يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىشىنىڭ ئۇسۇلى

ۋاقتى:2011-06-24 10:21مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   يۈزدىكى سەپكۈننى ئاسانلىقچە يوقاتقىلى بولمايدۇ . لېكىن تۇرمۇشتا ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە تارقىلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ .
لىمون سۈيى ۋە كالا سۈتى : تېرىسى مايلىق ياكى ئوتتۇراھال كىشلەر قەرەللىك ھالدا لىمون سۈيىگە كالا سۈتىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىپ ، پارقىراق قىلىدۇ.
شوخلا سۈيى : بىر دانە شوخلىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق گلىتسېرىن قوشۇپ ئاندىن بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزنى ھەر كۈنى 10–15 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيغاندىن كېيىن ، ئىلىمان سۇ بىلەن تېرىنى چايقاپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇۋالسا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەتتا سەپكۈننى يوقىتىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەۋزە شىرنىسى : ئىككى قوشۇق سەۋزە شىرنىسىگە 20 تامچە لىمون سۇيى قوشۇپ ، كۈنىگە ئىككى–ئۈچ قېتىمدىن يۈزگە سۈرتۈپ ، 20–30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
مامكاپ گۈلى سۈيى : بىر تال مامكاپ گۈلىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا چىلاپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن ، مامكاپ گۈلىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپكۈن ئورنىنى يۇيۇپ بەرسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيى: ھەر كۈنى يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن ، لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم سەپكۈن ئورنىغا سۈرتۇپ ، بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

تۇرۇپ ۋە شوخلا ياپراقچىسى : يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈپ ، ئاندىن يۈزگە بىر نەچچە پارچە تۇرۇپ ياكى شوخلا ياپراقچىسى چاپلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، سوغۇق كالا سۈتى بىلەن يۇيسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . ئادەتتە ئالما ۋە بىيە ياپراقچىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يوپۇرماق مەلھىمى : خۇشبۇي كەرەپشىنىڭ يېشىل يوپۇرمىقىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنى بىر ئىستاكان قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى–ئۈچ سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە سەپكۈننى يوقىتىدۇ .
تىرناقگۈل يوپۇرمىقى شىرنىسى : تىرناقگۈل يوپۇرمىقىنىڭ شىرنىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(22)
84.6%
ئالقىشلايمەن
(4)
15.4%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چاچ ئاسىراش رىتىسىپىلىرى

    1. ئوزۇقلۇق تەركبى مول بولغان يىمەكلىكىلەرنى ئىسىتىمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلۇق مول بولمىسا ، چاچ زەخمىگە ئۇچىرايدۇ ، چاچىنڭ پارقىراقلىقى يوقايىدۇ . تەركبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول ، ياغ تەركبى ئاز بولغان يىمەكلىكىلەرنى ، ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىك...

  • پەرداز بۇيۇملىرە ۋە تىرەكېسەللىكى

    ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزنى پەردازلاپ گۈزەل ياسنىۋالغانلىقى نۇرمال ھادىسە .بىراق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا پەررداز بۇيۇملىرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ قىلىش ، ياللغۇغلىنىش ھادسلى...

  • چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر

    چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر ئادەم 30-40 ياشلارغا بارا بارماي چېچى قېرىشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى چاچنىڭ گۈزەلىكى بارلىق گۈزەلىكلەرنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ۋاقتىڭز دىن تارتىپلا مۇۋاپىق بولغان توغرا ئۇسۇل بىلەن چېچىڭزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرشىڭىز...

  • ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

    ئامرىكىدىكى كۆپلىگەن ھۆسۈن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى،ئايالللار يۈز تېرىسنىڭ پارقىراق ،يۇمران بۇلۇشى ،ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھالقا - بەدەندىكى پېروكسىدلىق مايلارنى كېمەيتشتۇر،دەپ قارايدۇ. ئاياللار نىڭ بەدىندىكى بۇخىل ماددا 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان...

  • سۈت ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش

    سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگات...

  • چېچىڭىزنى ئاسىراشتا...

    مۇتەخەسىسلەر : ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر چېچىنى يېشىل چايدا يۇيۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاچ مېيى باش تېرىسى ۋە چاچ يىلتىزىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.بۇنىڭ ئاپتاپتا قاقلانغان چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولى بار...

  • تۇخۇم ئېقى يېڭى تاتۇقنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك

    جاراھەت قاقاچ تۇتۇشتىن بۇرۇن يەرلىك توخو تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ بەرسە، جاراھەت تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى جاراھەتلەنمىگەنگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالغىلى بو...

  • بەدەندىكى ماينى خورىتىشنىڭ توققۇز خىل ئۇسۇلى

    1.ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ 2.سەيلە قىلغاندا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈۋېلىش؛ 3.ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش؛ 4.ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ 5.ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇش؛ 6.ئىش ئۈستىلىدىن ئايرىلىش؛ 7.ئۇسسۇل ئويناش؛ 8.تاماقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلىماسلىق؛ 9.ئۆرە ت...

  • مايلىق تېرىلەرنى قانداق ئاسراش كېرەك

    مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى بولۇپ، مايلىق تېرە قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل سىرتقى غىدىقلىنىشلارغا چىداملىقراق كېلىدۇ. شامال ۋە كۈن نۇرىدىن قورقمايدۇ. ئاسان قېرىمايدۇ، قورۇق كېچىكىپ چۈشىدۇ. لېكىن بۇ خىل تېرىلە...

  • ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    پەمىدۇر: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئاسىرايدۇ.دائىم پەمىدۇر شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇز شاپىقىن...