•  (شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۈگىنىۋاتقان بىر ئامرىكىلىقنىڭ بلوگىدىن ئېلىنغان ئىككىنچى تىما )

    ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ "سۆيۈش" دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. "I Love you"
    دىگەننى ئۇيغۇرچىدا "مەن سىزنى سۆيىمەن" دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە "سۆيىمەن" دىمەكچى بولسىڭىز
  • بايام ئاننا كەتتى. دۈلىتىگە كەتتى، ئەجەپ بىر خىل بوپ قالدىم.

    ئەسلى مەن ئۇنى تۇنۇمايىتتم، تېخى ئۈتكەن ھەپتە يەنى 7 كۈن بۇرۇن6 (-ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى) تۇنجى كۈرگەن. ئۈتكەن ھەپتە ئاخىرى جۇمە كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ ھاردۇقچىلىقتا قۇساق ئېچىپ ئاران دىگەندە توخۇم بىلەن گۇرۇچ قۇرۇپ چاۋمىفەن قىلدىم، يەپ بولۇپ ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرسام يىقىن دوستۇن ۋىل كەلدى. «ھەي، ئىشكىڭنىڭ ئالدىڭدىدىن ئۈتكەچ سېنى خالىساڭ رىكو (بىزگە يىقىن بىر جايدىكى جىيۇبانىڭ ئىسمى، بەك ياخشى يەر، ئۈزى تىنىچ، لەرزان گىتار مۇزىكىسى ئورۇنلاپ بىرىدۇ بەزىدە) بېرىپ كىلەيلى دەپ ئالغىلى كىلىشىم، بىر مۇنچە بالىلار بار».