانىۋى قورال ھىممەتلىك كىشىلەر ئۈچۈن تەييار. مانا بۇلاردىن پايدىلىنىپ سەلەفلىرىمىزنىڭ ئەقىل جەۋھەرلىرىدىن  تولۇق ھەم جايىدا پايدىلىنىش ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئىلغارلىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ دەۋرىمىز مۇسۇلمانلىرىغا خىزمەت قىلىش ھەم ئاسان ھەم مۇرەككەپ بىر خىزمەت..  بۇمۇ ھەم قىسمەن جەھەتتىن شۇلارنىڭ مەزھىبىدە ماڭغانلىق. دەۋرىمىزدە ھەدىس تەتقىقاتى  ساھەسىدە ئەلبانى، فىقھى ساھەسىدە بىن باز،ئۇسەيمىن، فەۋزان، مۇنەججىد،قەرداۋى، ئۇيغۇر دوكتۇر ئۇستازىمىز ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا قاتارلىق   ئۆلىمالىرىمىز دەل مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە دىنغا خىزمەت قلىۋاتىدۇ..ئۇلارنىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەب بىلەن ماڭمىغانلىقىغا ئاسمان-زىمىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. بۇ  - كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمىلىيەت.اللە تەئالامۇ مۇشۇنداق بەندىلەرنى ماختاپ مۇنداق دىگەن.«گەپنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگەن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان ئادەملەردۇر،ئەنە شۇلار ئەقىللىق ئادەملەردۇر.(سۈرە زۇمەر 18- ئايەت)
بۇ ئايەتتە اللە تەئالا باشقىلارنىڭ ھەر خىل گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،تەپەككۇر قىلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ قايسىسى ئەڭ توغرا 
 بولسا شۇنڭغا ئەگىشىدىغان ئادەملەرنى ئەقىللىق ئادەملەر دەپ ماختاۋاتىدۇ.يۇقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۆلىمالىرىمىز مۇشۇ ئايەتنىڭ روھى بويىچە ئاشۇ تۆت مەزھەپنىڭ ۋە باشقا نامى چىقمىغان مەزھەپلەرنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى ،ئەڭ توغرىسىنى تاللاپ شۇ بويىچە پەتىۋا چىقىرىۋاتىدۇ .ئەكسىچە  اللە تەئالا يەنە بىر ئايەتتە  «ئۆزەڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە» دىيىش ئارقىلىق ئەقلىنى ئىشلەتمەي  باشقىلارغا قارىسىغا ئەگىشىدىغان مەزھەبپەرەس  كىشىلەرنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.مەزھەپ ئىماملىرىنىڭمۇ بۇنداقلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق.شۇڭا  بۇنىڭدىن كىيىن يەنە قانداق دەۋرلەرنىڭ ،قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىزگە قاراڭغۇ بولسىمۇ ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى اللە تەئالا شۇ دەۋردىمۇ يەنە ھازىرقىدىنمۇ ئىلغار  ئۈسكىنىلەرنى،ھازىرقىدىنمۇ بىلىملىك ئالىملارنى  مەيدانغا چىقىرىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاشۇلار ئارقىلىق ھەل قىلىپ بىرىشكە تامامەن  قادىردۇر.چۈنكى ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ .بۇ -اللە نىڭ قانۇنىيىتى..پەقەت مۇھىمى شۇكى ئىجتىھاد قىلغۇچى چوقۇم سالاھىيەتلىك بولۇشى ،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دىن ئۈچۈن ئاتىشى،شەخسى غەرەزلەردە بولماي ھەقىقەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشى ،پەتىۋا سورىغۇچىمۇ ئاسان ۋە پايدىلىق يول تېپىشنى ئەمەس چىن كۆڭلىدىن شەرىئەت بويىچە مېڭىشنى مەقسەت قىلىپ   ئۆزى ئىلمى ۋە تەقۋالىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالايدىغان ئۆلىمادىن پەتىۋا سورىشى لازىم.بۇنداقلار سەلەف سالىھلاردىن كىيىنمۇ چىقىپ كەلدى ۋە چىقىۋاتىدۇ ھەم اللە خالىسا داۋاملىق چىقىدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمىلىيەت،ھەم ھازىرقى زاماندىكى ئەگەشكۈچىلەر بۇلارغىمۇ مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىقى ،قارىسىغا ئەگەشمەسلىكى  بەلكى ئۇلارنىڭمۇ دەلىل-ئىسپاتىغا ئەگىشىشى لازىم.چۈنكى ئىمام ئەزەمگە مۇتەئەسسىپلىك قىلىش بىلەن قەرداۋىغا،ئەلبانىغا،سەييىد قۇتۇپقا مۇتەئەسسىپلىك قىلىشنىڭ قىلچە پەرقى يوق.ھالبۇكى ھازىرقى دەۋردە  ئىمام ئەزەمگە مۇتەئەسسىپلىك قىلغانلارنى ئەيىپلەپ تۇرۇپ ئۆزى قەرداۋىغا ياكى سەييىد قۇتۇپقا مۇتەئەسسىپلىك قىلىدىغانلار نۇرغۇن...
تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە ھەقىقەتنىڭ بىر قانچە بولۇش مەسىلىسى. بۇ مەسىلىمۇ ئىختىلاپ چىققان مەسىلىنىڭ بىرسى بولۇپ   توغرا قاراش شۇكى ھەقىقەت پەقەت بىرلا بولىدۇ. مەزھەپ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق  ھەل قىلالمىغانلار ھەقىقەت دىگەن بىر قانچە بولىدۇ دىيىش ئارقىلىق تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن نەزىرىيەسىنى ئاقلاپ كۈچلەندۈرمەكچى. لىكىن ئويلاپ باقىدىغان بولساق تۆت مەزھەب ئارىسىدا  بىرسى ھالال دىگەننى يەنە بىرسى ھارام دەيدىغان،بىرسى پاكىز دىگەننى يەنە بىرسى نىجىس دەيدىغان،بىرسى سۈننەت دىگەننى يەنە بىرسى بىدئەت دەيدىغان ئۆتكۈر زىددىيەتلىك مەسىلىلەر نۇرغۇن. (قالايمىقانچىلىق بولماسلىق ئۈچۈن بۇلاردىن بىر قىسمىنى مەن كەينىدىكى ئىنكاسىمدا يازدىم.)ئەگەر ھەقىقەت بىر قانچە بولىدۇ،ھەممىسىنىڭ گىپى توغرا دەيدىغان بولساق ئۇنداقتا شەرىئەتتە ھەقىقەت دىگەن  قارارى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ.قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سۈپىتى يالغان بولۇپ قالىدۇ.چۈنكى ھىچقانداق بىر نەرسە بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھالال،ھەم ھارام ،ھەم پاكىز،ھەم نىجىس،ھەم سۈننەت،ھەم بىدئەت بولمايدۇ ،بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئاشۇ ھۆكۈمنىڭ  پەقەت بىرسىلا توغرا بولىدۇ،يەنە بىرسى چوقۇم خاتا بولىدۇ..اللەتەئالامۇ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن.«مانا مۇشۇ مىنىڭ توغرا يولۇمدۇر،ئۇنىڭغائەگىشىڭلار،باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار،ئۇ يوللار سىلەرنى اللەنىڭ يولىدىن ئايرىۋىتىدۇ» مانا بۇ ئايەتتە اللە تەئالا ئۆزىنىڭ يولى بولغان ھەقىقەتنى بىرلىك سۆزى بىلەن، قارشى تەرەپنى يوللار دەپ كۆپلۈك شەكلى بىلەن ئاتاش  ئارقىلىق  ھەقىقەتنىڭ پەقەت بىرلا ئىكەنلىگە ئىشارەت قىلغان.رەسۇلۇللامۇ ھەدىسىدە بىر دانە تىك سىزىق سىزىپ مانا بۇ- اللەنىڭ يولى دەپ كۆرسەتتى.ئاندىن ئۇتىك سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە  بىر نەچچەتوغرا سىزىقلارنى سىزىپ مانا بۇلار شەيتاننىڭ يوللىرى،بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرسىدە بىردىن شۇ يولغا چاقىرىدىغان شەيتان بار، دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ پەقەت بىرلىكىگە ئىشارەت قىلغان. شۇڭا دەيمىزكى ھەقىقەت پەقەت بىرلا  بولىدۇ. ئاشۇ بىر ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن مەزھەپ ئىماملىرى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى سەرپ قىلغان. شۇڭا خاتالاشقان تەقدىردىمۇ بىر كىشىلىك ساۋاپ ئېلىۋىرىدۇ.قايسىسى توغرىسىنى تاپالىغان بولسا ئىككى كىشىلىك ساۋاپ ئالىدۇ..قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلالىغان ،اللە ھىدايەت قىلغان ئەقىللىق ئادەملەر بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئىجتىھاد قىلغانلارنىڭ خۇسۇسەن تۆت مەزھەبنىڭ   ھەممىسىنىڭ گىپى ھەق بولىدىغان بولسا يۇقارقى ھەدىستە  رەسۇلۇللا  ئىجتىھاد  قىلىپ خاتالاشقان ئادەم بىرھەسسە ئەجر ئالىدۇ دىمەي   ئىجتىھاد قىلغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىككى ھەسسە ئەجر ئالىدۇ دىگەن بولاتتى.  دىمەك مۇشۇ ھەدىستىن ئېنىق چىقىدۇكى  ئىجتىھاد قىلغان ھەر قانداق مۇجتەھىدنىڭ ھەممە گىپى ھەق بولىۋەرمەيدۇ. بەلكى خاتاسىمۇ بولىدۇ،توغرىسىمۇ بولىدۇ،توغرا قىلالىسا ئىككى ھەسسە،خاتالاشسا بىر ھەسسە ئەجر ئالىدۇ..شۇڭا ئىمام ئەزەممۇ كىيىنكى ۋاقىتلىرىدا بۇرۇن چىقارغان بىر قىسىم ھۆكۈملىرىدىن يېنىۋالغان.شاگرتلىرىمۇ مەزھەبنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىدە ئۇستازىغا قارشى ھۆكۈم چىقارغان.ئىمام شافىئىمۇ مىسىرغا بارغاندىن كىيىن  بۇرۇن ئاڭلىمىغان ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىدىن قايتىپ يېڭى مەزھىبىنى تارقاتقان. شۇڭا شافىئىلارنڭ كىتاپلىرىدا كونا مەزھەپتە ئۇنداق،يېڭى مەزھەپتە مۇنداق دەپ نەقىل قىلىنىدۇ ھەتتا بەزىبىر مەسىلىلەردە ئىمام ئەھمەدتىن بىر-بىرىگە  ئوخشىمايدىغان7-8 خىل كۆز قاراش  نەقىل قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ئۇلار ئىلگىرى قىلغان ھۆكۈملىرىنىڭ خاتالىقىنى  كىيىن ھىس قىلغان ھەم قىلچە خىجىل بولمايلا يانغان. ھەم سۆزلىرى ئارقىلىقمۇ بۇنى ئىلان قىلغان. (كەينىدىكى ئىنكاسىمدا بار )ئاشۇلارمۇ ئۆزلىرىگە قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىكنى تاپىلىغان. لىكىن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ ۋەسىيەتكە ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ...ئاپتورنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەقىقەتنىڭ بىر قانچە بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىشى ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ.چۈنكى سۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ھالال. ئەمما بۇ ھالال دىگەن ھۆكۈم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەرىئەتتىكى بارلىق ھۆكۈملەرۋە بەلگىلىمىلەر نورمال  ھالەتتىكى نورمال   ئادەملەر ئۈچۈن   بەلگىلەنگەن. ئالاھىدە ئەھۋاللار ياكى زۆرۈرەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئايرىم  ھەم ئومۇمى ھۆكۈملەر چىقرىلغان.  شۇڭا ئايرىم ھالەتتىكى كىشىلەرگە ئايرىم دەلىللەر ئارقىلىق ئايرىم ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ -ھەقىقەتنىڭ بىر قانچە بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئالاھىدە ئەھۋالغا ئايرىم ھۆكۈم چىقىرىشتىن كىلىپ چىققان.شۇڭا شەرىئەتتە ھىچقاچان  ئوخشاش بىر ھالەتتىكى ئىككى ئادەمگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھۆكۈم چىقرىلمايدۇ. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ سۇ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ھەقنىڭ بىر قانچە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بۇنى ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام شافىئىنىڭ ئاياللارنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدىغان-سۇنمايدىغان مەسىلىسىگەئوخشۇتۇپ  ھەر ئىككى ھۆكۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشى بىمەنە بىر قىياستۇر. بۇنى پەرقلىق نەرسىنى بىر-بىرىگە قىياس قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.(بۇنداق قىياس بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى بىلەن ئىناۋەتسىز)چۈنكى سۇنىڭ  ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈش ئالدىدىكى بىر ئادەمگە ۋاجىپ بولۇشى، ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى ئادەمگە مۇباھ بولۇشى، سۇ ئىچسە ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەمگە ھارام بولۇشى ئەمىلىيەتتە توغرا. بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.ئەمما بۇ ئۈچ خىل ھۆكۈم ئاشۇ ئادەملەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ چىقىرىلغان ھۆكۈم.دىمەك بۇ يەردە ئادەممۇ ئۈچ خىل،ماس ھالدا ھۆكۈممۇ ئۈچ خىل،ھەم بۇ ئۈچ خىل ھۆكۈم بىرلا ئادەمگە قارىتا بىرلا  ۋاقىتتا چىقىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچىلىسى ھەق ۋە توغرا  دىگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ ھەقىقەت بىر-بىرىگە قارشى كەلمەيدۇ. بۇ نەتىجە -ھەقنىڭ بىر قانچە بولىدىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان  ئەمەس بەلكى شەرىئەتنىڭ ھەر قانداق بىر دەۋرگە،ھەر قانداق بىر شارائىتقا ماس كىلىدىغانلىقىدىن بولغان ئىش..   ئەمما ئايال كىشىنى تۇتسا تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى بولسا بىرلا ۋاقىتتا بىرلا ئادەمگە ئىككى ئادەم تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم. بۇ يەردە بۇ ئىككى ھۆكۈم ئوت بىلەن سۇدەك قەتئى چىقىشالمايدۇ. يەنى بىر ئادەم ئايال كىشىنى تۇتقان ھامان ئىمام شافىئى ئۇنىڭ تاھارىتى بۇزۇلدى دەپ ،ئىمام ئەزەم بۇزۇلمىدى دەپ پەتىۋا پىچىدۇ.بۇنى قانداقمۇ سۇ مەسىلىسىدىكى ئۈچ خىل  ئەھۋالدىكى ئۈچ ئادەمگە چىقىرىلغان ئۈچ خىل ھۆكۈمگە قىياس قىلغىلى بولسۇن؟ ناۋادا ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام شافىئى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قەۋمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولغان بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ گىپى ھەق (توغرا) دىگىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇئىككىسىنىڭ كىتابى بىر،پەيغەمبىرى بىر تۇرۇپ شۇپەيغەمبەرنىڭ نامىدىن بىر-بىرىگە تامامەن زىت كىلىدىغان ئىككى خىل ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ھەرئىككىسى ھەق دىيىش مۇمكىن.  ئەگەر توغرا قىياس قىلىدىغان بولساق مۇنداق قىياس قىلىشىمىز كىرەك.  ئىككى تىۋىپ بىر بىمارغا بىرلا ۋاقىتتا رىتسىپ يېزىپ بىرسى بۇ بىمارغا ھازىر  سۇ ئىچىش ۋاجىپ(زۆرۈر) دىسە،ئىككىنجىسى بۇ بىمارغا نىسبەتەن ھازىر سۇ ئىچىش ھارام دىسە   بۇ ئىككى تىۋىپنىڭ
ئىككىلىسىنىڭ گىپى ھەق(توغرا )دىيىش مۇمكىنمۇ؟ھەتتا بۇ ئىككى تىۋىپنىڭ ئىككىلىسى ئىبن سىنادەك ئىلىملىك بوپكەتسىمۇ..
ئەگەر  بۇ ئىككى تىۋىپنىڭ ھۆكۈمىنىڭ  ئىككىلىسى -ھەق،دىمەك بۇ يەردە ھەق بىر نەچچە بولدى،شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىمام شافىئى بىلەن ئىمام ئەزەمنىڭ بىر-بىرىگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى ھەق بولىدۇ دەپ تۇرۇۋالسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ئەمما   ئەقىللىق ئادەم بۇنداق گەپنى توغرا دىيەلمەيدۇ.
. ئاپتورنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شەھەرلىكلەر ئىدى،ئەمما ئىمام شافىئىغا ئەگەشكەنلەر بەدەۋى (چۆللۈك،سەھرالىقلار) ئىدى ،شۇڭا ئىككىسىنىڭ مەزھىبى ئىككى تائىفىگە ماس كىلىدۇ دىگەندەك تەھلىللىرى ۋە بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ئاياللارنى تۇتسا تاھارەت سۇنۇش ،ئىمامنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىش  ،بىردىرھەم نىجاسەتنى ئەپۇ قىلىش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ھىچكىم دەپ باقمىغان كۈلكىلىك بىر تەھلىلدىن ئىبارەت. بۇ گەپلەردىن خۇددى شەرىئەتنى ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام شافىئى بەلگىلەپ بىرىدىغاندەك مەزمۇن چىقىپ قالىدۇ. (ئەلۋەتتە ئاپتور بۇنداق گەپنى ھەرگىز قىلمايدۇ.)ئەمما بۇنداق تەھلىل قىلغاندا شەھەرلىكلەر ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبىدەماڭسۇن،بەدەۋىلەر ئىمام شافىئىنىڭ مەزھىبىدە ماڭسۇن ،چۈنكى مۇشۇنداق يول ھەر ئىككىسىنىڭ خاراكتىرىگە ماس كىلىدۇ دىيىش توغرا كىلىدۇ....
ئەمماھەممەيلەن بىلىمىزكى  شەرىئەتنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە ھەدىستۇر.. قۇرئان ۋە ھەدىستە ھىچقاچان شەھەرلىكلەرگە بىرخىل،سەھرالىقلارغا بىر خىل ھۆكۈم چىقىرىلمىغان..  ئايال كىشىنى تۇتسا تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشنىڭ پەرقلىق بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتى بولغان سۈننەتتىن خەۋەرداش بولۇش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.ھەرگىزمۇ شەھەرلىك،سەھرالىققا ئەمەس..چۈنكى ئىككىنجى خەلىپە ئۆمەر، ئوغلى ئابدۇللا ،ئىمام ئەزەمنىڭ فىقھىدىكى ساھابى ئۇستازى ئابدۇللا ئىبن مەسئۇد (اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق كاتتىلاردىن ئايال كىشىنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدىغانلىقى نەقىل قىلىنغان.مانا شۇلارمۇ بەدەۋى ئەرەپلەر ئەمەس ئىدى..ھەتتا ئىمام شافىئى ھەزرەتلىرىمۇ بەدەۋى ئادەم ئەمەس بەلكى رەسۇلۇللانىڭ جەمەتىدىن تۇغۇلغان ئادەم ئىدى.پەقەت ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى «.... اولامستم النسائ....» يەنى «....ئاياللارنى سىلىساڭلار....» دىگەن سۆزنى  ئۆز مەنىسىدە چۈشىنىپ ئايال كىشىنى تۇتۇپ قويسىلا تاھارەت سۇنىدۇ دەپ قارىغان. ئىبن ئابباس، ئەلى (اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ساھابىلار بولسا رەسۇلۇللانىڭ قىلمىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بۇ سۆزنى  كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن يەنى ئاياللار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلساڭلار دىگەن بولىدۇ ، اللە تەئالا بۇ سۆزنى سىلىقلاشتۇرۇپ كىنايەتەرىقىسىدە سۆزلىگەن دەپ چۈشەنگەن..ئىمامنىڭ كەينىدە سۈرە ئوقۇش مەسىلىسىمۇ دەلىل -ئىسپاتلىرىنى تەكشۈرگەندە ئاسانلا ھەل بولىدىغان مەسىلە. دىمەك يۇقارقى مەسىلەلەر ئىككى مەزھەپ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى مەزھەپ پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا مەيدانغا چىققان مەسىلە. ھەم بۇ مەسىلىلەرنىڭ توغرا - خاتاسى ئايرىلىدىغان مەسىلە. ھەرگىزمۇ ئىككىلىسى توغرا دىيىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.چۈنكى توغرا-خاتانى قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىس ئايرىيدۇ..شۇنداقلا توغرا -خاتانى ئايرىش قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ سۈپىتى ھەم ۋەزىپىسى.پەقەت بۇ يەردىكى سەۋەپ ئىككى مەزھەپتىكى كىشىلەرنىڭ مەزھەپپەرەسلىك قىلىشىپ قىلىۋاتقان كۈرىشى.ناۋادا ئىمام ئەزەم ئىمام فىقھىدىكى ساھابە ئۇستازى ئابدۇللا ئىبن مەسئۇدنىڭ قارىشىنى تۇتۇپ ئايال كىشىنى تۇتسىلا تاھارەت بۇزۇلىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسا كىيىنكى مەزھەپپەرەسلەر بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ قۇرئاندا «ئاياللارنى سىلىساڭلار..»دىگەن. شۇڭا بۇ سۆزنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشىنىش كىرەك دەپ قارشى دەلىللەرنى زەئىفقا چىقىرىشقا كۈچىگەن بولاتتى..دىمەك مەزھەپپەرەسلەرنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەت ئادەم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ....
ئاخىرىدا دەيمەنكى ھىچكىمنىڭ مەلۇم بىر مەزھەپ بىلەن مېڭىشى لازىم ئەمەس..ئىلىملىك ئادەملەر ئۆزى بىۋاستە قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ مېڭىشى لازىم. خۇددى مۇجتەھىدلەردەك. ئەگەر مۇستەقىل ئىجتىھاد قىلىش سەۋىيىسى بولمىسا ھەر قايسى مۇجتەھىدلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ توغرىسىنى تۇتۇپ مېڭىشى لازىم.سۈرە زۇمەردە كۆرسىتىلگەندەك.. ئەگەر بۇنچىلىكمۇ سەۋىيىسى بولمىسا اللە تەئالانىڭ «بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار»دەپ بۇيرىغىنىدەك ئۆزى ئىلمى ۋە تەقۋالىقىغا ئىشەنچ قىلالايدىغان ئۆلىمادىن سورىشى كىرەك.جاۋاپ بەرگۈچى ئۆلىمامۇ يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇل بويىچە مېڭىپ جاۋاپ بىرىشى ،قارىغۇلارچە مەزھەپپەرەسلىك قىلىپ جاۋاپ بەرمەسلىكى كىرەك.چۈنكى بۇنداق قىلىشنى اللە تەئالامۇ ،ئاشۇ كىشىنىڭ مەزھىبىنىڭ پىشىۋاسىمۇ ھارام قىلىۋەتكەن.اللە تەئالامۇ ھىچقانداق بىر ئايەتتە ھىچكىمنى مەلۇم بىر مەزھەپتە مېڭىشقا بۇيرىمىغان. پەقەت بىلمەيدىغانلارنى ئىلىم ئەھلىدىن سوراشقا بۇيرىغان..ئىلىم ئەھلىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف بويىچە مېڭىشقا بۇيرىغان... اللە ھەممەيلەنگە توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلسۇن.
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-09-23 20:39قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 20:33

