ئىنتىلگۈچى خانىم - قىزلىرىمىزغا تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز :
1 . كۈندە بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتى ئىچىش ياكى دائىم پەمىدۇر يىيىش سەپكۈننى يوقىتىشقا پايدىلىق .
پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول ، بۇ مىلانىننىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىپ ، تېرىنى يۇمران ئاق قىلىدۇ .
2 . تەرخەمەك شوۋىگۈرۈچى داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 100 گىرام گۈرۈچ ، 300 گىرام تەرخەمەك ، 2 گىرام
تۇز ، 10 گىرام زەنجىۋىلنى تەييارلاپ ، گۈرۈز بىلەن زەنجىۋىلنى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، گرۈچ ئىزىلىپ پىشقاندا بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تەرخەمەكنى سېلىپ بىردەم قايناتقاندىن كىيىن ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدىغان تەرخەمەك شوۋىگۈرۈچى تەييار بولىدۇ .
بۇنى كۈندە ئىككى قېتىم ئىچكەندە داغ يوقىلىپلا قالماي ، ئورۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ .
3 . قارا قېرىنقۇلاق داغنى يوقىتىدۇ . 30 گىرام قارا قېرىنقۇلاق بىلەن 20 دانە چىلاننى سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ ،كۈندە ناشتىلىق ھەم كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىر قېتىم ئىستىمال قىلغاندا ، داغنى يوقىتىش مەقسىتىگە
يەتكىلى بولىدۇ .
4 . كۈندە ئەتىگەن ، كەچتە يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كىيىن سەۋزە سۈيى سۈرۈپ ، تېرىگە سىڭدۈرۈش ھەم كۈندە
سەۋزە شەربىتى ئىچىش تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ .