ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خاماس بىلەن فاتاخ رەسىمىي يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى خاماس 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مىسىردا يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ 4 يىل بولاي دېگەن
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى خاماس 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مىسىردا يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ 4 يىل بولاي دېگەن تىركىشىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ پىرىزدېنتى ئابباس ۋە خاماس رەھبىرى مەشئەل كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن گازا رايونىدىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى ھۆكۈمەتنى بىرلىككە كەلتۈرشتۇر. بۇ پىلان پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇپ، ئاندىن بىر يىل ئىچىدە پىرىزدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
فاتاخ ۋە خاماسنى ئۆز ئىچگە ئالغان ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان يارىشىش كېلىشىمىنىڭ رەسىمىي ئىمزالانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن، ئابباس پەلەستىن بۆلۈنۈشتىكى زۇلمەتلىك بىر پەردىنى مەڭگۈ قايرىپ تاشلىدى دېگەن.
ئابباس يەنە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتيانياخۇ چوقۇم «ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇش بىلەن تىنچلىق يولىدىن بىرىنى تاللىشى كېرەك» دېگەن.
ئىككى تەرەپ يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنكاسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولغان. پەلەستىن تەرەپ قاتتىق خوشال بولغان، ئىسرائىلىيە بولسا ئەندىشىگە چۈشكەن.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتيانياخۇ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئابباستىن يارىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىسرائىلىيە ئەگەر پەلەستىن مەبلەغنىڭ خاماسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا كاپالەت بەرمىسە، پەلەستىنگە باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىمىز دەپ تەھدىد سالغان.
فاتاخ بىلەن خاماس يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋاقىتتا، نېتيانياخۇ لوندوندا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. نېتيانياخۇ يەنە فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي بىلەن كۆرۈشكەن. مۆلچەرنىشىچە، نېتيانياخۇ ئەنگىلىيە، فرانسىيە رەھبەرلىرىدىن فاتاخ بىلەن خاماسنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ئېتراپ قىلماسلىققا دۋەت قىلىدىكەن. فرانسىيە پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!