2. ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش
سەھەردە ياتاقخانىنىڭ ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان بولىدۇ، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان بىلەن، لېكىن قىسمەن بۇلغانغان ھاۋا يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى باكتىرىيە، ۋىرۇس، كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە چاڭ-توزانلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىگە زىيىنى بار بولۇپ، ئىشىك-دېرىزىنى ھىم تاقاپ ئۇخلايدىغان كىشىلەر ئاسانلا زۇكام، يۆتەل، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
3. پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش
ئارامدىن كېيىن دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاندا، مۇسكۇللارنىڭ كېڭىيىشى كۈچىيىدۇ، يەنە تېخى مۇسكۇلنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كېچىدە مۇسكۇللارنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان مېتابولىزىم ھاسىلاتلىرى تازلىنىدۇ. كۆپ ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىدىغان ياخشى ۋاقىتى ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
4. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش
ئۇخلاپلا يۈرىدىغان كىشىلەر ۋاقتىدا تاماق يېيەلمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان-ئۈچەي قالايمىقان لۆمۈلدەپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش قانۇنىيىتىنى بۇزىۋېتىدۇ-دە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. نېرۋا سېستىمىسىغا توسقۇنلۇق قىلىش
ئۇخلاپلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي نېرۋىسى ئۇزۇن مەزگىل غىدىقلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، باشقا ئاساسىي نېرۋىلىرىنىڭ تورمۇزلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ھەرىكەت ھالىتىگە قايتىدىغان ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاستىلايدۇ، شۇڭا ئۇخلاپ قوپقاندا روھسىزلىنىپ كېتىدۇ.