-
ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى : Weddings in Uyghur Style on An American's Eye - [Think it ئويلانمىلار]
2008-05-22
بۇ يازمىنى مەلۇم بىر ئىنگىلىسچە بەتتە كۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. بۇ 2007-يىلى 11 ئاي ئەتراپىدا يېزىلغانئۇيغۇرچە توي
ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.
ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.
مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.
يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ھەقىقى تەكلىپنامىنى ئوقۇپ چۈشىنىش. ئەگەر سىز غەرىپتە توي باغىقى تاپشۇرۋالسىڭىز، ئۇنىڭدا توي سائەت ئىككىدە باشلىنىدۇ دىيىلگەن بولسا، سىز چوقۇم تويغا سائەت ئىككىدىن بۇرۇن بارىسىز. لېكىن ئۇيغۇر تويلىرىدا ۋاقىتنى بەلكىم ئىككىدە دىيىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە دىيىلگەن ئىككى " تاماق شۇ ۋاقىتتا تەييار بۇلىدۇ" دىگەننى كۈرسىتىدۇ. شۇڭا سىز بۇرۇنراق تاماق يىيىشنى خالىسڭىز شۇ ۋاقىتقا كەلسىڭىز بۇلىدۇ. لېكىن كۆپىنچە مىھمانلار سائەت 4-5 لەر ئەتراپىدا كىلىدۇ.
يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ئۇيغۇر تويلىرىدىكى مىھمانلار ئىككىگە بۈلىۋىتىلىدۇ: ئاياللار بىر يەردە (كۈپىنچە قىزنىڭ ئۈيىدە) ، ئەرلەر بىر يەردە ( كۈپىنچە يىگىتنىڭ ئۈيىدە) . ئايرىتىۋىلگەن بۇ ئىككى تەبرىكلەش ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن ، يەنى تاماق تارتىش. ئۇندىن باشقا، بۇ تاماقمۇ ئوخشاش بۇلۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ پولۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاماق، بۇ تاماق گۇرۇچ، ماي، گوش، سەۋزە، بەزى مىۋىلەر مەسىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ياكى خورما قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىتىلىدۇ.
توينىڭ ئەمەلى مۇراسىمىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. غەرىپتە. مۇراسىم چاقىرىلغان ھەممە مىھمانلار بىلەن بىرلىكتە چىركاۋدا ئۈتكۈزۇلىدۇ ھەمدە بىر پوپ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر تويلىرىدا، دىنى مۇراسىم توينىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ ئەتىگەنلىكى ئۈتكۈزىلىدۇ. بارلىق ئەرلەر بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ ھەمدە شۇ يەردىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى (دىنى رەھبىرى) مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قىز ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە ئايالمۇ ئۇ يەردە بۇلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئەرلەر كۈرەلمەيدىغان، لېكىن ئىمامنى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان يەنە بىر ئۈيدە بۇلىدۇ.
توينىڭ غەرىپنىڭ تويلىرىغا قارىماققا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يىرى (شۇنداقتىمۇ خېلى ئوخشىمايدۇ) : ئۇسۇل ئويناش. غەرىپنىڭ تويلىرىدا كۈپىنچە مۇراسىمدىن كىيىن كۈتۈۋىلىش بۇلىدۇ. كۈتۈۋىلىشتا مىھمانلار ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئۇيغۇر تويلىرى بولسا بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىكى دىنى مۇراسىمدىن باشقا پۈتۈن ئىككى كۈن توينىڭ ھەممىسى توختىماي داۋاملىشىدىغان كۈتۈۋىلىش. مىھمانلار كىلىپ كىتىپ تۇرىدۇ، بەزىلەر تاۋاقتا پولۇ يىيىش ئۈچۈن ئۇزۇنراق تۇرىدۇ، يەنە باشقىلار پۈتۈن كۈن تۇرىدۇ.
