مەنى يۈرۈپ كېتىش ( سۈرئىتى ئىنزال) دېگە نېمە؟
ۋاقتى: 2016-11-01
ئاۋاتلىقى: 4601 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ساغلام ئەركەك جىمانى باشلىغاندىن تارتىپ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ئۇرۇق پۈركىگەنگە قەدەر ئۈچ-تۆت مىنۇتتىن 10 مىنۇت ياكى 15 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرالىسا، بۇ نۇرماللىق دائىرىسىدە بولىدۇ. دەرۋەقە داۋاملىشىش ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلارمۇ بار. بۇ باشقا گەپ.
ئاياللار ئۈچۈنمۇ جىما باشلىغاندىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلۈشكە 10 مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ماسلاشقان بولىدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولىشىدىن پەرق، ئەر-خوتۇننىڭ توي قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى، ساغلاملىق ئەھۋالى، روھىي ئامىللار، بولۇپمۇ جىما ئۇسسۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. جىما داۋامىدا ئەگەر جىمادىن ئىلگىرىكى تەييارلىق تولۇق بولغان بولسا گەرچە جىمانىڭ ۋاقتى قىسقا بولغان بولسىمۇ، ھەتتا ئىككى-ئۈچ مىنۇت بولۇپ قالسىمۇ، ئەر-خوتۇن قانائەت ھاسىل قىلسىلا نۇرماللىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تەييارلىق ياخشى بولمىسا، جىما ئالدىراپ تېنەپلا ئۆتكۈزۈلسە، ۋاقىت ھەر قانچە ئۇزۇن بولغان بىلەنمۇ ئايالنىڭ قانائەتلىنىشى ناتايىن. شۇڭا، جىمانىڭ ھوزۇرلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى نوقۇل ھالدا داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىگىلى، مىخانىك ھالدا جىمانى مۇنچىلىك ۋاقىتتا ئورۇنلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ھەر ئىككى تەرەپتىكى جىنسىي تەلەپنىڭ راۋاجلىنىشىغا، جىنسىي خۇشاللىق ۋە جىنسىي قانائەتكە ئېرىشىشكە پايدىلىق. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ئۈچۈن، ئەر خوتۇن ئورتاق تېرشىشى، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجىربىلەرنى باشتىن كەچۈرىشى، ئىزدەش، يەكۈنلەش ئاساسىدا شارائىت يارىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا يېتەرلىك لەززەت ( جىنسىي ئالقىدىكى يۇقۇرى پەللە ) بولسا مەنىي بۇرۇن كەتتى دېگىلى بولمايدۇ دېيىلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، مەنىي بۇرۇن كېتىپ قالسا، نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە، پەرزەنت كۆرۈشكە، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ھېسسىياتقا، تۇرمۇشتىكى ئىناقلىق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدە ئۇرۇش-جىدەل قاتارلىق تۇرمۇشتىكى بىئارامچىلىققا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرىدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئېلىپ بېرىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئۇلىنى تەۋرتىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئۇنى توغرا تونۇش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي داۋالاش ئىنتايىن موھىم.
مەنى تېز كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى:
بۇنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ روھىي ئامىللاردىن بولىدىغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئاساسلىق سەۋەبلەر:
1. ئۇزۇن مۇددەت قولىدا لەززەتلىنىش ئادىتى -ئانانىزىم (جەلق)
2. شەھۋانىي رومان، ھىكايە، كىنو-فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش
3. شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش،
4. جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزۈش
5. ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشى
6. ھەر خىل سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى- مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇقى، بوۋاسىر ، مەقئەت كېسەللىرى ،
7. نېرۋا، يۈرەك، جىگەر، بكرەك، ئۇرۇقدان قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى
8. بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلىشى بىلەن پەيلەرنىڭ تۇتۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى
9. چېقىرىش كۈچىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى
10. ئۇرۇقدان ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقدان خالتىسى، سۈيدۈك يوللىرى قاتارلىق كانال ئەزالارنىڭ كېىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بولىشى مومكىن.