
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇن خەۋىرى: ھىندىستان ۋە پاكىستان يېقىندا «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز جەڭ مەيدانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان سىياچىن مۇزلۇق رايونىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان، ھىندىستاننىڭ قاتتىق مەيدانى پاكىستاننىڭ رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىغان.
ھىندىستان ئاخباراتلىرى سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، دەرۋەقە جۇڭگونى چىشلەپ تارتىپ، «جۇڭگو پاكىستان كەشمىر رايونىدىكى مەۋجۇتلىقىنى كېڭەيتىشى ھىندىستاننىڭ قاتتىق مەيداندا تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» 1-ئىيۇن دېيىشىچە، جۇڭگو بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى «تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما تەسىرى زور بولغان» تەرەپ ئىكەن، سىياچىن مۇزلۇقى ئەتراپىدىكى رايوندا جۇڭگو ئارمىيىسى ئېنژىنېرلىرىنىڭ پات-پات پەيدا بولىشى ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىك بېىسىمىنى ئاشۇرغان. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى بۇ ئەيىبلەشكە رەددىيە بەرگەن.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى » نىڭ «جۇڭگودىن پەخەس بولۇش ھىندىستاننىڭ مەيدانىنى كەسكىنلەشتۈردى» ناملىق ماقالىسىدە، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ سىياچىن مۇزلۇقىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە ئالاقىدار دۆلەت مۇداپىئە كاتىپلىرى دەرىجىسىدىكى سۆھبىتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلاشقان، ئىككى تەرەپ «ياخشى كەيپىيات» تا ۋە «قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇدىغان تەرەپلەردە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان. ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا:«ئىككى تەرەپ ئەھمىيەتلىك ۋە نەتىجە ھاسىل قىلىدىغان يۆلىنىشتە سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل بولۇشتى، كېلەركى قېتىملىق سۆھبەت ئىككى تەرەپكە قولايلىق بولغاندا ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېيىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان سۆھبەتتە پاكىستاننىڭ 110 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى ئېتراپ قىلىشى ھەمدە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا پولاتتەك پاكىت تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان، يەنە خەرىتىدە ئورنىنى كۆرسىتىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىلگىرى، «قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋە مۇزلۇق رايوننى ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىيسىزلەشتۈرۈشنى سۆزلىشىش رەت قىلىنىدۇ» كەن.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تەھلىل قىلىپ، ھىندىستاننىڭ كەسكىن مەيدانىنىڭ سەۋەبى «جۇڭگو پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتتى» شى ھىندىستاننى جىددىيلەشتۈردى، «ئەگەر ھىندىستان بۇ رايوندىن قوشۇن چېكىندۈرسە، پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشغال قىلىۋالماسلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ شۇڭا، غەربتىكى پاكىستان قارا قۇرۇم تاغ ئېغىزىدىن شەرقتىكى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا تەھدىت سالىدۇ» دېگەن.
ھىندىستان «مۇنبەر گېزىتى» 1-ئىيۇن ئۇچۇر بەرگەن زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، پاكىستان سۆھبەتتە يەنە «جۇڭگو كوزىرى» نى ئىشقا سېلىپ، جۇڭگونى بۇ سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ھىندىستان رەت قىلغان. خەۋەردە تەھلىل قىلىپ، ھىندىستان بۇ نەچچە يىلدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ سوغاق جەڭ مەيدانىغا غايەت زور ئادەم ۋە مالىيە كۈچى سەرپ قىلدى، سىياچىن مۇزلۇقىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئورنى بارغانسېرى مۇھىملاشتى، چۈنكى بۇ مۇزلۇقتىن جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا نەزەر سالغىلى بولىدۇ دېگەن. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان «ئاستا-ئاستا كېلىش» پوزىتسىيىسى بىلەن، پاكىستان بىلەن بولغان باشقا ماجرالىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىشقا باشلىغان.
پاكىستان ئاخباراتلىرى: جۇڭگو ھىندىستان-جۇڭگو چېگرىسىدىكى ئېگىزلىك رايونىغا قىرغۇچى-10 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇردى ھىندىستان تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزماقچى دېدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!