ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى تۈزۈش ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق

2011-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) 20-ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى تۈزۈپ چىقسا، شىمالىي كورىيە ئىككىنچى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلىش ۋەقەسى گە ئوخشاش قاراپ، شەپقەتسىزلەرچە تاقابىل
  
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) 20-ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى تۈزۈپ چىقسا، شىمالىي كورىيە «ئىككىنچى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلىش ۋەقەسى» گە ئوخشاش قاراپ، شەپقەتسىزلەرچە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىكەن.
شىمالىي كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە ۋەتەن تىنچلىق بىرلىك كومىتېتى بۈگۈن سېكرىتار ئىدارىسى ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى ساختا ئىنسانىي ھوقۇق بولۇپ، شىمالىي كورىيە سوتسىيالىستىك تۈزۈمى ۋە ئەڭ ئالىي ھۆرمىتىگە قارا چاپلىغانلىق ئىكەن، شىمالىي كورىيەنى ئىچكى قىسىمدىن پارچىلايدىغان «بىرلىككە كېلىشكە قارشى رەزىل قانۇن» ئىكەن.
ۋەتەن تىنچلىق بىرلىكى كومىتېتى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى تۈزۈپ چىقسا، شىمالىي كورىيە بۇ ئىشنى شىمالىي كورىيە تۈزۈلمىسى ۋە خەلقىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ قاراپ، كەسكىن قارار چىقىرىپ شەپقەتسىزلەرچە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىكەن.
شىمالىي كورىيە «ئەمگەك ئاخباراتلىرى» مۇ «جەنۇب شىمال كورىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىككىنچى قارىغا ئېتىش ۋەقەسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، لى ميۇڭبەكنىڭ قارىغا ئېتىش مەشىقى ۋەقەسىنى خۇدا كەچۈرمەيدۇ، ھازىر يەنە رەزىل قانۇن تۈزۈپ، «بىزنىڭ مۇقەددەس قەدىر-قىممىتىمىز ۋە تۈزۈلمىمىز» گە خىرىس قىلدى دېگەن.
جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى كىم جوڭئىلنىڭ سۈرىتىنى نىشان قىلىپ ئېتىش مەشىقى قىلدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!