-
يازغۇچى: Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپىك ئاپتورى ياسىنجان مەمتىمىن
بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال تىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.
11.ئېينىشتىين ۋە مەن
بەزى دوسلىرىم مېنى ئېينىشتىين دەپ ئاتىشىدۇ.مەن خوشال بولىمەن،كىيىن تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىنىمەن،ئۇلار سىنىپ، كارىدۇر، تەجىربىخانىلارنىڭ تاملىرىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئادەم توغرىسىدا جېق نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى،ئالىم ئىكەنلىكى،ئۆتمۈشتە قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭ ئۇنىڭغا قايسى يىرىم ئوخشايدىغاندۇ،دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.مىنىڭ فىزىكىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ.مەن ئەڭ ھەيران قالىدىغان ئىش دەل مۇشۇ.ئىشقىلىپ بىر كۈنى پىشانەمنىڭ كەڭلىكى،چېچىمنىڭ بۈدرىگە يېقىن، پاخپىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىر خىل ئوخشاشلىقنى بايقىغاندەكمۇ بولدۇم. -
يازغۇچى: Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپىك ئاپتورى ياسىنجان مەمتىمىنھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ،جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى،يۈكسەك نىرۋا پائالىيىتى،ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھازىر، شۇنداقلا تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت...كە ئوخشاش بىر تۇتاش تەپەككۈرنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەم جانلىق ھەم جانسىز، ئۇ ھەم ئادەم ھەم بىر خىل ئۇقۇم.ئۇ ھەم ئۆتمۈشكە ھەم كەلگۈسىگە مەنسۇپ.سىزمۇ ئېينىشتىيىن،مەنمۇ ئېينىشتىيىن. بىز ھازىر ئېينىشتىيىن بىلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىلىمىز،بۇ جەھەتتە ئۇ بەك بەخىتسىزمۇ قانداق؟ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ ئۇقۇم بىزگە يەنىلا مۇكەممەلسىزلىكنىڭ بەزى پەرىشان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرماقتا.ئېينىشتىيىن دۇنيادىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ
共1页 1