قېنىق گىرىم قىلىش . قىز–ئاياللار چىرايىدىكى نۇقساننى گىرىم بىلەن يېپىش ئۈچۈن يۈزىگە ئەتىگەندىن – كەچكىچە تۆت–بەش قېتىم ماي سۈرۈپ ، تېرىسىگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ . گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ ، زىيادە ئىشلەتكەندە تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئەسلىي سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ .
ئۆلگەن تېرىنى تازىلاش . ئاتالمىش‹‹ ئۆلۈك تېرە›› ئەمەلىيەتتە تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى بولۇپ ، تېرىنى زەھەرلىك ماددىلاردىن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . تېرىنى زىيادە تازىلىغاندا ، قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاپ ، تېرە قۇرغاقلىشىپ ھەم يىرىكلىشىپ ، ئاسان دانىخورەك چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىلمىي بولمىغان ئورۇقلاش ئۇسۇلى . ئاياللار گۈزەللىكىنى قوغلىشىپ ، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تاماقلارنى يېمەيدۇ ، ھەتتا ئورۇقلاش دورىسى ئىچىدۇ ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق .
تورخانىغا مەستانە بولۇش . كېچىلەپ تورخانىدا ئولتۇرۇش تۇرمۇش رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرغاندىن باشقا ، تېرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ . بۇنداق ئاياللارنىڭ كۆز خالتىسى ساڭگىلاپ ، تېرىسى خۈنۈك ، يىرىك بولىدۇ .
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى