بۇيرۇقنى قانداق چۈشۈرگەندە باشقىلارنى بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىلا،ئاندىن ئۇلارنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.بۇ خىل ئىقتىدار سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى بارلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇردۇ.ئەگەر سىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ دېگىنىڭىزگە كۆندۈرەلىسىڭىز،ئۇلار سىزنىڭ تەلپىڭىز بويىچە ئىش قىلىدۇ.سىزنىڭ يول تىپىشىڭىزغا ۋە نەتىجە قازنىشىڭىزغا ئەزەلدىن توسقۇنلۇق قىلدىغان باشلىقىڭىز،ئۆكتەم خېرىدار،تەرسا نوپۇزلۇق ئەرباپ ياكى ھەر قانداق كىشى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسى سىزگە يول قويىدۇ.بۇيرۇقنى قانداق چۈشۈرۈشنى ئىگىلىگەندىلا باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرەلەيسىز.شۇنىڭ بىلەن،سىز خالىغىنىڭىزنى قىلالايسىز.ئەگەر سىز سودا ۋە كارخانا ساھەسىدە ياكى ئۆز ساھەسىڭىزدە بەلگىلىك نەتىجىگە،ئورنىغا ئىرىشمەكچى،كوللېتىپىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولسىڭىز،ئۇنداقتا باشقىلار بىلەن ھەمدەم بولۇشنى چوقۇم ئېنىق بىلشىڭىز كىرەك.بۇنىڭدىن باشقا،يەنە ئۇلارنى چوقۇم كونتىرول قىلالايدىغان،ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولشىڭىز كىرەك.بۇنداق قىلغاندا،ئۇلارنى تولۇق ئىدارە قىلىش ئوقۇقىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ بىر ئىشەنچىلىك ئۇسۇلى شۇكى،ھەم ئاددىي،ھەم چۈشىنىشلىك بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان بولۇش كىرەك.لېكىن،بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھەرگىزمۇ ئاساسىي مەخسەت ئەمەس.بۇيرۇقنىڭ دەرھال يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇقنىڭ ئىجرا قىلنىشىنى قانداق ئىگەللەش ۋە نازارەت قىلىشنى ئېنىق بىلىش كېرەك.بۇ باپتا بۇخىل ئۇسۇلنى ئۆگىنىسىز.سىز بەلكىم ھازىر باشقىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش زۆرۇر بولغان ياكى باشقىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بولشىڭىز مۇمكىن.مەن باشقىلاردىن بۇنداق خىزمەتكە قاچان ئېرشكەنلىكىڭىزنى سورسام،ئۇ ئەگەر بىر ئاز تىنىۋىلىپ،سەل ئويلىنىپ قالسا،ئىشىنمەنكى،ئۇ شۇنى .ئېس قىلىدۇ...
خەتكۈچلەر: