
6-ئاينىڭ 20-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن 8 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ماتورىنىڭ ئىز-دېرىكى سىرغا ئايلانغان، گەرچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى تەكشۈرۈشنى ئىزچىل كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان. بىراق ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسى 18-ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماتورلار ئېھتىمال جۇڭگو قاتارلىق رەقىبلىرى ئېرىشمەكچى بولغان مەخپىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگوغا يۆتكىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان گېنرالى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە ئىسرائىلىيەنى ئوسال ئەھۋالدا قويغان بولۇپ، ئامېرىكىغا بەك چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار تورىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى تېلئاۋىۋغا يېقىن مەلۇم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 8 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ئوغرىلىنىش دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ بىر باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماتورلار كونا ياكى پات ئارىدا چېكىندۈرۈلمەكچى بولغان ماتورلار ئىكەن، ئېھتىمال بۇ ماتورلارنىڭ قالدۇقلىرىنى قىممىتى سەۋەبلىك ئوغرىلانغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماتورلار يەنىلا ئىران، جۇڭگو قاتارلىق رەقىبلىرى ئېرىشمەكچى بولغان مەخپىيەتلىك ئىكەن.
ئامېرىكا مۇھاپىزەت ۋە ئاخبارات ئاقىللار يەر شارى بىخەتەرلىك تورىنىڭ باش لىدىرى جون پاركنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ئېھتىمال F-15 ۋە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ماتورىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ:«ئەڭ ياخشىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىسۇن. بۇ ماتورلار باھاسى، يېقىلغۇ سەرپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا ماتورلاردىن بىردەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ماتورلارنىڭ ئۆمرى ناھايىتى ئۇزۇن. جۇڭگولۇقلار تېخى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماتورىنىڭ ئىشىكىنى سىلاپ باققىنىمۇ يوق» دېگەن. جون پاركنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنى روسىيە ياسىغان ماتور بولۇپ، روسىيە ماتورىنىڭ ئانچە قىممىتى يوق ئىكەن. ئۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ياكى ھۆكۈمەتتىكى بەزى زاتلارنىڭ بۇ ماتورلارنى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئېلىپ چىقىشقا ھەمدە جۇڭگوغا يۆتكىشىگە ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىغان. جون:«ئۇلار ھەممىنى جۇڭگوغا سېتىپ بەردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيانى تالىشىش ئىستراتىگىيە كۈچ تەسىرى جەھەتتە ياردەمچىسى يوق» دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!