• بوستون خاتىرىسى Boston Pictures - [America ئامرىكا]

    2008-11-25

    بوستون خاتىرىسى Boston Pictures
    (بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)
     
    بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى تارىخىنى بىر ئوقۇپ چىققاندەك بولۇپ قالىسىزكەن. بوستوننىڭ بەرپا بولۇشى، 1630-يىلى جون ۋىنسروپ(John Winthrop) باشچىلىقىدا 11 كىمىدە ئەنگىلىيەدىكى پۇرىتانلار دىننىي ئەركىنلىك ئىزدەپ كىلىپ چارلىس دەريا بويىغا جايلاشقان ئىكەن. 1630-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە بوستون ئامرىكىنىڭ ئەركىن يەنى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قۇرىلىشىغا ئاساسلىق رولىنى ئويناپ كىلىۋەتىپتۇ. بوستوننىڭ ئاساسلىق ئىختىسادى تىببي ساھاسىدىن، ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىن، ۋە پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدىن كىلىدىكەن. بوستون ئەڭ كۆپ ئالىي مەكتەپلەر يىغىلغان شەھەر بولۇپ 60 تىن كۆپ ئالىي مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. بوستون شەھرى مەن كۆرگەن ئامرىكىدىكى چوڭ شەھرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پاكىز شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شەھەر خەلقى ئىنتايىن پاكىز، ساپاسى يۇكىرى، روھى كۆتىرەڭگۈ، ۋە دوستانە يېقىملىق ئىكەن. ماڭا تەسىر قىلغان تەرەپلىرى كوچىدا شەھەر خەرىتىسىنى كۆتىرىپ قايسى يۆلىنىشنى تاللاش ئۇچۇن خەرىتە كۈرۇش جەريانىدا بىر-نەچە كىشىلەرنىڭ توختاپ ئوزلىرىنىڭ ماڭا ياردىمى كىرەكلىگىنى سورىغىنى مىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۇردى. مەن بىر ھەپتە تۇرغان بولساممۇ، لىكىن بىر ھەپتە بەك ئاز ۋاقىتتەك ھىس قىلدىم. مەن كۆرەلمىگەن مۇزىي ۋە كىتاپخانىلىرىنى قايتا كىلىپ كۆرۇشنى ئارزۇ قىلىش ئىستىگى بلەن قايتتىم. بوستون ھەقىقەتەن گۇزەل، مەدنىيەتلىك، تارىخىي شەھەر ئىكەن. ئەگەر پۇرسىتىڭىز بولسا چوقۇم ئەرزىيدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. تۈۋەندە مەن بوستوندىكى ساياھەت ۋاختىمدا ئۈزەم تارتقان رەسىملەرنى دوستوم Jeck بلوگى ئارقىلىق تورداشلارغا سوندۇم.
     
    شىتات بىناسى 1802-يىلى سېلىنغان ئىكەن. ھازىرغىچە ئەسلى ھالىتى بىلەن ساقلىنىپ كىلۋېتىپتۇ.

    بوستون شەھەر كوچىلىرى
     

    كوچىلرىغا قاراڭ نىمە دىگەن پاكىز ھە!


     
     
     
     

     

     
    بۇ رەسىمدىكى ئىشەك ئامرىكىنىڭ دىمۇگۇراتىك پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىشەك توۋەنگە قاراپ تۇرغان يەردىكى ئىككى پۇتنىڭ ئىزى بار يەر پىلنىڭ رەسىمى ئىكەن. ماڭا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى ساياھەتچىلەر دىمۇگۇراتچىلار بولسا ئىشەك تەرەپتە تۇرۇپ رەسىمگە چۇشىدىكەن. ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا ئىككى پۇتىنى پىلنىڭ ئىزىغا قويۇپ ئىشەككە قارشى ھالەتتە رەسىمگە چۇشىدىكەن. بۇ ھەيكەل بوستوننىڭ ئەڭ چوڭ كوچىسىنىڭ بىرىدە ئىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا بوستوندا دىمۇگۇراتچىلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ماڭا خۇددى ئوباما مەككەينگە گە قاراپ تۇرغاندەكلا بىلىندى. 

    بوستۇن شەھىرى ئىچىدىكى Starbucks قەھۋەخانىسىدا چەينەك ئېسىقلىق ئىكەن .ئادەتتە مەن سمباك قەھۋەخانسىدا چەينەك ئىېسىقلىق ھالەتنى پەقەت ئۇچۇرتۇپ باقمىغان.شۇڭا قىززىق تۇيلۇپ كەتتى.

