گىرىم بۇيۇمىنى سىناق قىلىپ ئىشلەتسىلا ...

ۋاقتى:2011-05-04 18:25مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئاينۇر خانىم مەلۇم سودا سارايغا بېرىپ گىرىم بۇيۇمىنى تاللاپ سېتىۋالماقچى بولغان، بىر نەچچە پەشتاختىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تازا ياقتۇرمىغان، شۇ ئارىلىقتا ئاينۇر خانىم مەلۇم ماركىدىكى ئورىلىشى ئىنتايىن نەپىس تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى كۆرۈپ قالغان. ئاينۇر خانىم ئۇنى ئىلگىرى ئىشلىتىپ كۆرمىگەچكە پىركازچىكتىن ئۇنى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغان. پىركازچىك ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئاينۇر خانىمدىن:« بۇ گىرىم بۇيۇمىنى راستتىنلا سېتىۋالغۇڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغان. ئاينۇر خانىم:« ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر ياخشى بولسا سېتىۋالىمەن»دەپ جاۋاب بەرگەن. سىناپ ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاينۇر خانىم بۇ تېرە ئاسراش بۇيۇمىنىڭ بەك يېپىشقاق ئىكەنلىكىنى، يۈزىنى مايلىق قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، پىركازچىك شۇئان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاينۇر خانىمغا:« سىز بۇ قۇتىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلەتتىڭىز، چوقۇم سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمىسا بىز ساتالمايمىز»دېگەن. ئۇنداقتا بۇ دېلودىكى ئاينۇر خانىم گىرىم بۇيۇمىنى سىناپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈنلا چوقۇم سېتىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى بۇ دېلو ئاساسلىقى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدىن ئىبارەت.  ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن. تاللاش ھوقۇقى دېگىنىمىز، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن تىجارەتچى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق ياكى قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئېرىشىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، شۇنداقلا ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىنىڭ ئىستېمال سودىسىدىكى كونكرېت ئىپادىسىدىن ئىبارەت. بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:(1) ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار تۈرلىرى ياكى مۇلازىمەت شەكلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بار؛ (2) ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بار؛ (3) ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللىغاندا بەھرىمەن بولىدىغان سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ۋە تاللاش ھوقۇقى؛ (4) ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرقانداق بىر تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى، ھەرقانداق بىر مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تاللاش ھەرىكىتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشى شەرت، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق، ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق؛ ئىككىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھەرىكەت بولۇشى شەرت. ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىنىڭ چېقىلىشقا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن ئۆلچەش كېرەك: بىرىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى؛ ئىككىنچى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىستېمالچىلارنى ئادىل بولمىغان ياكى باراۋەر بولمىغان سودا قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى؛ ئۈچىنچى، بۇ مەجبۇرىي سودا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق خارەكتېرى مەۋجۇت بولغانلىقى؛ تۆتىنچى، بۇ سودا ھەرىكىتى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولغان ياكى زىيان يەتكۈزگەنلىكى. بۇ دېلو ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا چېقىلغان بىر تىپىك دېلودىن ئىبارەت . ئاينۇر خانىمنىڭ بۇ گىرىم بۇيۇمىنى سىناپ ئىشلىتىشى ئۇنىڭ بۇ گىرىم بۇيۇمىنى چوقۇم سېتىۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىق ئاينۇر خانىمنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سودا ساراينىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ «سىناپ ئىشلەتكەنىكەن چوقۇم سېتىۋېلىش كېرەك» دەپ قاراپ، ئاينۇر خانىمدىن بۇ گىرىم بۇيۇمىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق.

www.iz.la


 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...

  • ئـەگـەر مـەن قـايـتا تـۇغـۇلسام ...

    مۆشۈك: ئەگەر مەن قايتا تۇغۇلسام چاشقان بولاتتىم ،چۈنكى مەن بىر قېتىم خوجايىننىڭ بىر تال بېلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ قويغىنىمغا ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ،چاشقان بولسا قاچاندا بولسا ئاشخانىدا ئىشكاپلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ نىمە خالىسا شۇنى يەپ يۈرەلەيدۇ.دەپتۇ...