                                                           بىر قانچە سوئالغا جاۋاپ
« پۇرۇئات مەسىلىلەردە ئىختىلاپنى تۈگىتىش كېرەك ئەمەس. تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇشمۇ ئەخمىقانە بىر ئىش. ھەم بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت»
بىرىنچىدىن بۇ گەپتىن ئىتىقادى مەسىلىلەردە ئىختىلاپنى تۈگىتىش كىرەك،پۇرۇئات مەسىلىلەردە كىرەك ئەمەس دىگەن مەزمۇن چىقىدۇ. بۇگەپلەر بەزىبىر كىتاپلاردا يېزىلغان بولسىمۇ لىكىن  بۇ  خاتا ئىدىيە.
چۈنكى  اللە تەئالا قۇرئان كەرىمدە « ھەر قانداق بىر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار» دىگەن . پۇرۇئات مەسىلە بىلەن ئىتىقادى مەسىلىنى ئايرىمىغان.يەنە «اللەنىڭ ئارغامچىسىغا(قۇرئانغا)ھەممىڭلاربىرلىكتە ئېسىلىڭلار ،بۆلۈنمەڭلار» دىگەن. بۇ ئايەتلەرنى چوڭقۇرراق تەھلىل قىلغاندا مۇنداق مەزمۇن چىقىدۇ. ھەرقانداق بىر دىنى مەسىلىدە  ئۇ مەيلى ئەقىدە مەسىلىسى بولسۇن مەيلى  پۇرۇئات(ئۇششاق) مەسىلىلەر بولسۇن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ چىقسا يەنى بىرسىڭلار ھالال،بىرسىڭلارھارام،بىرسىڭلار پاكىز،بىرسىڭلار نىجىس،بىرسىڭلار سۈننەت،بىرسىڭلار بىدئەت دەيدىغان ئىختىلاپ چىقسا ئۇنى اللەغا (قۇرئان كەرىمگە) ۋە پەيغەمبەرگە (سەھىھ ھەدىسكە) قايتۇرۇڭلار ،شۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپ تۈگەيدۇ.ھەممىڭلار قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىڭلار،ئىختىلاپ ۋە بۆلگۈنچىلىك چىقارماڭلار يەنى ئۇنداق بۇنداق پىرقە،مەزھەپ پەيدا قىلماڭلار دىگەن بولىدۇ..مۇشۇ ئايەتتىن مەلۇمكى بارلىق ئىختىلاپلارنى پەقەت قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ سۈننەت ئارقىلىقلا تۈگەتكىلى بولىدۇ..ھەمدە اللەتەئالا بىزنى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ بۆلگۈنچىلىك ۋە مەزھەبچىلىكنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇش ئەخمىقانىلىق بولسا  ئۇنداقتا اللە تەئالا بىزنى بىر ئەخمىقانە ئىشقا بۇيرۇغان بولمامدۇ؟!  توغرا، ئالىملار ئارىسىدا پۇرۇئات مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار ساماندەك. لىكىن ئىختىلاپنىڭ چىققىنى بۇ مەسىلىلەردە ئەسلا بىرلىككە كەلگىلى بولمايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.. پەقەت اللە تەئالا بۇيرىغاندەك ئىش قىلساقلا بۇ ئىختىلاپلارنى تۈگەتكىلى  بولىدۇ.(ئىختىلاپلارنى تۈگەتكىلى بولمىسا نىمە ئۈچۈن اللەتەئالا بىزنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ،ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنماي زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ ئىچىدە ياشاۋىرىڭلار دىسە بولماسمىدى!)ئەگەر ھەر قايسى ئىختىلاپلاشقان ئالىملارنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق دەلىلى بار دىسىڭىز ئۇنداقتا ئىتىقادى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشقانلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن  دەلىلى بار.ئىككى ئىختىلاپنىڭ پەرقى يوق.(ئىتىقادى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىپ ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسىتىن ئالغان دەلىللىرىنى سۆزلىسەم گەپ شاخلاپ كىتىدۇ)مەسىلەن .ھەنەفىييە مەزھىبىدە قان چىقىپ ئاقسا تاھارەت سۇنىدۇ.شافىئى مەزھىبىدە سۇنمايدۇ. ھەرئىككىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا دەلىللىرى بار..مانا بۇنى ئىختىلاپ دەيمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا اللەتائالانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ مەسىلىدە قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز كىرەك.شۇندىلا ئاندىن بۇ ئىختىلاپ تۈگەيدۇ..ئەگەر  مۇشۇنداق قىلغاندا ئىختىلاپ تۈگىمەيدىغان بولسا اللەتەئالا نىمە ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار قۇرئان ۋە ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلىڭلار  دەپ    
بۇيرۇيدۇ؟ اللە تەئالا ئۆزىنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى توغرا –خاتانى ئايرىغۇچى،ھەممىنى بايان قىلغۇچى دەپ بىر قانچە ئون  ئايەتتە سۈپەتلىگەن. بۇنى ھىچقانداق بىر مۇسۇلمان ئىنكار قىلمايدۇ. ھەتتا بىرىنچى خەلىپە ئەبۇبەكرى (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن.ئەگەر تۆگەمنىڭ نوختىسى چاغلىق بىر نەرسە بولسىمۇ مەن ئۇنى قۇرئاندىن تاپالايمەن.  ئەگەر ئۇئىككىسى ئىختىلاپنى تۈگىتەلمىسە قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتى بولغان  سۈننەتنىڭ  توغرا –خاتانى ئايرىغۇچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سۈپىتى يالغان بولۇپ قالمامدۇ؟  يۇقارقى مەسىلىدە بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ قارىشىنىڭ چوقۇم بىرسى توغرا ،يەنە بىرسى چوقۇم خاتا .چۈنكى اللە تەئالا ۋە ياكى رەسۇلۇللا  بىرلا ۋاقىتتا ئۇنداق بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ھۆكۈمنى چىقارمايدۇ.يەنى بىر نەرسە بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئاق ھەم قارا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  بەدىنىدىن قان چىققان كىشىنىڭ تاھارىتى  يا چوقۇم بۇزۇلىدۇ يا   بۇزۇلمايدۇ..بۇنىڭدىن باشقا ئەمەس. ئەمما ئۇئىككىسىنىڭ زادى قايسىسىنىڭ توغرا،قايسىسىنىڭ خاتالىقىنى ئايرىش –يۇقۇرى سەۋىيەگە،مۇتەئەسسىپلىكتىن خالى ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن  سەمىمىلىك بىلەن ئىزدىنىپ  تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج.(بۇ ئۇرۇنۇش ھەرگىزمۇ ئەخمىقانىلىق ئەمەس)
كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى يوق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىختىلاپلار ھەل بولماي كىلىۋاتىدۇ..دىمەك ئىختىلاپمۇ ۋە ئۇنىڭ تۈگىمەسلىكىمۇ بىزدىكى مەسىلە،ھەرگىزمۇ شەرىئەتتىكى مەسىلە ئەمەس.ئەگەر شەرىئەتتىكى مەسىلە بولسا ئاندىن بىزنىڭ ئۇرۇنۇشىمىز ئەخمىقانىلىق بولغان بولاتتى.
«ھەم بۇ اللەنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت ئەمەس» چۈنكى اللەنىڭ قانۇنىيتى ھەرگىزمۇ توغرا –خاتانى ئايرىپ بەرمەسلىك ئەمەس. يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك اللە تەئالا ئۆزىنىڭ كالامى قۇرئان كەرىمنى ھەممىنى بايان قىلغۇچى،توغرا-خاتانى ئايرىغۇچى دەپ سۈپەتلىگەن.ھەم قىلچە شەك يوقكى بىزگە ھەق-ناھەقنى،توغرا-خاتانى ئايرىپ بەرگەن.
بۇنداق دىسەم قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە ئايىتى مۇھكەم ئەمەس، يەتمىش پىرسەنتتىن ئارتۇقى مۇتەشابىھ ياكى زەننى بولغانلىقى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دىيىشىڭىز ئېنىق.توغرا ،قۇرئان كەرىمنىڭ دەلالىتى زەننى بولغان ئايەتلىرى يەتمىش پىرسەنت ئەتراپىدا..شۇڭا ئاشۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ چىقىشى تەبىئى. بۇمۇ بىر خىل سىناق. مانا بۇ سىناقنى اللەنىڭ قانۇنىيىتى دىيىش توغرا.ئەمما بىزلەر  اللەنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەس اللەنىڭ قانۇنى بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرۇلغان.
مەسىلەن .شىرك ۋە كۇفرى ،ۋە گۇناھلارنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى،نەفسىمىزنىڭ بىزنى داۋاملىق يامان ئىشلارغا بۇيرۇپ تۇرۇشى ،شەيتان مەلئۇننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ بىزلەرنى داۋاملىق ئازدۇرۇشقا ھەركەت قىلىشى مانا بۇلار   اللەنىڭ قانۇنىيىتى. اللە تەئالا مۇنداق دىگەن.«ناۋادا رەببىڭ خالىسا ئىدى زىمىن يۈزىدىكى ھەممە كىشىلەر بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان بولاتتى»( سۈرە يونۇس 90-ئايەت.)مانا  بۇنداق  قانۇنىيەتلەرنىڭ بولغانلىقى ئاشۇ شىرك،كۇفرى ۋە گۇناھ مەئسىيەتلەرنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ   ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.بەلكى ئۇلارنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇش ۋە ھەركەت قىلىش يەنە شۇ اللەنىڭ قانۇنى ئارقىلىق بىزلەرگە مەجبۇرىيەت قىلىپ بىكىتىلگەن.  دىمەك قانۇنىيەت باشقا ،قانۇن باشقا.بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز -اللەنىڭ قانۇنى بويىچە ھەركەت قىلىش.  مەن يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئىختىلاپنىڭ چىققانلىقى -
بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ئەسلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ۋە تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى،شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.. مىسالغا ئالساق ئەبۇ ھۇرەيرە (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئوت تەككەن نەرسىدىن تاھارەت ئېلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى رەسۇلۇللادىن رىۋايەت قىلغان ھەمدە ئۆلۈپ كەتكىچە ئوت تەككەن نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ۋە ئۆزىمۇ شۇنداق ئەمەل قىلىپ دۇنيادىن كەتكەن.ئىبن ئابباس ئۇنىڭغا «ئۇنداق بولسا قايناق سۇ ئىچسەممۇ تاھارىتىم سۇنامدۇ؟ دىگەندەك مەزمۇندا  مۇنازىرە قىلسا ئەبۇ ھۇرەيرە ،-ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى،رەسۇلۇللادىن بىرەر ھەدىس بار يەردە سەن مىسال سۆزلەپ يۈرمە دەپ رەددىيە بەرگەن.سىز دىگەندەك بولسا مۇشۇ مەسىلىدە ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ گىپىمۇ توغرا،ئىبن ئابباسنىڭ گىپىمۇ توغرا بولامدۇ؟، بىرەر ئادەم ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ يۇقارقى ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ     قايناق سۇ ئىچكەن،قوي كاۋىپى يىگەن ئادەمنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلسا
بۇنداق پۇرۇئات مەسىلىدە ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇش ئەخمىقانىلىق،ئۇنىڭ گىپىمۇ توغرا   دەپ يۈرىۋەرسەك  بولارمۇ؟ياكى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەدىسىدە دىيىلگەن ھۆكۈمنىڭ مەنسۇخ(ئەمەلدىن قالغان) ھۆكۆم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقساق توغرا بولامدۇ؟ ئابدۇللا ئىبن مەسئۇد ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە روكۇ قىلغاندا ئىككى قولىنى تىزىغا قويماي جۈپلەپ ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ ناماز ئوقۇغان.ھەم مۇشۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.لىكىن باشقا ھىچكىم بۇنداق روكۇ قىلىشنى قوللىمىغان.يەنە بىر مىسال.2- خەلىپە ئۆمەر (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن )جۇنۇپ ئادەم  سۇ تاپالمىسا تەيەممۇم قىلسا  بولمايدۇ ،تاكى سۇ تاپقىچە ناماز ئوقۇماي يۈرىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.باشقا ساھابىلار ئۇنىڭغا رەسۇلۇللانىڭ مۇشۇ مەسىلىدىكى ھۆكمىنى سۆزلەپ بەرسىمۇ ئىسىگە ئالالماي قايىل بولمايدۇ.ئۇنداقتا بۇ مەسىلىدەخەلىفە ئۆمەرنىڭ ھۆكمىمۇ توغرا،باشىقىلارنىڭ ھۆكمىمۇ توغرا بولىۋىرەمدۇ؟يەنە بىر مىسال شىئەلەرنىڭ ئالىملىرى  ھازىرغىچە تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇيۇش كىرەك ئەمەس، پەقەت پۇتىغا ئىككى ئوشۇققىچە مەسھى قىلسا بولىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ تاھارەت ھەققىدىكى «پۇتلىرىڭلارنى ئىككى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار» دىگەن ئايەتنىڭ يەنە بىر قىرائىتىدىكى سۆزنى مەسھى قىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە يەنە بىر گورۇھ كىشىلەر  ئايەتتە پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇڭلار دىگەن ئىكەن ئۆتۈك كەيگەن كىشىمۇ  چوقۇم ئۆتۈكىنى سېلىپ پۇتىنى يۇمىسا تاھارەت ھىساپ بولمايدۇ دەپ مەسىھ ھەققىدىكى ھەدىسنى رەت قىلىدۇ.ئۆتكەندە ئويغۇنۇش دىگەن بىر ئايال دەل مۇشۇنداق ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ مۇنبەردىن قوغلاندى. ئاددىسى مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ئۆتكەندە بىرەيلەن «نوركا تۇماق-ھارام تۇماق» دەپ تىما يوللىدى.ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىرسى «نوركا تۇماق-ھالال تۇماق» دەپ قارشى مەزمۇندا تىما يوللىدى. مۇشۇنداق چاغدا بىز  پۇرۇئات مەسىلىلەردە ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇش –ئەخمىقانىلىق دەپ ئېقىنى ئاق،قارىسىنى قارا قىلماي،ھەر ئىككىسى توغرا دەپ  يۈرىۋەرسەك بولامدۇ؟پۇرۇئات  مەسىلىلەردە  توغرا دىگەن كىشىنىڭ گىپىمۇ ھەقىقەت،خاتا دىگەن كىشىنڭ گىپىمۇ ھەقىقەت،بىرنەرسىنى ھالال دىگەن كىشنىڭ گىپىمۇ ھەقىقەت،ھارام دىگەن كىشىنىڭ |گىپىمۇ ھەقىقەت بولىۋەرسە بىز ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىپ ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇشنى -ئەخمىقانىلىق  دەپ يۈرسەك ئۇنداقتا ھەقىقەت دىگەن ئاشۇنداق   لىڭتاسما بىر نەرسە بولۇپ قالمامدۇ؟تۆت مەزھەپنىڭ ئىچىدە بىرسى ھالال دىگەننى يەنە بىرسى ھارام دەيدىغان،بىرسى پاكىز دىگەننى يەنە بىرسى نىجىس دەيدىغان،بىرسى بىدئەت دىگەننى يەنە بىرسى سۈننەت دەيدىغان ھۆكۈملەر نۇرغۇن.مەسىلەن   ھەنەفىييە مەزھىبىدە ئادەم بىلەن چوشقىنىڭ تىرىسىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ تىرىسى ئاشلانغاندىن كىيىن  ئىچىمۇ ،تېشىمۇ پاكىز بولىدۇ ھەتتا ئىتنىڭ تىرىسىمۇ شۇنداق،ئەمما شافىئى مەزھىبىدە ئىتنىڭ تىرىسىمۇ ئاشلىسىمۇ پاكىز ئەمەس نىجىس دىيىلىدۇ. مالىكى مەزھىبىدە ھەممە ھايۋاننىڭ تىرىسى ئاشلانغاندىن كىيىن تېشى پاكىز بولىدۇ،ئىچى پاكىز بولمايدۇ دىيىلىدۇ.ئىمام  مالىك ئۆيدە باققان چارۋىلارغىمۇ زاكات بىرىش پەرز دىسە قالغان ئۈچ مەزھەپ پەرز ئەمەس دەيدۇ. ھەنەفى مەزھىبىدە ئادەمنىڭ چېچى ۋە سۆڭىكى ھەمدە  ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تۈكى ۋە سۆڭىكى پاكىز دىسە ئىمام شافىئى نىجىس دەيدۇ. رەسۇلۇللانىڭ دەۋاگەرنىڭ بىر گۇۋاچىسى ۋە قەسىمى بىلەن ھۆكۈم چىقارغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بولسىمۇ ھەنەفىلەر بۇنىڭغا ئەسلا قايىل بولماي ئىككى گۇۋاچى بولمىسا ھىساپ ئەمەس دەيدۇ.ھەتتا  ئۇنداق قىلغانلىق شىركتىن قالسا  كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق دەپ تۇرۇۋالىدۇ.(نورالانۋار غا قاراڭ) روزا تۇتقان كىشى ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ ئىچىپ قالسا روزىسى بۇزۇلمايدىغانلىقى  ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بار.شۇڭا ھەممە ئۆلىمالار دىگۈدەك شۇ بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.لىكىن ئىمام مالىك بولسا ئۇنداق كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ھەم قازاسىنى قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.يۇقارقى ھەدىسنى قىياسقا قارشى كىلىدىكەن دەپ رەت قىلىدۇ.نامازدا قول باغلاپ تۇرماي قولىنى تاشلاپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.سودىدىكى خىيار مەجلىسنىمۇ ئىمام مالىك ئىتىراپ قىلمايدۇ.ھالبۇكى بۇ ھەقتىمۇ سەھىھ ھەدىس بار.  
نامازدا بارماق كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر سۈننەتنى ھارام دىگەن «كەيدانى»دىگەن كىشىمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ. مانا مۇشۇنداق خاتالىقى ئېنىق بولغان ھۆكۈملەرنىمۇ خاتا دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي  بۇ دىگەن ئىختىلافى مەسىلە، تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى -توغرا ،بۇنداق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىمەن دىيىش- ئەخمىقانىلىق ، دىگەن گەپلەر ئىنتايىن پاسسىپ،چۈشكۈن ئىدىيە  بولۇپ مىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىمچە  بۇنداق گەپلەرنى بىر بولسا ساۋاتسىزلار ۋە ياكى ئىلىم ئەھلى بولسىمۇ ئىزدىنىشكە خوشياقمايدىغان پۇلتاپارلار،ۋە ياكى ئادەتتىكىرەك مۇتەئەسسىپلەر ئۆزىنى گوللاپ كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان گەپلەردۇر.  ھەتتا ھەنەفىييە مەزھىبىدىكى ئۈچ پىشىۋانىڭ ئارىسىدىمۇ يۇقارقىدەك زىددىيەتلەر مەۋجۇت.مەسىلەن. دارۇلھەربتە(كافىرلار يۇرتىدا) مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئوتتۇرىسىدا جازانە   قىلىش -ھالال دەيدۇ ئىمام ئەزەم بىلەن شاگىرتى مۇھەممەد.يەنە بىر شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپ بولسا باشقا يەردىكىگە ئوخشاشلا ھارام دەيدۇ. يەنە گۆشى ھالال ھايۋاننىڭ سۈيدۈكىنى ئىمام ئەزەم ۋە ئەبۇ يۈسۈپ نىجىس دىسە مۇھەممەد پاكىز دەيدۇ. يەنە بىر مەسىلەجۇنۇپ كىشى چىلەكنى ئالىمەن دەپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە ئىمام ئەزەم ھەرئىككىسى(ئادەممۇ ،سۇمۇ ) نىجىس بولىدۇ دەيدۇ. مۇھەممەد بولسا ھەر ئىككىسى پاكىز  بولىدۇ دەيدۇ.ئەبۇ يۈسۈپ ھەر ئىككىسى ئۆز پىتى تۇرىدۇ دەيدۇ.(«ھىدايە» دىن ئېلىندى.)بۇنداق  بىر-بىرىگە قارشى ھۆكۈم قىلغان مىساللارنى مىڭلاپ كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ناۋادا ئۇلار مۇشۇ ھۆكۈملەرنى ئۆزىگە ۋاكالىتەنلا دىگەن بولسىغۇ بىر نۆرى.ئەمما ئۇلار بۇ ھۆكۈملەرنى شەرىئەتكە،رەسۇلۇللاغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ؟ئۇنداقتا شەرىئەتتە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق زىددىيەتلىك ھۆكۈملەر بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق.
ھەر قايسى ئىماملار ۋە مەزھەپلەر ئارىسىدا مۇشۇنداق زىددىيەتلىك ئىختىلاپلار نۇرغۇن تۇرسىمۇ يۇقۇرىدا بىر قېرىندىشىمىز « تۆتىلىسى- ھەق دېدۇقمۇ بولدى، تۆتى - بىر دېگەن گەپ»دەيدىغان كۈلكىلىك بىر گەپنى قىلغان.  ئەگەر يۇقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك تۆت مەزھەپ بىر بولىدىغان بولسا ئۇنداقتا بىر نەرسىنى بىر دەم ھالال،بىردەم ھارام،بىر دەم پاكىز،بىردەم نىجىس دەيدىغان ئادەمنى نىمە دەپ ئاتىساق بولار؟چۈپرەندە ،تۇتامى يوق ئادەم دەپ ئاتىساق ئۇنداقتا ئاشۇ تۆت مەزھەبنىمۇ چۈپرەندە،تۇتامى يوق دەپ باھا بەرسەك بولارمۇ؟ ۋە ياكى ھالال بىلەن ھارام ،پاكىز بىلەن نىجىس ئوخشاش بىر گەپ دەپ قۇتۇلساق بولارمۇ؟( دىققەت مەن مەن بۇيەردە مەزھەپلەرنى تىللىماقچى ئەمەس.....)
توغرا !«   كۆزقاراش ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا قارشى قاراشتىكى مۇسۇلمانلارغا ئەخلاق ۋە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش»كىرەك.بۇ گەپكە ھىچكىم قارشى ئەمەس.شۇڭا مەن دىن  ئۈچۈن خىزمەت قىلغان  مۇجتەھىدلارنىڭ ھىچقايسىسىنى تىللاپ باقمىدىم ھەم تىللىمايمەن ،تىللىغانلارغىمۇ قارشى بەلكى ئۇلارغا خەيرلىك دۇئالارنى قىلىمەن.ئەمما ئۇلارغا ئىنساپ ۋە ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز دەپ ئۇلارنىڭ خاتا پەتىۋالىرىغا ماقۇل دىسەك ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىختىلاپلارنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئاساسىدا تۈگىتىشكە ھەركەت قىلمىساق اللەنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان بولمايمىزمۇ؟ئۇلارمۇ ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان ھەم بىزلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلغان.مەسىلەن ئىمام ئەزەم ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرى بولغان تەبئى تابىئىلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى قارا-قويۇق  قوبۇل قىلىۋرەمىگەن بەلكى« ئۇلارمۇ ئەركەك،مەنمۇ ئەركەك،مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىجتىھاد قىلىمەن »دىگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان.ئىمام ئەزەمنىڭ ئىككى شاگىرتىمۇ يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىمام ئەزەمگە  قارشى ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتىن قىلچە ئىككىلەنمىگەن.بەزى ئالىملارنىڭ دىيىشىچە ھەتتا ئۇلار ھەنەفى مەزھىبىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىگە ئوخشىمايدىغان پەتىۋالارنى چىقارغان.نىمە ئۈچۈن ؟چۈنكى ئۇلار ئۇستازى ئىمام ئەزەمنىڭ قارىشىنى خاتا دەپ قارىغان.بولمىسا ئۇستازى بىلەن ئوخشاش پىكىردە تۇرىۋەرگەن بولاتتى.شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارنى ھىچكىم ئايرىم  مەزھەپ(5-مەزھەب) پەيدا قىلغان  دەپ قارىمايدۇ ۋە ھىچكىم ئۇلارنى ئەيىبلىمىگەن.(ئەمما ھازىر ئاددىسى خالادا قەغەز ئىشىلىتىش- ياخشى دىگەندەك بىر گەپنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىمۇ تاس قالىدۇ5-مەزھەپ پەيدا قىلدى دەپ قالپاق كەيگىلى.خۇددى
«مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى »دىكىدەك) ئەگەر ئىمام    ئەزەمنىڭ ئورنىدا كىيىنكى ۋە ھازىرقى مۇتەئەسسىپ موللىلار بولىدىغان بولسا ئۇنداق « ،ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان باشباشتاق »شاگىرىتلىرىنىڭ كۆتىگە تەپكەن پىتى يىراق يەرگە پالاپ دۇئايى بەدلەرنى قىلغان بولاتتىمىكىن دەيمەن.مانا بۇنىڭدىن ئىمام ئەزەمنىڭ نەقەدەر پەزىلەتلىك،دانالىقىنى،ئەركىن تەپەككۇرغا ئامراقلىقىنى،مۇتەئەسسىپ ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىمام شافىئىمۇ «فىقھىدا ھەممە ئادەم ئەبۇ ھەنىفىگە ئىھتىياجلىق»دەپ ئىمام ئەزەمگە بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ %90 ھۆكۈمدە ئىمام ئەزەمگە قارشى ھۆكۈم چىقارغان.فىقھى بىلىدىغان ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلمەي قالمايدۇ.ئىمام شافىئىمۇ دەل شۇ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى خاتا دەپ قارىغاچقا قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.بولمىسا ئوخشاش پىكىردە بولغان بولاتتى..دىمەكچىمەنكى  ئىلىم ئەھلى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان.ئىلىمسىزلەر بولسا ئىلىم ئەھلىدىن سوراشقا بۇيرۇلغان.بىز گەرچە مۇجتەھىدلىك سەۋىيىسىگە يىتەلمىگەن بولساقمۇ ئەمما ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ خاتا كەتكەن تەرەپلىرىگە ئىلمى مۇئامىلە قىلىپ توغرا پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك. مانا بۇ ئىلىم ئەھلىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. .اللە تەئالامۇ باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن ئەڭ ياخشىسى (ئەڭ توغرىسى)غا ئەگىشىدىغان مۇئمىنلارنى ماختىغان.قارىسىغائەگەشكەنلەرنى ئەيىبلىگەن.دىمەكچىمەنكى باشقىلارغا ئەخلاق ۋە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قلىش باشقا گەپ.ئىلمى مۇئامىلە قىلىش باشقا گەپ.بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇۋەتكەن كىشى چوقۇم خاتالىشىدۇ.ئەكسىچە بۇ ئىككىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭالىغان كىشى ئاندىن توغرىسىنى قىلغان بولىدۇ.شۇڭا مەن ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ چىققان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ھەر قايسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ  ياكى سېلىشتۇرغانلارنىڭ  ئىنكاسىنى تەھلىل قىلىپ قايسىسىنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كىلىدۇ.ھەم شۇنداق تىمىدىكى يازمىلارنى يېزىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى تۈگەتكۈم كىلىدۇ. اللە  خالىسا بۇنداق قىلىش تامامەن مۇمكىن.
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 15:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئىنكاسلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىدىن ئىلمى بولۇۋاتىدۇ. كەڭسايغا ھەقىقەتەن ئىسىل قېرىنداشلارنىڭ توپلانغانلىقى مۇشۇنىڭدىن مەلۇم. مىنىڭ ۋاقتىم ھازىر  بەكرەك قىس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.شۇڭا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالمايۋاتىمەن.كەچۈرگەيسىلەر. رىدا بۇرادەرنىڭ يوللىغان ئادىرىسىنى كۆردۈم.ھەممىڭلارغا  اللە رەھمەت قىلسۇن.ئەمما  مىنىڭ ھازىرچە نۇرچىلار ياكى ئىجتىھاد رىسىالىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نىيىتىم يوق.مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.تىمىدا يازغىنىمدەك مەن خاتالاشقان بولسام ھەر قاچان تۈزىتىشكە تەييار.ئەگەر رىدا بۇرادەر يازغاندەك مەن سەئىد نۇرسىنىڭ مەقسىتىنى خاتا چۈشەنگەن بولسام ئىككىمىزنىڭ پىكرىمىزنىڭ ئورتاقلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ..بۇمۇ مەن ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ سەر خىل پىكىرلەرنى ئايىماي ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن..

مىنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنىم   دىنى قېرىنداشلىقنى بىرىنچى ، تارماق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنى ئىككىنچى ئورۇندا قويساق..

بارلىق زىددىيەت ۋە فاجىئەلەر دەل تارماق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنى ناھايىتىمۇ يامان كۆرۈپ ۋە چوڭ بىلىپ  ئازراق غەيرى پىكىرلىرى بار كىشىلەرنى ۋەھھابى،بىدئەتچى دەيدىغان كەمسىتىشلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ .ئۆزىمىزنىڭ ياكى مەزھىبىمىزنىڭ گىپىنىلا مۇتلەق توغرا،باشقىلارنىڭ غەيرى قاراشلىرى مۇتلەق خاتا دەپ باشقىلارنى ئۆزىمىزنىڭ توغرا دەپ قارىغان ئىدىيىمىزگە كىرىشكە قىستاپ ئۇنى قوللىمىغان كىشىنى بىدئەت يۇندىسىغا چۆمۈلۈپ كەتكەن لەنىتى...ئىشەك ئەمگەن قاپاقباش ..دەپ تىللايدىغان ئىشلارنى قەتئى قىلمىساق دەيمەن..چۈنكى ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى قايىل قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەم ھوقۇقى بولمايدۇ.قايىل قىلىش اللەنىڭ قولىدا.پەقەت ئۆزىمىز ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئىدىيەنى دەلىل -ئىسپاتلىق ھەم ئىلمى بايان قىلىش ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزلا بار...قوبۇل قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى..خالىمىسا ئۇنىڭ ھىسابىنى بىز ئالمايمىز.ھەممەيلەن پەقەت بىر اللەغىلا ھىساپ بىرىمىز..سىز مۇنازىرىگە ھەر قانچە ئۇستا بولسىڭىزمۇ اللەدىن ۋە رەسۇلۇللادىن ئۇستا ئەمەس...دەلىل –ئىسپاتىڭىز ھەر قانچە ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ تەۋھىدنىڭ دەلىل-ئىسپاتىدىن كۈچلۈك ۋە ئېنىق ئەمەس..شۇنداق تۇرۇقلۇق اللە تەئالا  قۇرئان كەرىم دە مۇشرىكلەر بىلەن تەۋھىد مەسىلىسىدە  شۇنچە جىق ۋە قايىل قىلارلىق  مۇنازىرە قىلىپمۇ مۇشرىكلار قايىل بولمىغان..شۇڭا اللە تەئالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە سىنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈپ قويۇشتۇر،،،،سەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلالمايسەن..دەپ تەسەللى بەرگەن..يەنە «سەن كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلامتىڭ؟....»دىيىش ئارقىلىق زورلاپ قىلدۇرۇلغان ئىقرارنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان..كاپىرلارنى ئىمان ئېيتىشقا زورلاشقا بولمىغان يەردە ئۆزىمىزنىڭ قېرىندىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئازراق ئوخشىمايدىغان پىكرىگە زورلاپ ،قايىل بولمىسا تىللاشقا ئورۇن بارمۇ؟

ئىككىنچىدىن باشقىلارنىڭ باشقىچە كۆز قاراشلارنى قويۇشىغا يول قويۇش كىرەك ۋە ئاڭلاپ بېقىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك.چۈنكى ھەر قانچە كاتتا ئالىم بولسىمۇ.قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى ھىدايەت نۇرلىرىنى ھىچكىممۇ %100 تولۇق ھەم قىلچە خاتاسىز چۈشىنەلەيمەن دەپ ئېيتالمايدۇ..بۇيەردە بىر مىسال ئالساق بىر قېتىم خەلىفە ئۆمەر ئاياللارنىڭ تويلۇقىنىڭ كۆپ بولۇپ كىتىشىنىڭ خاتالىقى ھەققىدە تەبلىغ قىلغاندا توپ ئىچىدىن بىر ئايال چىقىپ ئى ئۆمەر،اللە بىزگە چەكلىمە قويمايۋاتسا سىنىڭ نىمە كارىڭ دىگەندە خەلىفە ئۆمەر  بۇئايال توغرا دەيدۇ،ئۆمەر خاتالىشىپتۇ دەپ دەرھال ئىقرار قىلغان.بۇ ئايالنىڭ دەلىل قىلغىنى «ئاياللارغا ھەر قانچە جىق مال دۇنيانى تويلۇق بەرسەڭلارمۇ ئۇنى قايتۇرۇۋالماڭلار..»دىگەن ئايەت ئىدى..بۇ ئايەتنى خەلىفە ئۆمەر ئوقۇپ تۇرسىمۇ ئەمما بۇ مەزمۇنغا دىققەت قىلمىغان..ئاددى بىر ئايال بولسا بۇنى دەلىل قىلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان..دىمەك  اللەتائالانىڭ ئىرادىسى ۋە ھىكمىتى بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى ھىدايەت نۇرلىرى تاكى قىيامەتكىچە اللە نىسىپ قىلغان ۋە تەپەككۇر قىلغان ئادەملەر ئۈچۈن ئېچىلىپ تۇرىدۇ..دەۋرىمىزدىكى سەييىد قۇتۇب،تەنتاۋى،زىندانى قاتارلىق ئۆلىمالارغا ئوخشاش..فىقھى مەسىلىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش..ھىچكىممۇ مەن ھەممىنى چالا قويماي توپتوغرا  بىلىمەن دىيەلمەيدۇ..شۇڭا زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشى دەيدىغان فىقھى قائىدىسى شەكىللەنگەن.. بۇنداق ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ  ئالاھىدىلىكى ۋە مەنىۋى  بايلىقى دەپ بىلىش كىرەك...بۇلاردىن پايدىلىنالايدىغان ئادەملەر پايدىلىنالايدۇ.. پەقەت ئەڭ مۇھىم ئىش شۇكى كىچىككىنە  غەيرى قاراشلارغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ كۆنگەن خۇي ۋە مەزھىبىمىز بويىچىلا ماڭساڭ بولاتتى دەپ جاھىللىق قىلىپ دىنى قېرىنداشلىقنى چۆرۈپ تاشلايدىغانلار دەل ئىختىلاپ تېرىيدىغانلاردۇر.. تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى ھەق دەپ تۇرۇپمۇ باشقا مەزھەپنىڭ قارىشىغا ئەمەل قىلغانلارنى ئەيىپلەشكە نىمە ھەددىڭىز؟ بۇنداق چاغدا ئۇنىڭمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانىكەنسىز سىزمۇ ئىشىڭىزنى قىلسىڭىزلا بولاتتىغۇ؟ نىمە دەپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالىسىز؟ مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە..ئېنىقكى بۇ يەردە تار مەزھەپچىلىك قارىشى ھۆكۈمران.شۇڭا ئاقىۋەتتە ئاشۇنداق فاجىئەلەر يۈز بىرىدۇ..ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرۈشكە كۇشكۇرتقان ئىنگىلىزلاردىن بىزگە ۋاپا كەلدىمۇ؟زىيان ئاخىرىدا يەنە بىزگە بولدى.دىمەك ئەھۋال مۇشۇنداق.دۈشمەنلەر ياخشى نىيىتى بىلەن جەدىتلەرنى،ۋاھابىلارنى تىللاشقا، يوقۇتۇشقا كۇشكۇرتۇپ قويۇپ ئۆزىمىزنىڭ يېغىدا ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇپ بىر چەتتە تاماششا كۆرۈپ ئولتۇرۇشىدۇ..زىيىنىنى بىز تارتىمىز،پايدىسىنى خەق كۆرىدۇ.بىزنىڭ ئەقىل ئىشلىتىپ دىنى قېرىنداشلىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزنى ئۇلار ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ.

ئەمدى نۇرس بۇرادەرنىڭ ئىجتىھاد ھەققىدىكى قاراشلىرىغا كەلسەك بۇ زاماننىڭ ھەقىقەتەن غەپلەت زامانى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن ئىتىراپ قىلىمىز.(سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىمۇ بۇنى خېلى تەپسىلى يازغان.بۇنىڭغا ھىچكىممۇ كۆز يۇمالمايدۇ).بۇ جەھەتتە سەلەفلەر دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئەمما بۇنى دەستەك قىلىپ  ھازىرقى دەۋردە بىرەرمۇ مۇجتەھىد چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەنلىك ئەمىلىيەتكە كۆز يۇمغانلىق..شۇڭا ھازىر سەلەفلەر دەۋرىدىكىدەك ئۇنداق كۆپ مۇجتەھىدلەرنىڭ چىقىشى تەس...  مىليون ئادەمدىن بىرى چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ..ئەمما كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم  ھاسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەندەك ھازىرقى دەۋرنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ بار..بۇنى تىمىدا يازدىم..ھەم ھازىر كىتاپ،گىزىت-ژورنال،تېلىفۇن،تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئاسان بولغاچقا ئۇنچىۋالا جىق مۇجتەھىدلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىمۇ ئۇنچىۋالا زۆرۈر ئەمەس بوپقالدى.(ئەسلىدە ھازىر بىزگە پەن ئالىملىرىنىڭ  كۆپلەپ چىقىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىدى.دىنى ئىلىملارنى ئالىملاردىن سوراپ بىلىپ ئەمەل قىلغىلى بولغان بىلەن سانائەتنى سورىۋېلىپ قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇ جەھەتتە مۇسۇلمانلار كافىرلارنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.بۇ فاجىئە بەكمۇ ئېچىنىشلىق ھەم خەتەرلىك ئىدى)ھەم ھازىرقى مۇجتەھىدلارغا قەدىمقى مەسىلىلەردە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغىدەك گەپمۇ ئاشمىدى..پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىن دەلىلگە يېقىنراقىدىن  بىرنى تاللاپ پەتىۋا چىقىرىش قالدى..شۇڭا كىلاسسىكلىرىمىز ئىچىدىكى ئىجتىھاد سالاھىيىتى بارلارنىڭ يېڭى بىر مەزھەپ شەكىللەندۈرمىگەنلىكى ياكى مەلۇم بىر مەزھەپ بويىچە ماڭغانلىقى ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر مەزھەپ بىلەن مېڭىش كىرەك دەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.پەقەت ئۇلار دەلىل –ئىسپاتنى ئاساس قىلىپ تەتقىق قىلغاندا نەتىجە ئىماملارنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئوخشاش چىققان..بۇنى مەزھەپكە ئەگىشىش دىمەيمىز بەلكى دەلىلگە ئەگىشىش دەيمىز..ھەتتا بەزىدە ئىمام شافىئى بىلەن ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغان مەسىلىلەرمۇ نۇرغۇن..بۇنىمۇ بىر-بىرىنىڭ مەزھىبىدە ماڭدى دىگىلى بولمىغاندەك ئىش.شۇڭا مەزھەپچىلەرنىڭ پالان-پوكۇن كاتتىلارمۇ مەزھەپ تۇتۇپ ماڭغان،سەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا نىمىتىڭ؟ دىيىشىنىڭ ئاساسى يوق..مەزھەپ تۇتمىغان ئادەمنىڭ ھەممە مەسىلىدە ئاشۇ مەزھەپلەرگە قارشى پىكىر بايان قىلىشى كىرەك ئەمەس..خۇلاسە شۇكى ھەر كىم دەلىل بىلەن گەپ قىلىشى ،دەلىل بىلەن مېڭىشى كىرەك..قايسى مەزھەپكە ماس كىلىپ قېلىشى مۇھىم ئەمەس.

