• ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشى: مەن سىنى سۆيىمەن، سويمايمەن Do you love her or kill her, in Uyghur language - [Review نەزەر]

    2008-09-20

     

     (شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۈگىنىۋاتقان بىر ئامرىكىلىقنىڭ بلوگىدىن ئېلىنغان ئىككىنچى تىما )
     
    بۈگۈن مەن تاسادىپى ھالدا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ئۇنتۇلمايدىغان دەرىس ئالدىم. بۇ دەرىس مەن دۇتتار دەرسى ئېلىۋاتقاندا يۈز بەردى. 
    ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ "سۆيۈش" دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. "I Love you"
    دىگەننى ئۇيغۇرچىدا "مەن سىزنى سۆيىمەن" دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە "سۆيىمەن" دىمەكچى بولسىڭىز ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ " سويىمەن" دەپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ئىكەن. چۇنكى ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە، تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيتقاندا ئەكسىچە مەنا بىرىدىكەن، ئەگەر سىز " مەن سىزنى سويىمەن" دىسڭىز ئۇ مەن سىزنى ئۆلتۈرىمەن دىگەن گەپ بۇلىدىكەن.
    شۇڭا مەن ئايالىمغا بۇندىن كىيىن مەن سىنى سۆيىمەن دىگەندە ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ قالماي. مەن ئۇنى سۆيىمەن، ھەرگىزمۇ سويغۇم يوق.

    ئۇ يازغان، مەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويغان ئامرىكىلىقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى دىگەن بىر تىمىنى بىرەر ئايلار بۇرۇن يوللىغان ئىدىم. ۋاختىڭىز يەتسە ئىلان چىكىپ قويغاچ ئۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.
     
    ( مەن تېخى بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بلوگىنى تولۇق كۆرۈپ بولمىغانلىغىم ئۈچۈن باشقا تىمىدىكى مەزمۇنلار بولۇپ قالسا «خاتالىشىپ» قالمايلى دەپ ئەسلى بلوگنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسى قالدۇرمىدىم. توغرا چۈشەنگەيسىزلەر) 

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سالام قېرىدىشىم .تور بېكىتىڭىز كۆزنى قاماشتۇغىدەك پەچەتكەن . ئېغىر كۆرمەي بۇ ئۇسلۇبنى ماڭا ئاۋەتىپ بىرەرلەرسىزمۇ ؟ سىز نى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ھازىرچە قۇرۇق بولسىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۇرۇپ تۇراي جېنىم قېرىدىشىم.....ablat1985@126.com
  • رەھمەت سىزگە !!! بۇمىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىم tiger230@163.com
  • tiger230@163.com
  • ماڭىمۇ ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، بولارمۇ؟؟؟؟
  • ھاھا راسىتنلا قىزىققەن.........................
    ئۇ يەردىكى تۇرمۇش تەسىرتىنىڭزنى يوللاپ تۇرغايسىز......
  • مەن بەك قىزىقىپ قالدىم ماۋۇ ئامىرىكىلىق ئاداشقا....
    بلوگىنى كۆرۈپ باقساق بولارمۇ؟

    new.risalim@gmail.com
    مۇشۇ مىنىڭ ئېلخەت ئادىرسىم ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز!!!!!!!!!
  • بۇ يازمىنى كۆرۈپ بۇ كىشىنڭ بىلوگىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى،بولارمۇ يا؟
  • did u call me the other day?
  • مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى تېمىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئېسىل تېمىلىرىڭىزغا رەھمەت! ھارمىغايسىز~~~
  • مەنمۇ مەنمۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى دائىم ئارلاپ تۇرىمەن ،چۈنكى مەن قايتىدىن ئىنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقىمىكىن (ئىنگىلىزتىلىنى بۇرۇن ئازراقن ئۆگۈنۈپ تەس كىلىپ ئۆگەنمىگەن)شۇڭا ئىگىلىزتىلى ئۆگىنىپ ئۈزىنى ،مۇكەممەللەشتۈرىۋاتقانلارنى كۆرسەم ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش ھىسياتى پەيدا بۇلۇپ تېخىمۇ تىرىشقۇم كىلىدۇ ،شۇڭلاشقا مەن يېقىندا باشتىن باشلاپ قايتا ئۆگۈنۈشكە كىرىشتىم....يېڭى يازمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمىگەيسىز!!!!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ تور خاتىرىڭىز نى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن قوللاش يۇزىسىدىن ئېلانلىرىڭىزنى چېكىپ قويدۇم، ۋە سىزنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم، مۇمكىن بولسا مىنىمۇ ئۇلىنىشقا قىتىۋالسىڭىز سىزدىن مىننەتدا بولاتتىم،ئادىرسىم:
    http://otkur.blogbus.com/
    تۇغ ئادىرىسىم: http://otkur.blogbus.com/files/thumbnail/12218872740.gif
    بلوگ ئاساسى تىمىسى :دىن ۋە ئېقىم مەسىىلىلىرى.
  • ھەجەپ پاكىز رەتلىك چىقىپتۇ ،Jeck ئەپەندى ،بىلۇگىڭىز ،پات پات يۇخلاپ تۇرمەن ،ئىسىل ،يېڭى يازمىلىرڭىزنى ئۈزۈلدۈرمىگەيسىز ؟
  • مېنىڭ ئادرىسىم vqmalic@gmail.com، مەنمۇ شىنجاندا تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە ئۆگەنىدىغان ئامېرىكىلىق، شۇغا مەن بۇ ئامېرىكىلىققا بەك قىزىقىمەن! رەھمەت سىزگە.
  • شۇ ئامىرىكىلىق ئاداشنىڭ بلوگىنى كۆرۈپ باقساق بولارمۇ؟
    Jeck回复ئارامگاھ说:
    قىسقا ئۇچۇر بىلەن ئەۋەتىپ بەردىم
    2008-09-20 19:47:00
  • سىز بىزگە بۇ ئادەمنىڭ بلوگىنىڭ ئادرېسىنى بەرەلەمسىز؟
    Jeck回复باتۇر说:
    ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى بىرىڭ، مەن ئەۋەتىپ بىرەي.
    2008-09-20 19:43:27