-
ھەمكارلىشىش ئىلانى - [Notice ئۇختۇرۇش]
2008-05-09
7-8 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئىنگىلىس تىلىغا قىززىقىدىغان بىرنەچچە يىقىن دوستلار English club دەپ بىر ئىشتىن سىرتقى دوستلار كۇلۇبى قىلايلى دەپ خىيال قىلىپ ئانچە مۇنچە ئادەممۇ يىغىلغان. ئۇنىڭ تور بېتىنىمۇ ئۈزەم ئىشلىگەن. ( ئۇ چاغلاردا شۇ ۋاقىتنىڭ سەۋىيسىدە تور بەت ئىشلەشنى ئانچە مۇنچە بىلەتتىم) . ھەم مۇشۇ بانىدا تۇنۇشۇپ قالغان دوستلار بىلەن ھازىرمۇ ناھايتى يىقىن دوست. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۈپچىلىكى ھازىر چەتئەلدە .مەقسىتىمىز ئىنگىلىس تىلىغا قىززىقىدىغان دوستلار ئۈز ئارا تۇنۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىنگىلىسچە تور بەت ئارقىلىق بىر يەرگە يىغىلىش، شۇ ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچىدىكى چەتئەللىكلەر بىلەن دوست بۇلۇش، ئۇيغۇرلار ئۈزىمىز تۈزگەن تور بەت ئارقىلىق ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۇچۇرلارنى بىرىش دىگەندەك ئىدى. كىيىن ھەممىمىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چېچىلىپ كەتتۇق. شۇنداقتىمۇ شۇنداق تور بەتتىن بىرنى ماڭدۇرۇپ قويۇش خىيالىمىز بار ئىدى.
ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن مۇناسىۋەت دائىرىمىز يەنىمۇ كىڭەيدى بولغاي. شۇنداقلا ئامرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىۋاتقان ياكى قىززىقىدىغان بىر قىسىم چەتئەللىكلەرمۇ باركەن. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلاردىن دوست تۇتۇشنى، ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزى بىلەن ئارلىشىپ چۈشىنىپ بېقىشنى خالايدىكەن. ماڭا پات پات شۇنداق خەتلەر كىلىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بۇلۇشنى خالايتتىم، قەيەردىن ئىزدەپ تاپىمەن، ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلەي دىگەنتىم، نەدە تۇرىمەن، ئەنسىرەيدىكەنمەن، بىرەر تۇنۇشۇڭ بولسا دەپ بەرسەڭ ماڭا ياردەم قىلغان بولسا دىگەندەك. بەزىدە ياردەم قىلالايمەن، بەزىدە قىلالمايمەن. شۇڭا مۇشۇلارنى كۈزدە تۇتۇپ پۈتۈنلەي ئىنگىلىسچە بولغان بىر تور بەت ئاچماقچىمەن، مەزمۇنى:
1. ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىشكە ئائىت ماتىرىياللار،
2. ئامرىكا ۋە باشقا دۈلەتلەرنىڭ مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش
3. چەتئەلگە چىقىش توغرىلىق ئۇچۇر، ئالەقە، ياردەم
4. ئۇيغۇر مەدىنىيتى، تىلى ، شىنجاڭ توغرىلىق ئۇچۇرلار،
5. چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش.
6... ئۈستىدىكى مۇشۇ باش تىمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارخۇددى ېېيجىڭدىكى ئۇيغۇر توردا ( 维吾尔在线 ) تور بكىتى پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئىشلىنىپ كۈۋرۈكلۇك رول ئوينىغانغا ئوخشاش مەن دىگەن تور بەتمۇ پۈتۈنلەي ئىنگىلىس تىلىدا ئىشلىنىدۇ. ئۇچۇر-ئالاقە ئاساسى مەقسەت بۇلىدۇ، سىياسى مەزمۇنلار بولمايدۇ. ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىمۇ ئۇيغۇر توردا تورىغا ئوخشاش بولسا بۇلىدۇ.