    بوستوننىڭ بەكۇن(Beacon) كوچىلىرى،بۇ كوچىلىرى تارىخى كوچىلار بولۇپ ئەزەلدىن يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان.بۇ كۇچىلارنى ھازىرغىچە تارىخى ئورۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قوغدايدىكەن.يېڭى ئۇزگۈرۈش قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن.(نىمە دىگەن ياخشى ھە~!)
     
    بۇ قەھۋەخاننىڭ ئىسمى Cheers ئىكەن،بۇ قەھۋەخاننىڭ بەك داڭلىق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب،1982-يىلى Cheers دىگەن قىزىقارلىق داراممىدا ئالدى ئىشىكى ئىشلىتىلگەن ئىكەن.بۇ داراممىنى كۆپ كىشىلەر ياقتۇرۇپ كۇرگەنلىكى ئۈچۈن ئاتايىن بۇيەرگە كېلىپ بىر بوتۇلكا پىۋە ئىچىپ كېتىدىكەن.بولۇپمۇ ياۋرۇپالىقلار كۆپ كېلىدىكەن.

    Quincy بازىرى 1825 –يىلى سېلىنىپ ھازىر غىچە ئاۋات بازارلارنىڭ بىرى ئىكەن.بازارنىڭ ئىچىدە ھەر-خىل مىللەتلەرنىڭ تامىقى بار ئىكەن.بىراق بىرلا ئۇيغۇر تائاملىرى كەم بولۇپ قاپتۇ.

    بۇ Quincy بازىرىنىڭ ئىچىدىكى پوچتىخانا بولۇپ 1775 –يىلى سېلىنغان ئىكەن. ھازىرغىچە توختاپ قالماپتۇ.

    بوستوننىڭ ئەڭداڭلىق ئومىچى كىلام چوۋدىر (clam chowder).ئامىركىلىق دوسلىرىمدىن بەك داڭقىنى ئاڭلىغان ئىدىم،راستىنلا ماختىغۇچىلىكى بار ئىكەن.بىر ھەپتە تۇرۇش جەريانىدا كۈندە بىر ۋاق يەپ ئازراق سەمىرىپمۇ قالدىم.رەڭگى ئاپاق بولۇپ ئاساسەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئېتىدىكەن،ئوماچنىڭ چىرايىغا قارىسىڭىز پەقەت يىگۈڭىز كەلمەيدىكەن،ئەمما بىر تېتىپ قالسا خۇدايىم ساقلىسۇن~! بوستۇننى ئەمەس ئومىچىنى دەپ بولسىمۇ بار دىغان بولۇپ قالىسىز.

    بوستون خەلق كىتابخانىسى 1895 –يىلى سېلىنغان بولۇپ ئامرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ،بىرىنجى قېتىم كىشىلەرنىڭ كىتاب ۋە ماتىرياللارنى ئارىيەت ئېلىش يول قويۇلغان كىتاپخانىسى ئىكەن. پارلامىنت كىتاپخانىسى ۋە خارۋاد كىتاپخانىسىدىن قالسا 3 – چوڭ كىتاپخانا ھىساپلىنىدىكەن.كىتاپخانلىرى ۋە مەكتەپلىرىگە قاراپ بوستۇنلۇقلارغا قايىل بولدۇم.

    ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتوتى Massachusetts Institute of Technology ئادەتتە قىسقارتىلىپ MIT دەيدۇ.  خەنزۇچە 麻省理工学院 دەيدۇ. 1861 –يىلى قۇرۇلغان. بۇ ئامرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ تەبىئى پەننى ئاساس قىلىدۇ.نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغان ئالىملار كۆپ چىقىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى.

    دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپنىڭ بىرى خارۋاد ئونۋىرىستى 1636 –يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئامرىكىدىكى ئەڭ كونا مەكتەپ ھىساپلىنىدۇ. خارۋاد ئونۋىرىستىنىڭ مۇھىتىنى بەك ياخشى كۆردۈم.مەكتەپ ئىچى ۋە ئەتراپى بەك گۈزەل ئىكەن.
     

    بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يەيدىغان ئاشخانىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.مەن ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم.ھەقىقەتەن ھەيۋەت ئىكەن.

    بۇ ئامرىكا پارلامىنت ناملىق ئۇرۇش كىمىسى بولۇپ 1797 –يىلى پۇتكەن ئىكەن.بۇ ئۇرۇش كىمىسى 1812 –يىلى بۈيۈك بىرتانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىكەن.كىمىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى(كونا تۈمۈر قېپى) بولۇپ ،كىمە سىرتىنى تۇمۈر بىلەن قاپلىغان بولغاچقا شۇ ۋاقىتلار دىكى ئۇرۇش ئوقلىرى ئۆتمىگەن ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن بۇيۇك بىرتانىيەلىكلەرنىڭ كىمىلىرىنى چۆكتۇرۋېتىپ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان ئىكەن(بوستونلۇقلاردىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا). بوستونلۇقلاردىن بۇ كىمە توغۇرلۇق سوراپ قالسىڭىز ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا سىزگە ھېكايىسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ.

