•  
    بوستون خاتىرىسى Boston Pictures
    (بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)
     
    بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى تارىخىنى بىر ئوقۇپ چىققاندەك بولۇپ قالىسىزكەن.