ئاددى ۋە دائىم ئۇچرايدىغان ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ پەرقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . بۇ يىل ياز كىرىشى بىلەنلا مەن ئۆزۈمنىڭ ۋە ئاپامنىڭ ئۆيىگە شامالدۇرغۇچ سېتىۋالدىم ، شامالدۇرغۇچنى ئۆيۈمگە ئورنىتىدىغان ۋاقىتتا مەن بىر ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئۈستىگە چىقىپ شامالدۇرغۇچنى ئورناتماقچى بولدۇم ، لېكىن يەنىلا بويۇم يەتمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئېسىلىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئورناتتىم ، مېنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرگەن ئايالىم ماڭا لۆڭگە سۇنغاچ ‹‹ سىزنىڭ بويىڭىز بەكلا پاكار ئىكەن ›› دېدى . كېيىن ئوخشاش ئەھۋال ئاپامنىڭ ئۆيىدىمۇ يۈز بەردى ، ئاپام مېنىڭ بويۇم يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، ماڭا ‹‹ بۇ ئورۇندۇق بەكلا پاكار ئىكەن ›› دېدى .
دېمەك ، ئەركىشىدىن ئاپىسى مەڭگۈ رازى بولىدۇ ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىدۇ . ئەكسىچە ئايالى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ رازى بولماي ، ئۇنىڭغا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ .
ئەر كىشى ھاياتلىق يولىدا ئالغا باسىمەن دەيدىكەن ، چۇقۇم بۇ ئىككى ئايالدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