    ئۇرۇش كىمىلىرىنىڭ زەمبىرەكلىرى

     زەمبىرەكلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان ئوقلىرى ئىكەن.

    تۈگىدى.
    يۇقارقى رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ئەسلى لاتىنچە يېزىلىشتا (ULY ) دا يېزىلغان بولۇپ شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتىدىن ئابدۇراخمان ئۇيغۇرچە يېزىلىشقا ئۆرىگەن.
     
    بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ سۈرەتلەر دولان تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. 

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم جېك تاغا؛
    مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇمنى قۇشۇۋالسڭىز.يەنە بىلوگىڭىزنى ماقالە يېزىشنى توختاتمىسىڭىز.
  • جېك ئەپەندى ، پېقىر مۇشۇ بوستوننىڭ ۋاسكىتبول كۇلۇبىغا بەك ئامراق .
    ئامىرىكىدا بىرە مەيدان NBA نىڭ مۇسابقىسى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ توپقا ئانچە قىزىقمامسىز يا
  • بەك چىرايللىق ئىكەن ، كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولدۇم كېيىن خۇدايىم بۇريرىسا بىر كۈنلەردە بارارمەن.
  • مەنمۇ بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بارغان ئېدىم. قىش پەسلى بولغاچقا، رەسىمدىكىدەك گۈزەل ئەمەسكەن.
    شۇنداقتىمۇ خارۋارد بىلەن مىت نى كۆرۈپ كەلدىم.
    خارۋاردنىڭ ھەيكىلىگە ياخشى قارىسا سول ئايىغىنىڭ پارقىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈنىدۇ. ئەسلى بۇنى باشقىلار سىلاپ پارقىرتىۋەتكەن ئىكەن. چۈنكى ئاشۇ ئاياغنى سۈرتۈپ قويسا ئەقىللىق بولارمىش. بۇ گەرچە كۈلكىلىك بولسىمۇ، مەنمۇ سۈرتۈپ قويۇشنى ئۇنۇتمىدىم.
  • مەنمۇ چىقاي دىگەن ئىدىم ئامرىكىغا ماڭا بىر ياردەم قلسڭز
  • بۇ تىما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مىنىڭ يولدىشىم ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغان ئىدى،3،4مەكتەپ قۇبۇل قىلدى،لىكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەستىقلانمىدى،بۇ تىمىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ ئامرىكىدائوقۇغۇم كىلىپ كەتتى ،دوكتۇرلۇقنى بولسىمۇ چۇقۇم ئوقۇيمەن.جېك ئەپەندى،بولسا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى كۆپرەك يېزىپ تۇرغايسىز،ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.
  • جېك ئەپەندى بىلوگىڭىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك ياخشىكەن مەن دائىم سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى كۈرۈپ تۇرىمەن ، سىزنىڭ بىلوگىڭىزدا ئامىرىكىنى خېلى چۈشىنۋالدىم ، ئىشلىرىڭىزغا ئوتۇق ئۇقۇشىڭىزغا ياخشى نەتىجە تىلەيمەن
  • مۇشۇنداق رەسىملەر كۆپرەك يوللانسىكەن.
  • راستىنلا بەك گۈزەلكەن،
  • جىك ئەپەندى ، بۇ تور خاتىرىڭىز بلوگىمىزنىڭ داڭلىق بلوگلار سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلدى . مەنزىل :http://mutallip610.blogbus.com
  • بۇ تىما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ئوقۇغان ئادەم كۆپ بىلىمگە ئىگە بولالايدىكەن. سىزگە كۆپ رەھمەت دولان ئەپەندى. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! جىك تور خاتىرىسىدە مۇشۇنداق ئەمەلىي تەسىراتلار تېخىمۇ كۆپرەك يوللانسا ھەممىمىز تەڭ ھوزۇرلانساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
  • خۇددى بوستونغا بارغاندەك بوپ قالدىم، مۇشۇنداق يازمىلار ۋە رەسىملەر كۆپرەك يوللانسىكەن.
  • راستىنلا بەك گۈزەلكەن،بىر بېرىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىپ كەتتى،ھازىرچە رەسىمىنى بولسىمۇ تازا كۆرۈۋالاي دەپ رۇخسەتسىزلا بۇ ماقالىنى 分享 قىلىۋالدىم.جېك ئەپەندىگە ۋە دولان ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.جېك ئەپەندىنىڭ سايىسىدە ئامرىكىنى خېلى چۈشىنىۋالدۇق...بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!