ئەمدى نۇرچىلارنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارغا چىقىرىپ بەرگەن پەتىۋاسىغا كەلسەك مەن تىمامدا بۇ پەتىۋانى خاتا دىگىنىم يوق..پەقەت ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان دىگەنگە مىسال قىلدىم..ئەگەر ئۇلار بۇنداق بىر ئىجتىھادنى قىلغان بولسا چۆرۈپ تاشلاشقا ئالدىرىماي بۇنىمۇ ئويلىنىپ بېقىش كىرەك. دەلىل –ئىسپاتى نىمە؟ ،ئۇلار بۇ پەتىۋانى قانداق شارائىتقا قارىتا چىقارغان ؟ دىگەندەكلەرنى ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ..بىر ئايال ئۆزىنىڭ يارىسىنى ئەرلەرگە تاڭدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا ئەۋرىتىنى ئاچسىا  دۇرۇس بولىدىغان يەردە بىر مىللەتنىڭ يارىسىنى تېڭىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق تەدبىرقوللانسا بولماسمۇ؟ ئەركىن ھالەتتىكى مۇسۇلمانغا چىقىرىلغان بەلگىلىمە پاتقاقتىكى مۇسۇلمانغا چىقىرىلىدىغان بەلگىلىمىگە ئوخشامدۇ؟ بۇلارنى ئويلىنىپ نۇرچىلار ئاشۇنداق  پەتىۋا چىقارغان بولسا بۇنىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈپ قەدىرلەشكە ئەرزىمدۇ قانداق؟ بۇلارنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ..  زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشى قائىدىسى مۇشۇنداق يەرلەردە كۈچىنى كۆرسەتسە كىرەك.. ..
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-09-29 21:08قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 22:09

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-09-28 16:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
سايرام  قېرىندىشىم،  سىزنىڭ  ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.  باشتا ئىنتايىن ياخشى سۆزلەرپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ،  ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يەنە سەل ھاياجانلىنىپ قاپسىز.   كاپىرلارغا دەۋەت قىلىپ ھەقكە بۇرىيالمىغانلىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تازا ياخشى قىلمىدىڭىزمۇ قانداق؟  خۇددى  يۇقارقى ماقالىڭىزدىكى  بىر قىسىم مەزمۇنلارنى قۇبۇل قىلمىغانلارنى  شۇلارغا ئوخشاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
يەنە ئىنكاسىڭىزدا مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى ئۆزىدىن باشقا مەزھەپتىكىلەرنى ئەيىپلەيدۇ، دەپسىز.  ئەمما، مەن شۇنداق  ئويلايمەنكى، ھازىر  ھىچقانداق مەزھەپكە ئەگەشمەيدىغانلار مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئازغۇن، دەۋاتىدۇ.  مۇشۇ تېمىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرساقمۇ بۇنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.
مەن شۇنداق قارايمەنكى،  مەزھەپنىڭ  مەنىسىنى ۋە رولىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن  بىر كىشى مەيلى  قايسىلا مەزھەپتە ماڭسۇن  باشقا مەزھەبتىكىلەرنى ھەرگىز ھاقارەت قىلمايدۇ.  مەزھەبكە ئەگىشىش  ئۇقۇمىنى « تار مەزھەبچىلىك» دېيىش توغرا بولمىسا كېرەك.  
يەنە ئىنكاسىڭىزدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام شافىئىينىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرىنىڭ ئوخشاش چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھىچقايسىسىنى بىر بىرىگە ئەگەشتى، دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپسىز.  بۇ  ھەقىقەتەن توغرا. چۈنكى، ئۇلار بىر بىرىگە ئەگەشمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلالايدۇ.  ئەمما، يۇقارقى مەسىلىنى  بىزگە نەقىل قىلساق  ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى بىز ئەگەشكۈچى.
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئويلىنىش قېرىندىشىم.سىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن.ئىنكاسىڭىزدىكى «كاپىرلارغا دەۋەت قىلىپ ھەقكە بۇرىيالمىغانلىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تازا ياخشى قىلمىدىڭىزمۇ قانداق؟  خۇددى  يۇقارقى ماقالىڭىزدىكى  بىر قىسىم مەزمۇنلارنى قۇبۇل قىلمىغانلارنى  شۇلارغا ئوخشاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.»دىگەن ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك مەن بۇ ھەقتە ھىچكىمنى كۆزدە تۇتماي ھەممەيلەنگە قارىتا يازدىم.شۇڭا «سىز مۇنازىرىگە ھەر قانچە ئۇستا بولسىڭىزمۇ اللەدىن ۋە رەسۇلۇللادىن ئۇستا ئەمەس...دەلىل –ئىسپاتىڭىز ھەر قانچە ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ تەۋھىدنىڭ دەلىل-ئىسپاتىدىن كۈچلۈك ۋە ئېنىق ئەمەس.»دەپ يازدىم.ئەگەر« سىز»نىڭ ئورنىغا «مەن» دەپ يازغان بولسام ئاندىن سىز دىگەندەك مەزمۇن چىقىپ قالاتتى.بۇ يەردىكى «سىز» ھەر قانداق كۆز قاراشتىكى مۇسۇلماننى كۆرسىتىدۇ.بىر مۇسۇلماننى كافىرغا ئوخشىتىشتىن اللە ساقلىسۇن.بۇ بىر مىسال خالاس.ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنازىرىگە اللەدىنمۇ ۋە رەسۇلۇللادىنمۇ ئۇستا كىشىنى،پاكىتى ئېنىقلىقتا تەۋھىدتىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان مەسىلىنى مىسال كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بولغاچقا شۇنداق دىيىش توغرا كەپقالدى..دىمەكچى بولغۇنۇم ھەر قانچە كۈچلۈك پاكىتنى ھەر قانچە ئۇستىلىق بىلەن سۆزلىسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولۇش اللەنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ دىمەكچىمەن..ئىپادىلەشتە خاتالاشقان بولسام اللە كەچۈرسۇن.

ئەمدى سىزنىڭ «يەنە ئىنكاسىڭىزدا مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى ئۆزىدىن باشقا مەزھەپتىكىلەرنى ئەيىپلەيدۇ، دەپسىز.  ئەمما، مەن شۇنداق  ئويلايمەنكى، ھازىر  ھىچقانداق مەزھەپكە ئەگەشمەيدىغانلار مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئازغۇن، دەۋاتىدۇ.  مۇشۇ تېمىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرساقمۇ بۇنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.» دىگەن ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك ھەقىقەتەن ئىككىلا تەرەپتە ئاشۇرۇۋىتىش قىلمىشى مەۋجۇت. شۇڭا مەن بۇنداق ئىشلارنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن.

  مەزھەبكە ئەگىشىش  ئۇقۇمىنى « تار مەزھەبچىلىك» دېيىش توغرا بولمىسا كېرەك. دىگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك مىنىڭ بۇ يەردە تار مەزھەپچىلىك دىگىنىمنى خاتا چۈشەنگەندەك قىلىسىز.بۇنىڭغا مۇنداق مىسال ئالايلى.شافىئى مەزھىبىدە نامازدا ئۈچ يەردە قول كۆتۈرۈپ ئوقۇيدۇ.ئامىننى ئاشكارا توۋلايدۇ.ئەمما ھەنەفى مەزھىبىدە ئۇنداق قىلمايدۇ..تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا يول دەپ تۇرۇپ نامازدا قول كۆتۈرگەننى ،ئامىننى ئاشكارا توۋلىغاننى ئەيىبلەيدىغان ھەتتا نامازنى بۇزۇپلا تىللايدىغانلارنى نىمە دىسەك بولار؟ ئۆزىڭىز شافىئى مەزھىبىنىمۇ توغرا دەپ قارايسىزيۇ ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئامىننى توۋلىشىنى ئەيىبلەيسىز؟ توغرا ئىش قىلغان ئادەمنىمۇ ئەيىبلەش توغرىمۇ؟ توغرا ئىشنى  قىلغان ئادەم ئىختىلاپ تۇغدۇرغان بولامدۇ ياكى توغرا ئىشنى قىلغان ئادەمنى تىللىغان ئادەم ئىختىلاپ تۇغدۇرغان بولامدۇ؟دىمەك ئۇ ئادەمنىڭ ئاغزىدىكى تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن گەپ يالغان.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇرىدا مىنىڭ مەزھىبىملا- توغرا دەيدىغان تار مەزھەبچىلىك ھۆكۈمران ،شۇڭا باشقا مەزھەب بويىچە ئىش قىلغان ئادەمنى يامان كۆرىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ئامىننى توۋلىشىغا ،قولىنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇشىغا ئارلاشمىغان بولاتتى دىمەكچىمەن .تار مەزھەبچىلىك دىگىنىم -مۇشۇ.  ئەمدى چۈشىنىشلىك بولسا كىرەك.

«  ئۇلار بىر بىرىگە ئەگەشمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلالايدۇ.  ئەمما، يۇقارقى مەسىلىنى  بىزگە نەقىل قىلساق  ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى بىز ئەگەشكۈچى.»

مەن يۇقارقى گىپىمنى ھەممە ئادەمگە نەقىل قىلمىدىم.پەقەت ئىلمى سالاھىيىتى بار ئادەملەرگە ماس كىلىدۇ دىدىم..

 

بىر مەسجىتتە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى نەچچە خىلغا يېتەر؟ دىگەن گىپىڭىزگە كەلسەك بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىز ئارتۇقچە.ئەگەر سىز دەلىل بويىچە ئىش قىلسىڭىزلا نەچچە خىل ئوقۇلسا نىمە يامىنى؟ مانا بۇ يەردىمۇ سىز باشقىلارنى مىنىڭ مەزھىبىم بويىچىلا ماڭسا بولاتتى،ئامىننى توۋلىمىسا ،قولىنى كۆتۈرمىسە دىمەكچى...بايا دىگەندەك تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن گەپنى چىن يۈرىكىڭىزدىن دىگەن بولسىڭىز بۇنداق گەپلەرنى دىيىشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.توغرا ئىش قىلغان ئادەمگە تەنقىت يوق..ئاشخانىغا كىرسىڭىزمۇ سىز لەغمەن يىسىڭىز يەنە بىرسى پولو يەيدۇغۇ..ئۇنىڭغا ئىنكار قىلالمايسىزغۇ؟ئەگەر يۇقارقى گېپىمىز ھەقىقەتەن راست بولسا، ئۇنداقتا  مەلۇم بىر ئىشنى  باشقىچىراق ھالەتتە بىجىرگەنلەرنى(ئۆلىمالارغا ئەگەشكەن ئاساستا) ئەيىبلەۋەرمەيلى! توغرا ! مەنمۇ شۇنداق دىمەكچىمەن.ھەممەيلەن مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلساق بولاتتى...قالغان گەپنى يۇقۇرىدا دەپ بولدۇم.

 ئەگەر يەنە مېنىڭلا توغرا، باشقىلارنىڭ خاتا، دەيدىغان قېرىنداشلار بولسا بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمغا جاۋاب بېرىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. دەپسىز..بۇ يەردە ھىچكىم مىنىڭلا توغرا ،باشقىلارنىڭ خاتا دىمىدى..پەقەت دەلىل-ئىسپات بويىچە ئەمەل قىلايلى،قارىغۇلارچە ئەگىشىشنى تۈگىتەيلى دەپ پىكىرلىشىۋاتىمىز...سىزنىڭ بىرنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك مەن مۇشۇ تىمىنى يوللىغان ۋاقىتتىلا مۇشۇنداق سوئاللارنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان..ئەگەر سىز ئۇ سوئالنى سوراشتا ئەڭ توغرىسىنى بىلىۋالاي دىگەن مەقسەتتە سورىسىڭىز بۇنىڭغا ھەر قايسى بىلىملىك تورداشلاردىن جاۋاپ چىقىشى مۇمكىن..ئەگەر قەستەن پۇتاق چىقىرىش مەقسىتىدە سورىغان بولسىڭىز بۇنى مۇھاكىمە قىلىش بىر ئاۋارىچىلىق.. ئەڭ ئاساسى قائىدىنى مۇستەھكەملىمەي تۇرۇپ بۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ..بۇ يەردە مەن تىرمىزى خاتىرلىگەن مۇنداق بىر سەھىھ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىمەن.

2- خەلىفە ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىبن ئۆمەردىن بىرەيلەن ھەج تەمەتتۇئ (بىر خىل ھەج )ھەققىدە سورىغاندا ئۇ-، ھەج تەمەتتۇئ ھالال،ئۇنى رەسۇلۇللامۇ ۋە بىزلەرمۇ قىلغان دىدى. ھېلىقى كىشى -، ئەمىسە داداڭ (خەلىفە ئۆمەر) ئۇنى چەكلەۋاتىدىغۇ؟ دىگەندە ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر -،دەپباققىنا ،ئەگەر بىر ئىشنى رەسۇلۇللا بۇيرىسا،دادام چەكلىسە كىمنىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلىش كىرەك- دىدى. ھېلىقى كىشى -،ئەلۋەتتە رەسۇلۇللانىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلىش كىرەك دىۋىدى ئابدۇللا -،ئۇنداق بولسا ئۇ ھەجنى رەسۇلۇللا قىلغان،بىزمۇ قىلغان.دىدى.اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن(جامىئۇتتىرمىزى،ھەج كىتابى )
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 22:39

 
[quote]بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-09-28 23:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 

شۇنداق، مەن شافىئىي مەزھىبىنىمۇ توغرا دەپ قارايمەن،  شۇڭا  ئۇ مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى ئەيىبلىمەيمەن، مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم نامازدا ئامىننى ئۈنلۈك دەيدۇ، مەن ئىچىمدە دەيمەن.  ئەمما مەن ئۇ دوستلىرىم بىلەن بۇ توغرىدا بىرەر قېتىممۇ ئىختىلاپلىشىپ قالمىدىم.   ئۇلارنىڭ توغرا ئىش قىلغانلىقى  راست،  مېنىڭمۇ توغرا ئىش قىلغانلىقىم راست،  ئۇلارمۇ  توغرا دەپ قاراپ شۇ مۇجتەھىدكە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئىنشائاللاھ ئەجرى بېرىلىدۇ،  ماڭىمۇ ئاللاھ خالىسا ساۋاب بېرىدۇ،  چۈنكى  ئۇمۇ ۋە مەنمۇ  بۇ ئىشنى ئۆزىمىز تېپىۋالمىغان. ئېھتىمال بىرسىنىڭ ساۋابى ئارتۇق، يەنە بىرسىنىڭ كەم بولۇشى  مۇمكىن،  ئەمما، مەن ئۇنىڭ قايسىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.  ئەمما، بىردەم ئۇنداق بىردەم بۇنداق قىلىپ مەيدانىم ئېنىق بولمىسا پىتنىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىم ۋە ساۋابىم تېخىمۇ كېمىيىپ كېتىدىغانلىقى  ئېنىق.  
باشقا مەزھەبتىكىلەرنى ئەيىبلەيدىغانلار  ئېنىقكى  مەزھەبكە بولغان چۈشەنچىسى  ئېنىق بولمىغانلار. ئەمما  ئۇلارنى ھىچقانداق مەزھەبكە ئەگەشمەيسەن، پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا ئەگىشىسەن، دېيىش  تېخىمۇ ئەخمىقانىلىك.  مەزھەبنىڭ نېمىلىكىنى تولۇق ئاڭقىرالمىغان ئادەم  رەسۇلۇللاھنىڭ توغرا يولىنى  ئۆزى قانداقمۇ ئاڭقىرالىسۇن؟  شۇڭا  ئۇنداق  ئادەملەرنىڭ  يەنىلا مەلۇم مەزھەب ئالىمىغا ئەگەشكىنى  ئەڭ  ياخشى.
.......

[/
quote]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئويلىنىش قېرىندىشىم اللە رەھمەت قىلسۇن. نەزەر دائىرىڭىز كەڭرى ھەم ئوچۇق ئىكەن.ئەسلىدە باشقا مۇسۇلمانلارمۇ سىزگە ئوخشاش كەڭ قورساق ھەم دىنى قېرىنداشلىقنى ھەممىدىن مۇھىم بىلسە بۇنچىۋالا زىددىيەتلەرمۇ بولمىغان ياكى بولسىمۇ ئاسانلا ھەل بولغان بولاتتى..ئەپسۇس خېلى -خېلى كىشىلىرىمىزمۇ سىزدەك بولالماي زىددىيەتنى ئاۋۇتىۋاتىدۇ..يۇقۇرىدا يازغىنىمدەك  تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە توغرا يول دەپ ئاغزىدا سۆزلەپ قويغان بىلەن كىچىككىنە ئىشتا ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى كۆزىگە سىغدۇرالمايۋاتىدۇ..ئاددىسى ئامىننى سەل ئۈنلۈك توۋلاپ قويغان ئادەمنى نامازنى بۇزۇپلا "ئاناڭنى ....تى "دەپ تىللىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەردى..ھەتتا  ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدابىر مەسجىدتە بىر ياش بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىشنىمۇ ئاڭلىدىم.ئاشۇنداق مەسجىدتە ئوقۇغان نامازنى قايتا ئوقۇش كىرەكلىكىنى ئۇستازىمىز بىزگە دەپ بەرگەن ئىدى...نامازدا بارماق كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت سۈننەتنى قىلغاننى تىللايدىغانلار ھېلىھەم نۇرغۇن..ھەتتا ئاشۇ بارمىقىنى سۇندۇرۇۋىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلارنىمۇ ئاڭلىدىم...مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆزىنى ئۆلىما دەپ ھىساپلايدىغان ئادەملەر قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ..مانا مۇشۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ ئاغزى بىلەن دىلىنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.بەلكىم سىزگە ئوخشاشلار سىزنىڭ مەھەللىڭىزدە ئىنتايىن ئاز چىقسا كىرەك..


يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا "سىز'" دەپ يېزىلغان بارلىق  گەپلەر نوقۇل ھالدا سىزنىلا كۆرسەتمەيدۇ..بەلكى شۇ خىل پىكىردىكى ھەممەيلەنگە قارىتا دىيىلگەن..شۇڭا خاتا چۈشىنىۋالمىغايسىز...

ئىچىمىزدە ئىختىلاپ بولغىدەك ئىشلار ئۇنچە جىقمۇ ئەمەس..نامازدا ناھايىتى شۇ بەزىلەر قول كۆتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. بەزىلەر  كۆتۈرمەيدۇ.بەزىلەر ئامىننى توۋلايدۇ.بەزىلەر توۋلىمايدۇ.بەزىلەر بارماق كۆتۈرىدۇ.بەزىلەر كۆتۈرمەيدۇ...مۇشۇنچىلىك ئىشلار..6-7 خىل ناماز ئوقۇيدىغان ئىش يوق..

رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىدىن ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا دەلىل ئىسپاتلىرى بار.گەرچە بەزىسىنىڭ كۈچلۈك،بەزىسىنىڭ ئاجىزراق بولسىمۇ .بىز بۇلارنى بىر خىللاشتۇرۇشقا بەك كۈچەپ ئاداۋەت پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا ناماز ئوقۇمايدىغانلارنى مەسجىدكە ئەكىرىشكە ئەڭ بەك كۈچىسەك بولاتتى .ئاندىن  قالغان ئىشلار قېرىنداشلىق ئاساسىدا ھەل بولاتتى....

ئەمدى سىزنىڭ كىيىنكى گىپىڭىزگە كەلسەك بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتا بار..مەزھەپلەر ئىچىدە بەزىبىر پىكىرلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئاجىز بولۇپ يەنە بىر مەزھەپتىكى قاراشنىڭ دەلىلى كۈچلۈك چىقىدىغان ئىشلار تولا يۈز بىرىپ تۇرىدۇ..بۇنداق چاغدا مەلۇم بىر ئىشنىڭ خاتا ياكى دەلىلى ئاجىزلىقىنى بىلىپ قايىل بولماي تۇرۇپمۇ يەنىلا مەزھىبىم بويىچە ماڭىمەن دىيىش ئىلىملىك ئادەم ئۈچۈن قەتئى توغرا كەلمەيدۇ..شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنىڭ كۈچلۈكرەك دەلىلىگە ئەگىشىپ  باشقىچىراق بىر ئۇسۇلدا ئىش  قىلىدۇ.    بۇنداق قىلغانلىق ھەرگىزمۇ «جاۋابى چىقىپ بولغان مەسىلىلەرنى يەنە مۇھاكىمە قىلىپ، ئىلگىرىكى مەلۇم ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا ئوخشاش پەتىۋانى چىقىرىپ  ئاندىن ئۆزىنىڭ  ئىسمى بىلەن ئاتىغانلىق "ئەمەس.. ئۆزى قايىل بولمىغان ئىشنى قىلىۋىرىش ئىلىم ئەھلىگە ياراشمايدۇ..تۈركلەر بۇنداق قىلسا مەيلى...بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى بار..

شۇڭا سىزنىڭ «ئاندىن  شۇ ھازىرقى  ئۆلىمالارنىڭ  پەتىۋاسىغا ئەگەشكەنلەر  پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن، سۈننەتنى تۇتقان  دەپ ئاتىلىپ، ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسى  بويىچە ئىش قىلغانلار مەزھەپ تەئەسسۇپلىرى،  پەيغەمبەردىن مەزھەب پىشۋاسىنى ئارتۇق كۆرگەن.... دەپ ئاتالسا  بۇ  ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟   » دىگەن سۆزلىرىڭىز ئالىملارغا ماس كەلمەيدۇ..

ئەمدى تاماق مەسىلىسىگە كەلسەك بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئوخشاتقانلىق ھەممە جەھەتتىن ئوخشاتقانلىقنى ياكى ئوخشايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ..مەن بۇ يەردە پەقەت توغرا ئىش قىلغان ئادەم بىلەن ھەپىلەشمەسلىكىمىز كىرەك دىمەكچى.ئۇنچىۋالا زىغىرلاپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

 خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇ قىلمىشى ئىجتىھادقا دائىر بىر ئىش..شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن رەسۇلۇللا بىلەن قارشىلىشىپ كافىر بولۇپ كىتىش مەسىلىسى كىلىپ چىقمايدۇ..بەلكى تىمىدا يازغاندەك خاتالاشسىمۇ بىر ئەجر ئالىدۇ..شۇڭا ئۇ سۆزلەر ئارتۇقچە..پەقەت رەسۇلۇللانىڭ سۆزىلا قىلچە رەت قىلىنمايدۇ..

ئالدىراپ ئىنكاس يېزىپ قالدىم.داۋامىنى اللە خالىسا تولۇقلايمەن..

 

 

 
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 22:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار يۇقۇرىدىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا ھەممەيلەننىڭ پىكرى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كىلىپ بولدى دىگەندەك مەزمۇن چىقىدىكەن.ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم مەزمۇنلاردا بىرلىك بولمىدى..بىرىنچىدىن ئىجتىھاد رىسالىسىدىكى ئىجتىھادنى چەكلەش ھەققىدە..مىنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چۈشەنگىنىم شۇكى ئاپتور بۇ ماقالىسىدە كىيىنكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ چىقىشىنىڭ دۈشمەنلەرگە يوچۇق ئېچىپ  مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى،بۇ زاماندىكى كشىىلەر ئىچىدە سۇفيان ئىبن ئۇيەينەدەك تۆت يېشىدىلا قۇرئاننى يادلاپ ئالىملار بىلەن سۆھبەتلىشەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ چىقمايدىغانلىقى (ئەگەر بۇ گەپ راس بولسا) ھازىرقى زاماننىڭ نۇرغۇن ئىدىيە بۇلغۇنۇش جەھەتتە ئالدىنقىلارنىڭ دەۋرىگە ئەسلا يىتەلمەيدىغانلىقى،ئۈچ سەۋەپتىن ھازىرقى ئىجتىھادلارنىڭ ئەرزى ھەم ھەۋەسى بولىدىغانلىقى ھالبۇكى شەرىئەتنىڭ ساماۋى ئىكەنلىكى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئىنسان،مەنمۇ ئىنسان،مەنمۇ نىمە ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلالمايدىكەنمەن..... دىيىشى توغرا بولمايدىغانلىقى بەلكى دىيىشكە ھەققى يوقلىقى قاتارلىق بىر قاتار توسقۇنلۇقلارنىڭ بارلىقىنى مىسال قىلىپ يازغانلىقى ئاپتورنىڭ نۇرس بۇرادەرنىڭ يازمىسىدىكى ئىككىنىچى تۈردىكى ئىجتىھادنىمۇ چەكلىمەكچى بولغانلىقىنى..بەلكى ئۆز مەزھىبىمىز بولغان ھەنەفى مەزھەبنىڭ قاراشلىرىنى ئەينەن ۋە ئىلغىماي قوبۇل قىلساق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاف ۋە زىددىيەت چىقىشتىن ساقلىنىپ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچلەنسە دىمەكچى بولغان ..ئەگەر ئاپتور بىرىنچى تۈردىكى ئىجتىھادنىلا چەكلەپ ئىككىنجى تۈردىكى ئىجتىھادنى تەشەببۇس قىلماقچى بولسا ماقالىسىدا بۇنى ئەينەن يازغان بولاتتى..ھەم بىرىنجى تۈردىكى ئىجتىھادنى قىلماقچى بولغانلارغا دىگىدەك يېڭى گەپ قالمىغانلىقىنى سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى بىزدىن ياخشىراق چۈشىنىدۇ..كىيىنكىلەرگە پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئىجتىھادلىرىدىن كۈچلۈكرەكىنى تاللاپ ئەمەل قىلىش پۇرسىتىلا قالدى.  بۇرۇنقى ھىچكىم دەپ باقمىغان يىپ –يېڭى بىر گەپنى تېپىپ چىقىش ھازىر ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇ ھەزرەتلىرى ئوبدان بىلىدۇ دەپ قارايمەن..شۇڭا مەن بۇ تىمىنى يازغان..كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ئەگەر مەنمۇ سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام بەلكىم ئاشۇنداق تەدبىر قوللانغان بولاتتىم..ئويلاپ باقايلى..چوڭ نىشان ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ تەشكىلات قۇرغان ۋە ئەزالىرىنى تەربىلەۋاتقان بىر ئەمىر ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ئۇششاق ماجرا ۋە مەزھەپ ئىختىلاپلىرىنىڭ چىقىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ..ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەزالار ئارىسىدا بىرىنجى تۈردىكى ئەمەس ئىككىنچى تۈردىكى ئىجتىھادنىمۇ جايىدا قىلالىغۇدەك ئادەملەرنىڭ چىقىشىمۇ ناتايىن..چىققاندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بۇنىڭدىمۇ مۇھىم..بۇنداق ئۇششاق مەزھەپ مەسىلىلىرىنى چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ  مۇلاھىزە ۋە بىرتەرەپ  قىلسىمۇ بولىدۇ..مەسىلەن. ئۇلار نامازدا ئامىننى ئۈنلۈك دىيىش ئەۋزەلمۇ ياكى مەخفى دىيىش ئەۋزەلمۇ دەپ بىر-بىرى بىلەن كىتاپ ئېچىشىپ بىرسى «ھىدايە»نى كۆتۈرۈپ چىقسا يەنە بىرسى ئەلبانىنىڭ تەتقىقاتىنى دەستەك قىلىپ مۇنازىرە قىلىشىپ  ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بىر چەتتە قېپقالىدۇ..ئاندىن ئەزالار ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن قىزىرىشىپ بىرسى  بىرسىنى ۋاھھابى،خۇراپى،مۇتەئەسسىپ،مەزھەپپەرەس دەپ ئەيىبلىشىدىغان ئىناقسىزلىق پەيدا بولۇپ چوڭ ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇقەررەر .شەيتان دائىم ئىنسان بىلەن بىللە..بۇيەردە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھەسەنۇلبەننا ھەزرەتلىرىنىڭ مۇنداق بىر ۋەقەسىنى ئەسلەپ قالدىم..ھەسەنۇل بەننا ھەزرەتلىرى ئۆزى تەراۋىھ نامىزىنى سەككىز رەكئەت ئوقۇيدىكەن..بىر قېتىم بىر مەسجىد ئاھالىسىنىڭ بىرقىسىمى سەككىز رەكئەت ئوقۇيمىز دەپ ،يەنە بىر قىسمى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇيمىز دەپ ئىختىلاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنداق قىلغىچە ئەڭ ياخشىسى مەسجىدنى تاقاپ قويۇپ ئۇخلاڭلار دىگەنىكەن..ئۇلار ھەيران قېلىپ بۇ قانداق گەپ؟ دىگەندە -، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى پەرز،تەراۋىھ نامىزى بولسا بىر سۈننەت،بىر سۈننەتنى دەپ بىر پەرزنى نابۇت قىلغىچە ئۇخلىغىنىڭلار ياخشى دەپ چۈشەنچە بىرىپتىكەن .مانا بۇنى دانىشمەنلىك دەيمىز..

خۇددى مۇشۇنىڭدەك سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىمۇ ئەزالار ئارىسىدا ئۇششاق ئىشلاردا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزالارنىڭ كۆپچىلىكى ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان ھەنەفى مەزھىبىدە ئاللىقاچان تەتقىق قىلىنىپ ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەرنى ھازىرقى زاماندا باشقىلارنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەزھەپ بويىچە ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېڭى كۆتۈرەلمەيدىغان ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ دۈشمەنلەرگە يوچۇق ئېچىپ بەرگىچە ئەڭ مۇھىم بولغان ئەقىدە –ئىتىقات،بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى بەكرەك تەشەببۇس   قىلغان بولسا كىرەك.(شۇلار ئارىسىدىمۇ تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى توغرا دەپ تۇرۇپمۇ ئامىننى توۋلىغانلارنى ،قول كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنى سەت كۆرىدىغانلارنىڭ بارلىقى ئېنىق.).ئەلۋەتتە بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ..شۇڭا مەن  سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ماقالىسىدا قايسى ئىدىيەنى ئالغا سۈرمەكچى بولغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشنى خالاپ كەتمىدىم.چۈنكى ئۇ كىشى قانداق قاراشتا بولسۇن بىزلەرگە دەلىل-ئىسپات بولالمايدۇ.بۇنىڭغا ھەممەيلەن قايىل..

نۇرس بۇرادەرنىڭ ئىجتىھادنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىككىنجىسى     ھۆكۈملەرنى تەتبىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىھاد دىگىنى سەل گۇڭگاراق بولۇپ قالغان..يۇقۇرىدا بىرىنچى تۈردىكى ئىجتىھادنى قىلىش ئۈچۈن ئورۇن قالمىغانلىقىنى ،چۈنكى دىگىدەك يېڭى گەپ قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق..ئەمما ئىككىنچى تۈردىكى ئىجتىھاد يالغۇز بۇرۇنقى ئىجتىھادنى  تەدبىقلاشلا ئەمەس،بەلكى بۇرۇنقى نۇرغۇن ئىجتىھادى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ قايسىسىنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىپ ئاندىن شۇ بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش.مانا بۇ ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئىجتىھادى..مانا بۇ ئىجتىھاد بويىچە ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ بەزىبىر ھۆكۈملىرىنىڭ دەلىلىنىڭ زەئىفلىكى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ.. بىرىنجى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا يازغاندەك مالىكى مەزھىبىنىڭ نامازدا قول باغلاپ تۇرماي قولىنى تاشلاپ تۇرۇشى،روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ قالسا روزىسى بۇزۇلىدۇ دەپ ھۆكۈم  قىلىشى ... ..بۇنداق مەسىلىلەر ھەر قايسى مەزھەپلەردە ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئۇچرايدۇ..مۇشۇنداق چاغدا ئاشۇ ھۆكۈملەرنىڭ خاتالىقىنى بىلگەن كىشىنىڭ يەنىلا بۇرۇنقى مەزھىبى بويىچە مېڭىشى خاتا بولىدۇ..چۈنكى بۇنداق قىلغانلىق مەزھەبنى دەلىلدىن ئەلا بىلگەنلىك بولۇپ قالىدۇ..شۇنىڭ بىلەن ئازراق زىددىيەت باشلىنىدۇ.. (سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ قىش ۋاقتىدا ئۆيدىن يوچۇق ئېچىپ  يۈرگىچە بۇرۇنقى پىتىچە مېڭىپ تۇرساق دىمەكچى بولسا كىرەك)...ئىككىنجى تۈردىكى ئىجتىھاد مۇشۇ تۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ..مىنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىم ۋە زامانىمىزدىكى بىر قىسىم مۇجتەھىد دەرىجىلىك ئالىملارنىڭ قىلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ خىل ئىجتىھاد.بۇنى ئۇلارنىڭ پەتىۋا ۋە ماقالىلىرىدىن ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ بىرىنجى خىل ئىجتىھادنى قىلىشقا سالاھىيىتى بار بولسىمۇ ئەمما ئىھتىياج يوق..

ئىككىنجى مەسىلە تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن ئىدىيە. مەن يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن ئىكەنسىز باشقا مەزھەب بويىچە ئىش قىلغاننى ئەيىبلىشىڭىز ئاغزىڭىزدىكى گەپكە زىت كىلىپ قالىدۇ دەپ چۈشەندۈرگىنىمدىن باشقىلار بۇ مەسىلە بىرلىككە كىلىندى دەپ چۈشىنىپ قاپتۇ.. تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن  گەپنى ئويلىنىپ كۆرگەن چېغىمىزدا بۇ گەپنىڭ نىمە مەقسەتتە دىيىلگەنلىكىنى ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ..ئەگەر بۇ گەپ  تۆت مەزھەبنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلى توغرا دىگەن مەنىدە دىيىلگەن بولسا توغرا.. چۈنكى تۆت مەزھەپ قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتنى ئاساس قىلىپ ئىجتىھاد قىلىدۇ..بۇ مەنىدە بولغاندا يالغۇز تۆت مەزھەپلا ئەمەس بەلكى باشقا نامى چىقمىغان مەزھەپلەرمۇ  توغرا . تۆت مەزھەپ مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ گەپنى دىيىلگەن بولىدۇ..

ئەگەر «تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا» دىگەن بۇ گەپ ئۇلار ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم  چىقارغان ھەممە مەسىلە توغرا دىگەن بولىدۇ دەپ چۈشەنسەك بۇنداقتا مەسىلە چىقىدۇ..يۇقۇرىدا بىز ھەقىقەتنىڭ پەقەت بىرلا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئۆتتۇق..مىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا يازغاندەك تۆت مەزھەپ ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدىغان بىر مۇنچە ھۆكۈملەر بار..بىرسى ھالال دىگەننى يەنە بىرسى ھارام دەيدىغان..ھەتتا بىر مەزھەپ ئارىسىدىمۇ بۇنداق زىددىيەتلىك ھۆكۈملەر نۇرغۇن.بۇنىڭ مىساللىرىنى بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا خېلى ئوچۇق يازدىم. تۆت مەزھەپنىڭ ھەممە ھۆكمى توغرا دىگەن چۈشەنچە بۇ ئەمىلىيەت بىلەن زىت كىلىپ قالىدۇ. (چۈنكى ھالال ۋە ھارام دىگەن ئىككى ھۆكۈمنىڭ ئىككىلىسى توغرا بولمايدۇ).شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرىدىكى ھەقىقەت دىگەن پەقەت بىرلا بولىدۇ دىگەن ئىقرارىمىزغا زىت گەپ قىلغان بولىمىز..ئۇنىڭ ئۈستىگە رىدا بۇرادەر ئىنكاسىدا « ئىككىلى قاراشتىكىلەرنىڭ ھىچبىرى تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلى قارىشىغا ئەمەل قىلغانلارنى نە بىرىنجى قاراشتىكىلەر بولسۇن ۋەياكى ئىككىنجى قاراشتىكىلەر بولسۇن چوقۇم بىرىنى توغرا، قالغىنى خاتا دىگەن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىنىڭ توغرا، قالغىنىنى خاتا دىگەن خۇلاسىگە كەلمىگەن، بەلكى بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۆز قاراشلىرىدىن: «تۆتىلى مەزھەپنىڭ قارىشى توغرا بەلكى تۆتىلى مەزھەپنىڭلا ئەمەس ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا» دىگەن خۇلاسىنى قاراشلىرىدىن تارتىپ ئىلىپ چىققان. مەسىلەن: بىرىنجى قاراشتىكىلەرنى ئالساق: مەسىلەن ئۇلارنىڭ: ھەممە مۇجتەھىدنىڭ قارىشى توغرا دىگەن سۆزىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى فۇرۇئاتتا ھەق، ھەممىسى توغرا. چۈنكى بۇلارنىڭ قارىشىدا ھەممە مۇجتەھىدنىڭ توغردىن نىسىۋىسى بولىدۇ.» دىگەن ئىنكاسى ئەمىلىيەتكە زىت ..« بىرىنىڭ توغرا، قالغىنىنى خاتا دىگەن خۇلاسىگە كەلمىگەن» دىگەنلىك مەزھەپكە قارىتا دىيىلگەن بولسا توغرا..ئەمما ھەر بىر مەسىلىگە قارىتا دىيىلگەن بولسا خاتا..چۈنكى ئىمام ئەزەم ھالال دىگەن نەرسىنى شاگىرتلىرىنىڭ ھارام دىگەنلىكى ئىمام ئەزەمنىڭ ھۆكمىنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق  ئىسپاتلايدۇ..ئۇنى توغرا دىسە ئۇنىڭغا قارىمۇ قارشى كىلىدىغان گەپنى قىلاتتىمۇ؟   ئەمىلىيەت شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ« ئۇلار  بىر-بىرىنىڭ پىكرىنى خاتا دىيىشمىگەن» دەپ ئاقلاشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.پەقەت ئۇلارنىڭ گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ ،بوغۇشمىغان يېرى بار خالاس..

توغرا!    ھەممە مۇجتەھىدنىڭ توغرىدىن نىسىۋىسى بولىدۇ.» شۇڭا ھىچقانداق بىر مۇجتەھىدنىڭ ھەممە ھۆكمى خاتا دىمەيمىز.بەلكى ئۇنىڭمۇ توغرىنى تاپالىشى مۇمكىن.خاتالىشىشى ھەم مۇمكىن.. ھەر بىر مۇجتەھىدنىڭ توغرىدىن نىسىۋىسى بولغانلىقى، ھەقىقەت  نىڭ  ئىجتىھادىي مەسىللەردە مۇجتەھىدلەر ئارىسىدا چىچىۋىتىلگەنلىكى تۆت مەزھەپنىڭ بەلكى ھەممە مۇجتەھىدنىڭ  ھەممىسى فۇرۇئاتتا ھەق، ھەممىسى توغرا دىگەننى  ئۇقتۇرمايدۇ..

مەسىلەن .بىرنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا ئىبن ئابباسنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ گىپىگە ئىتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۇنىڭ گىپىنى خاتا دىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ..

كىيىنكى ئىنكاسىمدا ئابدۇللا ئىبن ئۆمەرنىڭ ئوچۇق ھالدا دادىسىنىڭ گىپىنىمۇ خاتا دىگەنلىكى ئېنىق..

يەنە تىرمىزىدا مۇنداق بىر ۋەقە خاتىرلەنگەن.تابىئىلاردىن ۋەكىئ دىگەن كىشى  رەسۇلۇللانىڭ  ھەديە تۆگىلەرنىڭ لوكىسىنى يېرىپ قان چىقىرىپ بەلگە سالغانلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ بۇنداق بەلگە سېلىش سۈننەت ، ئەھلى رەئيىلەرنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماڭلار،ئۇلارنىڭ گىپى بىدئەت. مۇشۇنداق بىر سۈننەتنىمۇ ئەبۇ ھەنىفە «تۆگىنى ئورۇنسىز يارلاندۇرۇش(مۇسلە) »دەپتۇ  دىگەندە يېنىدىكى بىر ئادەم ئۇ ئىبراھىم نەخەئىنىڭ مۇشۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان دىگەن.شۇنىڭ بىلەن ۋەكىنىڭ غەزەپ ئاچچىقى كىلىپ
«مەن ساڭا رەسۇلۇللانىڭ گىپىنى قىلىۋاتسام سەن ئىبراھىم نەخەئىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسەن،زىندانغا سولاپ قويۇپ توۋا قىلمىغىچە چىقارمايدىغان نىمىكەنسەن دىگەن.(جامىئۇتتىرمىزى.ھەديەتۆگىسىگە بەلگە سېلىش ھەققىدىكى باب).. ئىمام شافىئىنىڭ «ئۇم» دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇساقمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ قارشى پىكرىنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق چىقىدۇ..يەنە ئىمام بۇخارىمۇ ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىدا ئوننەچچە يەردە ھەدىسنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن بەزى ئادەملەر بۇنىڭغا قارشى مۇنداق گەپلەرنى قىلغان دەپ بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

مانا بۇ ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ ھەممە مۇجتەھىدنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.. ئۇلارنىڭ زادى قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىش بەزىدە ئاسان..بەزىدە نۇرغۇن ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش كىتىدۇ..ئەمما مۇھىمى شۇكى بىركىشى ئىزدىنىپ ،تەتقىق قىلىپ مەلۇم بىر مۇجتەھىدنىڭ ياكى مەلۇم بىر مەزھەپنىڭ مەلۇم بىر مەسىلە ھەققىدىكى پىكرىنى خاتا دەپ نەتىجە چىقارسا ئۇ كىشىنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ  يەنىلا شۇ ئۆزى خاتا دەپ چىقارغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىۋىرىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن توغرا ئەمەس.بۇ كىشىنىڭ ھەققىدە ئۇنىڭ  ئاشۇ ئىزدىنىش نەتىجىسى ھەق بولىدۇ.. ۋەھبەتۇززۇھەيلىنىڭ « ھەق ھۆكۈم  بىر نەچچە مۇجتەھىدنىڭ ئىچىگە چىچىۋىتىلگەن ۋە چوقۇم شۇلار ئىچىدىكى پەقەت مۇشۇنىڭلا ھەق دەپ كىسىپ ئىيتىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنىڭ توغرا،»دىيىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس..قايسىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىمىز ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوت بىلەن سۇدەك ئەسلا چىقىشالمايدىغان قارمۇ-قارشى ئىككى ھۆكۈمنىڭ ھەر ئىككىسى  توغرا دىيىشكە ئىسپات بولالمايدۇ..پەقەت ھەر ئىككىسىگە ساۋاپ بولىدۇ خالاس..ساۋاپ ئالغانلىقى ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقىدىن ئەمەس..بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا بىز پەقەت اللەنىڭ بۇيرىقى بويىچە تالاش تارتىش بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئايرىشىمىز كىرەك.دىمەك ئايرىغىلى بولىدۇ، بۇ قۇرئاننىڭ ۋە ھەدىسنىڭ سۈپىتى شۇنداقلا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز .تەتقىق قىلغاندىن كىيىن قايسىسىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلالىساق ئاشۇ توغرا بولۇپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز بىزگە ۋەزىپە بولىدۇ..قالغىنى ھىچ بولمىسا بىزگە نىسبەتەن  خاتا بولغان بولىدۇ..

رىدا بۇرادەرنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن..بىر نەچچە كۈنگىچە تورغا چىقالماسلىقىم مۇمكىن..كەچۈرۈڭلار.

 
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 16:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرس بۇرادەر سىزدىن كىچىك بولساممۇ يەنىلا سىزنى بۇرادەر دەپ ئاتاۋىرەي.چۈنكى مۇئمىن –مۇئمىننىڭ بۇرادىرى ئەمەسمۇ؟ دىنى قېرىنداشلىقنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋىتى يوققۇ؟ ئەگەر بىزنى مەزھەب تۇتمايدىغان ئادەم دەپ بۇرادەر دىمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.ئەمما مەن سىزنى مەزھەب تۇتىدۇ دەپ بۇرادەرلىكتىن چىقىرىۋىتەلمەيمەن. بىزنىڭ   مەرھۇم  ئۇستازىمىز مۇنداق بىر شىئىرنى ئوقۇپ بىرىدىغان ئىدى.ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
الافندى مشتق من الفند                             قولە قول بلا سند            
ئەپەندى دىگەن گەپنى ئاڭلىساملا مۇشۇ شىئىر يادىمغا يىتىدۇ. بەلكىم سىز بۇنداق گەپنىڭ ئاساسى يوق دەپ قايىل بولمايدىغانسىز! مەيلى،ئۇنى بىر چاخچاق دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىۋىرىدۇ....
مەقسەتكە كەلسەك سىزنىڭ 》
ئاخىرىدا كۆپچىلىككە بىرنەچچە ھەدىس سۇناي:
     «ھەزرىتى ئەلى رەدىيەنلاھۇ ئەنھۇ دېدىكى:'مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھتىن بىر نەرسە دەپ بەرگەن ۋاقتىمدا، ئاللاھقا قەسەمكى، ئۇ دېمىگەننى دېدى دېيىشتىن ماڭا ئاسماندىن يەرگە تاشلىنىش سۆيۈملۈكراقتۇر...' دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ(ئە.س.ۋ) مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتتى:'ئاخىر زاماندا يېشى كىچىك، ئەقىللىرى زەئىپ بىر تۈركۈم ياشلار مەيدانغا كېلىدۇ. مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكىنىڭ (ئە.س.ۋ) سۆزلىرىنى (سىلەرگە) سۆزلەيدۇ ۋە قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ...'» <بۇخارى، ئەبۇ داۋۇت>
     «ئاخىر زاماندا بىر قەۋم مەيدانغا كېلىدۇ. جاھىللار باش بولۇپ كىشىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۆزى ئازىدۇ، ھەم باشقىلارنى +ئازدۇرىدۇ»<بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى>
      بۇ خەتەرلىك زاماندا ئاللاھ بىزلەرنى شۇنداقلاردىن بوپ قېلىشتىن ساقلىسۇن! ئىجتىھادتىكى زور ئاخىرەتلىك نەتىجىنى كۆزلىگەن ھەربىر كىشى ئۇنىڭغا تىرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئىجتىھاد ھەۋەسكارانە قىلىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ساۋابىمۇ چوڭ، مەسئۇلىيىتى ھەم چوڭدۇر. «خاتالاشسا بىر ساۋاپ، توغرا ھۆكۈم چىقارسا ئىككى ساۋاپ»قا ئېرىشىش ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسكە ئالغىنىمىزدا، يۇقىرىدىكىدەك ھەدىسلەرنى ھەم ئۇنۇتمايلى.ھەم بۇ خىل مەسىلىلەر بىلەن ھەلەك بولۇپ، ئۆز ئىنسانلىق، قۇللۇق ۋەزىپىمىزنى ھەققى بىلەن ئادا قىلالماي قالمايلى.  ئېنىقكى، دىنى مۇتالەئەدىكى مەقسەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ياكى شۆھرەت قازىنىش ئەمەستۇر. ئاللاھ بىزنى نەفسىنى يېڭىگۈچىلەردىن قىلسۇن. ئاللاھ بىزنى ئۆز خاتالىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تۈزەتكۈچىلەردىن قىلسۇن
دەپ ماڭائەسكەرتىش بەرگەنلىكىڭىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن.ھەممەيلەن مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزگە قېرىنداشلارچە سەمىمىلىك بىلەن مەسئۇل بولۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكلەردىن ساۋاق ئېلىپ مۇنبەرنى ئىلىم ئۈگىنىش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تونۇشۇش ۋە سىردىشىش ئائىلىسى قىلالىساق  بەكمۇ ياخشى بولاتتى.ئەسلىدە باشقىلارنىڭ بىزگە قارشى ئىنكاس يېزىشى بىزنى نەزەرگە ئالغىنى ئىدى.چۈنكى مىۋىسى يوق دەرەخكە ھىچكىم تاش ئاتمايدۇ.ئەپسۇسكى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ مۇرت توپلاش ئۈچۈن كىچىككىنە ئوخشىماسلىق شەكىللەنگەن ئۇششاق مەسىلىلەردە قارشى تەرەپكە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى سېسىتىۋىتىشكە ، يۈزىنى چۈشۈرۈپ مۇنبەردىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ھەركەت قىلىپ ئاشكارا ھالدا« سىنى ئۇنداق قىلىۋىتىمەن،مۇنداق قىلىۋىتىمەن،ئون قېتىم كۆرسەم ئون قېتىم ئەدىپىڭنى بىرىمەن »دەپ پەسەندى لۈكچەكلەرچە «مۇنازىرە» قىلىدىغان   «ئالىملار»مۇ  يوق ئەمەس.بۇنداقلاردىن ئىلىم ئەھلىلا ئەمەس ئازراق ئەقلى بار كىشىلەرمۇ سەسكىنىپ نۇمۇس قىلىدۇ،نەپرەت بىلەن تۈكۈرىدۇ..اللەغا شۈكرىكى ھازىر مۇنبىرىمىزدە بۇنداق قىلىقسىز ئىشلار تۈگىگەندەك قىلىدۇ..مۇنازىرە دىگەننى كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماي ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئىلمى رەددىيە بىرىپ قايىل قىلىشقا تىرىشقاندا مۇھىمى شەخسى غەرەز ئۈچۈن ئەمەس ھەقىقەت ئۈچۈن قىلغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ.خۇددى سىز دىگەندەك دىنى مۇتالەئەدىكى مەقسەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ياكى شۆھرەت قازىنىش بولماسلىقى كىرەك ئىدى.ئەمما ھازىر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن ياكى تەڭ  دەرىجىلىك ئادەمگە قايىل بولۇشى ئاساسەن تېپىلمايدىكەن. پاكىتتا يېڭىلىپ  كۆڭلىدە قايىل بولسىمۇ ئاغزىدا  ئىقرار قىلسا ئاتالمىش يۈزى چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ تايىنى يوق چاخچاق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەنكى -،ھەر  نىمە بولسا بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالدىم،بىر خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالدىم،سىلىگە اللە رەھمەت قىلسۇن دەيدىغان سەلەپلەرنىڭ خاراكتىرى ھازىر قالماپتۇ.سەل ئىنساپلىقلىرى كىيىنرەك بولسىمۇ قايىل بولىدىكەن.بۇ يەردە قايسىدۇ بىر كىتاپتا ئوقۇغان مۇنداق بىر ۋەقەلىك يادىمغا كىلىۋاتىدۇ. ئىمام ئەزەم ھەزرەتلىرى شاگىرتلىرىنى مۇنازىرە قىلىشتىن چەكلەيدىكەنتۇق .شاگىرتلىرى «بىزنى توسىدىكەنلا،ئۆزلىرى مۇنازىرىلىشىدىكەنلىغۇ؟» دىگەندە مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.«بىز مۇنازىرە قىلىشساق قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىدىن بىرەر خاتا گەپ چىقىپ قالمىغىدى ! دەپ شۇنداق دىققەت قىلىمىز،ئەمما سىلەر مۇنازىرىلەشسەڭلار قاچان قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىدىن بىر خاتا گەپ چىقىپ قالار،ئۇنى بىر مات قىلىۋالسام دەپ دىققەت قىلىسىلەر »
مۇنازىرىدە بۇنداق سەمىمى بولۇش ناھايىتى  ئاز ئادەملەرگە نىسىپ بولسا كىرەك..
ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك مەن ئۆزۈمنى مۇجتەھىد،ئايرىم ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ دەۋا قىلغىنىم يوق.گەرچە شۇ دەرىجىگە يىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساممۇ..ئەمما مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم سۈرە زۇمەر 18- ئايەتتە ۋە  يۇقۇرىدا مەزھەپ ئىماملىرى تەۋسىيە قىلغاندەك مەزھەپكە  قارىغۇلارچە ئەگەشمەي ھەر بىر ھۆكۈمدە دەلىل-ئىسپاتقا ئەگەشسەك،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەلىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ قايسىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولسا شۇنى قوللىساق دىمەكچىمەن.. بۇ گەپ ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى دەپ ئاتايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان.(ئىلىمسىزلەر ئالىم  سۆزلەپ بەرگەن بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.) مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن كىلىپ چىقىدۇ..بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتە «سوفى اللە يار»، «گۈلىستان»، «ھۇۋەيدا»،«خوجا ھافىز»...قاتارلىق كىتاپلارنى ئانچە مۇنچە يادلىيالايدىغانلىقىنى چوڭ بىلىپ ،يەنە بەزىلەر «مۇختەسەر،شەرھۇلۋىقايە...»لەرنى ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلىپ ،چوڭراقلىرى «ھىدايە » نى تەرجىمە قىلالايدىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ جاھانغا پاتماي خۇددى باشقىلار ھىچنىمە بىلمەيدىغاندەك ،ئۇلارنىڭ ھەممە گىپى خاتادەك بىلىنىپ  ئۆزىنى كاتتا ئالىم چاغلاپ باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بېقىشقىمۇ رايى يوق ياشايدىكەن.(بۇنداق دىگەنلىك ئۇكىتاپلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىم ئەمەس).بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئالدىدا سەھىھ ھەدىس تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي   ئۆزى بۇرۇن ئۈگىنىۋالغان ياكى كۆنۈپ كەتكەن جاۋاپلار بويىچە مېڭىۋىرىدىكەن.بۇنداقلار يا  ئۆزىنىڭ ئىلىمسىز  تەرجىمانلىقىنى ئىتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدىكەن ۋە ياكى ئىلىم ئەھلىمەن دەپ دەۋا قىلغىنىغا يارىشا ئىلىم ئەھلىنىڭ ۋەزىپىسى بويىچە ئىش قىلمايدىكەن... تىمىدا مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ «بىزنىڭ دەلىلىمىزنى بىلمىگەن كىشىنىڭ بىزنىڭ گىپىمىز بويىچە پەتىۋا بىرىشى ھارام....»دىگەنلىكىنى يازغان ئىدىم..دىمەكچىمەنكى ئىلىم ئەھلىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان ئادەم مۇشۇ تەۋسىيەگە ئەمەل قىلىپ  ئۇلارنىڭ دەلىللىرىنى ئازراقمۇ بولسا ئىزدىنىپ  ،سېلىشتۇرۇپ كۆڭلى قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرسە ئاندىن مەزھەپ بىلەن دىننىڭ ،قۇرئان-ھەدىس بىلەن فىقھى كىتاپلىرىنىڭ پەرقىنى بىلەلىگەن بولىدۇ.(بۇنچىلىك سەۋىيىسى بولمىغان ئادەم  ئەگەر اللەدىن قورقىدىغان بولسا ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى  دەپ دەۋا قىلماي بىلمەيمەن دەپ تۇرۇشى كىرەك .چۈنكى تەرجىماننى ئالىم دىيىلمەيدۇ.) ئۆزى كۆنۈپ كەتكەن ھۆكۈمگە  قارشى بىر ھەدىسنى ئۇچراتقىنىدا مىڭىسىدە تۇنجى بولۇپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى ئويلىماي ياكى ئىزدىنىپ باقماي ۋە ياكى ئىزدەنسىمۇ  ئۆزىنىڭ مەزھىبىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ھەدىسكە ئۇدۇل كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپمۇ  يەنىلا مەزھىبى  بويىچە مېڭىۋىرىش دەل مەزھەپ ئىماملىرى ھارام قىلىۋەتكەن ئىش ئىدى...مانا بۇ -مۇتەئەسسىپلىك ۋە مەزھەپپەرەسلىك...مەن دەل مۇشۇ خىل مەزھەپپەرەسلىككە قارشى .... بىز بۇرۇن ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا  بىزنىڭ مەزھىبىمىزگە قارشى كىلىدىغان بەزىبىر ھەدىسلەر ئۇچرىغاندا  مەرھۇم ئۇستازىمىز (اللە ئۇكىشىنى مەغفىرەت قىلسۇن) «بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەزەم ئالمىغان (ئەمەل قىلمىغان)» دەپ چۈشەندۈرەتتى..بىزمۇ دەرسىمىزنى مۇزاكىرە قىلغاندا بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەزەم ئالمىغان ئىكەن دەپ چۈشىنەتتۇق.ئەمما ھەدىس دىگەن نىمە؟ ئۇنى  ھەر كىم خالىسا ئالىدىغان،خالىمىسا ئالمايدىغان نەرسىمۇ ؟دەپ سوراش كاللىمىزغا كەلمىگەن..چۈنكى ئۇستازىمىزمۇ شۇنداق كۆنگەن،شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن.كىمكى تۇمار ئاسسا مۇشرىك بولىدۇ دىگەن ھەدىسنى نەچچە قېتىم ئوقۇغان ئىدۇق.ئۇستازىمىزمۇ بەلكىم بىرەر يۈز قېتىم ئوقۇغان بولغىتى دەيمەن.چۈنكى ئۇستازىمىز ئادەتتىكى ئۆلىما ئەمەس ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى  ۋە نۇرغۇن تالىپلارغا چوڭ  تەفسىرلەردىن  دەرس ئۆتىدىغان كىشى ئىدى. ئەمما ئاشۇ ئۇستازىمىزمۇ ھەر خىل تۇمارلارنى يېزىپ بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا، تۇغۇتى قىيىنلاشقان ئاياللارنىڭ يوتىسىغا،سەمرىمەيۋاتقان ياكى ئاغرىپ قالغان كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئېسىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى.. بىزمۇ ئۈگىنىش ئۈچۈن ئاشۇ تۇمارلارنى ئوغرىلىقچە ئېلىۋېلىپ ئېچىپ قارىساق بەزىلىرىدە ئايەت ۋە دۇئالار،بەزىسىدە ئەسھابۇلكەھف نىڭ ئىسىملىرى يۇمۇلاق شەكىلدە،ئوتتۇرىسىغا ئۇلارنىڭ ئىتى قىتمىرنىڭ ئىسىمى يېزىلغان،يەنە بەزىلىرىگە بولسا چۈشىنىكسىز تىلسىم شەكىللەر،ھىندى رەقەملىرى يېزىلغان چىقاتتى..شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئاشۇنداق تۇمارلارنى كىشىلەرگە يېزىپ بىرەتتۇق.. شۇچاغدا ھېلىقى ھەدىسنى ئوقۇغانلىقىم  ئېنىق ئىسىمدە بولسىمۇ لىكىن ئۇنى قانداق چۈشەنگەنلىكىمنى ۋە ياكى بۇ ھەقتە بىرەر سوئال سورىغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن..  ئايەت ۋە دۇئا  يېزىلغان تۇمارلارنىڭغۇ زەئىف بولسىمۇ دەلىلى بار  دەپ تۇرايلى. ئەسھابۇلكەھف نىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتىنىڭ ئىسىمىنى يېزىپ تۇمار قىلىپ ئاسقانلىق ئاشۇلاردىن مەدەت ۋە ياردەم تىلىگەنلىكنىڭ ئەينەن ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئى ئەسھابۇلكەھف ،بىزنى قۇتقازغىن ،بالىلىرىمىزنى كۆز تىگىشتىن ساقلىغىن  دەپ دۇئا قىلغان ئادەمنى مۇشرىك دىيىشتە ھىچكىم تالاشمايدۇ يۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە  ئىتى بالىلىرىمىزنى كۆز تىگىشتىن ساقلايدۇ دەپ ئىتىقات قىلىپ تۇمار ئاسقان  كىشىنى نىمە دىسەك بولار؟   دىمەك ئۇستازىمىزمۇ ،بىزمۇ ئۇستازلىرىمىزنى دوراپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىكەنمىز..خاتا بولسا ئۇستازىمىز شۇنداق قىلارمىدى دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈمران ئىدى. .بۇنداقلار ھازىرمۇ تولا. ( اللە ھىدايەت قىلمىغان بولسا مەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە ئاشۇنداق ئازغۇن يولدا يۈرىۋەرگەن بولاتتىم. تاپاي دىسە ھەر قانچە خاتا گەپكىمۇ بىر ساپاق تاپقىلى بولىدۇ. ئاشۇنداق تۇمار يېزىشنى ئۈگىتىدىغان ۋە تەشۋىق قىلىدىغان كىتاپلارمۇ نۇرغۇن  .ھەتتا تەفسىرلەرمۇ بار.تەفسىر ساۋى......قاتارلىقلاردەك .اللە ھىدايەت قىلمىسا تەفسىر يازغان،ئۈگەتكەن ،ئوقۇغان بىكاركەن) مانا بۇ- ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ  قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەگەشمەي ئۇستازلارغا ۋە ياكى كەلگەنلىكى كىتاپلارغا  ئەگەشكەنلىكنىڭ فاجىئەسى ،  دىمەك كىتاپ باشقا،ئەقىل باشقا ،ھىدايەت يەنە باشقا گەپ ئىكەن.
ئىزدىنىش جەريانىدا بىز توغرا دەپ ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان  بىر ھۆكۈمنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرگە
زىت كىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان چېغىمىزدا يەنىلا مەزھەپ بويىچە ياكى ئۇستازلارنىڭ ۋە ياكى ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا كىتاپلارنىڭ  گىپى بويىچە مېڭىۋىرىش  يۇقارقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.. بۇنداق قىلىش مەزھەپنى ياكى ئۇستازنىڭ سۆزىنى  دىن دەپ بىلىۋالغانلىق بولىدۇ...ناۋادا ئاشۇ ھەدىسنى مۇلاھىزە قىلىپ  باشقىچە چۈشىنىپ ھەم كۆڭلى مۇتەئەسسىپلىكتىن خالى ھالدا شۇ چۈشەنچىسىگە قانائەت قىلالىسا بۇنى ئىجتىھاد دەيمىز.(اللە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ).بۇنداق چاغدا گەرچە خاتالاشقان تەقدىردىمۇ  ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغاچقا  يەنىلا بىر ئەجر ئالىدۇ..ئەمما  « ھەدىستە بۇنداق بولغان بىلەن بىزنىڭ مەزھەپتە مۇنداق دىگەن» دەپ تەرسالىق قىلىش- مەزھەپ ئىماملىرىنى قىلچە خاتالاشمايدىغان پەيغەمبەر دەرىجىسىگە چىقىرىۋەتكەنلىك بولىدۇ..ا مەزھەپ ئىماملىرى بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن..  شۇڭا ھەقىقەتچى ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىشتىن توختاپ قالمىغان..دەلىل ئالدىدا ھەر قانداق ئالىمنىڭ گىپىنى رەت قىلىشتا ئىككىلەنمىگەن..
مەسىلەن..ھەيزدار ئايال قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ دىگەن ھۆكۈم  مەزھەپلەر ئارىسىدائۇزۇندىن بۇيان مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.. ئەمما بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى تەكشۈرگەندە بۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكى ئېنىقلانغاندىن كىيىن ئىمام بۇخارى،ئىبراھىم نەخەئى ، ئىبن تەيمىييە،ئىبن قەييىم،شەۋكانى، بىن باز.ئۇسەيمىن... قاتارلىق ئالىملار قىلچە ئىككىلەنمەيلا ھەيزدار ئايال قۇرئان ئوقۇسا بولىۋىرىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان.(چۈنكى ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە  زەئىف ھەدىس ھۆكۈم چىقىرىشتا دەلىل بولالمايدۇ)مۇشۇنىڭغا قاراپلا كىم بۇ ئالىملارنى  يۇقارقى ھەدىستە دىيىلگەن  ئەقىلسىز،تەنتەك ئادەملەر ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ دىيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ..
يەنە  بەزى مەزھەپلەردە  كىرپىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل قىلىنغان ھەدىسمۇ زەئىفلىكى ئېنىقلانغاندىن كىيىن دوكتۇر ئۇستازىمىز ئەبدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كىرپە گۆشى ھالال دەپ پەتىۋا چىقاردى.
يەنە بىر مىسال.. بىر لەفزىدە قىلغان  ئۈچ تالاقنى ئۈچ تالاق بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىش تۆت مەزھەپنىڭ بىردەك قارىشى..ئەمما بىر قىسىم تابىئىلارغا ئەگىشىپ   ئىبن تەيمىييە،ئىبن قەييىم،  شەۋكانى، بىن  باز،ئەلبانى،قەرداۋى..قاتارلىقلار تەتقىق قىلىپ   بىر تالاق ھىساپ بولىدۇ دەپ قارشى ھۆكۈم چىقارغان..بۇنداق مىساللارنى نۇرغۇن كەلتۈرۈش مۇمكىن. مۇشۇلارغا قاراپلا كىممۇ بۇ ئالىملارنى  يۇقارقى ھەدىستە دىيىلگەن  ئەقىلسىز،تەنتەك ئادەملەر ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. ئەمما يادىن چىققان ئوقتەك دىندىن چىقىدۇ. ئىمانلىرى كېكىردىكىدىن ئاشمايدۇ دىيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ..
مۇشۇنداق ئەھۋالدا داموللاملار  ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. جاموللاملار «بۇرۇنقىلار بىلمەمتى!» دەپ - ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدۇ.قايسىسىنىڭ  ھىدايەت تاپقان ئەقىللىق ئادەملىكىنى،قايسىسىنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى سۈرە زۇمەرنىڭ  18-ئايىتى ئايرىپ بولغان.
يۇقارقى ھەدىس ماس كىلىدىغان ئادەملەر ئايرىم ئادەملەر. بۇنى ئارلاشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ.
مەسىلەن . كۇۋەيتلىك بىرسى «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدا نۇرغۇن زەئىف،يالغان،توقۇلما ھەدىسلەر بار دەپ ماقالە ئىلان قىلىپ بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ تەنتەكنىڭ دىيىشىچە «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ «مەن ھەيزدار چاغدا رەسۇلۇللا مىنى قۇچاقلاپ ياتاتتى » دىگەن ھەدىسى قۇرئان كەرىمدىكى «ھەيز ۋاقتىدا ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتكە قارشى ئىمىش..رەسۇلۇللا پەيغەمبەر تۇرسا اللەنىڭ ھۆكمىگە قارشى ھالدا ھەيزدار ئايالىدىن يىراق تۇرماي ئۇنى قۇچاقلىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس يالغانمىش...شۇڭا «سەھىھۇلبۇخارى» دىكى مۇشۇنداق نۇرغۇن  يالغان ھەدىسلەرنى تاسقاپ ،ئېنىقلاپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈرمىش....يەنە مۇشۇنىڭدەك بىر تالاي ئاقماس گەپلەرنى پاكىت سۈپىتىدە ماقالىسىدا يازغان.مۇشۇ گەپتىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئەقلى بارلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر بۇ تەنتەك ئازراقلا ئەقلىنى ئىشلەتسە رەسۇلۇللانىڭ ئۇ قىلمىشىنىڭ ئايەتتىكى  يىراق تۇرۇشنى  تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن بولاتتى..بۇ تەنتەكنىڭ ئىشىنى ئىجتىھاد دىمەيمىز بەلكى چالا ساۋات تۇرۇپ مەمەدانلىق قىلىش دەيمىز..
ئەتراپىمىزدىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ۋە بىر قانچە ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى چالا-پۇلا ئوقۇپلا ئىجتىھاد دەۋاسى قىلىدىغانلار  سەكرەپ چىقىۋاتىدۇ..
مىسالغا ئالىدىغان بولساق ھەيزدار ئايال روزا تۇتسا بولىۋىرىدۇ دەيدىغانلار  قۇرئان كەرىمدە «ئاراڭلاردىن كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا (  روزا تۇتماي )باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسا بولىدۇ» دىيىلگەن..بۇنداق دىگەنلىك ۋاقتىدا تۇتسىمۇ بولىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ..ھەيزدار ئايالمۇ كىسەل ئايال قاتارىغا كىرىدۇ ،شۇڭا روزا تۇتسا بولىدۇ ..دەيدىغان كۈلكىلىك «ئىجتىھاد»لارنى قىلىپ« نوبىل ئىجتىھاد مۇكاپاتى»غا ئىرىشمەكچى بولىۋاتىدۇ..ئۇلارنىڭ ئازراق ئەقلى بولسا ئايەتتىكى كىسەل بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەيزدار ئايالنى كىسەل دەپ ئاتايدىغان ئاتالغۇنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى..
يەنە تېخى قۇرئان كەرىمدە تاھارەت ئالغاندا پۇتۇڭلارنى يۇيۇڭلار دىدى،،شۇڭا ئۆتۈك كەيگەن كىشىمۇ ئۆتۈكىنى سېلىپ پۇتىنى يۇمىسا تاھارىتى ھىساپ ئەمەس..ئۆتۈككە مەسھى قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر قۇرئاننىڭ بۇيرىقىغا  ئېنىق زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق توقۇلما  ھەدىسلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.  دەيدىغان ئاجايىپ« كاتتا ھەدىسشۇناسلار » مەيدانغا چىقتى..
يەنە تېخى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمدە  تۆگە ،كالا،ئۆچكە،قوي قاتارلىق  تۆت خىل ھايۋاننى بىزنىڭ يىيىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى سۆزلىدى.بۇگەپتىن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ دەيدىغان ،يەنە جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭمۇ يىپەك كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقايدىغانلىقىنى دەلىل قىلىپ بۇ دۇنيادىمۇ ئەرلەر ئۇنەرسىلەرنى ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ دەپ پەتىۋا كىسىدىغانلارنىمۇ كۆردۈم.  
يەنە قۇرئاندىكى بەزىبىر مەزمۇنى  ئىھتىماللىق ئايەتلەرنى تۇتۇۋېلىپلا قەۋرىدە تىرىلىش ۋە ئازاپ بولمايدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشمەيدۇ، چۈنكى قەۋرىنى ئاچساق توپا چىقىدۇ، قۇرئان كەرىمدە قەۋرە ئازابى ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە بايان يوق.قەۋرە ئازابى ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى ھەققىدىكى ھەدىسلەر باشقىلار توقۇغان يالغان ھەدىسلەر،ئۇنداق ھەدىسلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ  دەيدىغانلارمۇ چىقتى. ئۇلارنىڭ دائىم دەيدىغىنى اللەتەئالا قۇرئان كەرىمنى ساقلايمەن دىگەن،ئەمما ھەدىسنى ساقلايمەن دىمىگەن.شۇڭا قۇرئانغا قارشى كەلگەن ھەدىس سەھىھ بولسىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
مانا بۇ -ئەقىلسىزلارچە گەپ.ھەدىس دىگەن قۇرئاننىڭ ئىزاھاتى تۇرسا قۇرئاننى ساقلايمەن دىگەنلىك ھەدىسنىمۇ ساقلايمەن دىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ناۋادا ھەدىسلەرنىمۇ اللە ساقلىمايدىغان بولسا قۇرئاندىكى ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار دىگەن ھۆكۈملەرنى قانداق ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقارقىدەك «ھەيز ۋاقتىدا ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتنى قانداق چۈشىنەتتۇق؟ ئۇلارنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرارمىدۇق؟ اللەتەئالا قۇرئاننى ساقلاش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى  توپلايدىغان،تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن مۇھەددىسلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇلار ئارقىلىق راست،يالغان ھەدىسلەرنى ئايرىپ بەردى.مانا بۇ ئەمىلىيەتتە قۇرئاننى ساقلىغانلىق . شۇڭا ئەگەر ئۇلارنىڭ ئازراق ئەقلى بولىدىغان بولسا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن قۇرئان كەرىمنى تاقاشتۇرماي ماسلاشتۇرۇپ چۈشەنگەن بولاتتى..ۋەياكى ماسلاشتۇرۇشقا ھەركەت قىلغان بولاتتى. چۈنكى ھەرئىككىسى اللەنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئىلىم ئىدى. دىن ئىشلىرىدا رەسۇلۇللانىڭ  ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغانلىقى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن  ..ئەمما بۇلارنىڭ يۈرەكلىرىدە ئەگرىلىك  بولغاچقا  اللەتەئالا ئېيتقاندەك «ئىھتىماللىق (مۇتەشابىھ)ئايەتلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ،ئېنىق(مۇھكەم) ئايەتلەرنى تاشلاپ قويىدۇ...مەقسىتى پىتنە –پاسات  پەيدا قىلىش....
«بىرىڭلارنىڭ قاچىسىغا چىۋىن چۈشۈپ قالسا ئۇنى بىر قېتىم چۈمدۈرۈۋىتىپ ئاندىن تاشلىۋەتسۇن،چۈنكى ئۇنىڭ بىر قانىتىدا كىسەللىك،يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار (بۇخارى رىۋايىتى)  »دىگەن  سەھىھ ھەدىسنىمۇ بەزىلەر ئىنكار قىلىپ «چىۋىن دىگەن ھاجەتخانىدا نىجاسەتلەرگە ئارلىشىپ مەينەت بولىدۇ.ئۇنىڭدا قانداقمۇ شىپا بولسۇن؟بۇ ھەدىس- يالغان ھەدىسكەن »دىگەن..ئەمما ھازىر ئىلىم-پەن ئارقىلىق بۇ ھەدىستىكى ئىلمى مۆجىزە ئايان بولدى..ئەقلى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا  ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئالدىراپ  ئىنكار قىلىدىغانلار مۇشۇنداق رەسۋا بولىدۇ.....ئۈستىدىكى سەھىھ  ھەدىسلەرنى ئىنكار  قىلغانلارمۇ ئۇزاققا قالماي رەسۋا بولىشى ئېنىق..
بۇلارغا يانداش ھالدا يەنە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ مەزھەپپەرەسلەرمۇ بار..ئايەتلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىرلەيدىغان..
مەسىلەن .سۈرە نىسا 77- ئايەتتىكى «قولۇڭلارنى يىغىڭلار،ناماز ئوقۇڭلار...» دىگەن جۈملىنى قولۇڭلارنى يىغىپ جىم تۇتۇپ ناماز ئوقۇڭلار دىگەن بولىدۇ ، دىمەك بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە روكۇنىڭ ئالدى كەينىدە قول كۆتۈرۈش خاتا. يەنە تېخى بىر ھەدىسنىڭ پارچىسىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا رەسۇلۇللا بۇ ھەدىستە «نىمانداق قولۇڭلارنى شاش ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەك قىلىسىلەر...» دەپ   ئەيىبلىگەن.يەنە مۇئمىنۇن سۈرىسىدە  اللە تەئالا نامازدا ئەيمىنىپ دىققەت بىلەن تۇرغۇچىلارنى ماختىغان . يۇقارقى دەلىللەرگە ئاساسەن روكۇنىڭ ئالدى كەينىدە  قول كۆتۈرۈش- خاتا ھەم ئۇنداق قىلىش  نامازنى بۇزۇۋىتىدىغان كۆپ ھەركەت قىلغانلىق دەپ قەستەن سۈننەتكە قارشى چىقىدىغان «مۇجتەھىدلەر» چىقتى..ئۆتكەندە بىر جۈمەدە بىر خاتىپ مۇنبەردە تۇرۇپلا مۇنداق قايناپ كىتىپتۇ..ھازىر بىرقىسىم بەدمەزھەپ بەدبەختلەر مەيدانغا چىقىپتۇ. ئۇلار « اللە -ئەرشنىڭ ئۈستىدە» دەيدىكەن..ھەي جامائەت ئويلاپ بېقىڭلار،اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە بولسا اللەنىڭ ئەرشكە ھاجىتى چۈشكەن بولمامدۇ؟ اللە ھەممىدىن بىھاجەت تۇرسا ،يەنە پىيالىنىڭ ئىچىدىكى سۇ پىيالىدىن كىچىك بولىدۇ.اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىگەنلىك اللە ئەرشتىن كىچىك دىگەن بولمامدۇ ؟ دەپ بىر مۇنچە ۋالاقلاپتۇ..
شۇ مەسجىددە ناماز ئوقۇغانلاردىن بىرسى ماڭا بۇنى سۆزلەپ بىرىپ بۇ گەپ توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا نىمە دەپ رەددىيە بەرسەك بولار؟ ئۇ خاتىپ مۇشۇ گەپلەر بىلەن ھەممەيلەننى قايىل قىلىۋەتتى دەيدۇ.قارىغاندا ئۇمۇ قايمۇقۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
مەن  ، ئۇنداق بولسا ئاسمانمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ،ئەمىسە ئاسماننىڭمۇ بىزگە ھاجىتى چۈشەمدۇ ؟ ئاسمانمۇ بىزدىن كىچىكمۇ ؟دىسەڭلار بولمامدۇ؟ دىسەم گەپلىرى توغرا دەپ كىتىپ قالدى.
بۇنداقلارنىڭ ساقىلى ئاقارسىمۇ يەنىلا  
ھەدىستە سۆزلەنگەن يېشى كىچىك تەنتەك،ئەقىلسىز ئادەملەر دەل مۇشۇنداقلارنى كۆرسىتىدۇ.اللە ھەممىمىزنى ساقلىسۇ ن.  


  
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-10-18 20:47قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-18 20:31

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2011-10-16 17:25 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
الافندى مشتق من الفند                             قولە قول بلا سند      

سايرامكو، بۇنى تەرجىمە قىلىپ قويماملا ؟ ما بىزدەك قارا قوساقلار چۈشەنمەي قالدىكەنمىز  

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاھىرجان ئۇكام . ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام گەپنى سالام بىلەن باشلايتتىم. چوڭلارغا ئاقسالارچە گەپ قلمىغان بولاتتىم. بۇ ئەدەپسىزلىكىڭىز ئۈچۈن سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرمىدىم.سىزمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا  ئوخشاش ئازراق جاپا تارتىپ بىلىۋالغايسىز. (چاخچاق)
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 16:23

[quote]بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى rida نىڭ 2011-10-04 01:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
                                               
=l       شۇنىڭدەك ئۇستاز نۇرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىھاد رىسالىسىدىكى «ئۆزىمىزدە بارىنى قەدىرلەپ تۇرساقمۇ بولىدۇ» دىگەن مەنا بىرىدىغان گەپلەرنىمۇ ئاشۇ دەۋىر خەلقىنىڭ پىقھى ئىجتىھادتىن كۆرە ئىسلامى گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىماننى ھىمايە قىلىش ۋە شۇ يولنى قانداق قىلغاندا مۇستەھكەملەش كىرەك دىگەندىن ئىبارەت ماۋۇ خىل ئىجتىھادقا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى تۇتقۇ قىلغان دەپ چۈشۈنگىنىمىزدە بۇ جەھەتتىمۇ رىسالىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى كۆپ زىغىرلاپ كىتىشنىڭمۇ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلالايمىز.

l       \===============================

l       يەنە مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ناھىيە ھاكىمى نۇرسىنى پايتەختكە يوللاپ بىرىدىغان چاغدا: «سىزنى باشلىقلار ئالدىغا كىيۋالغان باش كىيىمىڭىز بىلەن ئەۋەتەلمەيمەن، شەپكە كىيشىڭىز كىرەك» دىگەندە ئۇستاز غەزەپ بىلەن: بىلىپ قوي، مەن بۇ باش كىيىم بىلەن سىنىڭ ئەجدادىڭنى تەمسىل ئىتىپ تۇرۇۋاتىمەن. باشتىكى بۇ سەللە پەقەت ۋەپەقەت باش بىلەن بىرگە چىقىدۇ». دىگەن.



l       مانا مۇشۇنداق ئۇستاز ئۆز دەۋرىدە ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللى مىراسىنى ھىمايە قىلىشتا جاننى ئارىغا قويۇپ تۇرۇپ مەيدانىنى ئىنىق بىلدۈرگەن.  لىكىن ئەنە ئاشۇنداق ئەنئەنەنى قوغداشتا مەيدانى مۇستەھكەم بولىشىغا قارىماي دەۋىردىكى يىڭى مەسىللەرگىمۇ بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابىدا يوقتى دەپ قاراپ ئولتۇرماي جاۋابىنى توغرا ئىجتىھاد بىلەن قايتۇرغان. مەسىلەن شۇ دەۋىردە رادىئۇ – تىلۋىزىيە ھەققىدە رىمۇنتچى شاگىرتلىرىدىن بىرىگە (بەلكىم ئۇ شاگىرتى رادىئۇ ئاشۇ دىنسىز ھۆكۈمەتنىڭ نەرسىلىرىنى كۆپ تارقىتىدىغىنى ئۈچۈن كەسپىگە شەك قىلىپ بۇ ھەقتە سورىغان بولىشى مومكىن) شۇنداق دىگەن: «سەن رىمۇنت قىلغان رادىئۇلاردىن چىققان ھەر بىر قۇرئان ھەرىپلىرى ئۇچۈن ساۋاپ ئىلىپ تۇرىسەن، ئىنسان ئېغىزىدىن ياخشى گەپمۇ، يامان گەپمۇ چىقىدۇ، يامان گەپ چىقتى دەپ ئېغىزنى سۆكۈپ ئىلىۋىتىشنىڭ ئورنى يوق!»

l       يۇقارقىلاردىن ئۇستاز سەئىد نۇرسىنىڭ ئىجتىھادكار ۋە ئىجتىھاد سۆيەر بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. ئىشقىلىپ بۇ ھەقتە مىساللار بەك كۆپ. قىسقىسى ھەرنەرسىگە ئۆز تەلىپى ۋە ماقامىغا لايىق مۇئامىلىدە بولسا چۈشۈنۈشمەسلىكتىن خالى بولالىشىمىز ئىنىق دەپ قارايمەن.
  يەنە كىلىپ يۇقۇرقىلاردىن ئىجتىھاد رىسالىسىغا قارىتا قايسى تەرەپتىن قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە مەلۈم چۈشەنچىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بولدىغۇ دەيمەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە مەسىلە ئايدىڭ بولسا رىسالىدىكى بەزى قاراشلارنى بەك زىغىرلىۋىلىشىمىزنىڭ ئورنى قالماس دەپ ئويلاپ بۇ ھەقتە بىراز توختۇلۇپ قالدىم. ئامان بولغايسىلەر.
==================================
 گەرچە نۇرچى بولمىغان بىلەن بەدىئۇززاماننى ئۇ قەدەر چۈشەنمەيدىغان ھالەتتتىكىلەرمۇ يوق ئەمەس ئارىمىزدا.

l       خاتا چۈشەنسە ئاشۇنداق چۈشەنچ بىرىدىغان گەپ، چۈشەنچنى ياخشى بەرمەي تۇرۇپ چۈشەنمىگەنلىكىدىن يالتايساق ئاق بايراق چىقارغان بولىمىز، بۇنىڭدىنمۇ ئەۋەل ئۆزىمىز توغرا چۈشەنچنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ بىلىشىمىزچە چۈشەنچ بىرىپ قويساق ئاقنى ئاق قىلىمەن دەپ قارا قىلىپ قويىدىغان گەپ، ھەم بەدىئۇززاماننىڭ ئەسەرلىرىنى بىرى دىن ئىلمىدا باشلانغۇچ سەۋىيەدىكىلەر ئوقىۋالسا يەنە بىرى نەزەر دائىرسى تار ئادەم ئوقىسا بىلىپ بىلمەي چىلىنىپ كىتىدۇ، ھەتتا ئىزىپ كىتىش ئىھتىمالىمۇ بار، يەنە بىرى بەدىئۇززاماننىڭ ئەسەرلىرىنى شۇ يىزىلغان ئەسەرلەرنىڭ  خۇددى پىقھىدىكى ئىجتىھادى پەتىۋالارنىڭ زامان-ماكان باغلىنىشلىقىنى پەرق ئەتمەي ئوقىۋالغان كىشى ئارىدىكى ئىختىلاپنى توغرا ھەل قىلالمىغانغا ئوخشاش ئەسەرنىڭ ئۆز دەۋرى بىلەن بولغان باغلىنىشلىقىدىن بىخەۋەر ئوقىۋالسا ۋە ياكى ئاپتۇرنىڭ ياشىغان زامانىنى بىلسىمۇ چۈشەنمەستىن ئوقىسا بىر بولسا قارغۇلارچە بەدىئۇززامانغا مۇتەئەسسىپ بولۇپ كىتىدۇ، يەنە بىر بولسا ھەزىم قىلالماي قۇسۇۋىتىدىغان ئىش چىقىدۇ.
ئەڭ موھىمى ئىلمى ئۆلچەمنى ئىلىمسىز قوللۇنۇشتىن ساقلىنىش لازىم


 =========================================

l       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رىدا بۇرادەرنىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن بۇ مەسىلىدىكى ئىنتايىن نازۇك مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بىرىپتۇ..ئارىمىزدا مۇنداق يۇقىرى ئىلىملىك بۇرادەرنىڭ بولغانلىقى بىزلەرگە بىر پۇرسەت.ئەمدى مەقسەتكە

l       كەلسەك رىدا بۇرادەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ پىكرى 
 نۇرغۇن تەرەپلەردە  ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما بىر-بىرىمىزنىڭ گىپىنى ھەم مەقسىتىنى چۈشىنىشمىگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىممۇ سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ھازىرچە  ئۆزىمىزدە بارىنى قەدىرلەپ كونا مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭى ئىجتىھادلارنى قىلىپ مەزھەپكە كۆنۈپ كەتكەنلەر ئارىسىدا  زىددىيەت تېرىپ يۈرمەي  «قەھرىتان قىش»تىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرگە  نەزىرىمىزنى قاراتساق دىمەكچى. سالاھىيىتى يوق موللىچاقلارنىڭ ۋە ياكى يالاقچى «ئۆلىمالار»نىڭ   مەسىلىلەر ھەققىدە  ئىجتىھاد قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىجتىھاد رىسالىسىنى يازغانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ رىدا بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىدىكى «   شۇنىڭدەك ئۇستاز نۇرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىھاد رىسالىسىدىكى «ئۆزىمىزدە بارىنى قەدىرلەپ تۇرساقمۇ بولىدۇ» دىگەن مەنا بىرىدىغان گەپلەرنىمۇ ئاشۇ دەۋىر خەلقىنىڭ پىقھى ئىجتىھادتىن كۆرە ئىسلامى گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىماننى ھىمايە قىلىش ۋە شۇ يولنى قانداق قىلغاندا مۇستەھكەملەش كىرەك دىگەندىن ئىبارەت ماۋۇ خىل ئىجتىھادقا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى تۇتقۇ قىلغان دەپ چۈشۈنگىنىمىزدە بۇ جەھەتتىمۇ رىسالىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى كۆپ زىغىرلاپ كىتىشنىڭمۇ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلالايمىز» دەپ يازغانلىقىمۇ بۇ رىسالىدە ھەقىقەتەن شۇنداق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مىنىڭ چۈشەنگىنىممۇ شۇ. شۇڭا ئىجتىھاد رىسالىسى ئازراقمۇ

n       ھەزم بولماپتۇ دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.مەنمۇ  تىمامنىڭ بېشىدا «تىمىدا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەنى ناۋادا ئۇلار تەشكىلات ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقپ سالاھىيەتسىز ئادەملەر ئىجتىھاد قىلىمەن دەپ ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ چوڭ ئىشلاردىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن   تۈزۈم قىلىپ بىكىتكەن بولسا بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىم يوق.»دەپ يازغان ئىدىم.ئەمما مەن تەشكىلات ئەزالىرىغا قارىتىلغان

l       دەپ تارراق دائىرىدە چۈشىنىپتىمەن. رىدا بۇرادەر بولسا نۇرچىلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دەۋردىكى كابۇس مۇھىتلارنى بىر-بىرلەپ يېزىپ  كۆرسىتىپ

l       مەزكۇر ئىجتىھاد رىسالىسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىپتۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن رىدا بۇرادەرگە اللە چەكسىز رەھمەت قىلسۇن.  يەنە رىدا بۇرادەرنىڭ «سەئىد نۇرسىنىڭ ئىجتىھاد رىسالىسىدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە بەزىلىرى شۇ دەۋىردىكى ئىجتىھاد مەيدانىغا چىقىۋىلىپ ئىجتىھادنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرگەنلەر قارىتا دىيىلگەن بولسا يەنە بەزىلىرى شۇ دەۋىردىكى ئىجتىھادنى يامان كۆرگۈچىلەرگە قارىتىلغان، يەنە بەزىلىرى بولسا ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا يان شاپاشلاشلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇنداقلارنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە بىر ئىجتىھادكارنىڭ ئىجتىھاد سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۈن كىتەرلىك روھى، ئەخلاقى ۋە ئىلمى ساپا بولىشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويغان»دىگەن پىكرى

l       داناپىكىر.مەنمۇ

l       بۇ پىكىرنى قوللايمەن.ئەتراپىمىزدىمۇ دەل مۇشۇنداق ئادەملەر بار.- بىزنىڭ دىنىمىزدىمۇ دىنى ئىتىقات ئەركىنلىكى بار ،قۇرئان كەرىمدە «كىم خالىسا ئىمام ئېيتسۇن،كىم خالىسا كافىر بولسۇن» دىيىلگەن دەپ ئايەتنى ئۈزۈپ ئېلىپلا تەرجىمە قىلىدىغان يالاقچى،تەخسىكەش جانباقار «مۇجتەھىدلەر»، بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىدىغان مۇتەئەسسىپ مەزھەپپەرەسلەر قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ يۈرىدۇ.سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يېڭى ئىجتىھادلارنى قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىجتىھاد سۆيەر كىشى ئىكەنلىكىنى، بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تار مەزھەبپەرەس كىشى ئەمەسلىكىنى،بۇ رىسالىنى يېزىشتا دەۋر شارائىتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى  ئېنىق بلدۈرىدۇ.شۇڭا دەلىلسىز ھالدا «    ساجىيە تورىدىكى نۇرچىلارنىڭ خاتالىقى ھەققىدىكى بايانلار بىرقەدەر بىرتەرەپلىمە باياندۇر. مەسىلەن: «مەكتەپتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلغانلىقى» پۈتۈن ئۆمرىدە بېشىدىن سەللىنى ئالمىغان ۋە دوپپا ۋە سەللە كېيىش چەكلىنىپ، كىيگەنلەرنى تۈرمىگە تاشلىغان بىر زاماندا، «بۇ سەللە بېشىم بىلەن بىللە چىقىدۇ!» دېگەن زات-بەددىئۇززاماننىڭ شاگىرتلىرى ھىجاپسىزلىققا يول قويىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس » دەپ رەددىيە بىرىش ماھىيەتتە نۇرچىلارغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ھەر بىر كىشى  ياشىغان تارىخى دەۋرنى چۈشەنگىنىمىزدە ئاندىن ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولىدۇ.چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئىدىيىسىگە ئۇ ياشىغان دەۋر تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بىر قانچە بولىدۇ.بەزىدە توغرا ئىشنىمۇ ۋاقتىنچە چەكلەپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ.خۇددى ئىبن تەيمىييە ئۆز دەۋرىدە قۇرئان كەرىمدە مەجاز يوق دەپ تەشۋىق قىلغاندەك...خۇددى "باشتىكى بۇ سەللە پەقەت ۋەپەقەت باش بىلەن بىرگە چىقىدۇ» دىگەن گەپنى تومتاقلا يېزىپ قويسا بىر خىل چۈشەنچە بەرگەن بىلەن شۇ سۆز دىيىلگەن شارائىتنى تەپسىلىرەك يېزىلغاندا باشقىچە مەزمۇن ئىپادىلىگەندەك.. ئەمما ئارىمىزدا بەزىلەر بۇ رىسالىنىڭ مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى   چۈشەنمەي تۇرۇپ    ياكى ئىزدىنىپ باقمايلا  بۇ رىسالىنى  ئۆزىنىڭ مەزھەپپەرەسلىك ئىدىيىسىنىڭ نەقلى دەلىلى قىلماقچى بولدى،ھەتتا «زامانىمىزدىكى كىسەللىك-مەزھەپسىزلىك» دەپ تىما –ئىنكاسلار  يېزىلىپ مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى ئۈچۈن ئايەتلەردىن دەلىللەر كەلتۈرۈلدى.كۈلكىلىك يېرى شۇكى ئاشۇ ئايەتلەر مەزھەپلەر مەيدانغا كىلىشتىن ئاز بولغاندا 100 يىل بۇرۇن نازىل قىلىنغان ئىدى..مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئاشۇ 100 يىل ئىچىدە ياشىغانلار بىر ۋاجىبنى بىلمەي ۋە ئادا قىلماي گۇناھكارلارچە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى...يەنىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى ئاشۇ مەزھەپ ئىماملىرى ھىچقاچان باشقىلارنى ئۆزىنىڭ مەزھىبىدە مېڭىشقا زورلىمىغان ۋە دەۋەت قىلمىغان ئىدى... ئەمما كىيىنكى مۇرتلارنىڭ بۇنى دەۋەت قىلىپ ھەتتا ۋاجىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋىتىشى ھەقىقەتەن ئەجەپلىنەرلىك .بۇ رەددىيە دەل مۇشۇ سەۋەپتىن يېزىلدى..ئەمىلىيەتتە زامانىمىزنىڭ كىسىلى مەزھەپسىزلىك ئەمەس دىنسىزلىق،ئىدىيەدىكى قاتماللىق  ئىدى..نۇرغۇن  مەزھەپپەرەسلەر دىنىغا تەنە قىلىنسا ھىچقانچە ئاچچىغى كەلمىگەن بىلەن مەزھىبىگە تەنە قىلىنسا ئاچچىغى تۈۋىدىن قوپىدۇ. ھەدىس كىتاپلىرىغا قارايدىغان بولساق مەزھەپلەرنىڭ تالاش –تارتىش ،جەڭگى-جىدەللىرى قاپلاپ كەتكەن.ھەتتا ئايەت –ھەدىسلەرنى قەستەن ئۆزىنىڭ مەزھىبىگە تارتىپ  تولغاپ چۈشەندۈرۈپ قارشى مەزھەپنىڭ دەلىلىنى قىلدەك  كۆرسىتىپ  چۆكۈرۈپ ،دەلىل قىلغان ھەدىسلىرىدىن قەستەن پۇتاق تېپىپ زەئىفكە چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ مەزھىبىنىڭ دەلىلىنى  پىلدەك كۆرسىتىپ ئاقلاپ ، كۈچلەندۈرۈپ ،زەئىف ھەدىسلىرىنى زورلاپ مەشھۇر دەرىجىسىگە چىقىرىپ شەرھىلەرنى يازىدىغانلارنى  نۇرغۇن ئۇچرىتىمىز.ھەتتا ئۆزىنىڭ مەزھىبىگە قارشى كىلىدىغان ھەدىس ئاۋال چىقسا ئالدىراپ كىتىپ شۇ ھەدىسنىڭ ئاستىغىلا بىزنىڭ مەزھىبىمىزنىڭ دەلىلى پالانى ھەدىس دەپ كىچىك خەت بىلەن يېزىپ قويىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىمىز. خۇددى كەينىدىكى ھەدىسنى ئوقۇپ بولغىچە بىر كىم ئۇنىڭ مەزھىبىنى چىشلەپ تارتىپ پىپەن قىلىدىغاندەك.مانا بۇنى  ھەقىقى كىسەللىك دەيمىز.

l       ھەر ھالدا سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ ئەسلىدە ئىجتىھاد ئىشىكىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقى،ھەم بۇ ئىشىكنىڭ تاقالمىغانلىقى ھەم تاقالمايدىغانلىقى ،بەلكى زۆرۈر مەسىلىلەرگە ئۇچرىغاندا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىشنى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئەمما بۇنداق خىزمەتكە سالاھىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى، ھەل بولۇپ بولغان مەسىلىلەردە  «قەھرىتان قىش»تىن سالامەت چىقىۋېلىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە «ئۆزىمىزدە بارىنى قەدىرلەپ تۇرساقمۇ بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلماقچى بولغىنىنى رىدا بۇرادەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن  ھەممەيلەن چۈشەندۇق ھەم بۇنىڭغا قوشۇلىمەن. بۇنى يۇقۇرىدىكى ئىنكاسلىرىمدا ئوچۇق يازغان ئىدىم. ھەممەيلەن مۇشۇنداق چۈشەنسە مىنىڭ باشقىچە پىكرىم يوق.شۇڭا رىدا بۇرادەرنىڭ دىگىنىدەك بەزىبىر ئۇششاق مەسىلىلەرنى قايتا زىغىرلاپ يۈرمەيمەن.ئەمما مىنىڭ بىلىشىمچە   چوڭ قائىدىلەرگە قاراپلا بىر كىمنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى بىلگىلى بولمايدۇ.مەسىلەن ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى دەپ شۇئار توۋلىغان كىشىنى مۇسۇلمان دەپ بىلگىلى بولمايدۇ.دىنسىزلارمۇ مۇشۇنداق شۇئار توۋلايدۇ. ھەتتا بىدئەتچىلەرمۇ «سۈننەتنى قوغداپ بىدئەتنى يوقۇتايلى» دەپ شۇئار توۋلايدۇ.بۇنىڭغا قاراپلا ئۇنى سۈننەتچىكەن دىگىلى بولمايدۇ.بەلكىم ئۇ ئەڭ چوڭ بىدئەتچى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمىلى مەسىلە ئالدىدا ئاندىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.ئۇنىڭ گەپلىرىنى قىلغان ھەركىتى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش كىرەك.خۇددى  شۇنىڭدەك سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ قىلغان  نۇرغۇن ئىجتىھادلىرىمۇ ئۇنىڭ رىسالىلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ بىرىدۇ.شۇڭا رىدا بۇرادەر يازغاندەك« سەئىد نۇرسىنىڭ ئىجتىھاد رىسالىسىنى ھەممە دەۋرگە، ھەممە شارائىتقا چۈشىدىغان ئىلمى تەپسىلاتلار بىلەن بايان ئىتىلگەن ئىجتىھاد دەستۇرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋېلىپ،» رىسالىلىرىنى مەزھەپپەرەسلىكنىڭ نەقلى دەلىلى قىلىپ تايىنۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە مىنىڭ دەيدىغىنىم تۈگىدى .

ئەمدى ھەقىقەت ھەققىدىكى مۇنازىرىگە كەلسەك ھەر بىر مەسىلىدىكى ھەر خىل پىكىرلەر ئىچىدە   ھەقىقەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىرلا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئارىمىزدا ئىختىلاپ يوق.(ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ياكى ئوخشىمىغان شارائىتتا چىقىرىلغان ھۆكۈملەرھەقىقەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس پەقەت اللەنىڭ ئەپۈچانلىقى بىلەن ۋاقتىنچە گۇناھ يېزىلمايدۇ خالاس

 ) .ئەمما اللەنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەت بىرلا ۋاقىتتا بىرلا شارائىتتىمۇ بىر قانچە بولىدۇ دەيدىغان قاراشتىكىلەرمۇ بار .ئۇلارمۇ ئۆز قارىشىغا بەزىبىر دەلىل-ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈشىدۇ. شۇڭا  تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا دىگەن گەپنىڭ   مۇشۇ مەنىنى بىرىش ئىھتىماللىقى بولغاچقا (باشقىلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق چۈشىنىشى مۇمكىن) ئىزدىنىپ باقمايلا ئۇنىڭمۇ توغرا،بۇنىڭمۇ توغرا،شۇنىمۇ تالىشىپ يۈرەمسىلەر ؟ دەپ مەزھىبىنى تاغدەك يۆلەك بىلىپ  بىخىرامان يۈرىۋىرىدىغان ئالىملارنى ياقتۇرمايمەن.بۇ بىر ھورۇنلۇقنىڭ ۋە ئىرەنسىزلىكنىڭ مەھسۇلى.ئاددىسى بىر تىجارەت ئىشىدىمۇ ئازراق زىيانغا ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن  ھەر خىل ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ئىشەنچلىك ،توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىشكە  نەچچە كۈن بەزىدە نەچچە ئاي ۋاقىت چىقىرىپ  ئويلىنىپ ،باشقىلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ  ئاندىن ھەركەت باشلايمىزيۇ نىمە ئۈچۈن  ئەبەدىلىك بەخت-سائادىتىمىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان دىن ئىشىمىزدا ساۋاب بولمايدىغان ياكى گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالماسلىق  ئۈچۈن ئىزدىنىپ ھەر خىل ھۆكۈملەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ توغرىسىنى ،ئەڭ ئىشەنچىلىكىنى بىلىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن  ھەركەت قىلماي -ھەممىسى توغرىغۇ! دەپ  ئۆزىمىزنى گوللاپ يۈرىمىز؟ مىنىڭ ئىنكاس ۋە ئىزدىنىشلىرىم  دەل مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدەيدۇ.ئەلۋەتتە رىدا بۇرادەر بىلەن بۇ جەھەتتىمۇ ئورتاقمىز. قالغان مەسىلىنى   بىر ئەمىلى مىسال بىلەن چۈشىنىشسەك بولىدىغاندەك.  مەسىلەن  :جۇنۇپ كىشى چىلەكنى ئالىمەن دەپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە ئىمام ئەزەم ھەرئىككىسى(ئادەممۇ ،سۇمۇ ) نىجىس بولىدۇ دەيدۇ. ئىمام مۇھەممەد بولسا ھەر ئىككىسى پاكىز  بولىدۇ دەيدۇ.ئەبۇ يۈسۈپ ھەر ئىككىسى ئۆز پىتى تۇرىدۇ دەيدۇ.(ھىدايەدىن ئېلىندى)

بۇ مەسىلىدە بىر قانچە تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.

ھەر ئىككىمىز ئىقراركى يۇقارقى ھۆكۈملەرنىڭ پەقەت بىرسىلا توغرا ،قالغىنى خاتا.چۈنكى بۇ مەسىلىدە تۆتىنچى ھۆكۈم چىقىشى ناتايىن.

l       بۇ ئۈچەيلەندىن ھەر بىرى چوقۇمكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى توغرا،باشقىلارنىڭكىنى خاتا دەپ قارايدۇ.گەرچە ئاغزىدا دىمىسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ھۆكۈمىنى خاتا دەپ قارىغاچقا ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ھۆكۈم چىقارغان.شۇڭا مەن زۇھەيلىنىڭ« ئىككىلى قاراشتىكىلەرنىڭ ھېچبىرى تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلى قارىشىغا ئەمەل قىلغانلارنى نە بىرىنجى قاراشتىكىلەر بولسۇن ۋەياكى ئىككىنجى قاراشتىكىلەر بولسۇن چوقۇم بىرىنى توغرا، قالغىنى خاتا دېگەن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىنىڭ توغرا، قالغىنىنى خاتا دىگەن خۇلاسىگە كەلمىگەن، بەلكى بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۆز قاراشلىرىدىن: «تۆتىلى مەزھەپنىڭ قارىشى توغرا بەلكى تۆتىلى مەزھەپنىڭلا ئەمەس ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا» دېگەن خۇلاسىنى قاراشلىرىدىن تارتىپ ئىلىپ چىققان.» دىگەن گىپىگە قوشۇلمايمەن.بۇ گەپتىن ھەممەيلەن قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى توغرا  دەپ قارايدۇ ،يەنە تۆتىلى مەزھەپنىڭ چوقۇم بىرىنىڭ توغرا،قالغىنىنىڭ خاتادىگىلى بولمايدۇ دىگەن مەزمۇن چىقىدۇ.ئەمىلىيەتتە ھىچكىممۇ قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارىمايدۇ.( يۇقۇرىدا ئابدۇللا ئىبن ئۆمەرنىڭ خەلىفە ئۆمەرنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكى،ئىبن ئابباسنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكىنى،ۋەكىئنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى خاتا دىگەنلىكىدەك بىر قاتار مىساللارنى كەلتۈردۈم) ئەگەر ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارىغان بولسا قارشى پىكىرنى پەيدا قىلمىغان  بەلكى ئوخشاش پىكىردە بولغان بولاتتى.ئىمام شافىئىنىڭ مىنىڭ قارىشىم توغرا، بىراق خاتالىق ئېھتىمالى بار ، بىراۋلارنىڭ بولسا خاتا، ئەمما توغرا بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار» دىگەن گىپىمۇ مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ.دىمەك ھەر بىر مۇجتەھىد ئۆزىنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ قارايدۇ.گەرچە %100 توغرا دىيەلمىسىمۇ .باشقىلارنىڭكىنى خاتا دەپ قارايدۇ.گەرچە %100 خاتا دىيەلمىسىمۇ. ئەمما بۇ گەپ- ئېنىق نەس(دەلىل) بولمىغان بەزىبىر ئىجتىھادى  ۋە قىياسى مەسىلىگە قارىتا دىيىلگەن بولۇشى مۇمكىن . ئابدۇللا ئىبن ئۆمەرنىڭ خەلىفە ئۆمەرنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ھەدىستىن ئوچۇق دەلىل كەلتۈرگەنلىكى، ۋەكىئنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى خاتا ۋە بىدئەت قاراش دىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئوچۇق دەلىل كەلتۈرگەنلىكى،ئىبن ئابباس ۋە ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە ئەسلا قايىل بولمىغانلىقى قارشى پىكىرنى پۈتۈنلەي خاتا،توغرىلىق ئىھتىمالى يوق  دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. دوكتۇر قەرداۋى ھەزرەتلىرىنىڭمۇ «فقەالزكوە» ناملىق كىتاۋىدا ئىمام ئەزەمنىڭ ئاشلىقتا نىساب يوق دىگەن گىپى زەئىف گەپ  بەلكى پۈچەك گەپ دىگەنلىكىمۇ يۇقارقى قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇھەيلىنىڭ كىتاۋىدىكى « بەلكى تۆتىلى مەزھەپنىڭلا ئەمەس ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا»  دىگەن گەپلەر بەكلا  مۇبالىغىلاشتۇرۇۋىتىلگەن ۋە مۇتلەقلەشتۈرۈۋىتىلگەن.بۇ گەپلەر ئەمىلىيەتكە زىت كىلىدۇ.بىرىنچىدىن بۇ گەپتىن ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك ھۆكۈملەرنىڭمۇ ھەممىسى توغرا دىگەن مەزمۇن چىقىدۇ.ئەگەر بۇ گەپنى ھەرقايسىسىنىڭ گىپى  ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا دەپ چۈشىنىلسە بۇ باشقا  گەپ.(ئەلۋەتتە ھەر كىم ئۆزىنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايدۇ) ئەمما شەرىئەت ئالدىدىمۇ ھەممسىنىڭ گىپى توغرا  دىيىلسە يەنە خاتا بولىدۇ.بۇنىڭغا ھەر ئىككىمىز ئىقرار.

ئىككىنچىدىن ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا دىسەك بۇنىڭ ئەمىلىيەتكەزىت كىلىدىغان تەرىپى شۇكى ئاشۇ مۇجتەھىدلەرنىڭ ھەممىسى  بارلىق مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى چالا قويماي  ئىگىلەپ بولالمىغان. بۇ بىر ئەمىلىيەت.بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ سېلىشتىن خالى بولالمىغان. كىيىن ئۇلار  نۇرغۇن مەسىلىلەردە مۇناسىۋەتلىك دەلىلگە ئۇچراشقاندا بۇرۇنقى قارارىدىن يانغان.بەزى پىكىرلىرىدىن يېنىشقا ئۇلارنىڭ ئۆمرى يار بەرمىگەن.بولمىسا يەنە نۇرغۇن قاراشلىرىدىن يېنىشى ئىھتىماللىق. بۇ ھەقتە مىساللار نۇرغۇن.بۇنىڭغا ھەممەيلەن ئىقرار.يۇقارقى گەپ بويىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ ئاشۇ كىيىن يېنىۋالغان ۋە يېنىۋېلىش ئىھتىمالى بولغان قاراشلىرىنىمۇ توغرا دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.ئۈچىنچىدىن ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا دىسەك نۇرغۇن مۇجتەھىدلار بەزى ئەقىدە مەسىلىلىرىدىمۇ خاتالاشقان.مەسىلەن مۇئتەزىلەلەر، شىيەلەرنىڭمۇ ئىجتىھاد سالاھىيىتىگە ئىگە مۇجتەھىدلىرى بار.ئۇلارنى كافىر دىيىلمىگەندىمۇ ئازغۇن ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان.يۇقارقى گەپ بويىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىمۇ توغرا دىيىلسە بولىدۇ.بۇنداق بولغاندا  ئەقىدە مەسىلىلىرىدىمۇ توغرا-خاتا ئەسلا ئايرىلمايدۇ.  »

l       3-  يۇقارقى جۇنۇپ مەسىلىسىدە بۇ ئۈچ مۇجتەھىدنىڭ ھەر بىرىنىڭ   توغرىدىن نىسىۋىسى بار.بۇنداق دىگەنلىك ھەرگىزمۇ بىر ھەقىقەتنى ئۈچەيلەن ئۈلەشكەن دىگەنلىك ئەمەس.مىنىڭ چۈشەنچەممۇ شۇكى  ھەر بىرى مۇجتەھىد بولغاچقا توغرىنى تاپالىغان بولۇشى مۇمكىن.يەنى بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۈچ خىل  ھۆكمى ئايرىم ھالدا توغرا بولۇشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككىمىزنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقىدۇ. ئەمما -ھەممىسىنىڭ توغرىدىن نىسىۋىسى بولسىمۇ يەنى توغرىنى تېپىش ئىقتىدارى  ۋە ئىمكانىيىتى بولسىمۇ  لىكىن  كىمنىڭ توغرىنى تاپقانلىقى نامەلۇم بولغاچقىلا  ھەممىسىنىڭ گىپى- توغرا  دىيىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.  سىزنىڭ  « «توغرۇلۇق» مۇجتەھىدلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن- دېگەن گەپكە قايىل بولغىلى بولمايدۇ » دېگەن گېپىڭىزگە قايىل بولغىلى تىخىمۇ بولمايدۇ» دىگەن ئىنكاسىڭىزدا مىنىڭ گىپىمنى چالا نەقىل ئاپسىز. «توغرۇلۇق»(ھەقىقەت) مۇجتەھىدلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن.بۇ گەپ- توغرا.مەن بۇنىڭغا قايىل.ئەمما  مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم «توغرۇلۇق» مۇجتەھىدلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن دەپلا ھەممە مۇجتەھىدنىڭ بىر مەسىلىدىكى قارىمۇ –قارشى پىكىرلىرىنىڭ ھەممسى توغرا دىگەن گەپكە قايىل بولغىلى بولمايدۇ دىمەكچى.  يۇقارقى جۇنۇپ مەسىلىسىدەك. بۇ- خۇددى بىر تال گۆھەر ئۈچ ساندۇقنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۈچىلى ساندۇقتا بار دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش. چۈنكى بۇنداق دىگەنلىك  بىر مەسىلىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەقىقەتنىڭ بىر قانچە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ ھەم بۇنداق دىيىشنىڭ قىلچە ھاجىتىمۇ يوق.شۇڭا بۇنداق چاغدا« تۆتىلى مەزھەپنىڭلا ئەمەس ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى  توغرا» دىمەي  مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىنىڭلا توغرا،قالغىنى خاتا دەپ تۇرۇپ بىزمۇ  ئاشۇ توغرىنى تېپىش ئۈچۈن  ئىزدىنىشىمىز كىرەك.مۇشۇ چاغدا  اللەنىڭ «ھەر قانداق بىر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار »دىگەن بۇيرىقى بويىچە   مەسىلىنى ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسكە قايتۇرساق  توغرا جاۋابنى تاپالايمىز.مىسالغا ئالساق  مۇشۇ جۇنۇپ مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇپ ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟  ئىزدىنىپ  باقىدىغان بولساق رەسۇلۇللا «مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دەپ ئوچۇق سۆزلىگەن.شۇڭا مەزكۇر ئادەم گەرچە جۇنۇپ بولسىمۇ ئەمما مۇئمىن بولغاچقا ئۇنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكىنىگە قۇدۇق سۈيى نىجىس بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەنەفىلەرنىڭ فىقھى كىتاپلىرىدا ھەتتا مەيلى مۇسۇلمان مەيلى كافىر بولسۇن ئادەملا بولىدىكەن ئۇنىڭ ئىچىپ ئاشۇرغان سۈيى- پاكىز دەپ ئوچۇق يېزىلغان.(ئاغزىدا نىجاسەت يۇقى بولمىسىلا) ئەجىبا ئايەت كەرىمەدە نىجىس دىيىلگەن بىر كافىرنىڭ ئاغزى تەككەن بىر چىنە سۇ نىجىس بولمىغان يەردە بىر  مۇئمىن   قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنگە شۇنچىۋالا جىق سۇ نىجىس بولۇپ كىتەرما؟ ھەنەفىلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىككى خىل  گىپى زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ؟  مۇشۇنداق تەھلىل قىلغاندا بۇ سۇنىڭ ھۆكمىدە ئىمام  ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىقلا چىقىدۇ.ئەمدى  ئاشۇ جۇنۇپ مۇئمىن زادى جۇنۇپلۇقتىن  پاكىز  بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دىگەن مەسىلىنى ئىزدەنسەك بۇ ھەقتىمۇ رەسۇلۇللانىڭ «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق»دىگەن ھەدىسىنى تاپالايمىز.مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئالىملار ئەمەللەردە نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، نىيەتسىز قىلغان روزا،زاكات..قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ ھىساپ بولمايدىغانلىقىنى بىردەك قەيت قىلىشىدۇ.يەنى بىر ئادەم روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلماي ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاچ ۋە ئۇسسۇز يۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى روزا بولمايدىغانلىقىنى بىرلىكتە  ھۆكۈم قىلىشقان.ئەمدى ئاشۇ ھەدىسنى مۇشۇ مەسىلىدىمۇ دەلىل قىلساق مەزكۇر ئادەم  مىسالدا ئوچۇق دىيىلگەندەك ئەسلىدە  چىلەكنى ئالىمەن دەپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن.دىمەك ئۇكىشىنىڭ غۇسۇل قىلىش نىيىتى يوق.شۇڭا گەرچە ئۇكىشى سۇغا چۈمۈلۈپ چىققان بولسىمۇ شەرىئەتنىڭ نەزىرىدە  جۇنۇپلۇقتىن پاكىز بولغان بولمايدۇ. شۇڭا  ئۇكىشى قۇدۇقتىن بۇرۇنقى پىتى چىققان بولىدۇ.بۇنىڭدىمۇ ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. تەبىئىكى قالغان ئىككەيلەننىڭ قارىشىنىڭ خاتالىقى ئايدىڭلىشىدۇ.ئىختىلاپ چىققاندا اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىش دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.مۇشۇ بويىچە ئىش قىلىشنى ئەمىلىلەشتۈرسەك ئىختىلاپلار تۈگىگەن بولاتتى.لىكىن نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن    ئىختىلاپلار تۈگىمەي كىلىۋاتىدۇ.

l       توغرا،سىز دىگەندەك « ئەمما بۇ سىزگە نىسبەتەنلا شۇنداق بولىدۇ، يەنە بىراۋغا نىسبەتەن ئۇنداق بولىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇ سىز توغرا دەپ قارىغان دەلىللەرگە قايىل بولمىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يەنە بىر قاراشقا قايىل بولغىنى ئۈچۈن سىزگە ئوخشاش يەنە بىر قاراشقا ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەم سىز قايىل بولغاننى خاتا دەپ قاراشقا ئۇنىڭمۇ تامامەن ھەققى بار،» بۇ گىپىڭىز يوللۇق.

l       شۇڭا  بۇ يەردە ئاشۇ ئىككەيلەنمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ ئۆزىگە يارىشا دەلىل-ئىسپاتلارنى كەلتۈرىدۇ.ھەم ئۇ ئىككىسىگە ئەگىشىدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن.  ئاشۇلارنىڭ ئىجتىھادىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ قىلىنغان ئىجتىھادلاردۇر، ئەمما ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق ئۇ ئىككىسىنىڭ دەلىللىرى يۇقارقىدەك  ئوچۇق ۋە سەھىھ ھەدىس ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.كىتاپلاردىن ئۆچۈرۈۋىتىشنىڭ ئىمكانىمۇ يوق.ئوچۇق ھەم ئىشەنچلىك  دەلىل-ئىسپات ئالدىدا ئۇ ئىككەيلەننىڭ قايىل بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس.(مۇئتەزىلەلەر،شىيەلەر،جەھمىييە.....لەرمۇ ئۆزىنىڭ خاتا كۆز قاراشلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرگەپلەرنى دەپ باقىدۇ.ھەم بىزنىڭ قاراشلىرىمىزغا ئەسلا قايىل بولمايدۇ.«دىققەت:بۇ گەپ خاتا چۈشىنىلمىسۇن!» ھەر بىر ئىجتىھاد سالاھىيتىگە ئىگە ھەرقانداق مۇجتەھىدنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ئارقىلىق چىقارغان ھۆكمى-  توغرا دەۋەرسەك ئاشۇنداق بىدئەت قاراشلارنىڭمۇ توغرىلىقىغا قايىل بولغان بولۇپ قالىمىز.بۇنداقتا ھەق –ناھەق كۆز قارىشىمىز بەكلا تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ. ) ئايەت كەرىمەدە دىيىلگەن ئىختىلاپ ئالدىدا مەسىلىنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە قايتۇرۇش بۇيرىقى قىلچىلىكمۇ مۇتەئەسسبلىك قىلماي تەرجىھ قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز  بىلەن مۇتەئەسسىپلىكتىن خالى ھالدا ماڭايلى دىسەك مۇشۇ بويىچە يول تۇتساق بولىدۇ.ئەمما ئىلىم ساھەسىدە بۇ دەرىجىگە بارغىچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ قەلبىگە مەزھەپ ۋە شەخسكە چوقۇنۇش تامغىسى ئۇرۇلۇپ بولغان بولغاچقا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ كۆنگەن پىكرىدىن يېنىشقا ياكى  كىيىنكى «سويمىلار»نىڭ نامى مەشھۇر  چوڭ پىشىۋايىمىزنىڭ گىپىدىن خاتالىق تېپىشىغا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئالى غايىلەر ئىشقا ئاشماي مۇسۇلمانلارئارىسىدا ئىختىلاپلار يەنىلا تۈگىمەي داۋاملىشىدىكەن.ھازىرقى زاماندىكى ئىختىلاپلارنىڭ تۈگىگىنى ھەممىدىن ياخشى ئىدى.اللەغا شۈكرىكى زامانىمىزدىكى مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ بىر مەزھەپكىلا بېقىنىۋالماي كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەرجىھ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ جاۋاپ بىرىشى نەتىجىسىدە كىمنىڭ قاراشلىرىنىڭ زەئىفلىكى ئېنىقلىنىپ مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار تەدرىجى تۈگەشكە  باشلىدى. شۇڭا ھازىرقى ئۆلىمالار بۇرۇنقىلاردەك پالانى مەزھەپتە دىيىلمەيدىغان بولدى.مۇشۇ بويىچە داۋاملاشسا اللە خالىسا ئۇزاققا قالماي مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارمۇ تۈگەيدۇ.تەرجىھ قىلىشمۇ ئەلۋەتتە ھەر خىل بولىدىكەن.   بۇرۇنقى كىتاپلارنىڭ بەزىسىدە تەرجىھ قىلىمەن  دەپ قەستەن دەلىللەرنى نورماللىقتىن چىقىرىۋىتىدىغان ئىشلارنى كۆرىمىز.بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم شارائىتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن قارشى تەرەپنىڭ دەلىللىرىدىن خەۋەردار بولالماسلىق ۋە ياكى مۇتەئەسسىپلىك    دەپ چۈشىنىشمۇ مۇمكىن.ئەمما بىزنىڭ زامانىمىز بۇرۇنقى  زامانغا ئوخشىمايدۇ.ھازىر ھەر قايسى تەرەپنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش  ۋە سېلىشتۇرۇپ بىلىش پۇرسىتىمىز بار. بىن باز،ئۇسەيمىن،دوكتۇر قەرداۋى، دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا.... قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەم كۆرسىتىۋاتىدۇ.شۇڭا ھازىرقى زاماندا بۇ غايىگە يىتىش ئاسانراق. اللە خالىسا بۇندىن كىيىن بىر قىسىم  تەرجىھلەر ئارىسىنى تەرجىھ قىلىش مەيدانغا چىقىدۇ.  مۇتەئەسسىپلىكتىن،ھاۋايى-ھەۋەستىن  خالى ھالدا جايىدا تەرجىھ  قىلىنغان   ھۆكۈمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەرقانداق ساغلام ئادەمنىڭ كۆڭلىگە قۇياشتەك ئايدىڭ بولىدۇ .ئۇنتۇپ قالمايلىكى رەسۇلۇللانىڭ دەۋرىدە ئەسلا ئىختىلاپ بولغان ئەمەس. ھەم بىزلەر باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش بىرەم ئۇنى دەپبېقىپ،بىر مەزگىل بۇنى قىپبېقىپ ئاندىن  توغرىسىنى بىلىدىغان ئۈممەت ئەمەس.بەلكى بىزنىڭ قىلچە خاتالىق سادىر بولمايدىغان ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان،گەپلىرى چۈشىنىشلىك  قۇرئان كەرىمىمىز ۋە ئىسلامنىڭ گەۋدىسى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ  ئىشەنچلىك سۆز-ھەركەتلىرى نەقىل قىلىنغان كىتاپلىرىمىز بار. دىمەك ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى- بىلىنمەسلىك ئەمەس بەلكى بىلەلمەسلىك،ياكى جايىدا چۈشىنەلمەسلىك.  ئەلۋەتتە بىزنىڭ يۇقارقى مەسىلىدە ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىمىزمۇ ئىجتىھادنىڭ مەھسۇلى.لىكىن ئىجتىھادنىڭ ھەممىسى بىر قاتاردا بولىۋەرمەيدۇ.(خۇددى دوكتۇر قەرداۋىنىڭ يۇقارقى سۆزىدە دىيىلگەندەك) ئوچۇق ۋە سەھىھ دەلىل بار يەردە يەنە ئۇنىڭغا شىنە قېقىپ يۈرسەك  ۋە ياكى شىنە قاققانلارنىڭ ھۆكمىنىڭمۇ توغرا بولۇش ئىھتىمالى بار دەپ يۈرسەك ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ.اللەنىڭ «ھەر قانداق بىر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار»دىگەن سۆزى -بەندىلەر ئەمەل قىلالمايدىغان پەقەت ئوقۇپلا قويىدىغان نەزىرىيەلا بولۇپ قالىدۇ.چۈنكى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇشۇ ئامال بىلەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىڭلار دىگەنلىك.خۇددى ئاغرىپ قالساڭ دوختۇرغا بار دىگەندەك.

l       «ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئىجتىھادىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ قىلىنغان ئىجتىھادلاردۇر، ئاشۇنداق تۇرۇپ ئىختىلاپ چىققىنىنىڭ ئۆزى چوقۇم بىرىگە ھەقنى تەئەللۇق قىلىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقىنىدىن دېرەك بىرىدۇ»دىگەن گىپىڭىز  «ئوچۇق  دەلىل بولسا ئىختىلاپ بولمايتتى» دىگەن ئىدىيەنىڭ مەھسۇلى. بۇنداق ئىدىيە خېلى كۆپلىگەن كىتاپلاردا ئۇچرايدۇ. بەلكىم بۇرۇنقى دەۋرلەردە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ ئىدىيە توغرا بولۇشى مۇمكىن ئىدى.ئەمما ماتىرىيال جەھەتتە بىزنىڭ دەۋرىمىز بۇرۇنقى دەۋرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.شۇڭا ھازىرقى دەۋردە بۇنداق ئىختىلاپلارنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى بەزىدە بولۇپمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردە كۈچلۈك دەلىل بولسىمۇ ئىختىلاپلار چىقىۋەرگەن.بۇنىڭ سەۋەبى  دەلىلنى بىلمىگەنلىك،ياكى دەلىلگە ئىشىنەلمىگەنلىك،ياكى دەلىلنى ئاجىز ئىجتىھادلار بىلەن رەت قىلىۋەتكەنلىكتىن بولغان. ئىمام ئەزەمنىڭ ئاشلىقتا نىساب يوق دىگىنىدەك

l       ئىمام مالىكنىڭ ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ تاشلىغان كىشىنىڭ روزىسىمۇ بۇزۇلىدۇ،دىگىنىدەك. يۇقۇرىدا ئابدۇللا ئىبن ئۆمەرنىڭ خەلىفە ئۆمەرنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكى،ئىبن ئابباسنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكى ،ۋەكىئنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى خاتا دىگەنلىكىدەك بىر قاتار مىساللارمۇ مۇشۇ نۇقتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇھەقتىمۇ  مىساللار نۇرغۇن.جۇنۇپ مەسىلىسىمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.