قاراڭغۇ چۈششى ئۇسۇلنىڭ باشلىنىدىغىندىن دىرەك بىرىدۇ.( تويلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۈيلەردە ئۈتكۈزىلىدىغان بولغاچقا مەن بۇ يەردە سىزلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈيى توغرىلىق سۈزلەپ بەرمىسەم بولمايدۇ. تىپىك ئۇيغۇر ئۇيىنىڭ ئالدى ئىشىكى كوچىغا قارايدۇ ھەم تام بىلەن قاشالىنىدۇ. ئىشىكتىن كىرسىڭىزلا كۆرىدىغىنىكىز ئۈينىڭ ھويلىسى، ھويلىدا كۆپىنچە ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر ياكى ئانار دەرىخى بۇلىدۇ. ئۈيلەرنىڭ تاملىرى ۋە ئىشىكلىرى ھەممىسى بولۇپ U ياكى L شەكلىگە ئوخشايدۇ، ئىشىكلەر ھويلىغا قارايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادە ئەھۋالىغا قاراپ، بەزى ئۇينىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بۇلۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە ئۈگزىدە نەرسە كىرەك ساقلايدىغان قازناق بۇلىدۇ، بەزىدە يەنە كەپتەرخانا بۇلۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، تويدىكى ناخشا ئۇسۇل ئەنە شۇ ھويلىدا بۇلىدۇ)
يىگىت تەرەپ كىچىكرەك مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ تويدا مىللى ناخشا مۇزىكىلارنى چالغۇزىدۇ. مىھمانلار يېرىم سائەتتىن
بىر سائەتكىچە ئۇسۇل ئوينايدۇ، يىگىت بىلەن قىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىھمانلارنىڭ ئۇسۇلىنى كۈرىدۇ. (ئاڭلىسام ئاياللار تەرەپمۇ ئۇسۇل ئوينايدىكەن، لېكىن ماڭا كۈرۈشكە نىسىپ بولمىدى، ھەي!!..) . بىر نەچچە ياش بالىلار ئوتتۇرىدا ئوسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ چۈرىسىدە تۇرۇپ ئۇلارغا شوينىغا ئوخشاش ئېتىلىپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى چاچىدۇ. ياشتا چوڭراقلىرىنى ياش بالىلار ئوسۇلغا چاقىرىدۇ ۋە قىززىقتۇرىدۇ، بەزىدە راستىنلا ئۇلارنى تارتىپ ئۇسۇلغا قېتىۋالىدۇ. مىنىڭچە ئۇلارئۈزىنى ئۇسۇل ئوينىغۇسى يۇقتەك قىلىپ كۈرسىتىدىكەن. چۇنكى ئۇلار ئۇتتۇرىغا چۈشسىلا باشقا ئويناۋاتقانلارغا ئوخشاش ئۇسۇلغا كىرىپلا كىتىدىكەن.ئۇلار ئۇسۇلنى خېلى ئوزۇن ئوينىدۇق دەپ قارىغاندا ، يىگىتنى ئېلىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ماشىنىغا چىقىرىدۇ. ئاندىن ھەممەيلەن باشقا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارغا چىقىدۇ، ئەر تەرەپتىكى يىغىلىشنىڭ مىھمانلىرىنىڭ ماشىنىلىرى ئۇزۇن پويىز بولۇپ يىلانسىمان ھالدا پۈتۈن شەھەرنى چۈرگىلەيدۇ. بىرىنچى ماشىنىدا ناغرا ۋە سۇناي چالىدىغانلار ئولتۇرۇپ باشتىن ئاخىر توختىماي چېلىپ پۈتۈن ماشىنىلار شەھەرنى ئالدىرىماي چۈرگىلەپ ئاخىرى يەنە بايا ئۇسۇل ئوينىغان يەرگە قايتىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توينىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
توينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ ئاساسەن بىرىنچى كۈنىگە ئوخشاش ئۈتىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىدۇ، بەزىلەر پولو يەپلا كىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇزاق ئولتۇرىدۇ. بۇ كۈننىڭ ئاخشىمىمۇ بىرىنچى كۈنىگە ئوخشاش بۇلىدۇ. لېكىن ماشنىدا شەھەرنى چۈرگىلەپلا قايتىپ كەلگەننىڭ ئورنىغا ماشىنىا كارۋىنى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ياش باللا يىگىتنى كۈتىرىپ قىز تەرەپنىڭ ئىشگە ئالدىغا كىلىپ، قىزنىڭ ئاتا ئانىسىدىن قىزنى بىرىشنى سورايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار باشتا ئۇنىمايدۇ، شۇڭا ئەرلەر تالادا ئۇسۇل ئوينايدۇ، ئاخىر قىز چىقىدۇ ۋە يىگىتنىڭ ئۈيىگە ئېلىپ كىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توي تۈگەيدۇ.
يۇقارقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنى مەن ئەڭ ئاددىلاشتۇرۇپ بايان قىلغىنىم. ئەگەر تولۇق جەريانىنى كۈرىمەن دىسىڭىز ئەلۋەتتە ئۈزىڭىز كىلىپ قاتناشمىسڭىز بولمايدۇ. ئەگەر كىلەلمىسىڭىز مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر تويغا قاتناشقاندا سۈرەتكە ئېلىپ قويغان مۇنى قىسقا ھۈججەتنى كۈرۈپ قويۇڭ( Jeck ئىلاۋىسى: ھۈججەت چىقمىدى) ، بۇ تويمۇ مەن ئۈتكەن ھەپتە قاتناشقان تويغا ئوخشايدۇ: تاماق بار، ناخشا - مۇزىكا بار، خوشاللىق بار.
