
سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگاتور بولۇپ، تېرىگە سۈرسە ياخشى سۈمۈرىلىدۇ. شۇنداقلا تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بەزىلەر يەنە ئات سۈتى ۋە تۆگە سۈتىنىمۇ ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.