ئەمدى سىزنىڭ « ماقۇل سىز دىگەندەك قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ بىرىنى ھەق دەپ مۇئەييەنلەشتۈردىڭىزمۇ دەيلى، ئاشۇ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىجتىھاد ھېسابلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھەق شۇ دېگىلى ھەم بولمايدۇ تاكى ئىجماغا ئايلانغانغا قەدەر، ئىجماغا ئايلانمىغان تەقدىردە ھەر قانداق بىرىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتۇرۇپ قىلغان ئىجتىھادى مەسىللەردىكى ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئوخشاشلا ئىجتىھاد بولۇپ، بىرى دەلىلىڭىزنى كۆرۈپ كۈچلۈك دەپ قاراپ ھەق شۇكەن دىسە، يەنە بىرى دەلىلىڭىزغا قاراپ قايىل بولماي ئەكسى قاراشتىكى يەنە بىر مۇجتەھىدنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتۇرغان ئىجتىھادىغا قايىل بولىشى ئېنىقلا.» دىگەن گىپىڭىزگە كەلسەك ئەلۋەتتە ئىجماغا ئايلانسا بۇنىڭ قەتئى دەلىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق.»ئۇستازلىرىمىزمۇ بىزگە شۇنداق ئۈگەتكەن.ئەمما  ئىزدىنىپ كۆرىدىغان بولساق ئىجماغا ئايلانمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىمۇ  ئەسلىدە سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئوچۇق ھۆكۈم بىر تەرەپ قىلالايتتى.بولمىسا سەھىھ ھەدىسنىڭ نىمە رولى بولسۇن؟ ئايەتمۇ «ھەر قانداق بىر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار»دەۋاتىدۇ.ئىجما شەكىللەنسە ئاندىن ھىساپ دىمىگەن.پەقەت مەسىلە بۇ ئايەتكە ھەقىقى ئەمەل قىلىشتا. بۇ يەردە يەنىلا ئىمام ئەزەمنىڭ ئاشلىقتا نىساپ يوق دىگەن گىپىنى دەلىل قىلىش مۇمكىن. ئەسلىدە  ئىمام ئەزەمنى   ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ مەسىلىنى ئىجمائ قىلىشقا شەرتى چۈشەتتى. چۈنكى «بەش ۋەسەقنىڭ تۆۋىنىدە زاكات يوق »دىگەن  بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە يىتەرلىك ئىدى.شۇڭا ئىمام ئەزەمدىن باشقا بارلىق ئۆلىمالار   دىگۈدەك  ھەتتا شاگىرتلىرىمۇ ئاشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ ئورتاق پىكىردە. ئەقلىمىز بىلەن ئويلاپ كۆرگىنىمىزدىمۇ ئەجىبا  ھەدىسلەردە ئالتۇندا يىگىرمە مىسقال،كۈمۈشتە 200 تەڭگە،تۆگىدە بەش ،كالىدا ئوتتۇز، قويدا قىرىق دەپ نىساپ بىكىتىلىدۇ.ھەم شۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنى ئىتىراپ قىلىنىپ ئاشۇلاردىن بىرسى كەم بولسا ياكى يېرىم مىسقال كەم بولسا زاكات كەلمەيدىغانلىقىغا ھەممەيلەن  ھەتتا ئىمام ئەزەممۇ قوشۇلىدىغان تۇرۇپ يۇقارقى ھەدىسلەرگە ئوخشاشلا ئاشلىقنىڭ نىسابى ھەققىدە ئىنتايىن ئېنىق كەلگەن بەش ۋەسەق ئۆلچەمنى بايان قىلغان ھەدىسنى كىيىنكىلەرنىڭ  قەستەن تولغاپ چۈشەندۈرۈشىنى ۋە ھازىرغىچە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشنى تەشۋىق قىلىشلىرىنى نىمە ئۈچۈن توغرىلىق ئىھتىمالى بار دەيمىز؟ئىمام ئەزەمغۇ بەلكىم بۇھەدىسنى ئاڭلىمىغان بولغىيتى دەيلى .كىيىنكىلەر نىمە ئۈچۈن بۇمەسىلىدە يەنىلا تارتىشىپ تۇرۇۋالىدۇ؟ئەجىبا «زىمىندىن چىققان نەرسىگە ئوندىن بىرى زاكات كىلىدۇ »دىگەن ھەدىسقىلا ئېسىلىۋېلىپ« بەش ۋەسەقتىن تۆۋەنگە زاكات كەلمەيدۇ »دىگەن ھەدىسنى تۇتمىساق ياكى ئىمام ئەزەمگە مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ  تولغاپ تەرجىمە قىلساق ئۇنداقتا «يايلاقتا ئوتلايدىغان ھەر بىر تۆگىگە زاكات كىلىدۇ» دىگەن ھەدىسكە ئاساسەنلا بىر تۆگە  بولسىمۇ ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىش –پەرز دەپ ھۆكۈم قىلىپ 5تۆگىدىن ئازغا زاكات كەلمەيدۇ دىگەن ھەدىسنى تولغاپ تەرجىمە قىلىشقا  توغرا كەلمەمدۇ؟ئىككىلىسى ئوخشاش گەپ ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا 39 قويى بار بىر ئادەمگە زاكات بىرىش پەرز بولمايدۇيۇ 100 كىلو بۇغداي ھوسۇل ئالغان دىھقانغا ئۆشرە بەر دەپ تۇرۇۋالساق ئەقىلگە ئۇيغۇن بولارمۇ؟بۇ ئىككى ھەدىس خۇددى ئاپتوبۇس شىركەتلىرىنىڭ ھەربىر ئادەم بىردىن بىلەت ئېلىش لازىم،بىر مىتىردىن تۆۋەن بالىلار بىلەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسىگە ئوخشايدۇ.ئەگەر بىلەتچى بىر مىتىردىن تۆۋەن بالىغىمۇ بىلەت ئالىسەن،چۈنكى ئۇمۇ بىر ئادەم،شىركەت بەلگىلىمىسىدە ھەر بىر ئادەم بىردىن بىلەت ئېلىشى كىرەك دىيىلگەن دەپلا تۇرۇۋالسا ماقۇل دىگىلى بولامدۇ؟ئۇنداقتا ئىككىنچى بەلگىلىمىنىڭ نىمە رولى بولسۇن؟ ئۇستاز قەرداۋى شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى پۈچەك پىكىر دەپ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان.مانا بۇ -ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ساپدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق قەرداۋىنىڭ  بۇ گىپىنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ.مۇتەئەسسىپلەرگە ئامال يوق.بۇنداق پۈچەك گەپلەر ئىزدەنسەك يەنە نۇرغۇن. مەسىلەن مەجبۇرلانغان ئادەمنىڭ تالىقىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكى ھەققىدە ئوچۇق ھەدىس بولسىمۇ لىكىن ئىمام ئەزەمنىڭ «مەجبۇرلانغان ئادەمنىڭ تالىقى –ئىناۋەتلىك،چۈنكى ئۇكىشى مەجبۇرلانغان چاغدا ئىككى ئىشنىڭ ئاسانراق ھەم ئۆزىگە پايدىلىقراقىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللاپ قىلغان» دىگەن گىپىمۇ يۇقارقىدەك پۈچەك بىر گەپ.بۇنىڭغا ھىچكىم قوشۇلمايدۇ.ئەمما ئىمام ئەزەم قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئوچۇق بىر  مەسىلىمۇ ئىجماغا ئايلانمىدى.ئىمام ئەزەمنىڭ گىپى بويىچە خوتۇنىنى تالاق قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئادەمنىڭ قىلغان تالىقى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قىلغان تالاق بولسا ئۇنداقتا ئۇئادەمنى قانداقمۇ مەجبۇرلانغان ئادەم دەپ ئاتىغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ ئاشۇنداق مەجبۇرلانغان ھالدىكى قىلغان تالىقىنى ئىختىيارى تالاق شۇڭا ئىناۋەتلىك دىسەك مەجبۇرلانغان ئادەمنىڭ كۇفر سۆزىنى قىلغانلىقىنىمۇ ئىختىيارى ھالەتتە قىلغان سۆز دەپ ئۇكىشىنىمۇ كافىر دەپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ.چۈنكى بۇ كىشىمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ئاسانراق بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ.لىكىن بۇيەرگە كەلگەندە ھىچكىممۇ بۇنداق دىيەلمەيدۇ.«روزا تۇتقان ئادەم ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ قالسا بۇ ئۇنىڭغا اللە بەرگەن رىزقتۇر،ئۇنداق كىشىگە قازاسىنى قىلىش كەتمەيدۇ،كەففارەتمۇ كەتمەيدۇ » دىيىلگەن سەھىھ ھەدىسلەر  تۇرۇپمۇ ئىمام مالىك بۇنىڭغا قايىل بولمىغان.مۇشۇ مەسىلىدىمۇ ئىمام مالىكنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەسلىدە ئىجمائ بولۇش شارائىتى بار ئىدى.چۈنكى ھەدىس سەھىھ ھەم ئېنىق. ئەمما ئىمام مالىك بۇ ھەدىس سەھىھ بولغان بىلەن قىياسقا توغرا كەلمەيدىكەن ،چۈنكى ئىسىدە يوق ھاجەت قىلسا  تاھارەت سۇنىدۇ،ئىسىدە يوق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتسە ياكى ئىسىدە يوق روكۇ،سەجدىنى قىلمىسا ناماز بۇزۇلىدۇ،يەنە شۇنىڭدەك ئىسىدە يوق ھالدا ھەر قانداق بىر ئىبادەتنى بۇزىدىغان ئىشنى قىلسا ئۇ ئىبادەت بۇزۇلىدۇ،شۇ قاتاردا روزىمۇ بۇزۇلىدۇ،چۈنكى روزىنىڭ پەرزى يىمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك،بۇ ئىككى پەرز ئادا بولمىسا روزا روزا بولمايدۇ ،شۇڭا  ئىسىدە يوق يەپ تاشلىغان كىشىمۇ قازاسىنى قىلىشى كىرەك دەپ دەلىل سۆزلەپ يۇقارقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان.ئەمما بارلىق ئۆلىمالار ئۇنىڭ پىكرىگە قېتىلماي ئاشۇ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان.ئېنىقكى ئىمام مالىكنىڭ يۇقارقىدەك  چويلىدا تۇرمايدىغان داۋلىسى بۇ سەھىھ ھەدىس ئالدىدا ئاقمايدۇ.يەنە ئىمام مالىك بارلىق ئۆلىمالارغا قارشى ھالدا نامازدا قىيامدا تۇرغاندا ئىككى قولنى تۇتۇپ تۇرماي تاشلاپ تۇرىدۇ دىگەن.بۇ توغرىدىمۇ رەسۇلۇللانىڭ نامازدا قولىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقى ھەم كىشىلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدە  ئېنىق  ھەم سەھىھ ھەدىس تۇرسىمۇ لىكىن مۇشۇ ۋاققىچە ئىمام مالىكنىڭ گىپى بويىچە مالىكى مەزھىبى ئارىسىدا نامازدا  ئىككى قولىنى تاشلاپ تۇرىدىغانلار تۈگىمىدى.بۇنى ھەجگە بارغانلار كۆرۈپ ئىنكاس قىلىپ كەلدى.بۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ تۈگىمەسلىكىنىڭ  سەۋەبى پەقەت ئاشۇنداق پۈچەك گەپلەرنىڭ مەشھۇر ئىماملارنىڭ نامىدا دىيىلگەنلىكى بولسا كىرەك. شەيخ سەئدىنىڭ « گۈلىستان» دىگەن كىتابىدامۇنداق بىر شىئىر خاتىرىلەنگەن.

دەرۋىشلەرسورۇندا سۆزلىسە ھىكمەت،
دوستلىرىغا ئاڭلانماس يۈزىدىن بىرى.
پادىشا چاقچاقتىن بىر سۆز ئېيتسا،
ئىقلىمدىن ئىقلىمغا كىتىدۇ نېرى.
 

 شىئىردا تەسۋىرلەنگەندەك  يۇقارقىدەك پۈچەك  گەپلەر ئادەتتىكىرەك بىر  ئالىم ياكى مۇجتەھىدنىڭ ئاغزىدىن چىققان بولسا ھىچكىممۇ ئۇنى قوللىماي رەت قىلغان ۋە ئۇزاققا قالمايلا قۇيرىقىنى قۇم باسقان بولاتتى. لىكىن ھەقىقەتنى ئادەمگە قاراپ بەلگىلەيدىغان ئادەملەر ئەسىرلەر بويى تۈگىمەيدىغان بولغاچقا ھازىرغىچە ئاشۇنداق پۈچەك گەپلەرگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار ئۈزۈلمىدى.ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بولغاندەك مەشھۇرلارنىڭمۇ ئانچە –مۇنچە خاتالىشىپ قالىدىغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى.دىمەك يۇقارقىلارغا قارىغاندا بىرىنچىدىن بەزىدە ئېنىق ۋە سەھىھ  دەلىل بولسىمۇ لىكىن بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا ئىختىلاپ مەيدانغا چىققان ھەم كىيىنكىلەر بۇنى تۈگەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋەرگەن. بۇلار كۆڭۈلنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مۇتەئەسسىپلىكنىڭ نەتىجىسى.ئىماملىرىمىزنىڭ «بىزنىڭ گىپىمىز سەھىھ ھەدىسكە زىت بولۇپ قالسا بىزنىڭ گىپىمىزنى تامغا ئۇرۇڭلار»دىگەن مەردانە تەۋسىيەلىرى پەقەت قەغەزلەردىلا قالدى.ئۇلارنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت خاتا پەتىۋالىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قانداقلارنى قىلىپ ئۇلار بەلكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بىر گەپلەر بىلەن جاۋاپ بىرىشكە ئۇرۇنۇشلار ھازىرغىچە تۈگىمىدى.ئۇلارنىڭمۇ خاتالىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىت نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ۋە بۇنداق دىگەنلەر كەمسىتىلىپ تەنقىت قىلىنىپ ئىماملارنىڭ ھەرقانداق بىر خاتا گەپلىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلار بەزىلەرنىڭ دىنى خىزمىتى بولۇپ كەلدى.بەزىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ كىتاپلارغا يېزىپ يۈرگەنلىكىگە قاراپ ھەي بىچارە بايقۇش،سەن مۇشۇنداق قىلىپ نىمىمۇ تاپارسەن دىگۈسى كىلىدۇ كىشىنىڭ. يۇقۇرىدا ئابدۇللا ئىبن ئۆمەرنىڭ خەلىفە ئۆمەرنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكى،ئىبن ئابباسنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ قارىشىنى خاتا دىگەنلىكىنى،ۋەكىئنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنى خاتا دىگەنلىكىدەك بىر قاتار مىساللارنى كەلتۈردۈم.مانا مۇشۇمۇ ئېنىق ھەم سەھىھ دەلىل تۇرۇپمۇ چىققان ئىختىلاپ. ئىككىنچىدىن مۇشۇنىڭدىن ئېنىقكى ئاشۇنداق سەھىھ ۋە ئىشەنچلىك،ئېنىق  دەلىل بار يەردە ئۇنىڭغا قارشى ئىختىلاپنى نەزەرگە ئالماسلىقىمىز لازىم.خۇددى ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ «ئوت تەككەن نەرسىدىن تاھارەت ئېلىش ۋاجىپ»دىگەن گىپىنى رەت قىلغاندەكلا.گەرچە ئەبۇ ھۇرەيرە قەتئى قايىل بولمايدىغان بولسىمۇ لىكىن ھىچكىم ئۇنىڭ دىگىنىنى توغرا دەپ باققىنى يوق.مانا بۇ يۇقارقى سەلەفلىرىمىزنىڭ روھى.ئۇمۇ مۇجتەھىد بولغاندىكىن ئۇنىڭ گىپىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن دەپ يۈرمەي خاتالىقىنى ئىككىلەنمەي ئىقرار قىلىشىمىز لازىم.بولمىسا ئوچۇق ھەم سەھىھ دەلىلنىڭ ھىچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.دىمەك چوڭقۇر ئىزدەنسەك پۈچەك گەپلەرنى بىلگىلى بولىدۇ. ئايرىغىلى بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالساق مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.مىنىڭ «نامازدا بارماق كۆتۈرۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلى»دىگەن تىماممۇ مۇشۇ مەقسەتتە يېزىلغان ئىدى.دوكتۇر ئۇستازىمىز ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللامۇ بۇ مەسىلىدە «بۇ ئۈچ مەزھەبنىڭ(ھەنەفى ،شافىئى،ھەنبەلى مەزھەبنىڭ)قارىشى ھەدىسكە ئۇدۇل كەلمەيدۇ»دەپ ئوچۇق يازغان ئىكەن.دىمەك ھەدىسكە ئۇدۇل كەلمىگەن ئىكەن  خاتا دىگەن گەپ.ھەتتاكى ئاشۇنداق ئېنىق بىر سۈننەتنىمۇ ھارام دەيدىغانلار،مەكروھ دەيدىغانلار ھىلىھەم يۇرتىمىزدا موللىلىق قالپىقىنى كىيىپ گىدىيىپ يۈرۈشۈۋاتىدۇ.مەسىلە پەقەت مەزھەپۋازلىق قىلماي بايقاشتا ۋە سەمىمىلىك بىلەن ھەقىقەتكە قايىل بولۇشتا.( توغرىسىنى كۆرسىتىپ ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان مۇشۇنداق ئىزدىنىش خاراكتىرىدىكى تىمىلارنى كۆرگەندە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئۆچۈرۈۋەتكىلى ئاران تۇرىدىكەن.ئۇلارچە ئىختىلاپ چىقمايدىغان تىمىلارنى يوللىساق بولارمىش..شۇنچە ئېنىق دەلىل تۇرۇپمۇ يەنە ئىختىلاپلار چىقىۋەرگەن تۇرسا ئۇنداق ئىختىلاپنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ يېزىلغان  تىمىلار ئەسلىدە تەقدىرلەشكە تىگىشلىك  ئىدى .ئەمما  ئەزەلدىن ھوقۇق كالتىكى ئالدىدا پۇقرانىڭ دىموكراتىيە دەپ نامايىش قىلىشلىرىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى بولماي كەلگەن....)ھەممىدىنمۇ ئوچۇقراقى شۇكى بارلىق سەلەف سالىھلىرىمىز قۇرئان كەرىمدىكى اللەنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنتايىن ئېنىق ئايەتلەرگە   ۋە  

«مىھرىبان اللە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى»دىگەن ئوچۇق ئايەت بويىچە اللە -ئاسماندا، ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق سۈپەتتە قارار ئالغان دەپ ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە ھەتتا ئىمام مالىك اللەنىڭ ئەرشنىڭ ئۈستىدە قارار ئالغانلىقى -ئېنىق،قانداق شەكىلدە قارار ئالغانلىقى- نامەلۇم، بۇنىڭغا ئىشىنىش- پەرز ، كوچىلاپ سوراش –بىدئەت دىگەن. ئىمام ئەزەممۇ كىمكى اللە ئاسماندىمۇ،ئەرشنىڭ ئۈستىدىمۇ ياكى باشقا يەردىمۇ بىلمەيمەن دىسە كافىر بولىدۇ دەپ   تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ كىيىنكى بىر قىسىم ئادەملەر بۇ مەسىلىنى كوچىلاپ ياق ،بۇنداق دىسەك  اللەنىڭ ئەرشكە ھاجىتى چۈشكەن بولۇپ قالىدۇ،اللەنى لاماكان(ھىچيەردە ئورنى يوق) دەيمىز دىسە،يەنە بىر قىسىملىرى ياق اللە ھەممە يەردە بار دەيمىز...اللە قەلبىمىزدە دەيمىز دەيدىغان مۇجمەل ئىتىقادلارنى بازارغا سېلىپ كىتاپلارنى يېزىشىپ  ئىختىلاپلارنى مەيدانغا چىقارغان.ھېلىقىدەك چالا ساۋات ئەقىلسىز ئىماملىرىمىز بولسا مۇشۇنداق ئاقماس گەپلەر يېزىلغان كىتاپلارنى كۆرۈۋېلىپلا  ئايەت كەرىمەنىڭ روھى ۋە سەلەفلەرنىڭ يولى بويىچە ساغلام ئەقىدە قىلىپ مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى تىللاپ رەسۋا قىلماقچى بولىدۇ. مۇشۇلارمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ قارايدۇ.مانا بۇمۇ شۇنچە ئوچۇق دەلىل تۇرسىمۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلىدە چىققان  ئىختىلاپ.رەسۇلۇللانىڭ «قانداق بىر قەۋم ئۆزى مېڭىۋاتقان ھىدايەت يولىدىن ئېزىپ كىتىدىكەن ئۇلارغا جىدەل-ماجرا بىرىلىدۇ..»(ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى،ئىبىن ماجە رىۋايىتى) دىگەن ھەدىسى ئارىمىزدىكى بۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى ناھايىتىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.دىمەك  بىزدىكى بۇنداق تۈگىمەس ئىختىلاپلار دەل ئاشۇنداق توپ-توغرا يول، سەھىھ ھەم ئېنىق دەلىل تۇرۇپمۇ يەنىلا بىرسى ئۇيانغا تارتىپ ،بىرسى بۇيانغا تارتىپ تۈز ماڭغىلى ئۇنىمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان. بەزى تورداشلارنىڭ «قارىغاندا ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلار مەڭگۈ تۈگىمىگۈدەك» دەپ خۇرسىنىشلىرى بىكار ئەمەس.دىمەك تۈگىمەس ئىختىلاپلار ئۆزىمىزنىڭ كاساپىتىدىن.چوڭلارنىڭ خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتىۋىرىش ئاشۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىدۇ. ئىختىلاپنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا زەئىف ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن كىلىدۇ.بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى بويىچە زەئىف ھەدىس ھۆكۈم چىقىرىشتا ئىسپات بولۇشقا يارىمايدۇ.ھەتتاكى مۇستەھەب چاغلىق ھۆكۈمنىمۇ چىقىرىشقا يارىمايدۇ.(زەئىف ھەدىسنى سىلەرنىڭ يۇرتتا ئالمىغان بىلەن بىزنىڭ يۇرتتا ئالىمىز دەيدىغانلار،يالغان ھەدىس بولسىمۇ شەرىئەتكە پايدىسى بولىدىكەن تەشۋىق قىلىشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ دەيدىغان ئاتالمىش «مۇفەسسىرلەر»مۇ بار.بۇنداقلارغا پەقەت ئاچچىق كۈلۈپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوق) ئەمما بەزى  مۇجتەھىد ئىماملار بەزى  ھەدىسلەرنىڭ زەئىفلىكىنى بىلمەي قېلىپ ئۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ قالىدۇ.كىيىن ئۇھەدىسنىڭ زەئىفلىكى ئېنىقلانغاندا ئۇ ئىمام ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇستازىنىڭ خاتالىشىپ قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەي  ئۇزەئىف ھەدىسنى بىر ئاماللارنى قىلىپ سەھىھ دەپ باھالاشقا زورۇقۇپ  كىتىدۇ. بۇمۇ پەقەت مۇتەئەسسىپلىكنىڭ مەھسۇلى.بۇنداق چاغدىمۇ زەئىف ھەدىسكە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى تاشلاپ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈمنى توغرا دەپ بىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ.  يەنە بىرسى ئىجمائ قىلىنغان مەسىلەلەردە ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن. بۇ گەپ توغرا.ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى  گەرچە ئىمام نەۋەۋى ۋە باشقىلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىجمائ قىلىنغان مەسىلە دەپ خاتىرىلىگەن بولسىمۇ  چوڭقۇرراق تەكشۈرۈلگەندە ئۇ مەسىلە ھەققىدە ئىجمائ يوقلىقى بەلكى بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارشى پىكىردە بولغانلىقىنى ئىمام نەۋەۋىنىڭ بىلمەي قالغانلىقى ئېنىقلانغان.چۈنكى ئىمام نەۋەۋىمۇ پەيغەمبەر ئەمەس.ئۇمۇ  پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەنلا ئاشۇنداق يازغان.شارائىتنىڭ  تارلىقى سەۋەبىدىن باشقا ئۆلىمالارنىڭ ھەرقايسى مەسىلىلەردىكى قارشى پىكىرلىرىدىن خەۋەر تاپالمىغان.بۇنداق بولۇشى تەبىئى.شۇڭا ئىمام ئەھمەدنىڭ ساھابىلار ھەرقايسى رايونلارغا تارقاپ كەتكەندىن كىيىن شەكىللەنگەن ئىجمانى ئىلىك ئالمايدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.چۈنكى ئىجمائ دىگەن بارلىق مۇجتەھىدئۆلىمالارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.ئەگەر بىرسى قوشۇلمىسا ئۇنى ئىجمائ دىگىلى بولمايدۇ.ھەممە رايونلاردىكى  مۇجتەھىدلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس.بەلكى ئۇچاغلاردا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.شۇڭا ئىمام ئەھمەد «باشقىلارنىڭ بۇ پىكىرگە قوشۇلماي باشقىچە ھۆكۈم قىلغىنىنى  قانداق بىلىپ بولغىلى بولىدۇ»دەپ  ئاتالمىش ئۆلىمالار ئىجماسىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار.شۇڭا ھەقىقى ئىجما قىلىنغان مەسىلىلەر ئىنتايىن ئاز چىقىدۇ.ئەمما ھازىرقى دەۋردە بۇنداق ئىجمانىڭ شەكىللىنىشىنىڭ پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئىھتىماللىق يەنى ئوچۇق بولمىغان  ،پەقەت سۆزنىڭ ئۆزىگىلا قاراپ  تۇرۇۋالسا بىر خىل ،شۇ سۆزنىڭ ئالدى –كەينىگە قارىسا بىر خىل ھۆكۈم چىقىدىغان بەزى دەلىللەر بار. بۇنداق دەلىللەردىمۇ ئەسلىدە چىن كۆڭلىمىزدىن ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنسەك توغرىنى  تاپقىلى بولىدۇ.مەسىلىنى ئاددىلاشتۇرۇپ  « جۈمە كۈنىدە غۇسۇل قىلىش –ۋاجىپ » دىگەن ھەدىسنى مىسالغا ئالساق بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ئادەم ئەگەر تەبىئى چۈشەنسە ۋە ياكى ھىچبولمىغاندا باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنسە بۇ سۆزدىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلىپ بېرىشنى بۇيرىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.ھەم شۇ بويىچە ئەمەل قىلىدۇ.ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئۆزىگىلا قارىۋالىدىغان ئادەم جۈمە كۈنى دىگەن ئىكەن شۇ كۈنى كۈن كىرىپ كەتكىچە  يۇيۇنسام  بولىدىكەنغۇ دەپ چۈشەنسە بۇنى توغرا دىمەسلىكىمىز كىرەك.گەرچە جۈمە كۈنى دىگەن سۆز شۇ كۈنى كۈن كىرگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىشى ئېنىق بولسىمۇ لىكىن بۇنداق چۈشىنىش تەبىئىلىككە ۋە ئىلمىلىككە زىت چۈشەنچە.بۇ-ھەر بىرئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئايان.(ھەر قانداق بىر گەپنى تەبىئى چۈشىنىشىمىز كىرەك.بولمىسا زىددىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ) بۇنى ھەدىسكە ئېسىلىپ ھۆكۈم چىقارغانلىق دىمەيمىز قەستەنمۇ قەستەن گەپ يورغىلاتقانلىق دەيمىز. ئەمما ھېلىقى كىشى  بولسا ھەدىستىكى جۈمە كۈنى دىگەن سۆزنى كۆرسىتىپلا تۇرۇۋالىدۇ. خۇددى ئەسىر نامىزىدىن كىيىن كۆرۈشەيلى دەپ ۋەدىلەشكەن ئادەم خۇپتەندىن كىيىن كىلىپ مانا ئەسىر نامىزىدىن كىيىن كەلدىم ،ۋەدەمگە ئەمەل قىلدىم دەپ گەپدانلىق قىلغاندەك.يەنە ئايەت كەرىمەدىكى «قل اللە» يەنى « اللە دىگىن »دىگەن ئايەتنى ئۈزۈپ ئېلىپلا ۋە يەنە ھەدىستىكى «ئاخىر زاماندا زىمىن يۈزىدە اللە دەيدىغان ئادەم قالمايدۇ» دىيىلگەن ھەدىسكە ئېسىلىپلا بەزى بىدئەتچى سوپىلار «اللە،اللە،اللە »دەپ زىكىر ئېيتىشتىن ئىبارەت بىر بىدئەتنى پەيدا قىلغاندەك.«قۇرئان ئوقۇساڭ اللەغا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلىگىن» دىگەن ئايەتنى قۇرئان ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئەئۇزۇ.. دىيىش كىرەك دەپ ھۆكۈم قىلغانلاردەك  . بۇنى دەلىلگە  ئېسىلىپ ھۆكۈم چىقارغانلىق دىمەيمىز قەستەنمۇ قەستەن گەپ يورغىلاتقانلىق دەيمىز.تۈزھەم تەبىئى گەپنىمۇ قەستەن ئەگرى چۈشىنىۋالىدىغان مۇشۇنداق ئادەملەرگە ئامال يوق.ئۆلىمالار ئارىسىدىكى  بەزى ئىختىلاپلار بەلكى نۇرغۇن ئىختىلاپلار دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.شۇڭا ئارىمىزدا ئىختىلاپ تۈگىمەيدۇ. ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ساغلام قەلب، يۇقۇرى سەۋىيە  ،تولۇق شارائىت كىتىدۇ.ئاندىن  گەدەنكەشلەرنى ئەدەپلەيدىغان ئادىل ھۆكۈمەت كىتىدۇ. بۇ تۆتى بىرلەشمىسە ئىختىلاپ تۈگىمەيدۇ. ئەمما ئوچۇق ھۆكۈم  بولمىغان  بىر قىسىم ئىجتىھادى ۋە قىياسى مەسىلىلەردە ئاندىن    ئىمام شافىئى ئېيتقاندەك: مىنىڭ قارىشىم توغرا، بىراق خاتالىق ئېھتىمالى بار ، بىراۋلارنىڭ بولسا خاتا، ئەمما توغرا بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار» دىسەك بولىدۇ. ئىمام شافىئىنىڭ مىنىڭ رەئيىم دىگەنلىكىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىسا كىرەك.چۈنكى ئوچۇق ھەم سەھىھ ھەدىستىكى يۇقارقىدەك ھۆكۈملەر بىر كىمنىڭ رەئيى دىيىلمەيدۇ بەلكى شەرىئەتنىڭ ھۆكمى دىيىلىدۇ.شەرىئەتنىڭ ھۆكمىدە خاتالىق ئىھتىمالى بولمايدۇ.دىمەك زۇھەيلىنىڭ «ھەممە مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھاد ئارقىلىق چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممسى توغرا» دىگەن گەپ- خاتا دىمەكچىمەن .

l       4-يۇقارقى جۇنۇپ مەسىلىسىدىكى ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل ھۆكۈم «     ئۇستاز –شاگىرت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار- دەلىلنىڭ كۈچلۈك –ئاجىزلىق مەسىلىسى ئەمەس بەلكى زامان-ماكان ۋە دەۋر ئوخشىماسلىقىدىن كىلىپ چىققان ئىختىلاپ » دىگەن گەپنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق  بىلدۈرىدۇ.چۈنكى مۇشۇ جۇنۇپ مەسىلىسى ھىچقانداق دەۋر،زامان -ماكان بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت ئۈچەيلەن ئارىسىدىكى دەلىل    مەسىلىسى .بۇنى يۆگەپ يۈرۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دىگەن ماقال بار. بۇنى يەنىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مىسال ئالساق. دارۇلھەربتە(كافىرلار يۇرتىدا) مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئوتتۇرىسىدا جازانە   قىلىش -ھالال دەيدۇ ئىمام ئەزەم بىلەن شاگىرتى مۇھەممەد.يەنە بىر شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپ بولسا باشقا يەردىكىگە ئوخشاشلا ھارام دەيدۇ. يەنە گۆشى ھالال ھايۋاننىڭ سۈيدۈكىنى ئىمام ئەزەم ۋە ئەبۇ يۈسۈپ نىجىس دىسە ئىمام مۇھەممەد پاكىز دەيدۇ.ئاندىن   سۈيدۈكىنى دورىغا ئىشلىتىشنى ئىمام ئەزەم بولمايدۇ دىسە ئەبۇ يۈسۈپ بولىدۇ دەيدۇ.  مانا بۇ ئىككى مەسىلىدە ئىمام ئەزەمنىڭ ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرسى ئاۋالقىسىدا ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىگە قوشۇلسا كىيىنكىسىدە قوشۇلمايدۇ.ھالبۇكى ئىككى شاگرتىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ زامانى ۋە ياشىغان دەۋرى بىر. شۇنداق تۇرۇپ گىپى بىر يەردىن چىقمايدۇ. كىپەن ئوغرىسىنىڭ قولىنى كىسىش مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپ بار.مۈشۈكنىڭ ئىچىپ ئاشۇرغان سۈيىنى ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام مۇھەممەد پاكىز ئەمما مەكروھ دىسە ئەبۇ يۈسۈپ مەكروھ ئەمەس  پاكىز دەيدۇ؛ تەيەممۇم قىلغۇچى تاھارەت ئالغۇچىلارغا ئىمام بولسا ئىمام ئەزەم بىلەن ئەبۇيۈسۈپ دۇرۇس دىسە مۇھەممەد دۇرۇس ئەمەس دەيدۇ.سەي-كۆكتاتلارغا ئىمام ئەزەم زاكات كىلىدۇ دىسە ئىككى شاگىرتى زاكات كەلمەيدۇ دەيدۇ.يەنە ئىمام ئەزەم مەنىنى نىجىس دىسە ئىمام شافىئى پاكىز دەيدۇ. ئادەمنىڭ چاچ ۋە تىرناقلىرىنىڭ  پاكىزلىقى ۋە نىجىسلىقى ھەققىدىمۇ  يۇقارقىغا ئوخشاش ئىختىلاپ بار. بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى   زامان-ماكان مەسىلىسى ئەمەس. بۇنداق مىساللارنى نۇرغۇن كەلتۈرۈش مۇمكىن.ھالبۇكى جۇنۇپ،قۇدۇق،دارۇلھەرب،گۆشى ھالال ھايۋانلار،ئىنسانلار،مۈشۈك،مەنى،سەي –كۆكتات قاتارلىقلار  ئىمام ئەزەمنىڭ ۋاقتىدىمۇ،شاگىرتلىرىنىڭ ۋاقتىدىمۇ ئوپئوخشاش. ھازىرغىچە ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق. قۇياشنى ئىتەك بىلەن يېپىۋالغىلى بولمىغاندەك بۇنداق ئەمىلىيەت ئالدىدا يەنە باشقا ئاقماس گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق. ئۈچ ئىمامنىڭ دەلىللەرگە ئىرىشىش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە پەرقى بار دەپ راستىنى   ئىقرار قىلغان ياخشى.ئۇنداق گەپلەر پەقەت مەزھەپ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرى خاتا چىقىپ قالمىسۇن دەپ يېزىپ قويغان گەپلىرى خالاس.ئىمام شافىئىنىڭ مىسىرغا بېرىشتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى مەزھىبىنىڭ ئارىسىدىكى  پەرق ۋە شافىئى مەزھىبىدە كونا مەزھەپ،يېڭى مەزھەب دىگەن گەپلەرنىڭ مەيدانغا چىققانلىقىمۇ دەل دەلىل-ئىسپات سەۋەبىدىن بولغان.شۇڭا شاگىرتى ئۇستازىنى خاتاغا چىقىرىۋاتىدۇ –مانا! دىگەن ھۆكۈم قارىسىغا دىيىلگەن گەپ ئەمەس بەلكى ئەمىلىيەتكە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم.  دوكتۇرقەرداۋىنىڭ «فقەالزكوە»  دىگەن كىتاۋىدا ئىمام ئەبۇيۈسۈپنىڭ ھەج مۇناسىۋىتى بىلەن مەدىنىگە كىلىپ 40نەچچە نەپەر مۇھاجىر پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ سالىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن مەن ئەمدى ئۇستازىم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بىر سا 8 رەتلە دىگەن پىكرىنى تاشلاپ مەدىنىلىكلەرنىڭ 5.3 رەتلە دىگەن گىپىنى تۇتىمەن دەپ ئوچۇق ئىلان قىلغانلىقىمۇ مەزكۇر مەسىلىنى بەك ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىنىڭ ئىت بېقىش مەسىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ تۈرگە تەۋە ئەمەس.چۈنكى ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىنىڭ ئۆز  ۋاقتىدا ئىت بېقىشى دەۋر ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈنلا توغرا بولىدىغان بولسا ھازىرقى دەۋردە ئىت بېقىشنى پەرز دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.چۈنكى  ھازىرقى ئادەملەر ئۇ ۋاقىتتىكىدىن يۈزھەسسە ناچارلىشىپ كەتتى.لىكىن ھىچبىر ئالىم  ھازىرمۇ ئىت بېقىشنى توغرا دەپ قارىمايدۇ.پەقەت  ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىغا   ئوخشاش زۆرۈرىيەت ئەھۋالىدا ئاندىن دۇرۇس دىيەلىشى مۇمكىن.دىمەك ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىنىڭ ئىت بېقىشى قاتتىق زۆرۈرىيەت ئەھۋالغا قالغانلىقىدىن بولغان.بولمىسا ئۇكىشىمۇ ئىت بېقىشنىڭ خاتالىقىنى ھەدىستىن بىلىپ تۇرۇپ ئەسلا توغرا دەپ قارىمايدۇ. ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىنىڭ زامانىدا ھەممە ئادەملەرنىڭ ئىت باقمىغانلىقىمۇ بۇنۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.ئەگەر شۇ زاماندا ھەممە ئادەم ئىت باققان ئىدى دەيدىغان ئىسپات بولسا ئاندىن بۇ مەسىلىگە پاكىت قىلىشقا بولىدۇ.مىنىڭچە ئەبۇ يەزىد ئەلقەرۋانىنىڭ دىگىنى ئەگەر ئىمام مالىك مۇشۇ زاماندا ياشاپ مەندەك كۈنگە قالغان بولسا ئىت بېقىشقا رۇخسەت قىلغان بولاتتى دىمەكچى.چۈنكى زۆرۈرەتلەر چەكلىمىلەرنى رۇخسەت قىلالايدۇ.شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئۇستاز-شاگىرتنىڭ گىپى بىر-بىرىگە زىت ئەمەس.

l       دىمەك  خۇلاسىلىغاندا مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بىرىنچىدىن ئالىملارنىڭ پەرقىلىق ھۆكۈملىرى ئىچىدە ھەر بىر مەسىلىدە  اللەنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەت پەقەت بىرلا بولىدۇ.(شارائىت سەۋەبىدىن ھۆكۈمنىڭ ئۆزگىرىشى باشقا سەۋەپتىن بولىدۇ)  قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا بولىدۇ.ئەمما چىن كۆڭلىدىن تەقۋادارلىقنى ئاساس،دەلىلنى ئۆلچەم قىلىپ قىلچىلىك مەزھەپپەرەسلىك قىلماي ئىزدەنگەن بولسا خاتالاشسىمۇ بىر ساۋاپ ئالىدۇ.

l       ئىككىنچىدىن  ھەر بىر مۇجتەھىد ئۆزىنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايدۇ. قارشى پىكىرنى خاتا دەپ قارايدۇ.

l       ئۈچىنچىدىن ھەر بىر مۇجتەھىدنىڭ توغرىنى تېپىش ھەققى بولىدۇ ،يەنى تاپالىشى مۇمكىن تاپالماسلىقى ھەم مۇمكىن.ئەمما ئۇ  ئىجتىھاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ھۆكمىنى توغرا دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

l       تۆتىنچىدىن  ئىجماغا ئايلانمىسىمۇ شەرىئەتنىڭ  ئېنىق ھۆكمىنى بىلگىلى ۋە ھەقنى مۇئەييەن بىر ھۆكۈمگە مونوپۇل قىلغىلى بولىدۇ.

l       بەشىنچىدىن.مۇجتەھىدلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەبى زامان-ماكان ۋە دەۋر ئۆزگىرىشى ئەمەس.بەلكى دەلىل-ئىسپات مەسىلىسى.

l       بۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەر،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن پەيدا بولغان گەپلەر ئەمەس.شۇڭا رىدا بۇرادەرنىڭ بىزلەرگە ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.قۇلىقىم لازىم بولسا ئۆزۈم ئۈزۈپ بىرەي.دىنى ئىلىملەردە مۇنازىرە قىلىمەن دەپ باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايمەن.

l         \
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-12-02 16:31قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 18:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، ھەقىقەتەن ئىختىلاپلارنى ئالىملارنىڭ كاللىسىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىۋىتىپ ھەممەيلەننى بىر پىكىرگە ئەكىلىش ھىچكىمنىڭ  قولىدىن كەلمەيدۇ.مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىرىگە مەزھىبىنىڭكىنى توغرا دەپبەرمىسەك،بىدئەتچىلەرگە بىدئەتلىرىنى سۈننەت دەپبەرمىسەك ئەسلا رازى بولمايدۇ.بىزنىڭ پىكرىمىز ھەرقانچە يوللۇق ھەم دەلىل-ئىسپاتلىق بولسىمۇ بىكار.ئادەملەرنىڭ  ھەرخىل خاراكتىرى ۋە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر بۇنداق قىلىشقا چوڭ توسالغۇ. ھەم اللەتەئالا بۇنداق ھوقۇقنى بىزگە بەرمىگەن.  ئازراق ئەقلى بار ئادەم بۇنى بىلەلەيدۇ. بەلكىم بۇنداق شىرىن ئارزۇ مەھدى بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالام مەيدانغا چىققاندا ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. لىكىن بۇنداق ئارزۇغا ئىرىشىشنى ئۈمىت قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىلىك ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەركەت قىلىش ھەرگىزمۇ ئەخمىقانىلىق ئەمەس.خۇددى زىمىن يۈزىدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ئىمان ئېيتىشى ناتايىن بولسىمۇ لىكىن بارلىق ئادەملەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش ۋەزىپىمىز ۋە ھەركىتىمىز  ئۈزۈلۈپ قالمىغاندەك..شۇڭا ئىختىلاپلار بىز ئۈممەت ئۈچۈن رەھمەت دەيدىغانلارمۇ ھەتتا ئىختىلاپلارغا نىسبەتەن ئەڭ كەڭ قورساق بولغان دوكتور قەرداۋىمۇ پىكىر بىرلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ ،ئىختىلاپتىن خۇرسىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشى -تەبىئى. مەنمۇ شۇڭا  ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن بەزى ئويلىغانلىرىمنى ئىنكاس قىلىپ باقتىم.ئەپسۇسكى بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن.
ئەمما  مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى دىنىمىزدىكى فىقھى ھۆكۈملەر يالغۇز مەدرىسلەردە تالىبلارنىڭ قوللىرىدىلا دەرسلىك بولۇپ ئوقۇلىدىغان نەرسە ئەمەس.ئىش بۇنداق ئاددى بولسىغۇ بۇنچە كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۇنى تالىبلار ئۆز ئارا تالاش –تارتىش قىلىپ ئايرىۋالاتتى،.ئەمما شۇنى ئۇنتۇمايلىكى فىقھى كىتاپلاردىكى بارلىق ھۆكۈملەر ئەسلىدە بىر ئىسلامى دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە تۈزۈم –سىياسەتلىرى.ئۇ كىتاپلار يالغۇز  مۇسۇلمانلارنىڭ تاھارەت،ئىستىنجا ،غۇسۇل،ناماز،روزا مەسىلىلىرىنىلا بىر تەرەپ قىلمايدۇ بەلكى چوڭى دۆلەت رەئىسىنى سايلاشتىن باشلاپ ئاددىسى مەسجىد ئىمامىنى سايلاشقىچە،ئائىلىدىكى ئەدەپ –ئەخلاقلارنى بەلگىلەشتىن تارتىپ يۇقۇرىسى دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشكىچە،ئىچكى جەھەتتە  نىكاھ،ئاجرىشىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ  قىلىشتىن تارتىپ تاشقى جەھەتتە يات دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش، سۈلھى-كىلىشىم تۈزۈشكىچە،ئائىلىدە  ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن تارتىپ جەمىيەتتىكى ئەدلىيە،ھەق تەلەپ دەۋالىرىغىچە ھەممىسىنى چالا قويماي خاتىرلىگەن. ئاشۇ كىتاپلاردىكى جىنايى ئىشلار قانۇنى،ھەق –تەلەپ دەۋا قانۇنى،ھاۋالە،ۋاكالەت قانۇنى،يىزا ئىگىلىك،ئورمانچىلىق،سۇچىلىق قانۇنى، شىركەت قانۇنى، ئەمگەك،توختام قانۇنى، نىكاھ قانۇنى،مىراس قانۇنى،بوز يەر ئېچىش،ئۆشرە-زاكات  قاتارلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ئىشلاردا  تولۇق  بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان.ھەم ھەر قايسى مەسىلىلەردە ئىماملار ئارىسىدا مەلۇم  دەرىجىدە ئىختىلاپلار مەيدانغا چىققان.(بىز تىما ۋە ئىنكاسلىرىمىزدا بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپلارنى ئانچە قىستۇرمىدۇق.پەقەت بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان مىساللارنى يازدۇق.)بەزى تالىبلار بولسا ئۇزۇن يىللىق روھى چۈشكۈنلۈكنىڭ  ئاسارىتىدە ئۆزىنىڭ نىمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى،ئوقۇغانلىرىنىڭ نىمىگە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئانچە چوڭقۇر بىلىپ كەتمەيدۇ.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت بىر مەسجىدنىڭ ئىمامى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى خەتمە قۇرئان، نەزرە -نۇزۇرات، ئۆلۈم –يىتىم،تاھارەت ،ناماز ،روزا ،قۇربانلىق مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى بەكرەك ئويلايدۇكى   ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئىسلامى شەكىلدە تۈزۈپ،مىليونلىغان پۇقرانىڭ مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى زامانىۋى ئۇنۋرستىتنىڭ  قانۇن-سىياسەت پاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بولالمايدۇ.ئاشۇ كىتاپلاردىكى ھۆكۈملەر قارىماققا ئېقى قەغەز ،قارىسى سىياھتەك  ،مەدرىستىكى تالىبلار ئارىسىدا جىمجىت ئوقۇلۇپ تەبلىغ قىلغاندا ھىچقانچە كۈچىنى كۆرسەتمىگەندەك قىلغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ جانسىز ھەرپلەرگە جان كىرىپ نۇرغۇن ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولىدۇ،مىليون دوللارغا بىۋاستە تاقىشىدۇ. ھازىرچە بۇنداق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىمەن دىيىش ئەخمىقانىلىقتەك تۇرغان بىلەن ئۇ چاغدا بۇنداق ئىختىلاپلار بەزىلەر دىگەندەك بىزگە رەھمەت بولماي ئەكسىچە قالايمىقانچىلىققا سەۋەپ بولىدۇ .بىر مىسال ئالساق ھەنەفىي مەزھەپتە بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلارنىڭ مال دۇنياسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا زاكات پەرز ئەمەس.(ھەتتا بوۋاق بالىلارنىڭمۇ مىراس،تۆلەم قاتارلىق يوللار بىلەن ئىرىشىدىغان مال دۇنياسى بولىدۇ) لىكىن قالغان ئۈچ مەزھەپنىڭ قارىشىدا كىچىك بالا بولسىمۇ ئوخشاشلا  زاكات بىرىشى پەرز. دەلىللەرنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە ئىمام ئەزەمنىڭ پىكرىنىڭ ئاجىز قاراش ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ.(تەپسىلاتىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار  دوكتۇر قەرداۋىنىڭ «فقەالزكوە» زاكات پىرىنسىپى» دىگەن كىتابىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بابىنى  كۆرسە بولىدۇ) ھازىرقىدەك ھەر كىم زاكىتىنى ئۆزى ئايرىپ كەمبەغەللەرنى تېپىپ تارقىتىپ  بىرىدىغان ئىش بولسىغۇ چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ.زاكات بەرمەيدىغان چوڭ ئادەملەرمۇ نۇرغۇن تۇرسا كىچىك بالىلارغا بىر كىم بىر نەرسە دىمەيدۇ.ھەم بۇ دىگەن ئىمام ئەزەمنىڭ قارارى ،ئەتراپىمىزدىكىلەرمۇ شۇ مەزھەپتە تۇرسا بۇ ھۆكۈمگە قارشى چىقىشقا بىركىم ئاسان پىتىنالمايدۇ. ئەمما ئىسلامى دۆلەتتە زاكات دىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش يىغىۋېلىنىپ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە تەقسىم قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ.(خۇددى ھازىرقى زاماندىكى باجغا ئوپمۇ- ئوخشاش. زاكات دىگەن ئىسلامى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى.دۆلەتكە ئىقتىساد لازىم بولسا خەلقنى بۇلاپ ئالغىلى بولمايدۇ.زاكات ئارقىلىق  ھەل قىلىدىغان گەپ. باج بىلەن زاكاتنىڭ پەقەت نىسبىتى،يىغىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى جەھەتتە قىسمەن ئوخشاشماسلىقلىرى بار)  جۇمھۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە  مال دۇنياسى بار كىچىك بالىلارنىڭمۇ زاكات بىرىشى قانۇن قىلىپ بەلگىلىنىپ زاكات يىغىدىغان خادىملار كىچىك بالىلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگىمۇ زاكات بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭ غوجىدارى «ھىدايە»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ« ئىمام ئەزەم كىچىك بالىلار زاكات بەرمىسىمۇ بولىدۇ دىگەن» دەپ زاكات بەرگىلى ئۇنىمىسا  ئۇچاغدا زاكات خادىملىرى توغرا،ئىمام ئەزەممۇ مۇجتەھىد، ئۇنىڭ گىپىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن،بەرسلە ئالغاچ كىتەيلى،بەرمىسىلە   كىتىۋىرەيلى دەپ ئۇنىڭدىن ئالماي ، ھىدايەنى كۆرسىتەلمەيدىغان يەنە بىر ياۋاشنى تاپقاندا ئۇنىڭدىن ئېلىشى كىرەكمۇ؟ ۋە ياكى بۇ قاراشنىڭ ئاجىز قاراش ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ مۇقىم بەلگىلىمە تۈزۈش  كىرەكمۇ؟ ۋە ياكى نىمە بولسا بولسۇن  ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى بويىچە كىچىك بالىلاردىن زاكات ئېلىنمايدۇ دەپ بەلگىلەپ ئاندىن ساختىپەزلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلۈكلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈۋىتىپ زاكات خادىملىرىغا «شىركەت مىنىڭ بالامنىڭ ئىدى،مەن پەقەت مائاش ئېلىپ  دىرىكتورلۇق قىلىۋاتىمەن» دەپ ئالدامچىلىق  قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىش كىرەكمۇ؟ ھازىرقى زاماندىكى باج ئوغۇرلاپ كۆنۈپ قالغان ئادەملەر شۇ چاغدىمۇ بولىدۇ.بۇنداق چاغدا مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ ئىختىلاپى بىزگە رەھمەت ئەكەلمەيدۇ بەلكى ئاپەت ۋە قالايمىقانچىلىق ئەپكىلىدۇ. كىتاپلاردىكى بۇنداق ئىختىلاپلارنى ئېنىقلاپ بىرگە مۇقىملاشتۇرۇلمىغاندا  موللاملار پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان ،ھىچ ئىشنى ئاقتۇرالمايدىغان بىر توپ لامزەللىلەرگە ئايلىنىپ قولىنى شۈمۈپ قالمامدۇ؟ ئۇچاغدا بۇ ئىش يالغۇز موللاملارنىڭ ئاھانىتى بىلەن توختاپ قالسىغۇ بىر نۆرى.ئەمما بۇ مەسىلە ئىسلام دىنىمىزنىڭ،شەرىئىتىمىزنىڭ  ئابرويىغا چوڭ داغ كەلتۈرىدىغان ئىشقا ئايلانمامدۇ؟ يەنە ئاياللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىگە ئىمام ئەزەم زاكات كىلىدۇ دىسە قالغان ئۈچ مەزھەپتە زاكات  كەلمەيدۇ دەپ قارار قىلىدۇ.زىبۇ-زىننەتلىرىڭنىڭ زاكىتىنى بەر دىسە ئۇ چاغدا پۇل بىرىش ئېغىر كىلىپ  ئىمام ئەزەمنىڭ  مەزھىبىدە بولغانغا پۇشايمان قىلىپ شافىئى مەزھىبىگە ئۆتىۋالغىمىز كەپ كىتەر ھەقىچان.(چاخچاق )  مۇشۇ مەسلىدىمۇ چوقۇم مۇقىملاشتۇرۇش لازىم بولىدۇ.يەنە كىۋەزگە زاكات كەلمەيدۇ،چاي- قەھۋە،شال قاتارلىقلارغىمۇ زاكات كەلمەيدۇ دەيدىغانلارمۇ بار. بۇنداق گەپلەرگىمۇ ھە دەپ بەرسەك بىر مو بۇغداي تېرىغان ئادەمگە زاكات بەر دەپ ئېسىلىۋېلىپ 100مولاپ شال ياكى كىۋەز،چاي-قەھۋە تېرىغانلار  زاكات بەرمىسىمۇ بولىدۇ دىسەك ئەقىلگە قىلچىلىكمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ..شەرىئەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. نەق پۇلغا زاكات كىلىدۇ،تىجارەت ماللىرىغا زاكات كەلمەيدۇ دەيدىغان ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ساختىپەزلەر نەق پۇللىرىغا مال ئېلىپ بېسىپ قويۇپ زاكاتتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ.جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىدىمۇ ھەر قايسى ئىماملار ئارىسىدا ئىختىلاپلار بار.مەسىلەن قانچىلىك نەرسە ئوغرىلىغان ئوغرىنىڭ قولىنى كىسىش مەسىلىسى.قاتىللىق، زەخمىلەندۈرۈش جىنايەتلىرىدە بۇيرىلىدىغان تۆلەم مىقدارى،كىملەرنىڭ تۆلەم تۆلىشىپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى،كىملەرنىڭ يوقلىقى قاتارلىق بىۋاستە ۋە كۆپ مىقداردىكى پۇلغا چېتىلىدىغان مەسىلەلەر . .توختام ۋە سودا مۇئامىلىلىرىدە ھەممىدىنمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئىختىلاپلار بار.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىختىلاپلار  نۇرغۇن قىپقىزىل «توڭگۇز قۇلاق»قا بىۋاستە تاقىشىدۇ.مۇشۇنداق ئىختىلاپلارنى دەپتەردىمۇ بولسا ئاخىرلاشتۇرۇپ  بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنىڭ ھەممىمىزگە پايدىلىق بولىدىغانلىقى قۇياشتىنمۇ ئېنىق. تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى توغرا ،قايسىسىغا ئەمەل قىلسا ھەقنى تاپقان بولىۋىرىدۇ دىگەن گەپ بۇنداق ۋاقىتتا ئاقمايدۇ.ھەم جەمىيەتتە ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قلالمايلا قالماي تۈگىمەس زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىسلامى جەمىيەتتىمۇ ھەممە ئادەم پەرىشتىدەك ساپ بولمايدۇ.كىچىككىنە زىيان ئالدىدا ئاتا-ئانىسىدىنمۇ تانىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن مەزھەپ ئالماشتۇرۇش دىگەن نان يەپ سۇ ئىچكەنچىلىك ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچكىمنى مۇئەييەن بىر مەزھەپتىلا ماڭىسەن دەپ مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن دىلولار ھەرگىزمۇ ھەل بولمايدۇ. شۇڭا ساغلام ،يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن بىر پەتىۋا كومىتىتى قۇرۇپ  ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ئەڭ كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن قانۇن-تۈزۈم بەلگىلەپ شۇ بويىچە ئەمەل قىلىش قارار قىلىنسا  جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا چوڭ تەسىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يولدا كىتىۋاتقانلىكى مەسە –كالاچلىق،سەللە-ساقاللىق ئادەملەردىن پەتىۋا سوراۋەرمەي مەخسۇس پەتىۋا كومتىتىدىن پەتىۋا سوراپ ئاندىن ئەمەل قىلسا،ھۆكۈمەتمۇ بۇ كومتىتنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىسا ۋە مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى دەستەك  قىلىپ قەستەن جىدەل-ماجرا چىقىرىدىغان ،توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان چالا ساۋات ،مۇتەئەسسىپ ئادەملەرنى مۇۋاپىق چەكلەپ تىزگىنلىسە تىنچ ،ئىناق،ئادىل ئىسلامى جەمىيەت شەكىللىنىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق   جەمىيەتتىن  ھەر قانداق بىر سەمىمى مۇسۇلماننىڭ كۆڭلى يايرايدۇ. ھەدىد (تۆمۈر)سۈرىسىنىڭ 25-ئايىتىدە اللەتەئالا مۇنداق دىگەن.«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق.ئۇلار بىلەن بىللە ،ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى،قانۇننى چۈشۈردۇق.تۆمۈرنى ياراتتۇق.ئۇنىڭدا قاتتىق كۈچ-قۇۋۋەت باردۇر ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر باردۇر...» اللەتەئالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە كىتاپنى ،قانۇننى چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بولۇپ تۆمۈرنىڭ گىپىنى قىلىپ كەتكەن.قارىماققا كىتاپ ،قانۇن بىلەن تۆمۈرنىڭ ئارىسىدا باغلىنىش يوقتەك،ھىلى باغدىن ،ھىلى تاغدىن سۆزلەيدىغان تاققا-تۇققا كۆرۈنىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن      koznak  تەك بىر قىسىم چالا ساۋات تورداشلار ئىزدىنىپ باقمايلا قۇرئان دىگەن تاققا-تۇققا دەپ جۆيلۈپ ئىنكاس يېزىپ يۈرىشىدۇ..ئەمىلىيەتتە قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەرنىڭ باغلىنىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ بۇنى ئىزدەنگەنلەر بىلەلەيدۇ.اللەتەئالانىڭ بۇ ئايەتتە كىتاپنىڭ ،قانۇننىڭ گىپىنى قىلىپ بولۇپ  بىردىنلا تۆمۈرنىڭ گىپىنى چىقارغانلىقى مۇنداق بىر ئىنچىكە نۇقتىنى ئىپادىلەيدۇ.يەنى  ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتاپنى،قانۇننى چۈشۈردۇق.قانۇنغا بويسۇنمايدىغانلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك تۆمۈرنىمۇ يارىتىپ قويدۇق.شۇڭا سىلىق گەپكە، ۋەز –نەسىھەتكە ، قانۇنغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئەدىپىنى تۆمۈر ئارقىلىق بىرىڭلار،تۆمۈر دىگەن كۈچلۈك نەرسە،ئادەمگە ئۆتىدۇ دىمەكچى.قۇرئاننىڭ بۇنداق ئىخچام ، بەدىئى ئىپادىلەش كۈچىنى ھىس قىلغاندا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى ئىختىيارسىز لەرزىگە كىلىدۇ. دىمەك ھەقىقەت ھەر قانچە ئېنىق ،كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇنى قوغدايدىغان كۈچ بولمىسا ئۇنداق ھەقىقەت ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ.پىتنخورلار، گەدەنكەشلەر ھەر زامان،ھەر ماكاندا چىقىپ تۇرىدۇ.

دوكتۇر قەرداۋى ھەزرەتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ«روزا پىرىنسىپلىرى»دىگەن كىتابىنىڭ يېڭى ئاينى ئېنىقلاش ھەققىدىكى بابىدا ھەر قايسى رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۆز رايونىدا ئاينى كۆرگىنى بويىچە روزا تۇتۇپ ھېيىت قىلامدۇ ۋەياكى مەلۇم بىر رايوندا ئاي كۆرۈنسە باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بىرلىكتە  روزا  تۇتۇپ،ھېيىت قىلىشى لازىممۇ دىگەن توغرىدىكى ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى سۆزلەپ كىلىپ مەلۇم بىر يىلدىكى ھېيىت نامىزىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا  ئۈچ كۈنگىچە پەرقلىنىپ ئوقۇلغانلىقىنى .تولا ۋاقىتلاردا ئىككى كۈنگىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى خۇرسىنىش ئىچىدە يازغان،. ئاندىن بۇنداق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-ئاماللىرىنى سۆزلەپ بولۇپ  ئاخىرىدا  دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈندە روزا تۇتۇپ،بىر كۈندە ھېيىت نامىزى ئوقۇشىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقى ۋە  لازىملىقى، پەقەت ئامال بولمىغاندا بىر دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بولسا بىر كۈندە روزا تۇتۇپ بىر كۈندە ھېيىت قىلىشى لازىملىقىنى ، باشقا دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئەگىشىپ ھېيىت قىلماي ئۆز ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلار قاچان ھېيىت قىلسا شۇلار بىلەن بىرلىكتە ھېيىت قىلىشنىىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مانا بۇ ئىنتايىن دانا پىكىر.كىتاپلاردىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتەلمىگەندىمۇ ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنى ئىمكان قەدەر ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ بىر قەدىمى.دىمەك ئۇستاز قەرداۋىمۇ ئىختىلاپلارنىڭ ئىمكان قەدەر تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە شۇنىمۇ بىلىش كىرەككى «ئۈممىتىمنىڭ ئىختىلاپى-رەھمەتتۇر» دىگەن ھەدىس ئالىملار  تەرىپىدىن يالغان ھەدىس دەپ جاكارلانغان بولسىمۇ لىكىن كىتاپلاردا فىقھى مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىزگە نىسبەتەن اللەنىڭ رەھمىتى   ۋە  مەدەنى بايلىقىمىز دىگەن گەپلەر  تولا ئۇچرايدۇ. بۇ گەپ ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى بولسا ئەسلا بولمايدۇ ،ئۇنداقتا اللەنىڭ رەھمىتىدىن ئايرىلىپ قالىمىز دىگەنلىك ئەمەس.چۈنكى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنى بىرلىك،ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان.ھەر قانداق تالاش-تارتىشنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسكە تايىنىپ ھەل قىلىپ تۈگىتىشنى بۇيرىغان.ئىختىلاپ،زىددىيەت،بۆلگۈنچىلىكلەردىن قاتتىق چەكلىگەن.شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بىزگە پەقەت ئۇدۇنيادىلا بەخت يارىتىش ئەمەس بەلكى بۇ دۇنيادىمۇ بەخت يارىتىش.بۇ گەپنى يازغۇچىنىڭ مەقسىتىمۇ ھەرگىز  اللەنىڭ رەھمىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن  مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قەستەن زىددىيەت پەيدا قىلىش ۋە ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان ئىختىلاپلارنى،بىدئەت قاراشلارنى ،خاتالىقى ئېنىقلانغان ئىدىيەلەرنى يەنە قوزغاپ چىقىپ مەيدانغا ئەپچىقىش،بىرلىك شەكىللەنگەن مەسىلىلەردە قايتىدىن ئىختىلاپ پەيدا قىلىشنى تەشەببۇس  قىلىش ئەمەس.،ئالىم تۈگۈل ئەقىللىق بىر مۇسۇلمانمۇ بۇنداق گەپنى قىلمايدۇ.بۇ گەپنىڭ مەقسىتى بولسا  ئالىملار ئارىسىدىكى ھەر خىل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى دەل جايىدا، پايدىلىق،توغرا  شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزدە تۇتقان.ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۈگەنگەندەك خاتا ئىدىيەلەرنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەي اللەنىڭ بىزنى ئاشۇنداق خاتالىقتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ شۇخاتالىقتىن  ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان خاتا ئۇسۇل-قائىدىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىزنى كۆزدە تۇتقان. مانا بۇ –بىزگە نىسبەتەن ئىختىلاپلارنىڭ اللەنىڭ رەھمىتى بولغانلىقى. چۈنكى بىر ئالىمنىڭ كاللىسى چەكلىك بولىدۇ.نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلغاندا خاتالىقتىن ساقلانغىلى، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.مىسالغا ئالساق ساھابىلارمۇ ئۆز دەۋرىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  بەزىبىر مەسىلىلەردە پەرقلىق كۆز قاراشلاردا بولغان.ئەمما ھەرگىزمۇ بىر-بىرى بىلەن ئاداۋەتلەشمىگەن، پەقەت توغرىنى تېپىش ئۈچۈن ئىنتايىن سەمىمىلىك بىلەن ئىزدەنگەن.خاتالىقىنى بىلگەن چاغدا  ئىككىلەنمەي ئىتىراپ قىلىپ ئىلگىرىكى قارىشىدىن يانغانلىقىنى ئىلان قىلغان.مۇشۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ  ئىزباسارلىرى بولغان مۇجتەھىد ئىماملارغا شەرىئەت مەسىلىلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ،ئۇسۇل –قائىدىلىرىنى،ئەدەپ –ئەخلاقلىرىنى  ئۈگەتكەن.دىمەك ساھابىلار يول خەرىتىسىنى لايىھەلەپ بەرگەن بولسا مۇجتەھىد ئىماملار ئۇنىڭغا ئاساسەن يول ياسىغان.مۇجتەھىدئىماملار بۇ يوللارنىڭ  ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلىرىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئوڭشاپ مېڭىشىنى، تۈزلىرىدە ئىككىلەنمەي  مېڭىشىنى  ۋەسىيەت قىلغان.ئەمدى بىز ئىختىلاپ دىگەن اللەنىڭ رەھمىتى ئىكەن دەپ تۈز يولنىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئوڭغۇل-دوڭغۇل قىلىۋەتمەسلىكىمىز، ئەگرى يەرلىرىنى ئەڭ ئىشەنچلىك،ئەڭ توغرا خەرىتىگە ئاساسەن  تۈزلەپ مېڭىشىمىز كىرەك.دىمەك بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئىختىلاپنىڭ رەھمەت بولۇشى شۇ ئىختىلاپلارنى  ئۆز پىتى ئىجرا قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا ئەمەس بەلكى تەتقىقات ۋە توغراپايدىلىنىشتا.شۇڭا يارىسىدىن قان  ئېقىپ چىققان بىر ئادەم تاھارەت ئېلىش ئېغىر كەلسە ئىمام شافىئىنىڭ مەزھىبىگە ئۆتۈۋالسا ،ئايالىنى تۇتۇپ تاشلىغان ئادەم تاھارەت ئېلىش ئېغىر كەلسە ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبىگە ئۆتۈۋالسا ،زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ زاكىتىنى بىرىش ئېغىر كەلسە   ئىمام شافىئىنىڭ مەزھىبىگە ئۆتۈۋېلىپ،كىچىك بالىنىڭ زاكىتىنى بىرىش ئېغىر كەلسە يەنە ھەنەفى مەزھەپكە ئۆتۈۋالسا بۇنى  ھىچكىممۇ ھەتتا تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى توغرا دەيدىغان ئادەممۇ توغرا دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىختىلاپتىن قەستەن خاتا شەكىلدە پايدىلانغانلىق بولىدۇ . ئەمما چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ ئەمەل قىلسا بۇباشقا گەپ.بۇنى تەتقىقاتتىكى پايدىلىنىش دەيمىز.   مىنىڭ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشنى تەشۋىق قىلىشىم ۋە بىر قىسىم مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.  اللەغا ئامانەت ،كىيىنكى ئىنكاستا كۆرۈشەيلى.
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-12-11 15:20قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.