تۈگىدى.ئاندىن ئىككى ئامرىكىلىق بۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىپتۇ:
بىرىنچى ئىنكاس: شۇنداق رەڭدار ھالدا تەسۋىرلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئاندىن ئاۋۇ ھۆججەت ئەمەلى قىلىپ كۈرسىتىپتۇ، توينى ئىككى كۈن تەبرىكلىسە بەك پەيزى بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ. تاماقلارنى تېتىپ باققاندەك بولدۇم. ماشىنىلار توپا تۇزۇتۇۋىتىپتۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ نىمە؟ ھەممەيلەن چاپان ۋە باش كىيىم كىيىۋاپتۇ. مۇزىكىنىڭ ئاھاڭى، جۇڭگۇ مۇزىكىلىرىغا، يەنە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ مۇزىكىلىرىغا، يەنە تېخى ئىندىيانلارنىڭ مۇزىكىسىغا ئوخشايدىكەن.ئىككىنچى ئىنكاس: مەن بۇلارنى ۋىدىئو دا كۈرگەن. مىنىڭ دوستۇم ماڭا ئۈزىنىڭ 3 يېرىم سائەتلىك قىلىپ ئىشلەنگەن توي ۋە كۈتۈۋىلىش مۇراسىمىنى كۈرسەتكەن. شۇنداق قىزىقارلىق ئىكەن. مىنىڭ شۇنداق ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشنى ئۈگەنگۈم كەلدى.
ئىنكاسلار تۈگىدى:
Jeck مۇلاھىزىسى: بۇ يازمىنىڭ ئىگىسى توغرىىلىق ئىزدىنىپ بېقىشىمغا قارىغاندا ئۇ ئامرىكىلىق بولۇپ قەشقەر تەرەپلەردە، بولۇپمۇ قەشقەر شەھەر ئىچى، يەركەن، بەلكىم يەنە قاغىلىق ئەتراپىدا تۇرۇپتۇ. قارىغاندا بۇ توي قەشقەرنىڭ ناھىيلىرىنىڭ بىرەر يېزىلىرىدا بولغان ئوخشايدۇ. خوتەننىڭ يېزىلىرىدىمۇ ئىسىمدە قېلىشىچە توي ئىككى كۈن بۇلىدۇ. لېكىن مەن قاتنىشىپ باقمىغان. قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچىدە توي قانداق بۇلىدۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن پەرىزىمچە ئۇ يەردىمۇ توي رىستۇراندا بۇلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تويى مۇشۇنداق بۇلىدۇ دەپ يېزىلارنىڭ تويىنى نەزەرگە توتقان بۇلۇشى مۇمكىن. مەنغۇ يېزىلاردىمۇ تويلار رىستۇراندا بۇلىدىغان بولۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم. ئىشقىلىپ يازغۇچى بىزنىڭ تويلىرىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئەسلى قىياپىتىنى كۈرۈپتۇ. ئاپتۇر ئۇيغۇرچىنىمۇ خېلى ياخشى ئۈگەنگەندەك قىلىدۇ. ئۇ ھېلىمۇ شۇ تەرەپلەردە بولۇپ قالسا، تەسىرى بولمىسۇن دەپ ئەسلى مەنبەنى يوللىمىدىم.
مەن ئىككى يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر تويلىرى توغرىلىق بىر قىسىم كۈز قاراشلىرىمنى يېزىپ ئۈتكەن ئىدىم. قىززىقسىڭىز بۇ يەردىن كۈرۈڭ.
more.asp?name=Jeck&id=541
收藏到:Del.icio.us
ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى
Blog:خان جەمەتى ئۇنۋىرسال مۇنازىرە بلوگى2009-04-28 18:14:01ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى : Weddings in Uyghur Style on An American's
Blog:ئىلىم - پەن بىلوگى2008-09-25 20:36:55
评论
يەنە سوۋغا-سالام دىگەندەكلەر ....
بىلوگىڭىز ياخشىكەن .
سىز تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. خۇددى بىر پىيالە ئېسىل چاي ئىچكەندەك بولدۇم. بۇ ئەلۋەتتە، ماقالىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە ياكى مەزمۇنىغا بېرىلگەن باھا ئەمەس. سىزنىڭ ئۇيغۇر تورداشلرنى بىر چەت ئەللىكنىڭ كۆزىدىكى ئۇيغۇر تويى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بىلەن ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزدا. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، يېڭى - يېڭى ئۇچۇرلر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تويلىرى ماكان، ئورۇن، شارائىت دېگەندەك نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاز - تول پەرقلىنىشى مۇمكىن. لېكىن ئىشىنىمەنكى تۈپ نېگىزى بىر.
\http://www.ulinix.cnتىمۇ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز بار كەن مانا
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ
تىمىڭىزنى بلوگىمدا ئلان قىلدىم خاپا بولمايدىغانسىز ھە؟؟؟http://karakqi.blogbus.com/logs/28380811.html
بىر تەرەپلىك كۆرقاراش
بىلوگىڭىز ناھايىتى ياخشىكەن، لىكىن خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بەك كىچىك ،ئوقىغاندا كۆز ئاغرىپ كىتىدىكەن. مۇمكىن بولسا خەت شەكلى چوڭراق بولسا.
سىزنى بىرسىگە بەك ئوخشات تىم
ئامال بولغان بولسا رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولات تىم .
سىز چەتەلدە نىمە ئىش قىلىسىز ؟
بلوگ ئەمدى مۇقىم بولغۇدەك دە جېك قارىم، مۇبارەك بولسۇن!
شىپاخانامنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قوياملا؟ ( ئامرىكىدا ئىچىلامدۇ يوق بىلمىدىم.)