مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە ، پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن س ئەڭ يۇقىرى ، شۇڭا ھەر كۈنى بىر پەمىدۇر يىگەندە ، بەدەننىڭ بىر كۈندىكى ۋىتامىن س غا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ .
بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇ ئىچىش
يىمەك _ ئىچمەكتىن سىرىت ، گىرىم ئۈستىلىدە بىر شىشە ئاچچىقسۇ تەييارلاپ قويۇش كېرەك . ھەربىر قىتىم قول يۈيۈپ بولغاندىن كىيىن بىر قەۋەت ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ، 20 مىنۇتتىن كىيىن يۇيىۋەتكەندە، قول تىرىسى تېخىمۇ ئاق ۋە يۇمران بولىدۇ . ئەگەر سىز تۇرغان يەرنىڭ تۇربا سۈيىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر قاتتىق بولىسا ھەر كۈنى يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋىتىپ يۇيغاندا ، تېرە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ . www.iz.la
بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىش
كالىتسىي تولۇقلاش نۇقتىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتىقاندا ، ئاياللار ئەڭ ئاسان كالىتىسىي كەمچىل بولۇپ قالىدىغانلار توپى . كالا سۈتىنىڭ كالىتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەرقانداق يېمەكلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ قىتىق ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ . شۇڭا ئاياللار كۈندە بىر ئىستاكان قىتىق ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
مەنبە ؛ <<پەن ۋە تۇرمۇش >>ناملىق ژورنالدىن ئىلىندى