تېرىنى ئاقارتىدىغان 10خىل كۆكتات ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاق تۇرۇپ : تەركىبىدە ۋىتامىن C مول. ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ ، قارا پېگمېنتنىڭ بىرىكىشنى تىزگىنلەپ ، ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىنى توسۇپ ، ماي چۆكۈۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا دائىم ئاق تۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتقىلى ۋە يۇمرانلاشتۇرغىلى بولىدۇ
سەۋزە : تەركىبىدە مېۋە يىلىمى مول بولۇپ، ئۇ سىماپ بىلەن بىرلىشىپ، ئادەم تېنىدىكى زىيانلىق مادىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، تېرىنى تېغىمۇ يۇمرانلاشتۇرىدۇ ۋە قىزارتىدۇ. سەرەبىل : تەركىبىدە سېلېن مول بولۇپ ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ۋە ماينىڭ زىيادە ئوكسىدلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، داۋالايدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىزىلچا :تەركىبىدە زور مىقداردا يېپىشقاق ئاقسىل بار ، ۋىتامىن A,C ناھايىتى مول ، دائىم قىزىلچا يەپ بەرسە ، خولىستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى ، تېرە ئاستىدىكى ماينى ئازاتقىلى ، تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
, گۈمبەمەدەك《موگۇ》:ئاياللار گۈمبەمەدەك يەپ بەرسە ،ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېغىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، تېرىنى نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ.
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى: داغ ، سەپكۈننلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ. !
تەرخەمەك : تەركىبىدە زور مىقداردا ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسى، يەنە مول مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ ، تېرىنى تازىلاپ ئاقارتىدۇ، ئاپتاپ يارىسى ۋە داغ، سەپكۈنلارنى يوقىتىدۇ، تېرە رىئاكسىيىسىنى پەسەيتىدۇ. )
سەي كاۋىسى : تەركىبىدە سىنىك ، ماگنىي ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ. ئەھەت مۇسا تەرجىمىسى