بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-09-28 16:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
سايرام قېرىندىشىم، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. باشتا ئىنتايىن ياخشى سۆزلەرپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ، ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە يەنە سەل ھاياجانلىنىپ قاپسىز. كاپىرلارغا دەۋەت قىلىپ ھەقكە بۇرىيالمىغانلىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تازا ياخشى قىلمىدىڭىزمۇ قانداق؟ خۇددى يۇقارقى ماقالىڭىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى قۇبۇل قىلمىغانلارنى شۇلارغا ئوخشاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
يەنە ئىنكاسىڭىزدا مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى ئۆزىدىن باشقا مەزھەپتىكىلەرنى ئەيىپلەيدۇ، دەپسىز. ئەمما، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، ھازىر ھىچقانداق مەزھەپكە ئەگەشمەيدىغانلار مەزھەبكە ئەگەشكەنلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئازغۇن، دەۋاتىدۇ. مۇشۇ تېمىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرساقمۇ بۇنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.
مەن شۇنداق قارايمەنكى، مەزھەپنىڭ مەنىسىنى ۋە رولىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بىر كىشى مەيلى قايسىلا مەزھەپتە ماڭسۇن باشقا مەزھەبتىكىلەرنى ھەرگىز ھاقارەت قىلمايدۇ. مەزھەبكە ئەگىشىش ئۇقۇمىنى « تار مەزھەبچىلىك» دېيىش توغرا بولمىسا كېرەك.
يەنە ئىنكاسىڭىزدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام شافىئىينىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرىنىڭ ئوخشاش چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھىچقايسىسىنى بىر بىرىگە ئەگەشتى، دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپسىز. بۇ ھەقىقەتەن توغرا. چۈنكى، ئۇلار بىر بىرىگە ئەگەشمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلالايدۇ. ئەمما، يۇقارقى مەسىلىنى بىزگە نەقىل قىلساق ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى بىز ئەگەشكۈچى.
.......