1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى جياڭ زېمىنغا دېھقان مۇكاپاتىنى تارقىتىپ، ئۇنىڭ دۇنيا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇبارەكلىگەن. بۇ تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سېستىمىسىدىكى ئەڭ چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ زور بولغان ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى. 175 ئەزا دۆلەت ۋە بىر ئەزا تەشكىلاتتىن تۈزۈلگەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى كەسپىي تەنھەركەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەن. بۇ قارار خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا بېكىتىلگەن. كەسپىي ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنياۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاتارلىق بارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ رېگىن بىلەن كۆرۈشكەن. دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن:مەن سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ساقلىغىلى ئىككى يىل بولدى، بىز نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولدۇق. رېگىنمۇ تولۇق مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيىس مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بارچە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىش فاڭجېنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ فاڭجېننى ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1936-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 16 ياشلىق فارۇك مىسىرنىڭ تەخت ئورنىغا ئولتۇرغان. ئۇنىڭ دادىسى ئادې شاھ ئالەمدىن ئۆتكەچكە، شاھزادە فارۇك شۇ كۈنى كەچتىدە تەختكە ئولتۇرغان، ئۇ شۇ ۋاقىتتا لوندۇندىكى بىر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. copyright by www.iz.la