-
يازغۇچى: Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپىك ئاپتورى ياسىنجان مەمتىمىن
بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال تىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.
11.ئېينىشتىين ۋە مەن
بەزى دوسلىرىم مېنى ئېينىشتىين دەپ ئاتىشىدۇ.مەن خوشال بولىمەن،كىيىن تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىنىمەن،ئۇلار سىنىپ، كارىدۇر، تەجىربىخانىلارنىڭ تاملىرىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئادەم توغرىسىدا جېق نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى،ئالىم ئىكەنلىكى،ئۆتمۈشتە قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭ ئۇنىڭغا قايسى يىرىم ئوخشايدىغاندۇ،دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.مىنىڭ فىزىكىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ.مەن ئەڭ ھەيران قالىدىغان ئىش دەل مۇشۇ.ئىشقىلىپ بىر كۈنى پىشانەمنىڭ كەڭلىكى،چېچىمنىڭ بۈدرىگە يېقىن، پاخپىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىر خىل ئوخشاشلىقنى بايقىغاندەكمۇ بولدۇم.
共1页 1