تېخنىكىلىق جەھەتتىن باش بەتتە بىر نەچچە سەھىپىلەر بۇلۇپ ئۇنىڭغا ياخشى دەپ قارالغان تىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى بىرىلىدۇ، بىر مۇنبەر بۇلىدۇ. ماتىرىياللارنى مەن ئۈزەم يالغۇز قىلىپ بۇلالمايمەن، شۇڭا تور بەت ماڭدۇرۇلغاندىن كىيىن تىما يوللاش ئارقىلىق ئاستا ئاستا ماڭدۇرۋالىمىز. مۇنبەر ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلغان سىستىمىلاردىن بىرەرنى ئىشلەتسەكلا بۇلىدۇ، ئىنگىلىسچە بولغاچقا تەرجىمە نۇسخىسى بۇلۇشىمۇ ھاجەتسىز. يەنە مۇشۇ خىلدىكى تور بەتكە ماس كىلىدىغان تور بەت سىسىتىمى بۇلسا تەۋسىيە قىلساڭلار، شۇنى ئىشلەتسەك. ھەقلىق بولسا بەك قىممەت بولمىسا سېتىۋالساقمۇ بۇلىدۇ. تور بەتكە كىتىدىغان خىراجەتنى ئۈزەم چىقىرىمەن. سىستىمىنى تىخنىك ئۈزى تۈزۈش ھاجەتسىز. تارقىتىلغان سىستىمىلارنى رەتلەپ ماڭدۇرسا بۇلىدۇ. شۇنداقتىمۇ تېخنىكنىڭ سەۋىيسى سەل يۇقىرى بولغان كەسپى ئادەم بولسا دەپ ئويلايمەن. تور بەت ئىشتىن سىرتقى ئەمەس كەسپى ماڭغاندەك تەسىر بەرسە. شۇنداقلا ياخشى مېڭىپ قالسا يەنە باشقا ھەرخىل تەرەپلەرگە، بولۇپمۇ ئىقتىسادى يۈنۈلۇشكە تەرەققى قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئۇندىن كىيىن يەنە تېخنىكنىڭ ئىنگىلىس تىلى سەۋىيسى بۇلۇشى، تور بەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىشى كىرەك.
يەنە بىر نەچچە مەسىلە:
1. تور ئىسمى تەۋسىيە قىلىڭلار. ھازىرچە www.UighurClub.com دەپ تۇردۇم. ئەرزىگۇدەك تور ئىسمى چىقمىسا مۇشۇنى ئىشلىتىمەن. ساتىدىغان بولسىمۇ بۇلىدۇ.
2. تور مۇلازىمىتىنى ئامرىكىدىن ئېلىش كىرەكمۇ ياكى جۇڭگۇدىنمۇ. ئامرىكىدىن ئالساق ۋەتەندىكىلەرنىڭ چىقىش ئۇلىنىش سۈرئىتى قانداق، ۋەتەندە بولسا قايسى مۇلازىمەتنىڭ چەتئەلدىن ئۇلىنىش سۈرئىتى تىز.
3. لاھىيلىگۇچىلەر بىرەر ئىككى باش بەت لاھىيلەپ بەرسەڭلار. ئاددى، لېكىن سۈپەتلىك بولسۇن، ئازراق ئۇيغۇر پۇرىقى چىقسۇن، چەتئەل پۇرىقىمۇ چىقسۇن.
4. باشقا پايدىلىق مەسلەھەتلەر بولسا بەرسەڭلار، ھازىرچە قىلغىلى بولمىسمۇ كىيىنگە پىلان بولۇپ قالار.
5. توربەتنى ماڭدۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى ياكى ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلارغا ھەر ۋاقىت ئىشىك ئۇچۇق.ھازىرقى پىلان ياردەم قىلغۇچى چىققاندىن كىييىن ئىككى ھەپتە ئىچىدە تور بەتنىڭ سناق نۇسخسىنى ماڭدۇرۇش.
ئۇندىن كىيىن تور مەھەللەمگە بلوگ يازىدىغان ھەمكارلاشقۇچىمۇ تەكلىپ قىلىمەن، چۇنكى ئۈزەم يىقىندا يىتىشىپ بۇلالماي قالدىم ھەم شىنجاڭ لىنىيسى تولا مەندە ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن قارىسام يەنە كۈندە ئادەم كىرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەندىكى ئۇلىنىشتىكى مەسىلە ئوخشايدۇ. تەلەپ، بلوگ يازغۇچىنىڭ ييزىش مەزمۇنى چوقۇم ھازىرقى مەھەللەمدىكى مەزمۇنلار بىلەن ماس كىلىشى، چوقۇم تۇنجى قېتىم مۇشۇ يەردە ئىلان قىلىشى كىرەك. ئۈز نامىدا ئىلان قىلىدۇ. ھازىر مەن ياقتۇرۇدىغىنىم ئۈزەم باشلاپ ئىزچىل يېزىپ بۇلالماي قالغان ياخشى كىنولا سەھىپىسىنى يېزىشىپ بىرىدىغان ئادەم كىرەك.
收藏到:Del.icio.us
评论
جېك ئەپەندى، يەنە بىر ئىسل پىلان تۈزۈۋېتىپسەندە . ياخشى ئشكەن. مەنمۇ كۈچ چىقىرىشقا تەييار ( تور بەت ياساشقا ئامالىم يوق ، ئانچە مۇنچە بۇ ياقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرارمەن) . بولسا بۇ تور بەت ئېچىلغان ھامان ، خەۋەر قىلىۋىتەرسەن.
كەلگۈسىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار لىكىن تىل بىلمەيمەن ئەگەر بۇ تور بىتىڭىز قۇرىلىپ قالسا مىنى بىر ئەزا قىلىۋىلىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن ئامىركىدا چ چ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن بولسا 474468659مىنىڭ
بولمىسا ئىلخەت 474468659@qq.com
چەتئاللىك دوس تۇتۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن پىكىر ئالماشتۇرغاچ تىل ئۆگەنمەمدىم ياردەم قىلسىڭىز
بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كىيىن ماڭا خەت قالدۇرۇڭ bey bey
كەلگۈسىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار لىكىن تىل بىلمەيمەن ئەگەر بۇ تور بىتىڭىز قۇرىلىپ قالسا مىنى بىر ئەزا قىلىۋىلىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن ئامىركىدا چ چ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن بولسا 474468659مىنىڭ
بولمىسا ئىلخەت 474468659@qq.com
چەتئاللىك دوس تۇتۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن پىكىر ئالماشتۇرغاچ تىل ئۆگەنمەمدىم ياردەم قىلسىڭىز
بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كىيىن ماڭا خەت قالدۇرۇڭ bey bey
[url]http://www.hbcms.com/cms/hbcms/[\url]
1. www.UighurClub.com دېگەن ئىسىم خېلىلا جايىدا بولغاندەك تۇرىدۇ.
2. مۇنبەر سېستىمىسىغا مەن بىرنى تەۋسىيە قىلىپ باقاي. yetanotherforum ( مىكروسوفىتنىڭ .net تە تۈزۈلگەن OpenSource مۇنبەر سىستېمىسى) . كۆرۈپ بېقىش ئادېرىسى http://forum.yetanotherforum.net ، ئەلۋەتتە كۆپ خىل كۆرۈنۈش ئۇسلۇپلىرى بار. (ئالدىنقى قېتىم مەن ئېنگىلىزچە تىل بولىقىنى ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويغان)، ئەگەر سىز بولىدىكەن دېسىڭىز، قاچىلاپ تەڭشەشكە مەن مەسئۇل بولۇپ قىلىپ بېرەي.
3. بوشلۇقنى ۋاقتىنچە دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىم، سۈرئىتى تېز بولغان بوشلۇقلاردىن ئېلىپ تۇرساق . زىيارەت ئەھۋالى، تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىرەر يىلدىن كېيىن يۆتكەشنى ئويلاشساق.
مۇبارەك بولسۇن!
بلوگىڭىز ئۇلىنىش قىلىندى.