بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان. 2008–يىلى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان پۇل–مۇئامىلە كىرىزىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ، يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىش جەريانىدا، پاراۋۇزلۇق رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىشقا باشلىدى. مەيلى G20 باشلىقلار يىغىنى، ياكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا بولسۇن، جۇڭگو ئوخشاشلا مۇھىم نۇقتا بولدى. جۇڭگونىڭ بۇ ئىپادىلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرەلمەسلىك كەيپىياتىنى قوزغىدى. شۇنداقلا «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» يەنە باش كۆتۈردى. بۇ ياقتا چوڭ يەر تەۋرەش ۋە يادرو ئېقىپ چىقىش كىرىزىسىدە جان تالاشقاندا، جۇڭگونىڭ تۈرلۈك ياردەملىرىگە ئېرىشكەن ياپونىيە تەپ تارتماستىن، يەنە بىر قېتىم جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. «SAPIO» ژۇرنىلى ھەتتا ۋەھىمىلىك قىلىپ «جۇڭگو يەر شارىنى يەپ كېتىدىغان بولدى» دەپ، يېقىندىن بۇيانقى خەلقئارادىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويدى. ئۇ ياقتا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» كۆرۈنەرلىك ئورۇندا ماقالا بېسىپ، جۇڭگودىكى پۇل پاخاللىقى دۇنياغا يامرايدىغان بولدى، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى يەر–مۈلۈك ماگناتى ترۇمپل جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشقا تايىنىپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ 2012–يىللىق زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمىدا قوللاش نىسبىتى 2–ئورۇندا تۇرىدىغان جەڭ ئېلان قىلغۇچى نامزاتقا ئايلاندى. ھەتتا پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن قالىدىغان جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى Jon Huntsmanدىن ئېشىپ چۈشتى. ئۇ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋېزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو «ئامېرىكىنى چىرىتتى» دەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئەگەر ئۆزى تەختكە چىقىپ قالسا، جۇڭگونىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن % 25 تىن يۇقىرى جازالاش بېجى ئېلىپ، «جۇڭگودا ئىشلەندى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
«جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» ھېچقانچە يېڭىلىق ئەمەس، ئۇنى بىرەر مەزگىلدە بەزىلەر كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ تۇرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
«جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» ئادەتتە مۇنداق بىر قانچە خىل سەپسەتىگە ئىگە: بىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولۇپ، باشقىلارغا تەھدىت سالدى،دېسە؛ يەنە بىرى: جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى بەك زورىيىپ، باشقىلارغا تەھدىت سالدى، دېدى؛ ئۈچىنچى بىرى: جۇڭگو سەرپ قىلغان نېفىت قاتارلىق بايلىقلار بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، باشقىلارغا تەھدىت يەتكۈزدى،دېدى.
www.iz.la
ھالبۇكى، ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى»نى مۇبالىغە قىلغۇچىلار نۇرغۇن ئىشلارغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا سەل قارىغاندەك قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە يەنىلا 100–ئورۇننىڭ كەينىدە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، نامراتلىق–بايلىق پەرقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور خرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتى ھەقىقەتەن ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلغىنى يوق. ئەكسىچە جۇڭگونىڭ، دۇنيانىڭ GDP سىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %20 دىن ئېشىپ كەتتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ھازىر دۇنيا بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىىياسىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەربىي تەييارلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق دۆلەتكە ھەربىي تەھدىتى سالمايدىغانلىقىنى، مەڭگۈ زوراۋان بولمايدىغانلىقى ۋە مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى» زادى قانداق ئىش؟ مەدەنىيەت قاتلىمى جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى «ئۆزەڭگە ياقمىغاننى خەققە تاڭما» دېگەن قارىشىنىڭ ئەكسىچە، غەربلىكلەر «ئۆزەڭگە ياققاننى خەققە تاڭ» دېگەنگە ئىشىنىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر ئاساسىي لوگىكىسى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى مۇقەررەر ھالدا كېڭەيمىچىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ھەر بىر چوڭ دۆلەت پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشنى كۆزلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەھلىلچىلەر، ئايرىم سىياسەتۋازلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ھۇجۇم قىلىش، ساختا «غايەت زور تەھدىت»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئاستىلىتىپ، جۇڭگونى ياوروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەرەققىي قىلىشقا قىستاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. copyright by www.iz.la
copyright by www.iz.la